ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1037|ئىنكاس: 2

دەرىس مىسىردىكى ئۇيغۇر ئەزھەرىيلەرتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

52

تېما

94

يازما

1116

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
309 سەر
تۆھپە
217 سەر
تىللا
187 دانە
جەۋھەر
0 دانە
خەۋەر( W7 G: H% W) Z3 q
3 I, J; |; s0 j% [% ]
    مىسىردىكى ئۇيغۇر ىيلەر% I3 S. h' D9 O/ r3 V
    ئەدەبىي خاتىرە* g; I9 M4 C, S4 V& c# ?: R+ r
    ئابدۇرەئوپ تەكلىماكانىي

! P+ L7 T. [# \9 x" t& b' ?6 I
" l. {6 Y& b; i7 `7 f     : K& x8 N2 d9 l# ^
- P1 Y$ x- j$ [7 \& }7 }
    مۇساپىر بولمىغىچە مۇسۇلمان بولماس.5 N. j/ o  h+ {4 b2 n9 j5 b

$ f: x* x7 n- F" _! y      -ئۇيغۇر خەلق ماقالى5 b' y$ h2 s3 `2 y: Z

* n8 A0 f" t6 o' @( C     2 c+ H* f/ q, G0 |- v: J
9 A9 i, x# k/ y  G
      مەن دۆلەتلىك مائارىپ كومىتېتىنىڭ ئىجازىتى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىشى بىلەن، 1996 - يىلى 10 - ئاينىڭ 6 -كۈنىدىن باشلاپ، مىسىر ئەرەب جۇمھۇرىيىتى قاھىرە ئونىۋېرسىتېتىنىڭ پىداگوگىكا ئىنستىتۇتى بىلەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىسلام دىنى تەتقىقات ئىىستىتۇتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىشقا مۇشەررەپ بولدۇم. مۇشۇ جەرياندا، ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بىر بۆلەك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇچراتتىم. ئۇلار بىلەن تونۇشتۇم، مۇڭداشتىم. بىلدىمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرى يول تېپىپ، داۋان ئېشىپ، دەريا كېچىپ، قىتئە ئاتلاپ مىسىرغا كېلىپ، پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي خىراجىتى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ىي ( ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى) لەر ئىكەن. ئۇلار يالغۇز ئىسلام دىنى بىلىملىرىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە تارىخ، قانۇن، پەلسەپە، ئەدەبىيات قاتارلىق پەنلەرنىمۇ ئۆگىنىدىكەن. بىرىنچى قاراشتىلا، ئادەمگە ئۇلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، كۈندىلىك تۇرمۇشى رېتىملىق ئەمما خېلىلا جىددى كۆرۈنىدۇ. قويۇق ئارىلىشىشتىن ئالغان بىۋاسىتە تەسىراتىم بىلەن ئۇلار ھەققىدە باشقىلاردىن ئاڭلىغانلىرىم ئارقىلىق ھاسىل قىلغان ۋاسىتىلىق تەسىراتلىرىم ياخشى تىلەكلىك خاتىرەم بەتلىرىدە ئەھمىيەتلىك قۇرلارنى ھاسىل قىلدى. بۈگۈن شۇلارنىڭ بىر قىسمىنى مۆمىن قېرىنداشلىرىمنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغۇم كەلدى.$ D3 {/ O( S# @& V4 S

6 D, p$ q* z9 V0 n      ياخشى نىيەتلىك5 V" \$ S) h2 ^7 _7 g! _+ Y
  c/ u; z( Z; C- M
      يېتىرقاشلار تۈگەپ، تونۇشۇش قاتلىمى چوڭقۇرلاشقانسېرى، ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان بۇ ئۇيغۇر ىيلەرنىڭ مەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدا ئۇچراتقان يەرلىك تالىپلاردىن ئالدى بىلەن، دۇنيا قاراش جەھەتتىكى نىسبەتەن ئىلمىيلىكى ۋە جانلىقلىقى، شۇنداقلا ئۆگىنىش مەقسىتى جەھەتتىكى دۇرۇس ئارمان ۋە توغرا نىيەتلىكى بىلەن روشەن ھالدا پەرقلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇلار ئىسلام دىنى بىلىملىرىنى نوقۇل ھالدا، ئاخىرەت ئۈچۈنلا دەپ قارىمايدىكەن، بەلكى ئىسلام دىنىنىڭ ئاكتىپ بىلىم جەۋھەرلىرى ئارقىلىق، رېئال تۇرمۇش، ئەمەلىي ھايات مەيدانىدا، مۆمىنلەرنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھالاۋەت تۇرمۇشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىمۇ ئالاھىدە مۇھىم ۋە ئاساسلىق ئىش دەپ بىلىدىكەن. كىم بىلەن پاراڭلاشماڭ، ئۇنىڭ ھەركەلىمە، ھەر سۆزىدىن تەپچىپ تۇرغان ۋەتەنگە بولغان سېغىنىش ئوتىدىن ۋۇجۇدىڭىز ئىللىپ كېتىدۇ. «مەن مىسىرغا كەلمەستىن بۇرۇن، ۋەتىنىمنىڭ ئۇنچىۋالا سۆيۈملۈك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتمەپتىكەنمەن»، «مەن بۇ يەردە ئوقۇش جەريانىدا، زىيارەت، ئىكىسكۇرسىيەلەرگە كۆپ داخىل بولدۇم. شۇنداق چاغلاردا بىزنىڭ يۇرت، بىزنىڭ مەھەللىگە ئوخشايدىغان يەر ئۇچراپ قالسىدى دەپ ئىزلەپ كېتىمەن، بىراق زادىلا ئۇچرىتالمىدىم»، «بىز گەرچە نىل دەرياسىنىڭ ساھىلىدا تۇرساقمۇ، ۋەتىنىمىزدىكى تارىم دەرياسى، يەركەن دەرياسى، قىزىل دەرياسى ۋە ئىلى دەرياسى كۆز ئالدىمىزدىن زادىلا كەتمەيدۇ.»...مەيلى كىمدىن سورىماڭ، گويا مەسلەھەتلىشىۋالغاندەكلا: «مەن ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرۈپ، ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆز يۇرتۇمغا قايتىپ بېرىپ، ۋەتىنىمنىڭ زامانىۋىلىشىش، تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشسام دەپ ئارزۇ قىلىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
/ B( M9 C' F  o3 C) ]- W( L      سۇنىڭ مەنبەسى، دەرەخنىڭ يىلتىزى بولىدۇ. مەن شۇنى چۈشەندىمكى، ئۇلارنىڭ مۇنداق ياخشى ئارزۇ، توغرا نىيەتلىك بولۇشىنى ئاشۇ سۈپەت ۋە تەرىپتە تەڭدىشى يوق ئانا ۋەتەنگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتى يېتىلدۈرگەنلىكىدە شەك يوق. ئۇيغۇرلاردا: «ياخشى نىيەت –يېرىم دۆلەت» دەيدىغان ئۇدۇم ئاتا سۆزى بار. ئىنساندا ياخشى نىيەت، مەھكەم ئەقىدە ۋە سەمىمىي ئىخلاس بولسىلا، ئۇ چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ. مەن چىن دىلىم بىلەن، بۇ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر ىيلەرىنىڭ ئىقبالى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن.  U2 |- f: x' T0 }6 r5 }8 v1 h
  s* }0 ~0 G( _
      ئىنتىزامچانلىق/ N5 d; d% w# K" _
7 J+ u' W: i" y9 L
      ئانا يۇرتتىن شۇنچە يىراقتا، ئۇرۇق – تۇغقانسىز، قەۋم – قېرىنداشسىز ياشاۋاتقان بۇ بالىلارنىڭ رەتتىكى تۇرمۇشى ۋەتەندىكى ئاتا – ئانا بولغۇچىلار ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، شۇنداقلا ۋەتەنداشلار ئەڭ قىزىقىدىغان بىر مەسىلە.
: A( `3 K7 l" j2 @: H
- Q& \! }6 Z9 m- n4 S# p5 c9 m       ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسمى (ئاساسەن يېڭىدىن كەلگەنلەر) تۆرتتىن – بەشتىن بولۇپ، مەكتەپ ئەتراپىدىكى شەخسلەرنىڭ ئۆيلىرىنى ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىدىكەن، يەنە بىر قىسمى بولسا، (يۇقىرى يىللىق سىنىپلاردا ئوقۇيدىغانلار) رايونىنىڭ يېنىدىكى «بوئۇس» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ياتاق قورۇسىدا تۇرىدىكەن." v$ i* T- d6 R
       بوئۇس – مسىرنىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى مەرھۇم جەمال ئابدۇنناسىر زامانىسىدا (1956 – يىل) بىنا قىلىنغان بولۇپ، ئۇ چاغدا، بۇ يەردە مىسىرنىڭ بىر ئالاھىدە ئەسكەرىي قوشۇنى تۇراتتىكەن. كېيىن، ناسىر رەئىس بۇ قورۇنى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوغۇل ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاق قورۇسى قىلىشقا بېرىۋەتكەنىكەن. بوئۇستا جەمئىي 32 بىنا بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭدا 86 ئىسلام دۆلىتى ۋە رايونىدىن كەلگەن تۆرت مىڭدىن ئارتۇق ئوغۇل ئوقۇغۇچى يېتىپ قوپىدىكەن. بۇ يەردە كۈتۈپخانا، قىرائەتخانا، پوچتىخانا، ئاشخانا، مۇنچا، رېمونتخانا، كىيىم – كېچەك يۇيۇش ۋە دەزماللاش ئورنى قاتارلىقلاردىن باشقا، ھۆسن خەت يېزىشنى ئۆگىنىش ئۆيى، ماشىنكىدا خەت بېسىشنى ئۆگىنىش ئۆيى، تەنتەربىيە پائالىيەت ئۆيى قاتارلىق مەدەنىيەت ئۆيلىرى بار ئىكەن. كۆپ دۆلەتلىك ۋە كۆپ مىللەتلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تۇرمۇش مەركىزى بولمىش بۇ جايدا، ھەممەيلەن ئىناق – ئىتتىپاق ئۆتىدىكەن. «مەن بۇ يەردە تۇرىۋاتقىلى ئون يىل بولدى» - دەپ چۈشەندۈردى بۇ يىل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ئەھمەد ئىسىملىك بىر ئوقۇغۇچى. -«ئون يىلدىن بۇيان ئىككى ئۇيغۇر بالا بىر – بىرى بىلەن ياقا سىقىشىپ قاپتۇ دەپ ئاڭلاپ باقمىدىم، ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كېتىشتىن ئىبارەت بىرلا ئارزۇيىمىز بار. بىز ھەممىمىز ئاكا – ئۇكىلاردەك ئۆتىمىز.»
6 k, k8 J9 p$ G2 R, G5 J
4 E; x, n  m. G  y( ^3 g      بىر جۈمە كۈنى پۇرسەت بولۇپ، بوئۇسنى زىيارەت قىلىشقا مۇۋەپپەق بولدۇم. جۈمە ۋاقتى بولغاندا شۇ قورۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مىڭ كىشىلىك مەسجىدتە جۈمە ئوقۇدۇق. جۈمە نامىزىدىن يانغاندىن كېيىن، مەن 20 – 30چە  ئۇيغۇر بالىنىڭ مەزكۇر قورۇنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، جەمال ئابدۇنناسىرنىڭ ھەيكىلى بار كەڭ سۇپىنى چۆرىدەپ، كېيىن كەلگەنلىرى بۇرۇن كەلگەنلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، بىر - بىرىنىڭ دەرس ئەھۋالى، يۇرتتىن خەت كەلگەن - كەلمىگەنلىكى ۋە ھەپتىنىڭ مابەينىدە ئاڭلىغان - كۆرگەنلرى ھەققىدە پاراڭلىشىپ، ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا ئولتۇرغانلىقىنى كۆردۈم.% ^+ |! W' |, E9 ]3 Q1 J
3 e( u4 x2 s; \
      ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ ئىنتىزامىغا ئاڭلىق بويسۇنۇپ كەلگەندىن باشقا، مىسىر قاھىرە جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت ئىنتىزامىغا بويسۇنۇشتىمۇ ئىلغارلاردىن ئىكەن. شۇنچە يىللاردىن بۇيان، بۇلارنىڭ ئىچىدە جەمئىيەتتىكى ناشايان ئىشلارغا ئارىلىشىپ قالىدىغان، سودا - تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىپ قالىدىغان، باشقىلار بىلەن ئۇرۇش – جىدەل قىلىپ قالىدىغانلار مۇتلەق چىقىپ باقمىغاچ، جۇڭگونىڭ قاھىرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مائارىپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يولداش خەن جىيا رۈي (بالىلار بۇ كىشىنى ھۆرمەتلەپ، «مىستەر خەن» <خەن ئەپەندى> دەپ ئاتايدىكەن) تەرىپىدىن بىر قانچە نۆۋەت ئاغزاكى تەقدىرلىنىپتۇ.8 h" t5 U+ E1 E/ r* x$ s& C0 @. f$ L
       پىلانلىق ھايات - مەنىلىك ھايات. ئىنتىزاملىق تۇرمۇش ئەمەلىيەتتە ئەڭ راھەت تۇرمۇش. مەن ئىنتىزامچانلىقنى ئۆزلىرىنىڭ چەتئەلدىكى ئۆگىنىش ھاياتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشنىڭ مۇھىم بىر كاپالىتى بىلگەن بۇ ئۇيغۇر ىيلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشقا ۋە سەممىي يار - يۆلەكتە بولۇپ، يېتەكلەپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن دەپ قالدىم.
# w; u0 u! Y5 R
% t. J, ^# ]! P. P0 _    تىرىشچانلىق
; L4 I$ H$ h1 O4 z1 `$ J. X7 Q2 d4 J
& e! H+ [: p6 A3 n    ئوقۇشنى ياخشى ئوقۇپ، ئەلا نەتىجە بىلەن ۋەتەنگە قايتىپ كېتىش ئۈچۈن پەقەت بىرلا يول بار. ئۇ بولسىمۇ، بارلىق ئەقىل – زۇكاۋەتنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆگىنىش. بۇ زاكون ئونىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ كاللىسىدا خۇددى سۈزۈك ئاسماندىكى كۈندەكلا روشەن ئىكەن. شۇڭا ئۇلار مۇناسىۋەتلىك دەرسلەرنى مەكتەپتە، دەرسخانىدىمۇ ئۆگىنىدىكەن. دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن، ياتاق قورۇسىغا قايتىپ كېلىپ، ياتاقتىمۇ ئۆگىنىدىكەن. ھەربىر ياتاقتا دېگۈدەك بىردىن ئۆزلىرى سېتىۋالغان دوسكا باركەن. كونا ئوقۇغۇچىلار يېڭىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ياكى مۇزاكىرە يېتەكچىسى ئىكەن. ئۇلارنىڭ بۇ خىل تىرىشچانلىق ئەمەلىيىتى مېنىمۇ تەسىرلەندۈردى. مەن گەرچە ھەم قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ھەم ئۇنىۋېرسىتېتىدا دەرس ئاڭلاپ، ئىلىم ئالماشتۇرۇش سۆھبەتلىرىگە قاتناشقاندىن باشقا، مىسىرغا ئۆزەم بىلەن بىللە ئېلىپ كەلگەن ياپونىيەلىك ئاسپرانتىم لىڭمۇ جىيەنتەيلاڭغا ھەپتىدە 8 سائەت دەرس ئۆتۈش قاتارلىق ئىشلار بىلەن تولىمۇ ئالدىراش بولساممۇ، مەزكۇر ئۇيغۇر ىيلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر يېزىقچىلىقى بويىچە دەرس ئېچىپ، ھەپتىدە بىر قېتىم ئىلىم سۆزلەپ بېرىشىم ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى رازىمەنلىك بىلەن قوبۇل قىلدىم. ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر يېزىقچىلىقى ئىلىمى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇشنى ئىختىيار قىلىدىغان 31 نەپەر ئوقۇغۇچىدىن بىر سىنىپ تەشكىل قىلدۇق ۋە بۇ ئۆگىنىش سىنىپىنى «مىسىردىكى ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى<ئىلىم سورۇنى>» دەپ ئاتىدۇق. ھازىرغىچە ئون توققۇز مەيدان ئەنجۈمەن پائالىيتى قىلدۇق. بىزنىڭ بۇ ئەنجۈمەنىمىز ئوقۇتقۇچىلار ئىلىم سۆزلەش(مەن ئۇيغۇر تىلى ۋە يېزىقچىلىقىدىن ئىلىم سۆزلىدىم، شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىدىن بارغان ئابابەكرى ئابلەت مۇئەللىم تارىختىن ئىلىم سۆزلىدى)، ئوقۇغۇچىلارنى مۇئەييەن ماۋزۇدا ماقالە يېزىشقا ئۇيۇشتۇرۇپ، يازغان ماقالىلەرنى ئوتتۇرىدا ئوقۇپ بىرلىكتە مۇھاكىمە قىلىش ۋە مىسىردا ئولتۇراقلىشىپ تۇرىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مەزمۇن قىلدى ۋە قىلماقتا (مەن بۇ ھەقتە «نىل دەرياسى ساھىلىدىكى ئۇيغۇر ئەنجۈمەنى» ماۋزۇسىدا خاس ماقالە تەييارلاپ، تەپسىلىي بايان قىلىپ بەرمەكچىمەن، ئىنشائاللاھ)
" M; P- p8 I6 b- K9 c       بىلگەن ئادەمگە، ئىلىم ئۆگىنىش بۇ دۇنيادىكى ئەڭ ھوزۇرلۇق ھايات پائالىيىتى جۈملىسىگە كىرىدۇ. بوشاشماس تىرىشچانلىق بولسىلا، ھەرقانداق قىيىن ئىلىمنىمۇ ئۆگىنىۋېلىپ، ئۇنىڭدىن نەتىجە مېۋىسىنى كۆرگىلى ۋە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، نۇسرەتنىڭ پەيزىنى سۈرگىلى بولىدۇ. ئۈچ ئايلىق ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىش ۋە تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىتىش ئارقىسىدا، ئەسلىدىكى پەننى مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇپ باقمىغان بالىلار ھازىر ئۇيغۇرچە جۈملە تۈزۈش، باش قۇردىن يېزىش، ئابزاس ئايرىش، ئىملالىق خەت يېزىش قاتارلىق ئۇقۇملارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، سالام خەت ۋە ئاددىي مەزمۇنلۇق بايان خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى يازالايدىغان بولدى. ئەسلىدە يېزىش، ئوقۇش ساۋاتى بار، ئەمما سەۋىيىسى تۆۋەن بولغان بالىلار بولسا، قۇرۇلمىسى جەھەتتە خېلى پۇختا، مەزمۇن چوڭقۇرلۇقى جەھەتتە، نىسبەتەن كىشىنى قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان مۇھاكىمە خاراكتېرلىك ماقالىلەرنى يازالايدىغان بولدى. تونۇشتۇرۇش، تەشۋىق قىلىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇشلار ئارقىسىدا، تاھىر ئابباس قاتارلىق بىر قانچە ئوقۇغۇچى مۇبارەك ژۇرنال «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ئۈچۈن ئىختىيارىي مۇخبىر بولۇشنى خاھلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تۇنجى ئەسىرى بولغان «بىز <جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى> ژۇرنىلىنى سۆيۈپ ئوقۇيمىز» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ژۇرنالغا ئەۋەتتى.
) m2 B# k3 F' u, X+ ]) Y! V6 B/ C3 S, S: s+ \) y
      مىسىردىكى ئۇيغۇر ىيلەر شۇ تاپتا داۋاملىق ئۆگەنمەكتە. ھەر قايسى دۆلەت ىيلىرى بىلەن بەس – بەستە مۇتالىئە قىلماقتا. قارىسام، ئۇلار «ياخشى نىيەت – يېرىم دۆلەت» دەپتىكەن دەپ، ئاشۇ ياخشى ئارزۇ، توغرا نىيىتىگىلا شۈكرى قىلىپ ئولتۇرىدىغاندەك ئەمەس، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن كەلگۈسىدە، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىسلام دىنى تەتقىقاتى ساھەسىدە ئۆزلىرىنىڭ تېگىشلىك ھەسسىلىرىنى قوشۇش ئارقىلىق، «يېرىم دۆلەت» نى «پۈتۈن دۆلەت» كە ئايلاندۇرۇش، يەنى توغرا نىيەت بىلەن ياخشى ئارزۇنى خەيرلىك ئەمەلىيەت ۋە كۆڭۈلدىكىدەك رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئىرادىسى ئۇرغۇپلا تۇرىدۇ.- X: P6 q+ q$ P1 S
4 \. ]; |% S) o9 z5 t$ I2 O9 l' C6 p
      ئۆز زامانىسىدا، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەرەب مۆمىنلەرگە: «ئىلىم يىراق جۇڭگودا بولسىمۇ، بېرىپ ئۆگىنىڭلار!» دەپ خىتاب قىلغانىكەن. ئىلىم ئۆگىنىش – مەرىپەت، ئىلىم ئۆگىنىش – پەزىلەت. تىلەك شۇكى، بۈگۈنكى ئۇيغۇر ىيلىرىنىڭ ئىلىم ئىزلەپ يىراق قاھىرەگە بېرىشتىنمۇ ئېرىنمىگەن بىباھا روھى ۋە ئەمەلىي پائالىيتى كەلگۈسىدە مۇناسىپ مۇكاپاتقا مۇيەسسەر بولغاي، ئامىن!' n, `" @( r! i# G$ _
1 r0 G; ~+ }' ]( h& u- ^
      مەنبە: «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1997 – يىللىق 3– سانى
. K2 V. d2 `7 f/ c. S1 Y  x* N- p7 U8 d1 i" Y

, p3 x9 c9 s$ O4 o; `9 {رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

0

تېما

6

يازما

115

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
17 سەر
تۆھپە
11 سەر
تىللا
65 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-8-21 19:06:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، داۋاملىق تېرىشىڭ....   

0

تېما

3

يازما

115

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
24 سەر
تۆھپە
22 سەر
تىللا
43 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-8-26 17:13:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yahxi tima dawamlq tirixig来自: Android客户端
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗