خەۋەربىر پىسخولوگ ئوقۇغۇچىلارغا ھاياتنىڭ قىممىتى ، پۇرسەت ۋە خىرىس توغرىسىدا دەرس ئۆتۈپتۇ ، ئاندىن ئوقۇغۇچىلارغا جانلىق مىسال كەلتۈرۈپ بېرىش ئۈچۈن ، ئۇلارنى بىر باغقا باشلاپ كىرىپ :
0 W% a3 B5 y" |/ ~9 o9 G- ھەر بىرىڭلار بۇ مەي باغلىغان مىۋىلىك باغنىڭ بۇ بېشىدىن چىققۇچە ئۆزەڭلار ئەڭ چوڭ ۋە ئەڭ چىرايلىق تاللىغان مېۋەڭلاردىن بىرنى ئۈزۈپ چىقىڭلار ، ئالدىڭلارغىلا مېڭىشقا بولىدۇ ، كەينىگە يېنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ .- دەپتۇ .
# y) v* F6 r8 r. B( ~+ N6 pئوقۇغۇچىلار خوشاللىق بىلەن ئاتلىنىپتۇ . بىر ئوقۇغۇچى ئىشىكنىڭ تۈۋىدىلا تۇرغان چىرايلىق ۋە يوغان بىر ئالمىنى كۆرۈپ ، ئۇنى ئۈزۈشنى ئويلاپتۇ-يۇ ، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئالمىنىڭ بولۇپ قېلىش مۇمكىنچىلىگىنى ئويلاپ ، ئۇنى ئۈزۈشتىن ۋاز كىچىپتۇ. باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش دەسلەپتە ئۇچۇرغان مېۋىلەرگە پەرۋا قىلماپتۇ ، بىراق بىرمۇ مېۋىنى ئۈزمەي باغنىڭ ئۇ چېتىگە چىقىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ ، ناھايىتى كۆڭلى يېرىم بولۇپتۇ .7 H! U2 E% S( i, w0 T9 Z
- نىمە بولدۇڭلار ؟ ھېچقايسىڭلار بىرەرتال مېۋىنى ئۈزمەپسىلەرغۇ ؟ شېخىنى كۆتىرەلمەي قالغان مېۋىلىك دەرەخلەردىن سىلەرگە يارىغۇدەك بىرەرتال مېۋە ئۇچۇرىمىدىمۇ ؟ - دەپ سوراپتۇ پىسخولوگ.
/ o9 O0 H9 H& y8 W& f- ئۇستاز ، ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرسىلە ، مەن ئىشىكنىڭ تۈۋىدىلا چوڭ ھەم چىرايلىق بىر ئالمىنى كۆرگەنتىم ، ئۇنىڭدىنمۇ چوڭلىرىنىڭ ئۇچۇراپ قېلىشىغا ئىشىنىپ كېتىپ ، ئۇنى ئۈزمەپتىمەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ مېۋە يوق ئىكەن ، ئەمدى شۇ ئالمىنىلا ئۈزۈپ چىققان بولسام .- دەپتۇ ھېلىقى ئوقۇغۇچى.
* i, H; z$ M( h% T- مەن مەن باغنىڭ ئوتتۇرسىغا كەلگەندە بىرتال مېۋىنى ئۈزگەنتىم ، بىراق كىيىن ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ مېۋىنىڭ بارلىقىنى بايقىدىم،- دەپتۇ يەنە بىر ئوقۇغۇچى ، - ئۇستاز ، ماڭىمۇ بىر قېتىم پۇرسەت بەرسىڭىز ، مەن كۆڭلۈمدىكىدەك بىرىنى تاللاپ چىقالايمەن . `0 X; g& a; a3 ?* e% s
- شۇنداق ، ھەممىمىزگە يەنە بىر قېتىم پۇرسەت بەرگەن بولسىڭىز ،- دەپتۇ باشقا ئوقۇغۇچىلارمۇ ئارقا-ئارقىدىن .( n6 k0 I) d' r+ o) h
- بالىلىرىم ، دۇنيادا ئۇنداق ئاسان ئىش يوق . كىشىلىك ھايات دەل مۇشۇنداق بىرلا قېتىم كېلىدىغان پۇرسەتتىن ئىبارەت ، مەن سىلەرگە كىشىلىك ھايات كەينىگە يانغىلى بولمايدىغان بىر قىسقا يول دىگەنتىمغۇ ؟ - دەپتۇ پىسخولوگ كۆلۈپ تۇرۇپ .
9 q3 k( a3 n6 `$ {8 Jكىشىلىك ھايات راستىنلا ئاشۇ پىسخولوگنىڭ ئەمەلىي مىسالىدىكى مېۋىلىك باغ ۋە بىرلا قېتىم كېلىدىغان پۇرسەت . كىشىلىك ھاياتتىن ئىبارەت بۇ باغقا بىرلا قېتىم كىرىش پۇرسىتىمىز بولىدۇ ، بۇ پۇرسەتنى قانداق تۇتۇش ، ئۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىش ئۆزىمىگە باغلىق . }# c' n8 w# G. |
مەنبە : ماتېريالدىن ئېلىندى . چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |