ئۇيغۇر
ئادەم ھاياتىدا كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچراپ تۇرىدۇ، كۆڭۈلسىزلىك ئادەمنى قايغۇرۇش، ئۆكۈنۈشلەرگە سېلىپ قويىدۇ. "قانداق قىلغاندا روھنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئاكتىپ يۈزلەنگىلى بولىدۇ؟" بۇنىڭغا قىزىقسىڭىز پىسخىكىنى ساغلاملاشتۇرىدىغان سەككىز خىل پەھىزگە رىئايە قىلىڭ. بىرىنچى، زىيادە غەم- قايغۇدىن ساقلىنىش كېرەك. ھەممە ئىشنى ئۆز يولىدا قىلىش كېرەك. ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن ئاغرىنىپ، ئورۇنسىز قايغۇرۇپ يۈرۈشكە بولمايدۇ. تۇرمۇشتا ئادەمنىڭ بېشىنى قاتۇرىدىغان، ئەنسىرىتىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرسىمۇ، بىز يەنىلا روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ ئاكتىپ ھالدا ئۇنىڭغا يۈزلىنىشىمىز، كۈنبويى خاپىلىق ئىچىدە يۈرۈپ چۈشكۈنلىشىپ كەتمەسلىكىمىز لازىم. ئىككىنچى، زىيادە خۇشال بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. خۇشال بولۇش ياخشى ئىش. ئەمما، زىيادە خۇشاللىقنىڭ قايغۇ ئېلىپ كېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. بولۇپمۇ تۇرمۇشتا تۇيۇقسىز ياخشى ئىشلار، ئالايلۇق ئۇزۇنغىچە كۆرۈشمىگەن قېرىنداشلىرى بىلەن جەم بولۇش، لاتارىيە مۇكاپاتى چىقىپ قېلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن، زىيادە خۇشال بولۇپ كەتكەندە، چوڭ مېڭە مەركىزىنىڭ روھلىنىشى كۈچىيىپ، ۋىگىتاتىۋ نېرۋىلىرىنى زىيادە روھلاندۇرىۋېتىدۇ، ئۇنداق بولۇش يۈرەك مېڭە قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرىگە نىسبەتەن بەكمۇ پايدىسىز. ئۈچىنچى، زىيادە ئۆكۈنۈپ كەتمەسلىك كېرەك. ئادەملەر بەختسىزلىككە ئۇچرىغاندا، ئۆزىنى تەڭشىۋېلىشنى ئۆگىنىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئالايلۇق، ئۇرۇق- تۇققانلىرى ۋاپات بولۇش، دوستلىرى بىلەن ئارازلىشىپ قېلىش، سۆيگۈنىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىقلار ئادەمنىڭ پىسخىكىسىغا ئېغىر زەربە بولىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا ھەرگىز تۇيۇق پىكىر قىلىش يولىغا كىرىپ قالماسلىقى، ئۇنى كۆڭلىدىن چىقىرىۋېتىشنى ئۆگىنىۋېلىپ، يېقىن دوستلىرىغا ھالىنى تۆكۈپ بېرىش، پىسخىكا دوختۇرىنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۆزىنى تېزلىكتە ئوڭشىۋېلىشنى بىلىشى كېرەك. تۆتىنچى، زىيادە گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىش كېرەك. بەزىلەردە گۇمانخورلۇق كېسىلى ئېغىرراق بولىدۇ. ئەگەر ئادەمنىڭ كۆڭلى- كۆكسى تار بولۇپ، خىزمەتداشلىرى، دوستلىرى ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەردىنمۇ گۇمان قىلىدىغان بولۇپ قالسا، ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە، كىشىلىك مۇناسىۋىتىگە، ئائىلە ئىناقلىقىغا تەسىر يېتىپ قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭمۇ ساغلاملىقىغا تەسىر يېتىدۇ. بەشىنچى، زىيادە غەزەپلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئىدارىدا باشقىلار بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالىدىغان ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ، بۇنداق ۋاقىتلاردا قاتتىق تالىشىپ- ئۇرۇشۇپ كېتىشتىن، گېپى بىر يەردىن چىقمىسىلا "غەزەپلىنىپ"، "ئۈستەلنى ئۇرۇپ" كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە زىددىيەتنى كۈچەيتىۋېتىدۇ. غەزەپلىنىش خۇددى "قوش بىسلىق خەنجەر"دەك باشقىلارنى ھەم ئۆزىنىمۇ زەخمىلەندۈرىدۇ. ئۇنداق ۋاقىتتا ئالدى بىلەن ئۆزىنى بېسىۋېلىش، كۆڭلى- كۆكسىنى كەڭ تۇتۇش كېرەك. بۇ زىددىيەتلىشىپ قالغان ئىككىلا تەرەپكە پايدىلىق.* y: y7 m7 H' `% ]7 r( i! R- [; x7 Y# ]
ئالتىنچى، زىيادە پاسسىپلىشىۋېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. خىزمىتىدە سەۋەنلىك كۆرۈلگەندە،بەزىلەردە ئۆزىنى ئىنكار قىلىۋېتىدىغان پىسخىكا ياكى چۈشكۈنلىشىش كەيپىياتى پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل كەيپىيات پىسخىكا ساغلاملىقىغا ئىنتايىن پايدىسىز. يەتتىنچى، زىيادە تىت- تىت بولۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بەزىلەرنىڭ ئاچچىقى بەكمۇ ئاسان كېلىدۇ، ئىشنى ھامان بىر قېتىمدىلا پۈتتۈرۈشنى، بىر قېتىمدىلا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ۋە پايدا ئېلىشنى ئويلايدۇ. ئۆزىنىڭ ئارزۇسى، نىشانىنى بىر قېتىمدىلا ئويلىغىنىدەك ئەمەلگە ئاشۇرالمىسا، ئۇلاردا تىت- تىت بولۇش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل كەيپىيات ساغلاملىققا پايدىسىز. سەككىزىنچى، زىيادە كۆيۈنۈپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بەزى ئائىلىدىكى چوڭلار بالىلىرىغا تۇرمۇشتا زىيادە كۆيۈنۈپ ھەممە ئىشنى ئۆزلىرى قىلىپ بېرىدۇ. روھىي جەھەتتە بولسا بەكمۇ قاتتىقلىق قىلىپ بېسىم ئىشلىتىدۇ. بىر قىسىم ئاتا- ئانىلار ئۆزلىرى ياش ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان ئارزۇلىرىنى بالىلىرىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرالىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ "كۆيۈمچانلىقى" بالىلارغا زىيادە ئېغىر روھىي يۈك ۋە پىسخىكىلىق بېسىم پەيدا قىلىدۇ. بۇ بالىلارنىڭ مۇستەقىل ئىش قىلىش ئىقتىدارىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ئۆزىگىمۇ نۇرغۇن ئورۇنسىز بېسىم ۋە باش قېتىقچىلىقىنى تېپىۋېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ .- m8 ^1 A1 {9 n% D: b) d
چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |