خەۋەرتۇرپان رايۇنىدىن تېپىلغان مانى دىنى مۇھىتىدا يېزىلغان شېئرلار ئىچىدىكى بىر قانچە پارچە شېئىر ئاپرىنچۇر تېكىنغا تەئەللۇق بولۇپ ، بۇ شىېئرلار كۆپۈنچە بىر ۋاراقىنىڭ ئىككى تەرىپىگە يېزىلغان . ۋاراقنىڭ ئالدى بېتىدىكى تەكرار ئىككىلىك شەكىلدىكى ، ھەر كۇپلىتى تۆت مىسىرادىن تۈزۈلگەن ئۈچ كۇپلىت شېئىر « مانىغا مەدھىيە » مەزمۇنىدا ، كەينى بېتىدىكى ھەر كۇپلىتى ئۈچ مىسىرادىن تۈزۈلگەن يەتتە كۇپلىت شېئىر مۇھەببەت تېمىسىدىكى لىرىك شېئىردىن ئىبارەت .* ^9 d& {2 d2 g$ `5 m
شائىر ئاپرىنچۇر تېكىننىڭ تەرجىمىھالىغا دائىر ھىچقانداق ماتىرىيال يوق . لېكىن ئۇنىڭ تۇرپان رايۇنىدا مانى دىنى مۇھىتىدا ياشاپ شېئىر ئىجاد قىلغان ، شېئىرلىرىنىڭ تىلىغا قاراپ ، ئۇنى 8 - 9 - ئەسىرلەردە ياشىغان دەپ پەرەز قىلىشىمىز مۇمكىن . چۈنكى مانى دىنى تۇرپان رايۇنىدا 8 - 9 - ئەسىرلەردە بىر قەدەر ئومۇملاشقان بولۇپ ، تارىخچىلار بۇ دىن مۇھىتىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ۋاقتى كۆپرەك مۇشۇ مەزگىلگە تەۋە دەپ ، پەرەز قىلىشتى ., {) D: H* E, P0 ?0 @
شائىر ئاپرىنچۇر تېكىننىڭ شېئىرلىرى ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن يېزىلغان بولۇپ ، ئۇنىڭدا ئەينى دەۋىردىكى ئۇيغۇر مانى دىنى مۇھىتىنىڭ ئېدئېولوگىيىسى ۋە شائىرنىڭ ئېستېتىك دىتى ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان .
+ ]' _4 B/ ^; S- C: g# y* lتۆۋەندە ، بۇ شېئىرلاردىن بىر قانچە پارچىنى كۆرۈپ ئۆتىمىز :$ l7 @) _5 e0 @, ^( b
« كۈن تەڭرى يارۇقىن تەگ كۆكۈزلۈگۈم بىلگەم ،
n0 w, q: t3 F: z K" Tكۈن تەڭرى يارۇقىن تەگ كۆكۈزلۈگۈم بىلگەم .2 o, e. d' _; i, y, Q, Z
كۆرتلە تۈزۈن تەڭرىم كۈلۈگۈم كۈزۈمچۈم ،
5 i9 x; s% j& Mكۆرتلە تۈزۈم تەڭرىم بۇرقانىم بۇلۇنچسۇزۇم » .
3 o% e4 X+ f( n& ]) wمەنىسى :7 [' a3 T W1 D/ `( {
كۆڭلى كۈن تەڭرىسىنىڭ نۇردەك دانىشمىنىم ،
* Q( I2 |8 E3 T" c* gكۆڭلى كۈن تەڭرىسىنىڭ نۇردەك دانىشمىنىم .
1 Y% i' ~$ d; u- E$ D& }گۈزەل پەزىلەتلىك ، شۆھرەتلىك قوغدۇغۇچى تەڭرىم ،5 m5 |. z5 ]$ ~& ^
گۈزەل پەزىلەتلىك ، تەڭداشسىز بورھانىم ، تەڭرىم .
7 N) r1 k" m1 V5 Z* w(« مەدھىيە » شېئىردىن )
* a/ s# K, A4 C: b1. ئا ①....
" p! P @- j8 a1 }. W2 ]; S* H« ئادىنچىغ ئامراق ...4 p. v' O/ X- Z- j3 Q$ @9 O
ئامراق ئۆز كىئەم ...
1 I$ B2 @* K5 ^' r. G! L& ~* U( U7 z. ?2 . قاسنىچىغىمىن ئۆيۈ قادغۇرارمەن
# X* J! q/ Z: d' x( f# B# xقادغۇر دۇقچە قاشى كۈتلەم
, n* P: S% H: W5 rقاۋشىسا يۈرمەن4 o1 v6 }& Z, C% P
3 . ئۆز ئامراقىمىن ئۆيۈرمەن
2 ]9 i3 \- Q; w& L4 e8 B# |2 {+ qمەنىسى :
" g: R% q) }! G" L1 W1. ئا ..., h& [7 J% H- t+ Y) @. D- O1 K
بەكمۇ ئامراق ...8 H, ~" q+ G8 U- @8 T3 c
ئامراق ئايالىم ...7 |# F& y) E. q' X, f _' a
2 . يايرىمنى ئويلىسام قايغۇغا چۆكىمەن ،
1 i' @- t; U! m/ iقايغۇرغانسىرى ، ئىخ ، قارا قاشلىقىم ،
# a) n6 U2 B: Q% _5 \5 tدىدارلىشىشقا شۇنچە ئىنتىزارمەن .
4 E3 k; w2 }* P! V# G3 . ئۆز ئامرىقىمنى ئويلىسام ،
) b/ r' e9 ^6 A9 Oئويلاپ ، ئويلاپ ...7 X- {% C, K2 |: o- w0 f
ئۇنى قايتىلاپ سۆيۈشكە ئىنتىلىمەن ②
& S: c4 a: D6 K( « مۇھەببەتنامە » )③
0 R* @4 r5 ]0 H, wشائىر ئاپرىنچۇر تېكىننىڭ بۇ خىل شېئىرىي ئۇسلوبى ، بەدىئىي ۋاستىلىرىنىڭ جەزبىدارلىقى ، تىل قۇرۇلمىسىنىڭ جۇلالىقلىقى بىلەن قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ تارىخى ، مەزمۇن ۋە بەدىي ئالاھىدىلىكلىرىنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگىدۇر .$ ^5 v$ A# p6 |# B( g" A
______________________________
3 ?- H& Y/ e4 y5 S0 dئىزاھات : ① چېكىت قويۇلغان ئۇرۇنلاردىكى سۆزلەر ئەسلى تېكىستتە ئۆچۈپ كەتكەن .# X$ j$ `) F D
② شېئرنىڭ تېكىستى ۋە مەنىسىنى شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى نەشىر قىلغان « بۇلاق » مەجبۇئەسىنىڭ 1981 - يىلى 2 - سانىدىن ئېلىندى .
' X+ n) V9 V g" J: G8 D5 ]* l; L③ تۈركىيىلىك رىشىت رەھمىتى ئارات « قەدىمكى تۈرۈك شېئرلىرى » ناملىق كىتابىدا بۇ شېئىرنى « شېىر ( ئاپرىنچۇر تېكىن ) » دىگەن ماۋزۇدا بەرگەن . ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |