ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 544|ئىنكاس: 3

ناخشا دۇنيا تارىخىدىكى 100 مەشھۇر كىشىنىڭ بىرىنچىس ...mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

52

تېما

94

يازما

1116

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
309 سەر
تۆھپە
217 سەر
تىللا
187 دانە
جەۋھەر
0 دانە
3d دۇنيا تارىخىدىكى 100 مەشھۇر كىشىنىڭ بىرىنچىسى - مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە قىسقىچە تەرجىمھالى8 |. E" G: j0 p" t+ K

2 O6 {/ P( z8 n     مېنىڭ مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالامنى دۇنيا تارىخىدىكى 100 مەشﻬۇر كىشىنىڭ بىرىنچىسى قىلىپ تىزىشىمدىن نۇرغۇن ئوقۇرمەنلەر ﻫەيران قېلىشى مۈمكىن، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق قارىشى بار، ئەلۋەتتە. لېكىن مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالام دۇنيا تارىخىدا دىن ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇش ساﻫەسىدە مۇتلەق مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بىردىنبىر ئۇلۇغ شەخس.- t: g. f* J2 G% H7 h5 x
     تۆۋەن تەبىقىدىن كېلىپ چىققان مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ دىنلارنىڭ بىرى — ئىسلام دىنىنى يارىتىپ ۋە تارقىتىپ، ئەڭ كۈچلۈك سىياسىي داﻫىيغا ئايلاندى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈپ 13 ئەسىردىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندىمۇ، ئۇنىڭ تەسىرى يەنىلا شۇنداق زور بولماقتا.! R' k/ `: {- J1 m- \
     مەن بۇ كىتابقا كىرگۈزگەن شەخسلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنچىسى مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە، قويۇق مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگە دۆلەتلىرىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان. ئەمما مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالام بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىدى. ئۇ مىلادىيە 570 - يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى مەككىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان، ئۇ چاغلاردا بۇ جاي سودا، سەنئەت ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن يىراق، ئارقىدا قالغان رايون ئىدى. مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالام ئالتە ياش چېغىدا قارا يېتىم بولۇپ قالغان، ئۇ ناﻫايىتى جاپالىق شارائىتتا چوڭ بولغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇ ساۋاتسىز ئىكەن. 25 ياشقا كىرگەن يىلى بىر باي سودىگەر تۇل ئايال خەدىچە بىلەن توي قىلغاندىن كېيىن ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشىلانغان. 40 ياشقا كەلگەندە ﻫەر خىل بىشارەتلەر مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالامنىڭ ﻫەقىقەتەن كامالەتكە يەتكەنلىكىدىن دېرەك بەردى.3 X9 I: p, u  L3 ~+ |% p
      ئەينى ۋاقىتتا، كۆپلىگەن ئەرەبلەر ئەنئەنىۋى قەبىلە ئىلاﻫلىرىغا ئېتىقاد قىلاتتى، لېكىن مەككىدە ئاز ساندىكى كىشىلەر يەﻫۇدىي دىنىي ۋە خىرىستىئان دىنىنىڭ مۇخلىسلىرى ئىدى. مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالام ئەتىمالىم بۇ ئىككى خىل دىنىي ئەقىدىدىن ئالەمنى ئىدارە قىلىدىغان ﻫەممىگە قادىر بىرلا ئاللانىڭ بارلىقىنى چۈشەندى بولغاي، 40 ياشقا كىرگەندە، ئۇ ئاللانىڭ ئۇنى بۇ دۇنياغا دىن تارقاتسۇن دەپ، رۇسۇل (ئەلچى) قىلىپ ئەۋەتكەنلىكىگە ﻫەقىقىي ئىشەندى.
. F( m9 S1 ^  B6 z& m" r      مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالام دەسلەپكى ئۈچ يىل ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋە ئەل - ئاغىينىلىرى ئارىسىدا يېڭى دىننى تەرغىپ قىلدى. مىلادىيە 613- يىلى دىننى تەرغىب قىلىشنى ئاشكارا ئېلىپ باردى. بىر قىسىم كىشىلەر ئۇنىڭغا مۇرىت بولدى. مەككىدىن قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالامنى ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر خىل تەﻫدىت دەپ قارىدى، شۇڭا ئۇلار مۇسۇلمانلارغا ﻫەر جەﻫەتتىن زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. مىلادىيە 622 - يىلى پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساﻫابىلىرى مەككىدىن 200 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى مەدىنىگە مەجبۇرىي كۆچۈپ كەتتى ﻫەمدە ئۇ يەردە دىنىي ﻫاكىمىيەت ئاستىدىكى بىر دۆلەت قۇرۇشنى كۆڭلىگە پۈكتى. ئىسلام دىنىدا بۇ تارىخىي ۋەقە <<ﻫىجىرەت>> دەپ ئاتالدى., g( o2 U6 d$ u
      مەدىنىگە ﻫىجرەت قىلىش پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالامنىڭ ﻫاياتىدىكى بۇرۇلۇش ﻫېسابلىنىدۇ. مەككىدىكى چېغىدا، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ئاز ئىدى، مەدىنىگە كەلگەندىن كېيىن تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى، ئىسلام دىنىنىڭ كۈچىمۇ تەرەققىي قىلىپ يېتىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام ساﻫابىلەر ۋە مۇرىتلىرىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ، مەككىدىكى مۇشرىكلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇرۇش قىلدى. ئاخىر مىلادىيە 630 - يىلى پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، مەككىگە كىردى. مەككىدىكى مۇشرىكلار ئىسلام دىنىنى مەجبۇرىي قوبۇل قىلدى ﻫەمدە پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالامنىڭ كاتتا نوپۇزىنى ئېتىراپ قىلدى. مۇﻫەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى ئىككى يىل ۋاقىت ئىچىدە، كۈرمىڭلىغان ئادەملەر ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدى. 632 - يىلى پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندا، پۈتكۈل ئەرەب يېرىم ئارىلى ئومۇمەن بىرلىككە كېلىپ بولغانىدى.
/ [9 {7 w% Q: j$ k5 y' B5 L      ئەرەب يېرىم ئارىلىغا ئولتۇراقلاشقان بەدەۋىيلەر باتۇر ﻫەم جەڭگە ماﻫىرلىقى بىلەن تونۇلغان خەلق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۆلۈنۈپ كەتكەنىدى. شۇڭلاشقا ئۇلار شىمال تەرەپتىكى دېﻬقانچىلىق رايونلىرىدا ئولتۇراقلاشقان ئەرەبلەرنىڭ رەقىبى بولالمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام تارىختا تۇنجى قېتىم ئۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاللانىڭ بەرﻫەقلىكىگە ئىشەندۈردى. شۇڭا سانى ئاز بولغان مۇسۇلمانلار قوشۇنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى ئۇرۇشلارنى قىلىپ بارالىدى.ساسانىلار دەۋرىدىكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىمال قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ئادەم سانى جەھەتتىن مۇسۇلمان قوشۇنى ئۇلارغا تەڭ كېلەلمەيتتى. لېكىن مۇسۇلمان قوشۇنى جەڭلەردە كارامەت باتۇرلۇق كۆرسىتىپ، مېسوپوتامىيە، سۈرىيە ۋە پەلەستىنلەرنى بېسىقتۇردى. مىلادىيە 642-يىلى مىسىرنى ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلدى ھەمدە 637-يىلىدىكى كادىسىيە ئۇرۇشى ۋە 642-يىلدىكى نىنىۋى ئۇرۇشلىرىدا پېرسىيە قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلدى.
2 l) T0 h. W# u% u- q      بۇ ﻫالقىلىق غەلىبىلەر پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالامنىڭ يېقىن ئاغىنىلىرى ﻫەم ۋارىسى ئەبۇبەكرى ۋە ئۆمەربىن خەتتابتىن ئىبارەت ئىككى خەلىپە دەۋرىدە قولغا كەلتۈرۈلدى، لېكىن بۇ ﻫەرگىزمۇ ئەرەبلەرنىڭ غازاتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن دېرەك بەرمەيتتى. 711-يىلى ئەرەب قوشۇنلىرى شىمالىي ئافرىقىغا ﻫۇجۇم قىلىپ، تاكى ئاتلانتىك ئوكيانغىچە بېسىپ كەلدى. كېيىن شىمالغا يۈرۈش قىلىپ، جەبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتۈپ، ئىسپانىيىنى ئۆز تەسەررۇپىغا ئالدى.
* A- I, G* W1 u; l  k- j     ئەﻫۋالدىن قارىغاندا، ئىسلام قوشۇنلىرى پۈتكۈل خىرىستىئان دىنى ﻫۆكۈمرانلىقىدىكى ياۋروپانى ئىگىلەپ كېتىدىغاندەكلا تۇراتتى. بىراق 732 - يىلى فىرانسىيىنىڭ مەركىزىگىچە بېسىپ كەلگەن مۇسۇلمان قوشۇنلىرى تۇر ئۇرۇشىدا مەغلۇب بولدى، شۇنداقتىمۇ بەدەۋقلەر ئۆز زېمىنىنى شەرقتە ﻫىندىستان چېگرىسىدىن تارتىپ، غەربتە ئاتلانتىك ئوكيانغىچە كېڭەيتتى. بۇ ﻫازىرغا قەدەر بولغان تارىختىكى ئەڭ زور ئىمپېرىيە ئىدى. ئىسلام قوشۇنلىرى بارغانلىكى يېرىدە ئىسلام دىنىنى تارقاتتى.
4 q+ p+ Y! _+ C5 O1 i0 T      ئەرەبلەر ئۆزلىرى ئىشغال قىلغان زېمىندا پۇت تىرەپ تۇرالمىدى. پارىسلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئەرەبلەرنىڭ قولىدىن ئىگىلىۋېلىنغان يەرلىرىنى تارتىۋالدى. ئەرەبلەر ئىسپانىيىدە يەتتە ئەسىر ئۇرۇش قىلغانىدى، لېكىن كېيىن خرىستىئان دىنى پۈتكۈل يېرىم ئارالغا قايتىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزدى. لېكىن ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بولغان مېسوپوتامىيە ۋە مىسىردىن ئىبارەت ئىككى جاي يەنىلا ئەرەبلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا تۇرۇۋەردى، شىمالىي ئافرىقىمۇ شۇنداق بولدى. بۇ يېڭى دىن كېيىنكى نەچچە ئەسىر ئىچىدە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ، ئۆز تەسىرىنى ئەرەب ئىمپېرىيىسىنىڭ چېگرىسىدىن ھالقىتىپ، يىراق-يىراقلارغا ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى. ھازىر ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئافرىقا، ئوتتۇرا ئاسىيا، پاكىستان، شۇنىڭدەك ھىندىستاننىڭ شىمالىي قىسمىدىكى رايونلارغىچە كېڭىيىپ، نەچچە يۈز مىليونغا يەتتى. ئىسلام دىنى ھىندونېزىيىنى بىرلىككە كەلتۈردى. ئەمما، ھىندىستاندا مۇسۇلمانلار بىلەن ھىندى دىنى مۇرىتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئۈزلۈكسىز توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىتتىپاقسىزلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى.* D6 l1 U* \3 N1 ~
     خىرىستىئان مۇخلىسلىرىنىڭ سانى مۇسۇلمانلاردىن ئىككى ﻫەسسە كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن،  مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالام ئىسا ئەلەيﻬىسسالامنىڭ ئالدىغا قويۇلۇشى ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ﻫەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ، يەنى مۇﻫەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنىنى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى رولى ئىسا ئەلەيﻬىسسالامنىڭ خىرىستىئان دىنىدىكى رولىدىن چوڭ بولدى . ئىسا ئەلەيﻬىسسالام گەرچە خىرىستىئان دىنىنىڭ ئەركان - ئەﻫكاملىرىغا ئاساس سالغان بولسىمۇ، لېكىن ﻫەۋارىيون پائۇل خىرىستىئان دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، <<يېڭى ئەﻫد>> دىكى نۇرغۇن مەزمۇنلارنى يېزىپ چىققانىدى.% x6 D' D* l. d/ S
     مۇﻫەممەد ئەلەيھىسسالام ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىگە، ئەﻫكاملىرىغا ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئەخلاقىي مىزانلىرىغا ئاساس سالغان كىشى. ئۇ ئىسلام دىنىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغان . <<قۇرئان كەرىم>> پەقەت ئۇنىڭغىلا نازىل قىلىنغان . <<قۇرئان كەرىم>> پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالامنىڭ (ئاللاھ نىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا پەرىشتە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق يەتكۈزگەن) سۆزلىرى توپلىمى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىدىيىسى ﻫايات ۋاقتىدىكى ئىش - پائالىيەتلىرى ئۇنىڭدا ئېنىق خاتىرلەنگەن.
1 a4 {4 B& l1 _" u1 F     دىنىي جەﻫەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالامنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىغا كۆرسەتكەن رولى غايەت زور، ئەلۋەتتە. مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالامنىڭ ئىسا ئەلەيﻬىسسالام بىلەن يەنە بىر ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالام ئىسلام دۇنياسىدىكى دىنىي داﻫىي، ئۇ قوشۇن باشلاپ نۇرغۇن ئۇرۇش قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە دۇنيادىكى ئەڭ زور تەسىرگە ئىگە سىياسىي زاتلارنىڭ بىرى.7 H  F' X8 o# \! b. B
     تارىخنى ئەسلەپ ئۆتسەك، كىشىلەر ئېﻬتىمال بۇنداق ئالاﻫىدە شەخسلەر بولمىسىمۇ، ئىنسانىيەت ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋېرەتتى، مۇبادا سىمون بولىۋاردەك ئادەم چىقمىغان بولسىمۇ، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى دۆلەتلەر ئىسپانىيىنىڭ ﻫۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولالايتتى، دېيىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ گەپنى ئەرەبلەرنىڭ <<غازات>> ىغا ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. مۇبادا، مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالام بولمىغان بولسا، <<غازات>> مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن بولاتتى. ئېيتايلۇق، 13-ئەسىردىكى موڭغۇللار ئۇرۇشى بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسال. بۇ ئۇرۇشقا چىڭگىزخان رەﻫبەرلىك قىلغان، گەرچە ئۇ ئىستېلا قىلغان رايونلار ئەرەبلەرنىڭكىدىن كەڭ بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ رايونلاردىكى ﻫۆكۈمرانلىقى ئۇزۇنغا بارمىدى. ئاخىر موڭغۇللارغا تەۋە رايون چىڭگىزخان كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىن بۇرۇنقى زېمىن بىلەنلا چەكلىنىپ قالدى.7 ]) ?- p3 I$ m  x# L7 w* m
      ئەرەبلەرنىڭ <<غازات>> ئۇرۇشى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ئىراقتىن ئەلمەغرىبقىچە باستۇرۇپ بېرىپ، بۇ كەڭ زېمىننى بىر تۇتاش ئەرەبلەر دۆلىتىگە ئايلاندۇردى. ئۇلار بۇ يەرلەرنى پەقەت ئىسلام دىنى بىلەنلا ئەمەس بەلكى، تىل، تارىخ، مەدەنىيەت جەﻫەتلەردىمۇ بىرلىككە كەلتۈردى. ئەرەبلەر <<قۇرئان كەرىم>> گە ئېتىقاد قىلىدۇ، بۇ خىل تەۋرەنمەس ئېتىقاد ئەرەب تىلىنى ساقلاپ قالدى، ئەرەبلەرنى ﻫەر خىل يەرلىك شېۋىنىڭ مۇداخىلىسىدىن ئازاد قىلدى. دەرۋەقە ئەرەب دۆلەتلىرىدە يەنە بىرمۇنچە ئىختىلاپلار مەۋجۇت، لېكىن بۇ ئەرەب دۇنياسىنىڭ مەزمۇت ﻫەم مۇستەﻫكەم ئىتتىپاقىغا تەسىر يەتكۈزەلمەيدۇ. مەسلەن، 1973-، 1974-يىللىرى ئىران ۋە ھىندونېزىيىدىن ئىبارەت نېفىت ئىشلەپ چىقىرىدىغان ئىككى دۆلەت بىلەن بەزى ئىسلام ئەللىرى غەرب ئەللىرىگە نېفىت ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش ھەرىكىتىگە قاتناشمىدى. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى، پەقەت ئەرەب دۆلەتلىرىلا شۇ قېتىمقى ھەرىكەتكە قاتناشتى.
9 K5 h& N. Q0 O      ناﻫايىتى روشەنكى، 7- ئەسىردىكى ئەرەبلەرنىڭ <<غازات>> ئۇرۇشى تاكى ﻫازىرغىچە ئىنسانلار تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئىسلام دۇنياسىدا دىن بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا شۇ قەدەر زىچ باغلىنىشنىڭ بولۇشى مېنى مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالامنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەسىرى ئەڭ زور شەخس ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشەندۈردى.
9 T# W# T4 [  n. x5 [" P            ئىنسانىيەتنىڭ تارخىي تەرەققىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بويىچە رەتكە تىزىلغان 100 مەشھۇر شەخس (مېخائىل خارت <ئامېرىكا>) - كىتابىدى ئېلىندى.ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

332

تېما

814

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7622 سەر
تۆھپە
4883 سەر
تىللا
2969 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

QQ
ۋاقتى: 2012-9-14 20:25:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندە  ئېلكىتاپ شەكىلدە قىلىپ قۇيۇلغىنى بار ئىدى.شۇنىمۇ يوللاپ قويسام بولغىدەك...

52

تېما

94

يازما

1116

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
309 سەر
تۆھپە
217 سەر
تىللا
187 دانە
جەۋھەر
0 دانە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-9-14 22:37:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاشتېشى يوللىغان ۋاقتى  2012-9-14 20:25
3 K3 B; u  P; e2 u8 _2 iمەندە  ئېلكىتاپ شەكىلدە قىلىپ قۇيۇلغىنى بار ئىدى.شۇنىم ...

% S3 {+ k0 K& j* @. r' A8 M6 R: {: G# zبولسا يوللاپ قۇيۇڭ بىرلىكتە پايدىلىنىلى رەخمەت !

0

تېما

10

يازما

103

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
27 سەر
تۆھپە
9 سەر
تىللا
31 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2012-10-8 17:00:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياراتقۇچىمىز مىھرىبان ئاللاھ ،پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ  ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە چەكسىز رەھمەت قىلغاي.ئامىن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗