ئۇيغۇر
<<دۇنيادىكى مەشھۇر گېنېرال - قوماندانلارنىڭ نۇتۇقلىرىدىن نەمۇنىلەر>> كىتابتا:
8 r; Q7 [/ V5 B2 R g5 c ناپالېئون بوناپارت (1769 - 1821) - فرانسىيىلىك ھەربىي ئالىم ۋە سىياسىيئون، بىر ئىنا ھەربىي مەكتىپىدە، پارژ ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان، كېيىن فرانسىيە ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ برېگادا كوماندىرى، بىرلەشمە ئارمىيە توپچى قىسىملار قوماندانى بولغان؛ 1796-يىلى ئىتالىيە، ئاۋسترىيە، مىسىر ۋە سۈرىيىلەرگە يۈرۈش قىلىپ، بىرىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقنى بىتچىت قىلغان؛ 1799-يىلى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ ھۆكۈمەت قۇرغان ۋە ئۆز تۇنجى ھۆكۈمەت باشلىقى بولغان؛ 1804-يىلى پادىشاھ بولۇپ، فرانسىيىدە تۇنجى قېتىم ئىمپېرىيە قۇرغان، شۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن قېتىم ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىپ، ئەنگلىيە، رۇسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلغان؛ 1814-يىلى فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاقداش قوشۇن پارىژنى ئالغاندىن كېيىن سۈرگۈن قىلىنغان، ئىككىنچى يىلى پارىژغا قايتىپ كېلىپ يۈز كۈنلۈك سۇلالە قۇرغان، ۋاتېرلوئو جېڭىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، سان - ھېلېنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان؛ ناپالىئوننىڭ ھەربىي ئەمەلىيىتى غەرب ھەربىي ئىلىمىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، <<ھەقىقىي ھەربىي سەنئەت پېشۋاسى>> دەپ ئاتالغان.4 P/ Q: F7 a2 j
+ H* g4 `* g4 r* ?2 E<< مەشھۇر شەخسلەر ھەققىدە مەخپىي پاراڭلار >> كىتابتا:
" \6 O: c) A0 |) `) r1 h3 b ناپولېئون بوناپارت دۇنيانىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئاتاقلىق ئەرباب. تەكەببۇر ۋە مەنمەنچى بۇ ئادەم ھەربىي قوماندانلىققا بەكمۇ تالانتلىق بولۇپلا قالماي، يەنە كۆزگە كۆرۈنگەن تەرغىباتچى ئىدى. قول ئاستىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ نەزەرىدە ناھايىتىمۇ سۈرلۈك ئۇلۇغ زات ھېسابلىناتتى." i/ l2 ^8 i# d+ k2 D
ناپولېئون 1769-يىلى فرانسىيىنىڭ كورىسكا ئارىلىدا ئۇششاق ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، پارىژ ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن فرانسىيە ئىنقىلابىغا قاتناشقان. 1793-يىلى شاڭلون ئۇرۇشىدا تالانتىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئاشكارىلاپ، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ شاڭۋېيلىقىدىن بىرلا ئۆرلەپ جۈنجياڭ بولۇپ، ئالىپ جىتۇەنجۈنى توپچىلار قىسىمىنىڭ كوماندىرلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. نازارەتچى ھۆكۈمەت دەۋرىدە فرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىپ، كارول پارتىيىسىنىڭ ئىسيانىنى دەھشەتلىك باستۇرغان. 1799-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى (جۇمھۇرىيەتنىڭ يېڭى كالېندارى بويىچە تۇمانلىق ئاينىڭ 18-كۈنى) ئۇ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئىجرائىي ھۆكۈمەت قۇرغان، ئاندىن ئۆزى 1-ھاكىم بولۇپ، مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقنى يولغا قويغان. 1804-يىلى پادىشاھلىق تەختىگە چىقىپ، ئۆزىنى فرانسىيە تۇنجى ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى ناپولېئون 1 دەپ ئاتىغان. ئۇ سىرتقا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇپ فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق ئۈستىدىن كۆپ قېتىم غەلىبە قىلىپ، ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئىتالىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى بېسىۋېلىپ، پۈتكۈل غەربىي ياۋروپا بىلەن ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ شەرق - غەربلەرگە قىلغان جازا يۈرۈشلىرى خەلقنى ئېغىر زىيان - زەخمەتكە ئۇچراتقان، شۇڭا كىشىلەر ئۇنى <<ئىبلىس>>، <<زوراۋان پادىشاھ>> دەپ ئاتىغان، كارول پارتىيىسىدىكىلەر <<ئادەمخور يالماۋۇز>> دەپ تىللىغان.6 e: V1 m/ O2 a# m
1815-يىلى ئۇنىڭ ئارمىيىسى فرانسىيىگە قارشى ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، ناپولېئون لاۋرېدا قولغا چۈشكەندە، ئۇنىڭ گويا زەخمىلەنگەن شىرغا ئوخشاش ئەسەبىيلىك بىلەن تېپچەكلەپ يۈرگەنلىكىنى نۇرغۇن كىشىلەر كۆرگەن. ئۇ توساتتىن تۈگمىسىنى يېشىپ ئۆزىنى قولغا ئالماقچى بولغان ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىغا گۈس-گۈس دەسسەپ كەلگەن ۋە <<قېنى كەل! قايسىڭ ئۆز پادىشاھىڭنى ئۆلتۈرمەكچى! پادىشاھ مانا مەن!>> دەپ غەزەپ بىلەن ۋارقىرىغان. ئەسكەرلەر ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ھەركىتى ۋە ۋارقىرىشىدىن ھودۇقۇپ كەتكەن. نەتىجىدە، قوراللىرىنى تاشلاپ ناپولېئوننىڭ ئالدىدا تىز پۈككەن.رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |