- تۆھپە
- 16
- تىللا
- 52
- قىزغىنلىق
- 12
- توردا
- 0 سائەت
- 性别
- مەخپىي
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-6-17
- تىزىملاتقان
- 2011-12-1
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- دوست
- 0
- يازما
- 3
- تېما
- 1
- ھوقۇقى
- 10
- جۇغلانما
- 99
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 184

- تۆھپە
- 16
- تىللا
- 52
- قىزغىنلىق
- 12
- تېما
- 1
- يازما
- 3
|
مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنېۋىرسىتېتىدا ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت
6 D3 B# f- K3 \* l1 u4 F7 v
% H$ f8 U% X$ r" J6 ^& k# T( s5 U; ^
5 W! F4 k, Z+ l% M9 N/ X: d" A$ O" \ بۈگۈن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدە، ئۇيغۇرسوفت شېركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئۇيغۇرچە يېزىق كىرگۈزگۈچ «ئەلكاتىپ»نى بارلىققا كەلتۈرگۈچى، 2008-يىللىق "مەملىكەت بويىچە 10 مۇنەۋۋەر ياش" شەرەپ نامىغا ئېرىشكەن پەخىرلىك ئوغلان ئالىم ئەھەت ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىق ساھەسى بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى. سۆھبەتكە بېيجىڭدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار كېلىپ قاتناشتى. سۆھبەت كۆڭۈللۈك كەيپىياتتا باشلاندى. ئالىمجان ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر كومپىيۇتېرچىلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىپ، كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇ ساھەگە بولغان چۈشەنچىسىنى تېخىمۇ كەڭ جەھەتتىن چوڭقۇرلاشتۇردى.
9 I, n1 R% |& O; F$ |ئۇ بۇ توغرىسىدا توختۇلۇپ،ئۇچۇر تىخنىكىسى 80-يىللاردا شەخىسلەر كومپىيۇتىرى مەيدانغا كەلگەندىن كېيىن ئاندىن ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرىشكە باشلىغانلىقىنى چۈشەندۈردى، ئالىم ئەپەندىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1985-يىلى12-ئايدا ئۇيغۇر يېزىقى كومپىيۇتىرغا كىرگەن بولۇپ، تەرەققىياتى كەينى كەينىدىن قوغلىشىپ ماڭغان. ھازىرقى ئىشلىتىۋاتقان ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىمىزنى 90-يىللاردا ئەرەپ دۆلەتلىرىدە كومپىيوتىرغا ئەرەپ يېزىقىنى كىرگۈزۈشتە ئانچە ئىلغارلىق شەكىللەنمىگەن دەۋىردىلا، كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈشتە خېلىلا يوقۇرى سەۋىيە يارىتىلغان، ھەتتا ئاۋاز ئارقىلىق خەت كىرگۈزۈش دەرىجىسىگىمۇ يەتكەن. شۇ دەۋىر توغرىسىدا توختىلىپ ئالىم ئەپەندى يەنە دەسلەپتە كومپىيوتىرغا «كونا يېزىق» نى كىرگۈزۈش قىيىنچىلىقىغا دۇس كەلگەچكە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ يېزىقىمىزنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، لاتىن يېزىقى ئىشلىتىش ياكى بولمىسا كومپىيوتىر تاختىسىدا 26 ھەرىپ كونۇپكىسى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە بويسۇنۇپ، ئۇيغۇرچە بىر قىسىم ھەرىپلەرنى كومپىيوتىر يېزىقىدا ئىپادىلىمەي تاشلىۋىتىش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. بۇنىڭغا جاۋابەن ئالىم ئەپەندى:«مەخسەت توغرا ئەمما يۆنىلىش توغرا بولمىغان، ئەگەر ‹كومپىيوتىرغا ئۇيغۇنلاشتۇرالمىدۇق، يېزىق ئالماشتۇرايلى› دەپ ئالماشتۇرسا كىرگۈزۈش ھەل بولغان بىلەن نۇرغۇن ساھەدە ئۈزۈلۈپ قېلىش، نۆلدىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ، چۈنكى يېزىقىمىز ئادەتتىكى يېزىق ئەمەس، ئۇ مىڭ يىللاردۇر مەدەنىي ھاياتىمىزغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان يېزىق، ئازىراق تېخنىكىلىق قىيىنچىلىققا ئۇچىراپلا ئۇنى ئالماشتۇرايلى دەپ ئالماشتۇرۇۋىتىشكە بولمايدۇ. ئىنسان قىيىنچىلىققا ھەر ۋاقىت دۇچ كېلىدۇ. تۇرمۇش، ئۈگۈنۈشتە قېيىنچىلىقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۆزلىرىمىزنى بەخىتلىك ھىس قىلساق بولىدۇ، چۈنكى جىق ئادەم ئىشلەيدىغان تېما تاپالمايۋاتىدۇ. قېيىنچىلىقنىڭ چىقىشى ئادەمنى يېڭى تەپەككۇرغا باشلايدۇ. بىر قىيىنچىلىققا ئۇچىرىساق بىرلا يولغا ئىسىلىۋىلىپ ئىمكانسىزلىق ياراتماي، يانداش قولايلىق ھەل قىلىش يوللىرىنى ئىزدەش كېرەك. ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈشىمىزمۇ مۇشۇنداق بىر جەريان. دۇنيادا شۇنچە ئىشقا ئەسقىتىۋاتقان كومپىيۇتىرنىڭ ئۇيغۇر يېزىقىنى قوبۇل قىلالماسلىقى، خەتنى سولدىن ئەمەس ئوڭدىن يېزىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. شۇنىسى ئېنىق بولسۇنكى كومپىيۇتىر ئىجاد قىلىنىشىدىنلا ئۇنىڭ تىلى ئېنگلىز تىلى ئەمەس ئېدى. شۇندا دەپ ئېيتىقا بولۇدۇكى بۇ بىزنىڭ يېزىقىمىزدىكى مەسىلە ئەمەس بەلكى ئۆزىمىزدىكى مەسىلە.» دەپ چۈشەنچە بىرىشى ھەممەيلەننى سۆيۈندۈردى ۋە تىل-يېزىقىمىز تەتقىقاتىدىكى بەزى ئاۋارچىلىقتىن قىچىش ئەمەس بەلكى ئۇرۇنۇپ، توغۇرلاش مەسھۇلىيتىمىزگە ئىلھام بولدى. $ G. I( \+ ^ ?9 g6 }% J
ئالىم ئەپەندى سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، سۆھبەتكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئىختىيارىي يوسۇندا ئۇنىڭدىن ئۆزلىرى چۈشەنمىگەن، شۇنداقلا ئۆزلىرى قىزىقىدىغان تېمىلارنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تۈرلۈك مەزمۇندا سوئال سورىدى. ئالىم ئاكىمىز بولسا، ئۆزىگە خاس نۇتۇق مېتودى ۋە يومۇرىستىك چاقچاقلىرى بىلەن سورالغان سوئاللارغا تولۇق، ئەتراپلىق جاۋاب بەردى. شۇنى قوشۇمچە قىلىپ ئۆتۈش كېرەككى ئالىم ئەپەندىنىڭ سۆزلەش جەريانىدا پەقەتلا يات تىل ئارلاشتۇرماي، يېنىك، چۈشىنىشلىك ۋە ناھايىتى راۋان ھەم شۇنداقلا مېغىزلىق ۋە چۈشىنىشلىك سۆزلىشى ھەممەيلەننىڭ ئۇنىڭ نۇتۇق قابىلىيتى ۋە بېلىم قۇرۇلمىسىغا بولغان قايىللىقىمىزنى قوزغىدى. سورالغان سۇئاللارغا نىسبەتەن كۆپچىلىك قاتناشقۇچىلار ئالىم ئەپەندىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ، چوڭقۇر مەمنۇنىيەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئۇزاققىچە ئالقىش ياڭراتتى.
! P7 i) N( x4 D+ _4 ?$ B+ \4 H بۇ جەرياندا ساۋاقداشلارنىڭ ئېلىكتىرونلۇق ئىملا تۈزەتكۈچىسى توغرىسىدىكى سۇئالىغا بەرگەن جاۋابى ھەممەيلەننىڭ دېققىتىنى ھەممىدىن بەك جەلب قىلدى. ئالىم ئەپەندى بۇ توغرىسىدا توختىلىپ:« ئىملا تۈزەش دېتالى توغرىسىدا بىز بۇرۇنلا ئىزدەنگەن. ئىملا لۇغىتىدە سۆزنىڭ تۈپ سۆز شەكلى بولىدۇ، بىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ تۈرلىنىش قانۇنىيىتىنى ماتىماتىكىلىق قائىدىگە سىلىپ بىر ئامبار تۈزۈپ، كۆپ ئىشلىتىدىغان سۆزلەرنى ئامبارغا قاچىلاش بىلەن بىر دېتال ياسىغان. بىز توپلىغان سۆز ئامبىرىدا بىر بىرىگە ئوخشىمايدىغان 60 مىلىيونغا يېقىن سۆز بار. ئەمما مەسىلە شۇكى بىزدە ئىملا بەك تۇراقسىز. تولا ئۆزگەرگەچكە ئەمدى دىتالنى بازارغا سالايلى دېگەندە يەنە ئىملا ئۆزگەرگەنلىك خەۋىرى يېتىپ كىلىدۇ. توردىكى نۇرغۇن ماتىرياللارمۇ ئىملا مۇقۇملاشمىغانلىقى سەۋەپلىك ئەخلەت ماتىريال بولۇپ قىلىۋاتىدۇ. بىز ھازىر ھەممىنى تولۇق ھازىرلاپ بولدۇق، ئامبار يېتەرلىك ھازىرلاندى ئەمما ئىملا مەسىلىسى ھەل بولمىغاچقا بىر ئىش قىلغىلى بولماي قېلىۋاتىدۇ» دېدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرى بىزگە باشقىچىلا تەسىر قىلدى. بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر ئىلىكتىر تېخنىكىچىلىقىنىڭ بۇ نەتىجىلىرىدىن سۆيۈنسەك بىر تەرەپتىن بىزدەك كەسپىي بالىلارنىمۇ ئىزچىل بىسەرەمجان بولۇپ كېلىۋاتقان ئىملا زىدىيىتىنىڭ بۇ تېخنىكىلق خىزمەتلەرگىمۇ چوڭ دەخلى، توساق بولىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، مۇرەككەپ تۇيغۇلار ئىچىدە نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئويلاپ ئۈلگۈردۇق.
; w0 p# W4 P& a T; `. ^1 W ئاخىردا، ئالىمجان ئەپەندى بىزگە تۇرمۇش نىشانى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش مەقسىتى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ كېلىپ، سۆھبەتكە قاتناشقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن ئۆزىنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش نىشانى تۇرغۇزۇش ۋە ئارزۇ-ئۈمىدلىرى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئاخىرىدا بۇ كۆڭۈللۈڭ سۆھبەت ئۇستازىمىز موللا نىياز مۇئەللىمنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، "ئەھمىيەتلىك سورۇنىمىز شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى."
/ M F( w, \' ~/ f4 D9 @' s
5 h: n9 e) l7 T' n3 X; N# @, D" J! O" l. @
; _$ @6 j6 l: {
سۆھبەتنىڭ پۈتۈن جەريانىنى تەپسىلىي خاتىرە قالدۇرۇشقا ئىمكانىيەت بولمىغاچقا، تۆۋەندە سۆھبەت جەريانىدا ئالىمجان ئەپەندى دېگەن بىر قىسىم نادىر جۈملىلەرنى بولسىمۇ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشنى لايىق كۆردۈم.
4 i7 R0 O# H. o. K
3 t/ X- Z, a, B% D1 Rبېزنىڭ يېزىقىمىز ھىچقانداق گۇناھكار ئەمەس، كومپىيۇتىرغا ئۇيغۇر يېزىقىنى كىرگۈزەلمەسلىك ياكى يۆنىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالماسلىق ئەمىلىيەتتە بىزدىكى مەسىلە.+ [; b7 S3 f# f8 j% O2 D c) U0 T
( W+ ~1 t3 F; b$ jبىز قىيىنچىلىقتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايمىز، بۇ ھالدا ياخشى روھى ھالەتنى ساقلاپ قېيىنچىلىقنى بەخت دەپ تونۇش كېرەك. قېيىنچىلىق بەك چوڭ بولسا كۈچىمىز يېتىدىغان كىچىك تارماقلارغا بۆلۈپ ئاز-ئازدىن ھەل قىلساق تامامەن بولىدۇ، ئەمما ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ.3 ]6 O# W1 r0 I0 _) T2 D4 W
6 U5 V2 {* P$ M& w1 Q k$ sئانا تىلغا پىششىق بولسا تىل ئۈگۈنۈش قولاي بولىدۇ. ئۇيغۇرچىدا ئېنگىلىزچىغا ئوخشايدىغان 2500 دەك سۆز بار. دېمەك ئانا تىلغا پىششىق ئادەم بۇلارنى ئۈگەنمىسىمۇ بولىدۇ. مۇشۇنداق سېلىشتۇرما قىلىپ پايدىلانساق جىق ئۈنۈم ئالالايمىز.$ E6 e) i6 t4 _5 m: ~. F
$ `) [% M" E l% T
ئادەم ئۆزىدىكى بايلىقنى بايقاشقا ماھىر بولىشى كېرەك. قىلالمايمەن دېسەك مەڭگۈ قىلالمايمىز. تېرىشساقلا ئېرىشىدىغان ئېھتىماللىقمۇ ھەرگىز نۆل بولمايدۇ.2 E7 S% e( |% t+ L2 i3 A
a; \% d4 U( l0 _5 Nھۈنەرۋەننى ئۇستا قىلغان ئۇنىڭ جابدۇق، سايمىنى. ھۈنەرۋەن ياخشى بولۇپ، سايمىنى ياخشى، ئىددىيسى توغرا بولمىسا، ھۈنەر قىلسىمۇ نەتىجىسى ياخشى چىقمايدۇ.' g: e" ^, _8 S% J# c
/ m7 m! s2 S" k& ]$ q. Vشەيئىلەردىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپىدىغىنى كاللىدۇر، ئۇ ئىدىيەنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئىش قىلغاندا ئىدىيە ناھايىتى مۇھىم./ @; y1 y$ Y; V* T0 S
0 O" X8 M0 @+ c. Mكۆز، قۇلاق، قول، پۇت ھەممىسى ئىككىدىن، ئەمما ئېغىز بىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېغىزنىڭ ئىچىگە چىش شەكلىدە 32 ياساۋۇل قويۇلۇپ چەكلىۋىتىلگەن، شۇڭا كۆپ كۆرەيلى، كۆپ ئاڭلايلى، پۇت-قولىمىزنىمۇ كۆپ ئىشلىتەيلى ئەمما ئاز سۆزلەيلى.
2 o& R$ e7 ~$ @0 W; F- i * V% p: Q. u) y! z
20 ياشتىن بۇرۇن ئادەمدە چوقۇم بىر كىشىلىك نىشان تىكلىنىشى كېرەك. ئەگەر نىشان ئويلىمىسا ياكى تۇراقسىزلىق قىلسا ۋاقىت بىكار زايا بولىدۇ.4 t. y; m# j3 ~+ i0 o) e! G7 G
* d6 L! C* s- u( n) I, X
مەن ئۈچۈن ئەڭ ئېغىر كېلىدىغىنى ئۆز ئەمگىكىنى ئۆزى يوق قىلىش. ئۆز ئەمگىكىنى ئۆزى زايا قىلىش ھەقىقەتەن بەك ئېچىنىشلىق ئىش. ئاخىرغا چىقىرالماي زايا قىلىدىغان ئەمگەكنى قىلماسلىق كېرەك. (چەتئەل تىلىنى بىرەر يىل ئۈگۈنۈپ يېرىم يولدا ۋاز كېچىش دېگەندەك...)$ W4 R! I, \# l+ U
4 Y2 g4 I! f. u( G# T- a5 Y7 T
دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالەمشۇمۇل مەسىلىنى ھەل قىلىۋاتقان كومپىيۇتىرنى بىزنىڭ 32 ھەرپىمىزنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلالماپتۇ دېسە مەسىلە كىمدە؟ بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇر تىل-يېزىقى كومپىيوتىرغا ياخشى ئىشلىمەيدىكەن دېيىشكە پەقەت ئىمكانىيەت قالمىدى.
1 q" i' ~! h* V + _ Z% p% c$ G
ۋاقتىمىزنى ئەتىراپلىق ئىشقا سەرپ قىلىپ، كىچىك ئىشلاردىمۇ پايدىلىق تەرەپنى قوبۇل قىلىشقا تېرىشساق چوقۇم ياخشى نەتىجە چىقىدۇ.
6 Z( u# y! E0 y! A! O, J3 P2 I5 v/ F
9 f2 b4 h( [% Z* O/ M3 b: \باشقا تىلنى چۈشۈنۈش سەۋىيىمىزدىمۇ مەسىلە يوق ئەمما ئاڭلىتىش، پۇل ئېلىش ماشىنىسى، يانفون قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇرچىلىشىشى ئادەمگە ئىپتىخار ھەم ئىلھام بولىدىكەن.
M3 Q6 V, L0 c9 u, Y : w2 k, Q! K7 V6 ?% O- C
ياشلىقتا نېمە ئىش قىلسا يارىشىدۇ ئەمما ئادەم قېرىغاندا ئاندىن ۋاقىتنىڭ قەدىرىگە يېتىدۇ.# b4 T% E5 }. ] f9 B( c5 u
; i( G% H4 b3 k
يومشاق دېتال ئىشلەش بىر مىللەتنى ئەمەس بەلكى مەدەنىيەت، تېخنىكا كۈچى ۋە مۇلازىمەتنى ئاساس قىلىدۇ./ C8 s2 K& o$ e( |. @7 m- O5 Z9 `
7 M0 c' x, T% U" S" _9 y8 e4 I* [ئىزباسار تەربىيلەشتە، ئادىمىيلىك پەزىلىتى ياخشى بولسا تېخنىكىسى تۆۋەنرەك بولسىمۇ تولۇقلاپ كەتكىلى بولىدۇ ئەمما پەزىلىتى ياخشى بولمىسا ئاپەت بولىدۇ.; g* R' q" C) w( W& N$ f4 l
% l$ _2 j8 k% g% ~ E' @! H! B2 R
(ئۇيغۇر ئىلىكتىرون ساھەسىدىكى رىقابەتكە قارىتا) بىز رىقابەتلەشمەي ئۆزىمىزگە خاس يولنى تېپىشىمىز مۇمكىن. ئەمما بىز يېلتىزىمىز بىر ھەر شاخقا بۆلۈنۈپ كۆكلىگەن دەرەخكە ئوخشايمىز، مەيلى قانداق كۆكلەيلى خەلققە سايە بېرەلىسەكلا بولدى./ d" C7 Y s. R
* [% F2 L4 i' s) `) b8 \9 jبىز مەڭگۈ ئوقۇغۇچى ۋە ئىزدەنگۈچى.
5 L& F, D5 M4 i* R* o
* M7 E8 C& U `$ M" z7 E«ئادەمنىڭ پۇلى 100 مىلىيونغا يەتكەندە، پۇل قىممىتىنى ئۆزلىكىدىن يوقىتىدۇ.»-بېل گەيتىس4 k4 v Y1 f6 p( F) T, [
, @- F* i* Q: `, ?8 Y1 N) n. C: N
ئادەم بىر نەرسىنى تاما قىلىپ ياشىماسلىقى، غەيرەت قىلىپ باقاي، سىناپ باقاي، قېلىپ باقاي دەپ سۇس ئويلىماسلىقى كېرەك.
1 n7 H$ T3 `' M7 X تۆۋەنگە ئەمەس يوقۇرىغا قاراپ ئېنتىلىڭلار.: I1 n6 B6 J' ~% v3 Y
( k% y4 R2 G4 {1 \8 S/ M! k
ئىلاجسىز قالغاندا، ئادەمنى ئېزىدىغان، ھېسداشلىقىنى قوزغايدىغان دەرىجىگە چۈشۈپ قالماي، پىلان ئۈچۈن ياشاپ بېقىشقا تېرىشىش كېرەك. چۈنكى ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ رىسىقى بولىدۇ. % ]- o/ I9 a8 C7 U5 s6 w
ماتىرىيالنىڭ مەنبەسى www.jahalat.com |
 مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[ 教程]
-
ھەممە باھا نومۇرى : قىزغىنلىق + 5
تىللا + 5
تۆھپە + 5
باھا خاتىرىسى
|