| 
 
 خەۋەرگەنجۇ قاغىن ( مىلادى 7 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن 8 - ئەسىرنىڭ ئۆتتۇرلىرىغىچە ياشىغان ) ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئاتاقلىق تىببىي تەرجىمانى ۋە مەشھۇر تىۋىپ  بولۇپ ، ئۇدۇنلۇق ئۇيغۇر . 
2 A2 S3 N) @6 e' Z# P8 ^; c0 Q' r# Wمىلادى 710 - يىلى تاڭ سۇلالىسى مەلىكىلىرىدىن چۈەن چىڭ مەلىكە شىزاڭغا ئەۋەتىلىپ ، تىببەتلەر خانلىقىنىڭ تۆتىنچى ئەۋلات پادىشاھى چىدې زۇزەن  ( مىلادى704 - 754 - يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان ) غا ياتلىق قىلىنغان . مەلىكە چۈەن چىڭ بىللە ئېلىپ بارغان زور بىر تۈركۈمدىكى تىببىيى ئەسەرلەر گەنجۇ قاغىن يىتەكچىلىگىدە خەنزۇ راھىب ( تىۋىپ ) شيەن رۇ ، زاڭزۇ تەرجىمانلاردىن جڭبۇزىسى  ، چىڭبۇ دۇنجۇ ، جۆلامىنبا  قاتارلىقلار تەرپىدىن تىبەتكىچە تەرجىمە قىلىنغان . گەنجۇ قاغىن يەنە خەنزۇ راھىب ۋۇجىڭ ۋە زاڭزۇ تەرجىمان ۋىي لۇزانا  قاتارلىقلارغا يىتەكچىلىك قىلىپ ، نۇرغۇنلىغان تىببى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغاندىن سىرىت ، تىبەت خەلقى ئارىسىدىكى تىبابەتكە دائىر تەجىربىلەر ۋە ئۆز يۇرتىدىكى ھەمدە چەتئەلدىكى تىبابەتكە دائىر تەجىربىلەرنى قۇبۇل قىلىپ ، تەرگە« يۆجى ياۋجىن » ( ئاي كەبى دورىلار بىلەن كېسەللىك داۋالاش ) دىگەن داڭلىق تىببىي ئەسەرنى تۈزۈپ بەرگەن 
  
                                                   كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق  |