خەۋەرجان باشلاق ( شىراخان ) مىلادى 8 - ئەسىردە ياشىغان ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى ، ئۇ ، چەرچەندە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە ياش چېغىدىلا تىبابەتچىلىك ئىلىمىگە قىزىقىپ ، خەلق ئارىسىدىكى تىۋىپ - ھۆكىمالار ۋە بۇددا راھىبلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگەنگەن .
) u( @) _. S( E% sجان باشلاق ئەمچى ، ئاتاچى ، قام ۋە باشقىلارنىڭ ھەرخىل داۋالاش تىپلىرىنى توپلاپ ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلىمىنىڭ كۆپ ئەسىرلىك تەجىربە - ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەش ئاساسىدا ، كۆپ خىل دورىلارنى ياساش ۋە تەجىربىلەردىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ مەشھۇر ھۆكۈمالىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تۇنۇلغان . ئۇنىڭ نام - شەرىپى ئۆز يۇرتىدىن ھالقىپ قوشنا ئەللەرگە قەدەر تارقالغانلىقتىن ، تىبەت لاماسى ئۇنى تەكلىپ بىلەن شىزاڭغا ئاپىرىپ ، بىر قانچە يىل ئەتىۋارلاپ ئۆز يېنىدا تۇرغۇزغان . جان باشلاق لاسادىكى چوڭ ئىبادەتخانىدا راھىب تىۋىپلارغا ئۇيغۇر تىبابىتىدىن تەلىم بەرگەندىن تاشقىرى ، « تىرىك بەدەن ئۆلچەملىرى » ، « جەسەت رەسىم نۇسخىلىرى » قاتارلىق تىبابەتچىلىك ئىلىمىگە دائىر ئەسەرلەرنى يېزىپ ، زاڭزۇ تىبابەتچىلىكىنىڭ راۋاجلىنىشىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن ، ئۇنىڭ يۇقىرقى ئىككى پارچە ئەسىرى شىزاڭنىڭ مەشھۇر تۆت توملۇق تىببىي قامۇسىغا كىرگۈزىلگەن .چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |