ئۇيغۇر
پىرخۇيلان ( 726 - 820 - يىللىرى ) تاڭ دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر بۇددا دىنى مۇتەپپەككۇرى ، ئاتاقلىق مائارىپچى ، تىلشۇناس ، يازغۇچى بولۇپ ، ئۇ ، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئىچىدە نوپۇزلۇق ئورۇنغا ئىگە مەشھۇر تارىخى شەخىسلەر قاتارىدا ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىنىدۇ .+ b! s0 q9 z$ K C% k, x
پىرخۇيلان ( 裴 悲 ) مىلادى 736 - يىلى قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۇ قەشقەردە كۆپ ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن پىر ( خەنزۇچە خاتىرىلەرگە 裴 دەپ پۈتۈلگەن ) فامىلىلىك خان جەمەتىنىڭ ئەۋلادى ئىدى . ئۇ ياشىغان دەۋىرلەردە قەشقەر شەھىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسى ، ئىقتىسادى ، ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ ، ھەيۋەتلىك بىلىم يۇرتلىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر ئىدى . بولۇپمۇ شۇ چاغدىكى بۇددا دىنىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشى قەشقەرنى ھەرقايسى ئەللەردىكى بۇددا مۇخلىسلىرىنىڭ مۇقەددەس زىيارەتگاھىغا ئايلاندۇرغان ئىدى . ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرىق ئەللىرىدىن كېلىدىغان بۇددا مۇخلىسلىرى قەشقەردىكى بۇددا مۇتەپپەككۇرلىرى ۋە ئالىملىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئۆگىنەتتى . بۇ دەۋىردە يەنە سانسىزلىغان مۇتەپپەككۇرلار ، ئالىملار ، تەرجىمەشۇناسلار يېتىشىپ چىقىپ ، قەشقەرنىڭ مەدەنىي ھاياتىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن ئىدى .: q, B! x$ f" V6 [+ B
ئەنە شۇنداق بىر ئەۋزەل شارائىتتا ئۆسۈپ يىتىلگەن پىرخۇيلان كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا قەشقەردىكى ئالى ئىبادەتخانىلاردا زور ئىجتىھات بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلغان . بۇددا دىنىنى تېخىمۇ سېستىمىلىق ئۆگۈنىش ئۈچۈن تىل - يېزىق ئۆگۈنىشكىمۇ ئالاھىدە كۈچ سەرىپ قىلىپ ، ئۆز ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان . نەتىجىدە ئۇ كىيىنكى مەزگىللەردە بۇددا كىتابلىرىنىڭ ئەڭ قابىل شەرھىلىگۈچىسى ، بۇ جەھەتتە ئەتىراپلىق بىلىمگە ئىگە مەشھۇر تىلشۇناس ، ئالىم سۈپىتىدە زور شۆھرەت قازانغان .7 S9 D; a2 v6 B& f T; o1 @
پىرخۇيلان ئۆمۈرىنىڭ كىيىنكى چاغلىرىدا قەشقەردە تارقىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىسلام دىنىنىڭ تەسىرىدىن قورقۇپ چاڭئەنگە بېرىۋالغان . ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ يەردە « پىشىۋا ئالىم » دىگەن شانۇ - شەۋكەتلىك نامغا ۋە كاتتا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان . ئۇ چاڭئەندە 20 يىل قان - تەر ئاققۇزۇپ ، « بارلىق نوم سۆزلىكلەرنىڭ شەرھىسى » ( 一切经音义 ) ناملىق يۈز تومدىن ئاشىدىغان زور ھەجىملىك ئەسىرىنى يېزىپ تاماملىغان . ئۇ چاڭەندىكى شىمىڭ ئىبادەتخانىسى ( 西明寺 ) دا 52 يېشىدا ( مىلادى 788 - يىلى ) بۇ بۈيۈك بۇددا قامۇسىنى يېزىشقا باشلاپ ، 74 يېشىدا ( مىلادى 801 - يىلى ) تاماملىغان . ئالىم بۇ قامۇسنىڭ مەزمۇنىنى بۇددا دىنىنىڭ ئەڭ كاتتا نومى - چوڭ يوللۇقلار ماھايانا ( Mahayana ) مەزھىپىنىڭ ئەڭ تۈپ نەزىرىيىۋى ئاساسى بولغان ئەقىل - پاراسەت ئارقىلىق راھەت - پاراغەت دۇنياسىغا يىتىپ بېرىش ھەققىدىكى « ماھابخاراژنا پارامىتا سۇترا » ( Mshaprajna paramita Sutra ) دىن باشلاپ ، بۇددىزىمنىڭ پاك ئەخلاقى پەزىلىتىنى تەقدىم قىلىدىغان ۋە بۇددانى جان تىكىپ قوغدۇغىچى « 护命法 » سوتراسىدا ئاخىرلاشتۇرغان .
" T( j; p5 D$ ^# E! o- Q! Tئالىمنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئىزاھلىغان ۋە شەرھىلىگەن نوملار جەمى 5480 جىلىد ئىدى . بۇ قامۇس خارەكتىردىكى يىرىك ئەسەرنى بۇددا ئالىملىرى ، مۇتەپپەككۇرلىرى ۋە تەرجىمەشۇناسلىرى قولدىن - قولغا ئېلىپ دەرىسلىك ، لىكسىيە قىلىپ تاكى چىڭ سۇلالىسى ( 1644 - 1911 - يىللىرى ) نىڭ ئاخىرغىچە سانسىزلىغان كىشىلەر ئۇنى ئەتىۋالاپ قوللانما سۈپىتىدە ئۇقۇپ كەلگەن ., c" J# I+ V1 z- @+ x
« بارلىق نوم سۆزلۈكلەرنىڭ شەرھىسى » بۇددا نوملىرىنى ئۇقۇش قائىدىلىرىنى تىلشۇناسلىق نوقتىنەزىرى بىلەن چۈشەندۈرۈپ بىرىدىغان ۋە بۇددا ئەقىدىلىرىنى شەرھىلەيدىغان دىنى دەستۇر بۇلۇپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇنىڭغا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ، ئىنتونوگىرافىيىسىگە دائىر مۇھىم مەلۇماتلار بىرىلگەن ؛ ئۇ تىل - ئەدەبىيات ، پەلسەپە ، تارىخ ، جۇغراپىيە ، ئەدەبىيات - سەنئەت قاتارلىقلارغا ئائىت مول مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور تەربىيىۋى قىممەتكە ئىگە دەرىسلىك كىتاپ . بۇ كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەينى زاماندىكى ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ھەققىدىمۇ قىممەتلىك مەلۇماتلار بىرىلگەن .- X. k5 `6 j+ r2 Q" g7 V
ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق ئالىمى ، تەرجىمە پىشىۋاسى ، مەشھۇر پەيلاسوپ كومىراجىۋا ( 344 - 413 - يىللار ) ئۇيغۇرلارنىڭ چالغۇ ئەسۋابلىرىدىن غوڭقا ، جاللا ، بەرباپ قاتارلىقلار ھەققىدە ؛ ئۇلۇغ تىلشۇناس ، ئالىم ، جۇراپىيۇن ، ئىنتونوگىراف مەھمۇد قەشقىرى ( تەخمىنەن 1008 - 1105 - يىللار ) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىل تارىخى ساھەلىرىدە مۇھىم مەلۇماتلار قالدۇرۇلۇپ ، بىزنى بۇ ساھەلەرنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتىرىيال بىلەن تەمىنلىگىنىدەك ، پىرخۇيلانمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى ھاياتى ، تۇرمۇش ئۆرۈپ - ئادەتلىرى ، پولو ، شورپىلىرىغا ئوخشاش تائاملىرىنى تەتقىق قىلىشتا بىزنى ئىنتايىن قىممەتلىك ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ . مەسىلەن : ئۇ « بارلىق نوم سۆزلۈكلىرىنىڭ شەرھىسى » دىگەن ئەسىرىدە ۇيغۇرلارنىڭ شۇ چاغدىكى دىرامما خارەكتىردىكى ئويۇنى - سۇ - مۇز ئويۇنى توغرىسىدا توختىلىپ : « سۇ - مۇز غەربى يۇرت ئۇيغۇرلىرىنىڭ قىزىقچىلىق تۈسىنى ئالغان ئويۇنى بولۇپ ، سامۇز دەپ ئاتىلاتتى . بۇ ئويۇن كۈسەن ئېلىدىن تارقالغان . ئۇنىڭ ئۆز نەغمىسى ھېلىمۇ بار . بۇ قومتۇز ، داميەن ( چۈمپەر ) ، باتۇر ئويۇنلىرىدىەك يىرتقۇچ سۈرەتلىك يە بولمىسا جىن - ئەرۋاھلار سۈپىتىدە نىقاپ تاقاپ ئوينىلىدۇ ۋە ياكى ئۆتكەن كىشىگە لاي ، سۇ چېچىپ ياكى قۇلىغا سالما ، ئىلمەك تۇتۇپ ئۆتكەن كىشىنى تۇتۇپ ، قىزىقچىلىق قىلىدۇ . ھەر يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بېشىدا باشلىنىپ يەتتە كۈن داۋام قىلىدۇ . ئەل ئىچىدىكى رىۋايەتتە بۇخىل ئويۇن خەلققە ئاپەت سالىدىغان جىن - شاياتۇنلارنى قوغلاش ئويۇنى دەپ قارىلىدۇ ... » دەپ يازغان .7 B! J* t& @* C k# i( c8 x3 l
ئالىمنىڭ « بارلىق نوم سۆزلۈكلىرىنىڭ شەرھىسى » نىڭ داڭقىنى ئاڭلىغان كورىيەلىكلەر مەخسۇس ئەلچى ئەۋەتىپ مەزكۇر ئەسەرنى كۆچۈرۋېلىشنى ئىلتىماس قىلغاندا ، تاڭ سۇلالىسى تەرپىدىن ئۇلارنىڭ تەكلىۋى رەت قىلىنغان . كىيىن سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە كورىيەلىكلەر يەنە ئەلچى ئەۋەتىپ قايتا ئىلتىماس قىلىپ تۇرىۋالغاندا ، سۇڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى كۆچۈرىۋېلىشقا قوشۇلغان . مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياپۇنلۇقلار كېلىپ كۆچۈرۈپ كەتكەن . ئەسەرنىڭ پەيدىن - پەي شەرىق ئەللىرىگە كۆچۈرۈلمە نۇسخسىدا تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، پىرخۇيلاننىڭ بۈيۈك نامى ئەنە شۇ ئەللەرگە تارقالغان .8 H9 T* \ b2 w# ^( f+ N# C# F
مىلادى 1737 - يىلى ( چىڭ سۇلالىسى چىيەنلۇڭنىڭ ئىككىنچى يىلى ) پىرخۇيلاننىڭ ھەممە ئەسەرلىرى تولۇق بېسىلىپ ئېلان قىلىنغان . 1880 - يىلى دۆلىتىمىز مەزكۇر ئەسەرنىڭ ياغاچ ئويما نۇسخسىسنى ياپۇنىيىدىن ئالدۇرۇپ كېلىپ ، كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتقان .7 F- C7 _" h5 ~4 c+ R, ]
ئالىم پىرخۇيلان ئۆز دەۋرىدە مۇدىغا ئايلانغان ئەنەتكەك ( سان - سىكىرت تىلى ) تىلىنى ، جۇڭگۇ ( خەنزۇلار ) نىڭ ئەدەبى تىلىنى ۋە باشقا تىللارنى پىششىق ئىگەللىگەن . ئۇ ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى بارلىق خاتىرلىرىنى ناھايتى پىششىق ئۈگۈنىپ چىققان . نۇرغۇنلىغان ئالىملارنى تەربىيلەپ يىتىشتۈرگەن .
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |