يانفۇن
سۇيۈەنلى ( 素元礼 ) تاڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر سانغۇن ھەم قانۇن ئىجىراچىسى .) [0 V6 s8 T9 l* ~0 O! Y3 I% Z8 V% i/ h7 Y
« ئوكيانۇ » نىڭ 297 - بېتىدە سۇيۈەنلىنى ئۇيغۇر ( 胡人 ) دەپ تۇنۇشتۇرغاندىن باشقا ، ئۇنىڭ قانۇن ئەمەلدارى بولغانلىقىن ۋە جازانى قاتتىق يۈرگۈزىدىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن . « كونا تاڭنامە » بىلەن « يېڭى تاڭنامە » دىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا سۇيۈەنلىنىڭ ئەسلى يۇرتى ئىدىقۇت بولۇپ ، ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئىدىقۇتتىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇقىغان ھەم خۇشخەت ، رەسساملىق بىلەن مەشغۇل بولغان .
3 v. A9 Y+ b/ e- b6 C4 H5 Gمىلادى 679 - يىلى ئىدىقۇتلۇق بىر قىسىم دىن تارقاتقۇچىلار ، رەسساملار بىلەن بىللە چاڭئەنگە بارغان ھەم ئۇ جايدىكى ئۇيغۇر بۇددىسىتلار بىلەن بىللە پائالىيەت ئېلىپ بارغان . شاڭدا ئەپەندى يازغان « تاڭ دەۋرىدىكى چاڭئەن ۋە غەرىبى يۇرت مەدەنىيىتى » ( 唐代长安与西城文化 ) دىگەن كىتاۋىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، چاڭئەن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى نەچچە مىڭ بولۇپ ، ( ئۇلارنىڭ مەخسۇس كوچا - مەھەلىلىرى ، ھەم دۇكان - ئاشپۇزۇللىرى بولغان ) سۇيۈەنلىمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇرلار قاتارىدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ خىزمىتىگە جەلپ قىلىپ قاتناشتۇرۇلغان .6 [" _) w9 r$ ? }& ]! ?/ Z' @; a
ۋۇزىتىيەن تەختتە ئولتۇرغان ۋاقىتلاردا ( مىلادى 690 - 705 - يىللار ) ئۇ سەييارە قۇشۇنلار سانغۇنى ( 游击将军 ) بولۇپ تەيىنلەنگەن . كىيىن چاڭئەننى قوغداش ئۇرۇشى ۋە تاڭ سۇلالىسىگە قارىشى كۈچلەرنى بېسىقتۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ ، لوياڭ شەھىرىدىكى جازا پىرقىسىدا مەنسەپكە قويۇلغان . ① بۇ ۋاقىتلاردا ئۇ تۇتۇلغان ۋە قولغا چۈشكەن ئوغرىلارنى ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇنىغا ئىخلاپلىق قىلغان مۇشتۇمزورلارنى قاتتىق جازالاپ ، ھەربى جازالارنى ئىنتايىن قاتتىق يۈرگۈزگەچكە ، بىر ئادەمنى قامىسا نەچچە يۈز ئادەم چۈچىيدىغان ، بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ يۈرىگى پوكۇلدايدىغان بولۇپ كەتكەن . گەرچە ۋۇزىتىيەن مىلادىنىڭ 690 - يىلى تەخىتكە چىقىپلا ئۆزىنى مۇقەددەس خان ، دۆلەت نامىنى جۇ ، يىلنامىسى تىيەنشۈ دەپ ئاتاپ ئوردا ئىمتاھان تۈزۈمىنى يولغا قويغان ھەم مەخسۇس قانۇن - تۈزۈملەرنى بىكىتكەن بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا دۆلەت ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىق ئازايمىغان . ئۇ سۇيۈەنلىگە ئوخشاش جازا پىرقىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ كۈچىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان .* N+ L, U m0 O* J
سۇيۈەنلى لوياڭ شەھىرىدە تۇرغان مەزگىلىدە ، ۋۇزىتىيەننىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى سادىقلىق بىلەن ئىجىرا قىلغاچقا ، ئوردىدىكى مەنسەپدارلارنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ۋۇزىتىيەننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن چاڭئەن شەھىرىگە يۆتكىلىپ كىلىپ ، تاكى ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە خان ئوردىسىدا قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن ئەمەلدارلىرىغا مەسلىھەت بىرىش بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن . ئەپسۇسكى ، ئۇنىڭ قايسى يىلى تۇغۇلۇپ ، قايسى يىلى ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى تارىخى خاتىرىلەر بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەچكە ، ئۇنىڭ ھايات - پائالىيىتى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك توختۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە ئەمەسبىز . چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |