ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 291|ئىنكاس: 1

ناخشا تاڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇن ئەمەلدارى - سۇيۈەنلىتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

52

تېما

94

يازما

1116

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
309 سەر
تۆھپە
217 سەر
تىللا
187 دانە
جەۋھەر
0 دانە
3d سۇيۈەنلى (  素元礼 ) تاڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر سانغۇن ھەم قانۇن ئىجىراچىسى .
* B% X+ b3 l0 ]  M3 ^« ئوكيانۇ » نىڭ 297 - بېتىدە سۇيۈەنلىنى ئۇيغۇر ( 胡人  ) دەپ تۇنۇشتۇرغاندىن باشقا ، ئۇنىڭ قانۇن ئەمەلدارى بولغانلىقىن ۋە جازانى قاتتىق يۈرگۈزىدىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلگەن . « كونا تاڭنامە » بىلەن « يېڭى تاڭنامە » دىكى خاتىرىلەرگە قارىغاندا سۇيۈەنلىنىڭ ئەسلى يۇرتى ئىدىقۇت بولۇپ ، ئۇ كىچىك ۋاقىتلىرىدا ئىدىقۇتتىكى ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇقىغان ھەم خۇشخەت ، رەسساملىق  بىلەن مەشغۇل بولغان .
1 O" B  }7 o& v) i2 @مىلادى 679 - يىلى  ئىدىقۇتلۇق بىر قىسىم دىن تارقاتقۇچىلار ، رەسساملار بىلەن بىللە چاڭئەنگە بارغان ھەم ئۇ جايدىكى ئۇيغۇر بۇددىسىتلار بىلەن بىللە پائالىيەت ئېلىپ بارغان . شاڭدا ئەپەندى يازغان « تاڭ دەۋرىدىكى چاڭئەن ۋە غەرىبى يۇرت مەدەنىيىتى » ( 唐代长安与西城文化 ) دىگەن كىتاۋىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ، چاڭئەن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى نەچچە مىڭ بولۇپ ، ( ئۇلارنىڭ مەخسۇس كوچا - مەھەلىلىرى ، ھەم دۇكان - ئاشپۇزۇللىرى بولغان ) سۇيۈەنلىمۇ ئەنە شۇ ئۇيغۇرلار قاتارىدا تاڭ سۇلالىسىنىڭ خىزمىتىگە جەلپ قىلىپ قاتناشتۇرۇلغان .
9 Y8 u6 N' g& i2 Q; N' D- o# Bۋۇزىتىيەن تەختتە ئولتۇرغان ۋاقىتلاردا ( مىلادى 690 - 705 - يىللار ) ئۇ سەييارە قۇشۇنلار سانغۇنى (  游击将军  ) بولۇپ تەيىنلەنگەن . كىيىن چاڭئەننى قوغداش ئۇرۇشى ۋە تاڭ سۇلالىسىگە قارىشى كۈچلەرنى بېسىقتۇرۇشتا خىزمەت كۆرسىتىپ ، لوياڭ شەھىرىدىكى جازا پىرقىسىدا مەنسەپكە قويۇلغان . ① بۇ ۋاقىتلاردا ئۇ تۇتۇلغان ۋە قولغا چۈشكەن ئوغرىلارنى ، تاڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇنىغا ئىخلاپلىق قىلغان مۇشتۇمزورلارنى قاتتىق جازالاپ ، ھەربى جازالارنى ئىنتايىن قاتتىق يۈرگۈزگەچكە ، بىر ئادەمنى قامىسا نەچچە يۈز ئادەم چۈچىيدىغان ، بىر ئادەمنى ئۆلتۈرسە نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ يۈرىگى پوكۇلدايدىغان بولۇپ كەتكەن . گەرچە ۋۇزىتىيەن مىلادىنىڭ 690 - يىلى تەخىتكە چىقىپلا ئۆزىنى مۇقەددەس خان ، دۆلەت نامىنى جۇ ، يىلنامىسى تىيەنشۈ دەپ ئاتاپ  ئوردا ئىمتاھان تۈزۈمىنى يولغا قويغان ھەم مەخسۇس قانۇن - تۈزۈملەرنى بىكىتكەن بولسىمۇ ، ئەمما يەنىلا دۆلەت ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىق ئازايمىغان . ئۇ سۇيۈەنلىگە ئوخشاش جازا پىرقىسىنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ كۈچىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشقان .
8 Z7 y8 X, a. x7 E  J$ D7 jسۇيۈەنلى لوياڭ شەھىرىدە تۇرغان مەزگىلىدە ، ۋۇزىتىيەننىڭ ئەمىر - پەرمانلىرىنى سادىقلىق بىلەن ئىجىرا قىلغاچقا ، ئوردىدىكى مەنسەپدارلارنىڭ دىققەت ئىتىبارىنى قوزغىغان . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇ ۋۇزىتىيەننىڭ پەرمانىغا ئاساسەن چاڭئەن شەھىرىگە يۆتكىلىپ كىلىپ ، تاكى ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىغىچە خان ئوردىسىدا قانۇن يۈرگۈزۈش ۋە قانۇن ئەمەلدارلىرىغا مەسلىھەت بىرىش بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن . ئەپسۇسكى ، ئۇنىڭ قايسى يىلى تۇغۇلۇپ ، قايسى يىلى ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى تارىخى خاتىرىلەر بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەچكە ، ئۇنىڭ ھايات - پائالىيىتى ھەققىدە كەڭ دائىرىلىك توختۇلۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە  ئەمەسبىز .

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

0

تېما

3

يازما

36

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
6 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
20 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-6 18:07:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...توغرا.,..مەن ياقتۇردۇم  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗