3d
كۆك تۈرۇك خانلىقىنىڭ خاقانى بىلىگە ( ۋاپاتى 734 - يىل ) خاتىرىسىگە 735 - يىلى ئورنىتىلغان مەڭگۈ تاشنىڭ غەرىبى - جەنۇبى يۈزىگە ئويۇلغان : « بىلگە خاقان بىتىگىن يوللۇغ تېكىن بىتىدىم . بۇنچا باقىغ بەدىزىگ ... خاقان ئاتىسى يوللۇغ تېكىن مەن ئاي ئارتۇقى تۆت كۈن ئولتۇرۇپ بىتىم ، بەدىزتىم ... » ( مەنىسى : « بىلگە خاقان ( مەڭگۈ تاش ) ( ؟) ... بىلگە خاقاننىڭ جىيەن ئوغلى مەنكى يوللۇغ تېكىن بىر ئاي ، تۆت كۈن ئولتۇرۇپ يېزىپ چىقتىم ، زىننەتلىدىم ...» ) دىگەن سۆزلەرنى ۋە بىلگە خاقاننىڭ خاقانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش ۋە مۇستەھكەملەش يۇلىدا زور خىزمەت كۆرسەتكەن ئىنىسى كۆل تېكىننىڭ تۆھپىسىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ۋاپاتىدىن ( مىلادىنىڭ 731 - يىلى 47 يېشىدا ۋاپات بولغان ) بىر يىل كىيىن ئورنىتىلغان « كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشى » نىڭ جەنۇپ تەرىپى 13 - قۇردىكى : « بىتىدىم ئانى كۆرۈپ ئانچە بىلىك ئول تاش ... دىم . بۇ بىتگ بىتىگمە ئاتىسى يوللۇغ تېكىن » ( مەنىسى : « يازدۇردۇم ، ئۇنى كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار ، ئۇ تاش ... مەن ... دىم . بۇ مەڭگۈتاشقا خەت يازغۇچى جىيەن ئوغلى يوللۇغ تېكىن » ) دىگەن سۆزلەرنى ھەمدە كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرقى جەنۇب تەرىپىدىكى يۇقىرقىغا ئوخشاش بايانلارنى ئۇقىغىنىمىزدا بۇ ئىككى مەڭگۈ تاش تېكىستىنىڭ بىلگە خاقاننىڭ ئېيتىپ بىرىشى بىلەن ، ئۇنىڭ جىيەن ئوغلى يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن يېزىپ چىقىرىلغانلىقى ، شۇنداقلا ، يەنە يوللۇغ تېكىن تەرىپىدىن مەڭگۈتاشلارغا ھۆسىن خەت قىلىنىپ نەقىشلىنىپ يېزىپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلىمىز .% `; |9 L& v$ a4 d
بىلگە خاقان ، كۆل تېكىن مەڭگۈ تاشلىرى خۇددى تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىغا ئوخشاشلا شۇ دەۋىر رېئاللىقىدىن گۇۋاھلىق بەرگۈچى مۇھىم تارىخى ھۆججەت بولۇپلا قالماي ، شۇ دەۋىر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى تەتقىق قىلىشتىمۇ زور قىممەتكە ئىگە . ئۇ بىزگە قەدىمكى تۇركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ بەدىئىي ئەدەبىياتىدا مەۋجۇت بولغان شەكىللەرنى ، ئوبرازلىق تەپەككۈر ۋە بەدىئىي تەسەۋۋۇر ئېلىمىنتلىرىنى ئايرىپ چىقىپ ، بىزنىڭ ئەنە شۇ مەزگىلدىكى يازما ئەدەبىياتىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدە رۇشەن چۈشەنچىگە ئىگە بولىسشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ .
' [! g: {9 b4 x1 j مەڭگۈ تاش تېكىستلىرى شۇ دەۋىردىكى تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنىڭ ئەدەبىيات ئەنئەنىلىرىنى ئۆزىدە تولۇق ئەكىس ئەتتۈرگەن ، ھەم قەھرىمانلىق داستانلىرى ، ئەدەبىي تەزكىرە ھەم نەسىر ، ھەم شېئىر خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولغان بىر خىل ئالاھىدە بەدىئىي شەكىلدۇر . كۆل تېكىن مەڭگۈ تېشىدىن ئېلىنىپ ، شېئىرى تۈسكە كىرگۈزۈلگەن تۆۋەندىكى قۇرلار بۇ پىكىرنىڭ مەلۇم ئىسپاتى بولالايدۇ .
, `0 Z7 i$ T5 x+ B& m
& g h# z' |/ b" K3 @; y« ئۆتۈكەن يىر ئولۇرۇپ ،5 @/ `# Y* e+ P+ {& [
ئارقۇ ، تىركىش ئوسەر .
0 E. Z/ T& J) @9 p: _نەڭ بوڭۇغ يوق ،
7 n- K( ^0 _) W4 q: xئۆتۈكەن يىش ئولۇرسەن » .& C! M8 W% T4 A3 Q% h
+ p6 k3 U0 v: c$ O2 }: j7 |مەنىسى :
# r) u3 ~( n' ?' t5 u" E |& R4 ]+ Z: G# T8 M! {7 m
ئۆتۈكەن يىرىڭ بولسا ،5 l' J3 t3 H, t/ n8 T
پەقەت كارۋان جۈنەتسەڭ .8 ^/ R( d5 o1 K4 e/ q2 z5 o
قايغۇ - غېمىڭ بولماس ،# w6 Y( b( @5 o z% ^" K _4 n; s! S' s
ئۆتۈكەن تېغىدا تۇرساڭ .1 X5 E2 S% P* k* w, `
) I- W$ s) v8 H6 C; E+ D
يوللۇغ تېكىننىڭ تۇغۇلغان ۋە ۋاپات بولغان ۋاقتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق . لېكىن ئۇ يازغان ئىككى مەڭگۈ تاش تېكىستىدىن بىز ئۇنىڭ 8 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ياشىغانلىقىنى بىلىۋالالايمىز .
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |