ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 458|ئىنكاس: 1

سادىر پالۋانلۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

52

تېما

94

يازما

1116

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
309 سەر
تۆھپە
217 سەر
تىللا
187 دانە
جەۋھەر
0 دانە
يانفۇن سادىر پالۋان 1798- يىلى ھازىرقى غولجا ناھىيىسىنىڭ مولتوختى يۈزىدىكى يانچى ئەخمەت قارىقاش ئائىلىسىدە تۇغۇلىدۇ.
& ]* U0 D3 i) m1 H* U. 1762- يىلى 10- ئايدا چىڭ ئوردىسى ئىلىدا جاڭجۈن مەھكىمىسى تەسىس قىلىپ، پۈتۈن شىنجاڭغا بىۋاستە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. ئىلى جاڭجۈنگە قاراشلىق مانجۇ چىرىكلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋاباتلىرىنى ھەمدە ھەر قايسى شەھەرلەردىكى مانجۇ مۈلكىي، ھەربىي ئەمەلدارلارنىڭ تەمىناتىنى قامداش، ئۇلارنى ئوزۇق - تۈلۈك بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈش جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قەشقەر، يەركەن، خوتەن، ئاقسۇ، كۇچا، تۇرپان، قۇمۇل قاتارلىق جايلاردىن ئۆزىگە خەۋپلىك دەپ قارالغان كىشلەردىن بىرىنچى قېتىمدا 6000، ئىككىنچى قېتىمدا 2000جەمئىي 8000 تۈتۈننى ئىلىغا يانچى قىلىپ پالايدۇ. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت ئاشۇ بىرىنچى قېتىم كۆچۈرۈلگەن تۈتۈننىڭ بىرى ئىدى.
3 r0 t; E$ B5 t. شۇ چاغدا جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىلىغا پالانغانلار ئەڭ يېقىن يول دەپ ھېسابلىنىدىغان مۇزداۋان يولى بىلەن ئىلىغا كۆچۈرىلىدۇ. بۇ كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان بۇ مۇز داۋاندا دەھشەتلىك ھاڭ، يوشۇرۇن مۇز - قار ئۆڭكۈرلىرى، مۇز يېرىقلىرى بار ئىىدى. ئالدىنقىلار ماڭغان يولىغا مۇز، تاش پارچىلىرىنى بەلگە قىلىپ قوياتتى. كېيىنكىلەر شۇ ئىز بىلەن ماڭاتتى. ئات - ئۇلاغلار، ئالدىنقى ئۇلاغلار، ئالدىنقى ئۇلاغلارنىڭ ئىزىنى بويلاپ تەسلىكتە ماڭاتتى. بۇ ئىگىز مۇز تاغ ئۈستىگە ئەتىگەن سائەت تۆت بىلەن داۋان يولىغا ماڭغان ئادەملەر داۋانچىلار مۇزنى چوقۇم ياسىغان پەلەمپەيلەرگە كېگىز، پالاس ۋە جۇۋا، چاپانلاردىن سېلىپ ئات - ئېشەكلەرنى ( تۆگە ماڭالمايتى ) ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرى داۋانچىلارنىڭ ياردىمىدە مۇز داۋان ئۈستىگە چىقاتتى. داۋان ئۈستى بىردەم - بىردەم ئاق - قارا بۇلۇتلار ۋە قېلىن قارلار بىلەن قاپلىنىپ ئۈچ مېتىر ئالدىدىكى نەرسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. بۇنداق چاغلاردا ئادەم ئۇلارغا چوڭقۇر ھاڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتى. ھاۋا ئوچۇق بولغان چاغلاردا، ھاڭدىن غۇلاپ كېتىپ ئۆلگەن ئات - ئۇلاغ، ئادەملەرنىڭ جەسەتلىرى، سودىگەرلەرنىڭ مال - مۈلىكى كۆرۈنۈپ تۇراتتى.
- @6 n9 U; t  Y% ?& j+ m  u# y. شۇ قېتىمقى كۆچە - كۆچتە نۇرغۇن كىشلەر مۇز داۋانىدا ئىس - تۈتەك ئېلىپ كېتىپ مۇزلاپ، ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلگەن ئىدى. شۇڭا مۇز داۋاندىن ساق ئۆتەلىگەن بىچارە كىشلەر ئۆزلىرىنىڭ تارتقان چەكسىز دەرد - ئەلەملىرىنى مۇنداق قوشاق بىلەن ئىپادىلەشكەن ئىدى:. بۇ تاغلار ئېگىز تاغلار،
7 d# B5 L7 ?5 B' J. غېرىپنىڭ يولىنى باغلار.! e1 |1 [2 t2 K0 S' W
. غېرىپ ئۆلسە كىم يىغلار،. غېرىپقا غېرىپ يىغلار.4 P# }  m4 W+ z- N- s$ l+ ~) a
. يانچىلار ئىلىغا چىققاندىن كېيىن دەسلەپ قوتان تام دېگەن جايغا ئورۇنلاشقان. كېيىن ئىلى دەرياسى بويىدىكى قاينۇق، قاش، بولغۇجىر، جىرغىلاڭ، تاش ئۆستەڭ، بالتۇقاي، خۇنۇخاي، دادامتۇ، ئارا ئۆستەڭ قاتارلىق ئۇيغۇر مەھەللىلىرىگە تارقاق ئورۇنلاشقان ئىىدى. سادىرنىڭ دادىسى ئەخمەت دەسلەپ ئارا ئۆستەڭگە تەقسىم قىلىنىدۇ. كېيىن ئۇ خوتەن قارىقاشلىقلار ئورۇنلاشقان خوتەن مەھەللىسىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. بۇ مەھەللە كېيىن << قاش مەھەللىسى >> دەپمۇ ئاتىلىدۇ.. D  z8 R; x8 d5 f: r' r* V
. يۇقىرىقى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلار مانجۇ ئىستىبداتلىرى تەرىپىدىن ئۆستەپ چېپىپ قاغچىرىغان باياۋانلار، چۆل - جەزىرىلەرگە سۇ چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ئۆي - ماكانسىز بۇ جەزىرىدە ئېغىر ئەمگەك قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار بالا - چاقىلىرى بىلەن ئۆچۇق - يورۇق دالىلاردا ھايات كەچۈرىدۇ. ئۆستەڭ چېپىش زۇلىمىنىڭ نەقەدەر ئېغىرې ئىكەنلىكىنى ئۇلار تۆۋەندىكى قوشاقلار بىلەن بايان قىلىدۇ:
: s2 Q1 }: I  K1 t$ |$ v. ئۆستەڭنىڭ تېگى قاتتىق،
" |8 V  W$ `3 L4 m: T. چاپسا كەتكەن ئۆتمەيدۇ.% |4 A" C: l, ^( k: B7 j
. مانجۇ تۇڭچىسى بەگلەر،8 S# @8 {* @" v' G+ N( L& \
. بېشىمىزدىن كەتمەيدۇ.. مانجۇ ئىستىبداتى يانچىلارنى قورغان سوقۇش، ئۆي سېلىش قاتارلىق ھەر خىل ھاشار - سېلىقلارنى ئادا قىلىشقا مەجبۇرلاپلا قالماستىن، بەلكى، ئۇلارنى يەر تېرىپ، مانجۇ دائىرىلىرىگە ئاشلىق سېلىقى تاپشۇرۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ. دەسلەپتە مانجۇلار ھەر بىر تۈتۈندىن 16خو، كېيىنرەك 32خودىن ئاشلىق سېلىق سالىدۇ. پۈتۈن ھوقۇق مانجۇ ھاكىمىتىدە بولۇپ، ئەمەلدارلار ھەر خىل يول بىلەن پارە ئېلىپ قاقتى - سوقتى قىلىدۇ. مانجۇ ئەمەلدارلىرىنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى تىزلىنىپ تازىم قىلاتتى. مانجۇلارنىڭ مۇشۇنداق زورلۇقى ئاستىدا بىر ئەسىردىن كۆپرەك ئازاپ چەككەن ئۇيغۇرلار مۇشۇ قوشاقلارنى ناخشىغا قېتىپ ئېغىر كۈنلەرنى بايان قىلىدۇ:
+ n& j" |7 s  `% I$ r: k! N; T. جاننى چىرتىپ ئەتتى., s+ h* R) i, B8 {4 G
. ئالۋانچىلارنى دەرەي. & A! o( s! b, F7 S0 }
. جاندىن تويۇپ كەتتى.2 J( S- u. M& v& O1 u! w9 H
. تۇڭچىلارنى زەرەي* c  W( h# e4 I( t$ Q$ ~& Q5 j
. سادىر كىچىكىدىن شوخ - تېتىك، خۇشخۇي ۋە جاسارەتلىك چوڭ بولغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ جاپا - مۇشەققەتتىمۇ ، راھەتتىمۇ ئائىلىسى ۋە خەلق بىلەن بىللە بولغانلىقى ئۈچۈن زالىمغا بولغان غەزەپ - نەپرىتى، ئېزىلگۈچى خەلقلەرگە بولغان سۆيۈنىشى كىچىكىدىن پىشىپ يېتىلگەن. ئۇ ھەر قېتىم خەلقنىڭ دەرد - ئەلەم بىلەن تولغان مۇڭلۇق ناخشىلىرىنى ئاڭلىغاندە غەزەپكە يولسا، ئەركىنلىككە تەلپۈنگەن باتۇر ھەركەتلىرىنى كۆرگەندە ئۆز غايىسىنى يېتىلدۈرۈشكە بەل باغلىغان.پىشقەدەملەرنىڭ بايانىغا قارىغاندا سادىر ئىگىز بويلۇق، كەڭ كۆكسىلىك، غەيرەت - جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان، ناھەق ئىشلارغا چىداپ تۇرالمايدىغان، ھەققانىيەتچى كىشى ۋە ئۇستا قوشاقچى ئىىدى. سادىر قاتمۇ قات زۇلۇمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن، ئېغىر ئالۋان - ياساقنى تاپشۇرالمىغانلارنىڭ ئاللىغا يېتىپ، مەزمۇملار تەرەپتە تۇراتتى. شۇ چاغدا ئالۋان - ياساقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆل - جەزىرىلەرگە قېچىپ كەتكەنلەر ئاز ئەمەس ئىدى. زالىملار ئۇلارنى << قاچاقلار >> دەپ ئاتايتتى. ئۇلارنى تۇتماقچى بولسا، سادىر ئۇلارنى ھېمايە قىلاتتى. سادىر ئاخىر بۇ << قاچاقلار >> نى قوزغاپ ئوقيا، نەيزا، ئايپالتا، چوماق ۋە قىلىچ بىلەن قۇراللاندۇرۇپ، مانجۇ چىرىكلىرى بىلەن ئىلىشىدۇ. شۇ كۇنلەردىن باشلاپ << سادىر پالۋان >> دەپ ئاتىلىدۇ.+ w$ ~" [  j) ^0 b7 T2 `
. ئىلى جاڭجۈنى كۆپ قېتىم سادىرنى تۇتۇش ھەققىدە پارمان چۈشۈرىدۇ. خەلق سادىر تەرەپتە تۇرىدۇ. سادىرنىڭ تۇتۇلۇپ قالغان ۋاقىتلرىمۇ بولىدۇ. ئۇ زىندانغا قامالغان ۋاقىتلىرىدا ئۇستىلىق بىلەن قېچىپ چىقىپ كۆرەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ مانجۇ ئىستىبداتى بىلەن قىلغان كۆرەشلىرىنى مۇنداق دەپ قوشاققا قاتقان ئىدى:) P! U/ {# r( E  \) N8 N! H
. سادىر دەپ ئېتىم يامان،
5 L4 \- F9 D; F  C0 i5 M$ k. ئونبەش ياشتا ئاتالغان.
( F, @" f: t& w; _' e6 b. دەسلەپ تۇتۇلغاندا،8 L* O+ O" E0 {! l
. قۇمۇل ۋاڭغا پالانغان.
, q3 ]% D* H4 V. يامۇلنى تىشىپ قويۇپ،
! P2 h7 z5 v5 x) `& D) V. ئىككى چىقتىم تالاغا.. مىنى باققان بەش يايى،
( D4 U$ m  @; W# a$ V, t. ئەمدى قالدى بالاغا. مانجۇ ئىستبداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭى 19- ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدىن باشلاپ ئالدى بىلەن باشلاپ ئالدى بىلەن خەنزۇ خەلقىدىن باشلىنىدۇ. 1863- يىلىنىڭ ئاخىرىدا گەنسۇ، شەنشى، نىڭشىيا ۆلكىلىرىدىكى خۇيزۇلار ئارىسىدا ۋە 1864- يىلى شىنجاڭنىڭ شىمالى، جەنۇبىدىكى جايلاردا قوزغىلىدۇ. ئىلى ۋىلايىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قوزغىلىڭى دەل شۇ چاغدا باشلىنىدۇ. سادىر پالۋال ئىلى ۋىلايىتىدە پارتىلىغان قوزغىلاڭنىڭ قاتناشقۇچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ) F0 h6 c# i! J
. 1861- يىلى 3000دىن ئارتۇق قوزغىلاڭچى غۇلجا شەھرىگە ئىككى داپقۇر ئومۇمىي يۈزلۈك ھۇجۇم قىلىدۇ، شەھەر خەلقى ئىچىدىن ماسلىشىدۇ. نەتىجىدە ئون كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن غۇلجا شەھىرى ئازاد قىلىنىدۇ.
8 X8 U; ~! r0 T/ s" |1 p. قارىغاندا سادىر پالۋان 1864- يىلى چىلپەڭزىگە ھۇجۇم قىلغاندا 40 ئۆچكىنىڭ مۇڭگۈزىگە باغلانغان شامنى ياندۇرۇپ قويۇپ، قۇيرۇقىغا پۇجاڭزا باغلاپ ئوت تۇتاشتۇرۇپ چىلپەڭزىگە قارىتىپ قويۇپ بەرگەن، شام يورىقى ۋە پوجاڭزىنىڭ ئېتىلىشىدىن چۆچىگەن چىلپەڭزا ئامبىلى تىزلا تەسىلىم بولغان. بايانداي ئۇرۇشىدا سادىر پالۋان ئۆزىنىڭ ئۈچ ئوغلى بىلەن سىپىلنىڭ ئاستىغا لەخمە كولاپ بېرىپ دورا كۆمۈپ سېلىپنى پارتىلىتىدۇ. بۇ چاغدا 5000 دىن ئارتۇق قوزغىلاپچى سېپىلدىن پەيدا بولغان يۇچۇقتىن قەلئە ئىچىگە بىسىپ كىرىپ، سېپىلنى مانجۇ چىرىكلىرىنىڭ قولىدىن تارتىۋالىدۇ.; q& G" Y1 l' U6 ?$ a' i7 J2 u) F' U
. 1867- يىلى ئىلى قوزغىلاڭچىلىرى ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى قۇرىدۇ. بۇ چاغدا ياشىنىپ قالغان سادىر پالۋان ئۆز يېزىسى مولتوختى يۈزىگە قاىتىپ كېلىدۇ ۋە تۆت يىل ئۆتۈپ 1871- يىلى كېسەك سەۋەبىدىن ۋاپات بولىدۇ.2 I4 h' l5 ]+ I/ L& h( j
. خەلق ئۆزىنىڭ بۇ سەمىمىي باتۇر پەرزانتى ئۈچۈن قاتتىق قايغۇرىدۇ. ئۇنى داۋاملىق ئەسلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ قوشاقلىرىنى ئاھاڭغا سېلىپ ئوقۇپ بۈگۈنگىچە ياد ئېتىپ كەلمەكتە. / B" K/ t; B& H! n
5 S3 \5 w* \. m2 y
رەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

1

تېما

4

يازما

101

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
11 سەر
تۆھپە
12 سەر
تىللا
64 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-6 09:00:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، سىزگە !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗