ئىللىق مۇنبىرى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

تۇلۇقسىزئوتتۇرامەكتەپ ئادەتتىكى سىنىپ خەنزۇتىلى دەرى

ئاز بولسىمۇ پايدىلانغايسىلەر

ئەي ئەرەپلەر، ئەردۇغاندىن ئۈگۈنىڭلار مۇھەممەد يۈسۈپ تەرجىمىسى سۈرىيەلىك

بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورىنىڭ 12-نويابر خەۋىرى: جۇڭگو ۋە موڭغۇلىيە ئاخېئولوگىيە ئەترىتى موڭغۇلىيەنىڭ ئاراھىنگاي

كىتاب ئوقۇش مەدەنىيەت يولى ئوقۇش روھنىڭ غىزاسى، ئەق

كەڭ خەلقىمىز ئېتىراپ قىلغاندەك، ئابدۇكېرىم ئابلىز تالانتى تولۇپ-تاشقان داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى، تونۇلغان سەنئەتكاردۇر. ئۇنىڭ

ماركىسىزىملىق دىن قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ،بۆلگۈنچىلىككە،سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇپ با

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا كارۋان

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى : 7-ئىيۇل ، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى داۋان جىنكۇن C رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇلۇغخان قاسىم مەھەللە

خانىم-قىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى پەرداز بۇيۇملىرى 4386 خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەنئەنىۋى كىيىم-كې

1. يېڭىلىق يارىتىش ھەرگىزمۇ ئوخشىمىغان شەيئىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئەمەس. سىز مەلۇم بىر يېڭىلى

مەشھۇر شەخسلەر مەھمۇدقەشقەر

ئۈرۈمچى ۋاقتى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى بەش كىشلىك ئاسىيا پۇتبول مۇسابىقىسى ۋېيتنامنىڭ خۇجىمىڭ شەھرىدە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلدى.

4977 ئۇيغۇر ۋاسكىتبول تورىنىڭ 18-ئاپرېل خەۋىرى؛ 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈندىن 5-ئ

چىڭگىزخان كۆپ قېتىم بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشى قوزغاپ، غەربتە قارا دېڭىز ساھىلى، شەرقتە پۈتكۈل شەرقىي ئاس

دۇنيادىكى ئون چوڭ قەبرىنىڭ سىرى 1. چىن شىخۇاڭ قەبرىسى چىن

ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئۈندىدار» ئاتالغۇسىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە قوللىنىلىش ئەھۋالى ( مەركىزىي مى

ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تىلىنىڭ شەكىللىنىشى ئەمەتجان مۇھەممەت ئەركزات تارىخت

كۆز يېشى دېگەن كەيپىياتنىڭ ئىزھارى.يىغلاشنى كىم

4976 ئامېرىكىلىق پىسخولوگ دېيۋىد لىبومېننىڭ بايقىشىچە، كىشىلەر چوڭ مېڭىسىدىكى ھەقىقى ئەسلىمىلەرنى ئەسلىگەندە، كۆز قارچۇقى ئالدى

1.يۈزدىكى قاننىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. خۇددى

1. كىنو ياكى تېلېۋىزيە تىياتىر كۆرگەندە ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ ياخشى-يامان ئىكەنلىكىگە پەرۋا قىلماستىن،

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەشھۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 201

بەل ئاغرىش: بۇ دوۋساق ياكى قوشۇمچە ئەزا ياللۇغىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇ

بۇ ھىكايە ھەقىقىي تۇرمۇشتىن ئىلىنغان. ۋ

مۇھاببەت2013/03/10مۇھ

بىلىمخۇمار: بىر-ئىككى ياشلىق بالىلار تەربىيىسى بىلىمخۇمار 2014-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مەن

1. ئاپام مېنى ئانچە ياخشى كۆرمەيدىغاندەك قىلىدۇ، مەن تىرىشىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە

يېگىت قولداشنىڭ ئەخمىقانە يول كۆرسىتىشلىرى بىلەن توي كېچىسىدە ھەر خىل كۆڭۈلسىز ئىشلارنىڭ بولۇپ قا

بالىنىڭ قىز ياكى ئوغۇل بولۇشى قانداق بەلگىلىنىدۇ؟ ئاپتۇر: بىلگەجان 4748 جەمئىيتىمىزدە بالىنىڭ قىز

بەزى كىشىلەر ئۇخلىغان ۋاقتىدا كىيىملىرىنى ئالماشتۇرماستىن ۋە يېنىدىكى سائەت ، تېلفون قاتارلىقلار

كونىلاردا ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى ياسالمىلىق، ئەرلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى يۈز-ئابرۇيى

ئىشىت نىمىنى يىمەيــــــــــــــــــــــــــــــــــ

1.بىر ئىستاكان سۈزۈك سۇ بىر تامچە سىياھ سەۋەبلىك بۇلغىنىدۇ،ئە

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئادىل1 تەھرىرل

سۇن ۋۇكۇڭنىڭ چىشى مايمۇن ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىرى « غەربكە ساياھەت » فىلىمى قويۇلغاندىن كېيى

چۈش تەبىرى 2497 1 – ق

تور بانكىسى ۋە يان تېلېفون بانكىسى كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە

بۇندىن 6ئايلار ئىلگىرى مەن ھەرقايسى مۇنبەرلەردە 2345 تورىنى تەشۋىق قىلى

http://leglek.com/imgrs.php?src=imgs/2014-08-11/228e5abeedb8878d8cb177ca15b70df4.jpg&w=675&zc=1&q=95 ئادەتتە كومپىيۇتېربىلەن ئانچە ھەپىلىشەلمە

ئۈستەل كومپيۇتېرى ئىشلىتىدىغان دوستلار بەلكىم دىققەت قىلغان بولۇشى lead2exam م

ھازىر QQ ئوينىغانلار ھەممىسى توردا ئاندا-ساندا ناتۇنۇش ئادەمل

QQ2014 تىن پايدىلنىپ ھەقسىز تېلىفۇن ئۇرۇش QQ2014 تە يانفۇن ئېقىم مىقدارىدىن پايدى

ئۇيغۇركومپىيۇتېر مەستانىلرى تور ژورنىلى kitap (8).PDF

WINRARئارقىلىق ئاپتۇماتتىك قوزغىلىدىغان ppt ھۆججىتى ياساش كۆپ قىسىم تورداشلارغا مەلۇملۇق WINRAR بولسا بىز ئەڭ كو

ئىكراندىن چاتاق چىقتىمۇ؟ كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندا ئېكران تىتر

1. Word نى تېز قوزغىتىش كومپىيوتېرىڭىزدا Word بار بولۇپ تاپالى

​تور كېرەك قىلمايدىغان پاراڭلىشىش دېتالى FireChat نىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى ئەگەر بى

ئادەتتە مۇنبەرگە رەسىملىك تىما يوللىغاندا رەسىمنىڭ ئۈسىتىگە مائۇسىنى رەسىمنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپلا قالساق «چۈشۈرۈش» دىگەن خەت

بەيدۇ كومپىيۇتېر قوغدىغۇچىسى بەيدۇ شىركىتى يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ چىققان سىستېما قورالى بولۇپ، ئۇنىڭغا كومپ

ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور كۆرگۈچ مىكروسوفىتنىڭ ئىنتېرنېت زىيارەتچىسى يادروسى ئاساسىدا ياسالغان بولۇپ، ئىچكى قىسمى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىپ تورىدىكى ئۇستازلار ۋە بارلىق ئالىپداشل

يانفۇن كىتابى ئىشلەش جەريانى يېقىندا  nokia 3650 يانفۇندىن ب

4684 http://player.youku.com/player.php/sid/XNjA3NjMxNTI0/v.swf ئالما شىركىتى 9-ئاينىڭ 11-

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەشھۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-13 20:20 ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورد

Android يانفونىنى ئىشلىتىدىغانلار يانفوننى WiFi سىمسىز تورىغا ئۇلاپ ئىشلەتمەكچى بولسا يانفون تەڭشەك رايونىغا

ئاندىرويىد ئەلالاشتۇرۇش قورالى (ئۇستىسى) 100مىليوندىن ئارتۇ

ئېنسىكلوپېدىيە خاراكتېرىدىكى ئەپ - «قامۇس» ئېلان قىلىندى ئۈرۈمچى تىلسىم ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ت

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نۇرلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-3-7 22:15 ئويلاشنىڭ

ئۇيغۇرتىلى ئىزاھلىق لوغىتى تۇلۇق نۇسقىسى چۈشۈرۋېلىڭ

ماڭا بۇلۇپ توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ تۈۋەندىكى ئىككى خىل ئالبۇم ياساش دىتا

2013-يىللىق شوپۇرلۇق تەقلىدىي ئىمتاھان سىستېمىسى(ھەقسىزتۇلۇق نۇسقىسى ) 4674 پىراۋا ئېلىش ھەلەكچىلىكدە رىيازەت چى

ADSafe كومپىيۇتېر ئېلانلىرىنى توسۇش يۇمشاق دېتالى مەزكۇر دېتالنىڭ نامى: ADSafe نەشىر نۇسخىس

http://imgnur.nur.cn/uploadfile/2014/0701/20140701112932862.jpg يۇمشاق دېتال ئىسمى: بەيدۇ ۋېروسخورى دېتال چوڭلۇقى: 15.6M يېڭىلانغ

جەمئىي مىكروبلوگ 803 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • دوختۇر 2014-7-26 19:19 [ئىنكاس(0)] [...]

    كىسەل بولۇپ قالغانلار بار مۇ ؟؟؟

  • ئۈمىت 2014-6-9 08:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    مەن يېقىن بىلگەنلەر مېنى يېقىن بىلمەپتۇ، مېنى يېقىن بىلگەنلەرنى مېنىڭ دىلىم بىلمەپتۇ.

  • ئۈمىت 2014-6-9 07:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    بارىـــلىق جانلــــىقلار ئىچـــــىدە پەقەت ئــىنسانلارلا ئۆزبالسىنى ئۆزگــىلەرنــــىڭ تەربىيلىـــشگە تاپ ...

  • سرداش 2014-6-8 18:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    قەدرىڭىزنى بىلمىگەن كىشىلەرگە ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈش ئۇلارنى زىرىكتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىڭىزگە ئازاپ ۋە ھارغى ...

  • سرداش 2014-6-8 18:00 [ئىنكاس(0)] [...]

    نېمىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئۆزىڭىز لىفىتتا ئاۋازسىز يەل تاپانچىدىن(يەل قويۇۋېتىش) بىرنى ق ...

  • illiq 2014-6-8 12:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    بۇ ھايات بىر-بىرىدىن گۇمان قىلغۇدەك، خاپا بولۇپ ئاداۋەت تۇتقىدەك ، رەنجىپ تاشلىشىپ كەتكۈدەك دەرىجىدە ئۇنچە ئ ...

  • illiq 2014-6-8 11:40 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاق كۆڭۇللەر ئالدىنىپ قالسا مەسخىرە قىلىپ كۇلگەن دۇنيا بۇ،مەن بەختىمنى تاپاي دىگەندە ئۇيقىغا كەتكەن دۇنيا ب ...

  • nur 2014-6-10 08:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    بىر باي ئاغرىپ ئۇرۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان ئۈزىدىنمۇ باي بىرەيلەننى يوقلاپ بېرىپتۇ.چوڭ باي خۇرسىنغان ھالدا: ‹‹ئ ...

  • ئۈمىت 2014-6-9 08:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتلللىق يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلاش تامامەن مۈمكىن باشتىن ئۆتكەن تارىخنى يۇرەكتىن قومۇرۇپ تاشلاش ئۇنداق ئا ...

  • ئۈمىت 2014-6-9 07:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىن ئاققان ھەر بىر تامچە ياشقا سەل قارما، كۆزۈڭدىن ئاققان بىر تامچە ياش سىنىڭ بىر قەدىمىڭگە ئەڭ  ...

  • سرداش 2014-6-8 18:04 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھازىر يەسلى باللىرى جىندا بىر-بىرگە مۇھەببەت ئىزھار قىلالايدىكەن دىسە.بۇنىڭغا نىمە سەۋەپ ئەمدى؟ئۇلار بىخىدا ...

  • سرداش 2014-6-8 17:59 [ئىنكاس(0)] [...]

    كۆڭلى قارىنىڭ يۈزىدە خەت يوق ،يۈرىكىدە نەشتىرى بار.

  • illiq 2014-6-8 12:01 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئۆتۈۋاتقىنى ۋاقىت ئەمەس بەلكى ئۆمۈردۇر.

  • ۋولقانى 2014-6-6 23:46 [ئىنكاس(0)] [...]

    رۇبائىلار بىراۋنى «تىكەنلەر چاچىدۇ» دېدىڭ، «ناھەقكە يوللارنى ئاچىدۇ» دېدىڭ. نەق گەپنى ئالدىدا دېيەلمەيسەن ي ...

  • نۇرلان 2014-6-9 08:39 [ئىنكاس(0)] [...]

    يانفون بېتى ياساش دەرسلىكى

  • ئۈمىت 2014-6-9 08:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەگەر سەن كەمبەغەل تۇغۇلغان بولساڭ ئۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ئەمەس،بىراق كەمبەغەل ئۆلۈپ كەتسەڭ ،ئۇ سېنىڭ خاتالىقىڭ ...

  • سرداش 2014-6-8 18:07 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئوقۇغۇچى دەرىسكە كىچىكىپ قاپتۇ . ئوقۇتقۇچى - نىمە دەپ كىچىكىپ قالدىڭ ؟ دەپتۇ . مەكتەپكە يېقىن كەلسەم " ئالدىڭىز ...

  • سرداش 2014-6-8 18:03 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئاشىق بولۇش ئېگىز بىناداىن سەكرىگەنگە ئوخشايدۇ ، مىڭىڭىز سىزگە بۇ ئاقىلانىلىك ئەمەس دىسە ،يۈركىڭىز سىزگە سە ...

  • illiq 2014-6-8 12:11 [ئىنكاس(0)] [...]

    ‏سەۋىرچان بۇلاي دىسىڭىز بېلىق تۇتۇڭ ، يۇگۇرۇشچان بۇلاي دىسىڭىز توشقان تۇتۇڭ ، دۆت بۇلاي دىسىڭىز مابەت تۇتۇڭ  ...

  • illiq 2014-6-8 11:41 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھاياتىڭىزدىن چىقىپ كەتمەكچى بولغانلارنى پىيادە قويماي ،تاكسى چاقىرىپ بىرىڭ،بولسا ئايرۇپىلانغا سەپ قويسىڭى ...

  • تور858251 2014-5-18 15:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    نەچچىنجى يىللىقنىڭ لازىم ؟؟1

كۆرۈش: 2046|ئىنكاس: 1

ناخشا ئۇيغۇر خانلىرىتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

316

تېما

446

يازما

6181

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1863 سەر
تۆھپە
1271 سەر
تىللا
703 دانە
جەۋھەر
7 دانە
3d يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ----- سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ھەققىدە    ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چڭو ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگەردانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلىدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . كېيىن دادىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەن . سەئىدخان ئۇنى ناھايىتى ئەتىۋارلىغان ھەمدە ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ئۇنىڭغا دەرس ئۆتكۈزگەن . تارىخچى مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ۋە ياخشى ئۇستازى بولغان . سەئىدخان ئۇنى چېنىقتۇرۇش ئۈچۈن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ قىرغىزلارنى باستۇرۇشقا ، مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر بىلەن شەرق ۋە غەرپكە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ، ئۆز ئىنىسى ئامان سۇلتاننىڭ ئاقسۇدىكى توپىلىڭىنى تىنچىتىش ئۇرۇشىغا ھەمدە ئاقسۇنى ئىدارە قىلىش ئىشىغا ئەۋەتكەن . 1533 - يىلى سەئىدخان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ يەكەن تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ خاقان بولغاندىن كېيىن بىرمۇنچە قاتتىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، ئۆزىنىڭ سىياسىي ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە دۆلەتنىڭ پۈتۈنلىكى ، ئامانلىقىنى جان تىكىپ قوغدىغان . ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەدبىرلىرى تۆۋەندىكىدەك بولغان :   بىرىنچى ، ھەربىي ئوردا ئىچى سىرتىدىكى گۇمانلىق دەپ قارالغان ، مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى قەتلى قىلىپ ، يېڭى قائىدە - تۈزۈملەرنى بېكىتىپ چىققان . بۇرۇنقى مۇغۇلىستان خانلىقى ھەم يەكەن خانلىقىنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە ھاكىمىيەتنىڭ ئاساسىي تايانچىسى بولغان دوغلات قەبىلىسىنىڭ ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي تارتىۋالغان . گەرچە بۇ ۋەقە يەكەن خانلىقىنىڭ تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن بەزى زىيالىلارنى كەلتۈرەەن بولسىمۇ ، لېكىن دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ بەزى بۆلگۈنچىلىك ئىشلىرىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .    ئىككىنچى ، تىنچلىق توختىمىنى بۇزۇپ ، ئاقسۇ ۋە ئۇنىڭ غەربىگە ھۇجۇم قىلغان تاغىسى مەنسۇرخانغا قاتتىق زەربە بەرگەن . مەنسۇرخان مەغلۇپ بولۇپ تۇرپانغا چېكىنگەن . لېكىن ، 1538 - يىلى مەنسۇرخان يەكەن خانلىقىغا قارشى يەنە ئۇرۇش قوزغىغان . ئابدۇرەشىدخان ئۇنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ ، شەرقتە تاكى گەنسۇنىڭ جيا يۈ گۇەن قوۋۇقىغىچە بولغان بارلىق زېمىنلارنى يەكەن خانلىقىغا قوشقان ھەمدە ئۇنىڭ ئوغلى ساھىدخاننى بۇ جايلارغا سۇلتان قىلىپ تەيىنلىگەن . بۇنىڭ بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىلگەن .   ئۈچىنچى ، يەكەن خانلىقىنىڭ بىۋاستە باشقۇرىشىنى ۋە ھامىيلىقىدىكى رايونلاردا توپىلاڭلارنى تىنجىتقان . مەسىلەن ، 1538 - يىلى يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانى ھەق نەزەرخاننىڭ بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قاتتىق باستۇرغان . شۇ يىلى يەنە مەنسۇرخان ئىككىنچى قېتىم ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغاندا ، باش ئەمىر مىرزا ئەلى تاغاي باشلىق بەزى ئەمىرلەر توپىلاڭغا تەييارلانغان . ئابدۇرەشىدخان بۇ ھەرىكەتنىمۇ قانلىق بېسىقتۇرغان .   تۆتىنچى ، جەمىيەتنىڭ باشقا ساھەلىرىدىمۇ بىرمۇنچە يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، ئاھالە كۆچۈرۈپ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ، قول- ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ، ئىچكى ۋە تاشقى سودىنى راۋاجلاندۇرۇش ، مەكتەپ ۋە مەدرىسلەرنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش ، ئىسلام دىنىي مەزھەپلىرىنىڭ ئەركىن مۇنازىرىسىگە يول قويۇشتەك بىر قاتار سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن . نەتىجىدە خانلىقتا بىر مەھەل نىسبەتەن تىنچ ۋەزىيەت شەكىللىنىپ ، جەمىيەتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان ئالتۇن دەۋر ى بارلىققا كەلگەن .   بەشىنچى ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىغا ئىلھام بېرىپ ، جايلاردا نەزەرگە ئېلىنماي قالغان ئۇيغۇر سازەندىلىرى ، غەزەلچىلىرى ھەم شائىرلىرىنى تاپتۇرۇپ ئەكەلگەن . بۇنىڭ بىلەن ئوردىدا نۇرغۇن تالانتلىق شەخسلەر توپلىنىپ ، خەلق ئارىسىدا كەڭ تارقىلىپ يۈرگەن مۇقام مۇزىكىلىرىمۇ مۇشۇ كىشىلەر بىلەن بىللە ئوردىغا كىرەەن . دەرۋەقە ، ئۇيغۇر 12 مۇقام ىنىڭ رەتلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر شەرت - شارائىتلار ھازىرلانغان ............. .   ئومۇمەن ، سۇلتان ئابدۇرەشىدخانننىڭ يۇقۇرقىدەك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى يۈكسەك دەرىجىدە مۇستەھكەملىگەن . ئۇ دۆلەتنى ئونۋېرسال ئىدارە قىلىش جەھەتتىمۇ ئاتىسىدىن ھېچ قىلىشمىغان . ئۇ يەنە دائىم پۇقراچە ياسىنىپ ئاددى خەلق ئارىسىغا چۆكۈپ ، ئەمەلدارلارنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى يوشۇرۇن ئىگىلىگەن . 1559 - 1560 - يىللىرى ، ( ئىسلام كالىندارى 967 - يىلى ) ئۇ خوتەننى تەكشۈرۈش سەپىرىدە بەختكە قارشى سۈيقەستكە ئۇچراپ ۋاپات بولغان .  سۇلتان سەئىدخان ھەققىدە   يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ 3 - ئوغلى بولۇپ 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن . بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان . كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان . لېكىن ، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئاخىرى يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان . 1508 - يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان . دەل شۇ پەيتتە ، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان . نەتىجىدە ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ ، سەئىدخان مەغلۇپ بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابولدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنىڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەتكەن . بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت - ئىكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان . بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان . كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر ، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقۇتۇپ ، قەشقەر ، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان . دەرۋەقە ، 1514 - يىلى 6 - ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن . بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئابابەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان . لېكىن ، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىر - ئاخىر بولۇپ يېڭىسار ، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان . مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان . نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ كۇئېنلۇن تېغى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان . ئەمما ، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ ئۆتۈپ ، لاداقتا قەتلى قىلغان . بۇنىڭ بىلەن 1514 - يىلى 9 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختكە چىققان .  سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ، بىرىنچىدىن ، جەمىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقاتقان . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى - بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەر خىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ ، جەمىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن . ئىككىنچىدىن ، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشقا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن . يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىسىگە ئۆتكۈزۈپ ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ - ياساق ئالمىغان . ئۈچىنچىدىن ، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق ، 1516 - يىلى 2 - ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچار ئارلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ ، سۈلھى تۈزگەن . نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان . تۆتىنچىدىن ، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە خانلىق تېرىتورىيىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ، بىر قاتار كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان . سەئىدخان يۇقۇرقىدەك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش - مەمۇرچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن . بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرلىشىچە ، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ ، مۇئىمىنچىلىك قىلىۋەتكەن . يۇقۇرىسى بەگ - بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى - بەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب - سۈلكەتلىك بولغان . ئۇ تەرەققىپەرۋەر ۋە ئىستىدادلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقۇرى كامالەتكە يەتكەن . ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن . ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدىنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن . لېكىن . سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا ، غەيرى دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان . كەشمېر ، لاداق ، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان . 1533- يىلى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ ۋاپات بولغان . جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن .  چاغاتاي خانلىقى ھەققىدە   چاغاتاي خانلىقى ---- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبىي ، يەتتەسۇ رايونى ، ماررائۈننەھر ، خۇراسان ، ئىراننىڭ شەرقىي قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربىي قىسمى ۋە جەنۇبىي تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن زېمىنىدا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن چاغاتاي خانلىقى دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرىدە ، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىرىنىڭ غەربىي يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھىدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان . بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .   خاقان كۈنجۈك دەۋرىدە ، غەربىي يۇرتتىكى نۇرغۇن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان مۇڭغۇل تىلىنى تاشلاپ ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشكە باشلىغان ھەمدە ئەنئەنىۋى دىنلاردىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن . بۇ ھال ئوخشاشلا مۇڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى زور دەرىجىدە تېزلەتكەن . خاقان تارماشلىرى زامانىسىغا كەلگەندە غەربىي يۇرتتىكى مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىسلام دىنى ۋە ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنىڭ چوڭقۇر تەسىرى ئاستىدا ئاساسەن ئۇيغۇرلىشىپ كەتكەن . چاغاتاي خانلىقى دەۋرى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . چۈنكى بۇ دەۋردە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ( جۈمىلىدىن ئۇيغۇرلار رايونىنىڭ ) سىياسىي ، ئىقتىسادىي ۋە مەدىنىيىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىشلەر بولغان . مۇڭغۇللار . تۈركلەشكەن ئۇيغۇرلار ۋە يەرلىك قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى سىياسىي سەھنىگە چىقىپ ، پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا خانلىق تەختى ئۈچۈن شىددەتلىك ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇشلارنى ئېلىپ بارغان . بۇ ھال مەلۇم نۇقتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ ئىقتىساد ، مەدىنىيەت ساھەلىرىگە نۇرغۇن پاسسىپ ئامىللارنى ئېلىپ كەلگەن . لېكىن ، ئومۇمىي نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، بۇ ساھەلەردە يەنىلا مۇئەييەن تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن .  چاغاتاي ھەققىدە   چاغاتاي ----- چاغاتاي خانلىقى نىڭ ئاساسچىسى . 1227 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئاتىسى چىڭگىزخان ۋاپات بولغان ( 1227 - يىلى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى ) دىن كېيىن ، ئۆزىگە سۇيۇرغال قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردا مۇڭغۇللارنىڭ جاساق قانۇنىغا ئاساسەن ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى رەسمىي باشلىغان . ئۇ ئۆزىگە تەۋە زېمىنلارنى مۇتلەق ئۈچ قىسىمغا ئايرىپ باشقۇرغان : ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىستان ۋە ماۋرائۈننەھر رايونىنى خارەزىملىك چوڭ سودىگەر مەھمۇد يالاۋاچ ئارقىلىق باشقۇرغان . تارىم ئويمانلىقىنىڭ غەربىنى مەركەز قىلغان ماڭلاسۆيەر رايونى ( ماڭلاسۆيەر --- ئاپتاپ تەرەپ ياكى شەرق تەرەپ دېگەن مەنىدە . ) نى مۇڭغۇل دوغلات قەبىلىسى ئارقىلىق باشقۇرغان . ئىدىقۇت رايونىنى بولسا ئىدىقۇت ھۆكۈمرانلىرى ئارقىلىق باشقۇرغان . چاغاتاي ئۆز دەۋرىدە چىڭگىزخان تەرىپىدىن ئىمپىرىيىنىڭ جاساق ۋە قانۇنلىرىغا مۇئەككەل قىلىنغاچقا ، مۇڭغۇل قانۇنلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەم قاتتىق ئىجرا قىلغان . ئالاقىدار ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا ، ئۇ قانۇن ئىشلىرىدا ناھايىتى قاتتىق قول ، دۆلەتنىڭ سىياسىي ، مەمۇرىي ۋە ھەربىي تۈزۈملىرىگە قاتتىق ئەمەل قىلىدىغان ، شۇنداقلا ئۆز قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلارغا قاتتىق تەلەپ قويىدىغان ، دۆلەتنىڭ ئابرويىنى قاتتىق ھىمايە قىلىدىغان بىر ھۆكۈمدار بولغان . ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋرلەردە ، خانلىقنىڭ سودا - سېتىق ، پۇل - مۇئامىلە ۋە باشقا تەرەپلىرىدە زور تەرەققىياتلار بارلىققا كەلگەن ، ماۋرائۈننەھر رايونىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سودا ئىشلىرى ناھايىتى جانلانغان ، قەدىمكى ئوتتۇرا يىپەك يولى دا سودا - سېتىق گۈللەنگەن ئاۋات بىر ۋەزىيەت مەيدانغا كەلگەن . مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ، ماۋرائۈننەھر رايونىنى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان مەھمۇد يالاۋاچنىڭ ئوغلى مەسئۇد يالاۋاچ بۇخارادا مەخسۇس پۇل مۇئامىلە مەھكىمىسى نى تەسىس قىلىپ ، ھەر خىل مېتاللاردىن پۇل قويۇپ تارقاتقان . بۇ پۇللارغا ئەرەپچە ۋە خەنزۇچە يېزىق چۈشۈرۈلگەن . دېمەك ، چاغاتاي ئۆز ھۆكۈمرانلىق دەۋرىدە بىر قاتار ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق ، خانلىقتا بىر مەزگىل تىنچ - خاتىرجەم ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . بىراق ، چاغاتاي ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ، ھاراق - شاراپقا ناھايىتى بېرىلىپ كەتكەچكە ، 14 يىل تەختتە ئولتۇرۇپ 1241 - يىلى ۋاپات بولغان .  كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ خاقانلىرى   كۆكتۈرك خانلىقى ---- تۈركلەرنىڭ ئاشىنا ئۇرۇقى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ ، شەرققە لياۋ خې دەرياسىدىن غەربتە كاسپىي دېڭىزىغىچە ، شىمالىدا بايقال كۆلىدىن جەنۇبتا سەددىچىنگىچە بولغان كەڭ تېرىتورىيەدە ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن . بۇ خانلىق مىلادىيە 3 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىن بۇيان جوڭگونىڭ شىمالىي قىسمى بىلەن غەربىي قىسمىدا داۋام قىلىپ كەلگەن ئۇزاق مۇددەتلىك تارقاقچىلىق - بۆلۈنمىچىلىك ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىپ ، ئاسىيا قىتئەسىنىڭ قاپ ئوتتۇرسىدىن كېسىپ ئۆتكەن 10 مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىدە بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك رايون گەۋدىسىنى ھاسىل قىلغان . بۇ دەۋردە شىمالىي ئاسىيا يايلاقلىرىدىكى نۇرغۇن قەبىلە ۋە مىللەتلەر مەزكۇر خانلىق ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ ، ئىككىنچى قېتىملىق تۈركلىشىش دەۋرىگە ، شۇنداقلا يېڭىچە كۆكتۈرك مەدىنىيىتى دەۋرىگە قەدەم قويغان .خانلىق پارچىلىشتىن بۇرۇنقى خاقانلار :1 . ئاشىنا تۈمەن ئاشىنا تۈمەن كۆكتۈرك خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى ، 551 - يىلىدىن 552 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە بومىن قاغان ، ئىلىگ قاغان ، ئېل قاغان ، تۈمەن قاغان دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتالغان .2 . قارا قاغان قارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختكە چىققان ، 552 - يىلىدىن 553 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . قارا قاغان بەزى مەنبەلەردە قالا ، ئەل ئىشىگ قاغان دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالغان .3 . ياندۇ ئېركىن ياندۇ ئېركىن ئاشىنا تۈمەننىڭ يەنە بىر ئوغلى . ئۇ ئاكىسى قارا قاغاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خاقانلىق تەختىگە چىققان ، 553 - يىلىدىن 572 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ تارىختا مۇقان قاغان دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .4 . تابار قاغان تابار قاغان ياندۇ ئېركىننىڭ ئىنىسى ، ئۇ ئاكىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كۆكتۈرك خانلىقى تەختىگە چىققان ، 572 - يىلىدىن 581 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . ئۇ ئايرىم مەنبەلەردە تاسپار قاغان ، تابا قاغان ، تابامى قاغان دېگەندەك ناملار تىلغا ئېلىنغان .5 . ئىشبارا قاغان ئىشبارا قاغان ئاشىنا تۈمەننىڭ ئوغلى . ئۇ تارىختا ئېل كۇلۇگ باغا ئىشبارا قاغان ، ئېل كۇلۇگ شاد باغا ئىشبارا قاغان دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان .  چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسملىرى چاغاتاي خانلىقى ---- ئالمالىق شەھىرىنى مەركەز قىلغان ھالدا جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي ، بالقاش كۆلىنىڭ جەنۇبى ، يەتتەسۇ رايونى ، ماۋرائۈننەھر ، خۇراسان (ھازىرقى تۈركمەنىستاننىڭ جەنۇبى قىسمى) ، ئىراننىڭ شەرقى قىسمى ، ئافغانىستاننىڭ غەربى قىسمى ۋە جەنۇبى تەڭرىتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردا ئۈچ ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ھۆكۈم سۈرگەن چوڭ خانلىق . مەزكۇر خانلىق مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خاقانى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتايغا سۇيۇرغال قىلىپ بەرگەن ( 1225 - يىلى ) زېمىندا قۇرۇلغاچقا ، كېيىنكى چاغلاردا سۇيۇرغاللىقنىڭ ئىگىسى چاغاتاينىڭ نامى بىلەن چاغاتاي خانلىقى دەپ ئاتالغان . بۇ خانلىق دەۋرى ( 1227 - 1570 ) دە ، مۇڭغۇل ھۆكۈمرانلىقىنىڭ غەربى يۇرتتىكى يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئالاھېدە ھۆرمەت قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدىنىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىشى سەۋەبىدىن ، چاغاتاي دەۋرىدىن باشلاپلا بۇ رايونغا كۆچۈپ كەلگەن مۇڭغۇل قەبىلىلىرى ئىلگىرىكى كۆچمەن چارۋىچىلىق تۇرمۇشىدىن پەيدىنپەي ئولتۇراق دېھقانچىلىق ئىگىلىكىگە ئۆتۈشكە باشلىغان ، بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلىشىش قەدىمىنى تېزلەتكەن .تۆۋەندە بۇ خانلىق خاقانلىرى ئۈستىدە ئاز بولسىمۇ توختىلىپ ئۆتەيلى :1 . چاغاتاي . چاغاتاي ---- چاغاتاي خانلىقى نىڭ ئاساسچىسى ، 1227 - يىلىدىن 1241 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .2 .قارا ھېلاكۇ .قارا ھېلاكۇ چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى چاغاتاينىڭ ئىككىنجى ئوغلى مامۇكەينىڭ كەنجى بالىسى . چاغاتاي ئۆلگەندىن كېيىن مۇڭغۇللارنىڭ چوڭ خانى ئوگداينىڭ قايتا تەكىتلىشى بىلەن 1241 - يىلىدىن 1246 - يىلىغىۋە تەختتە ئولتۇرغان .3 . يېسۇمۆڭكۇ .يېسىمۆڭكۇ 1246 - يىلى كۆيۈكخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1246 - يىلىدىن 1252 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .4 . قارا ھېلاكۇ قارا ھېلاكۇ 1252 - يىلى مۆڭكۈخان تەرىپىدىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاندانلىقىغا تەيىنلەنگەن .5 . ئورفىنا ئورفىنا قارا ھېلاكۇنىڭ خانىشى . قارا ھېلاكۇ ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ مۆڭكۈلخاننىڭ تەيىنلىشى بىلەن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانى بولغان .6 . ئارغۇ ئارغۇ ئارىخ بۆكەننىڭ قوللىشى بىلەن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1260 - يىلىدىن 1266 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .7 . مۇبارەكشاھ مۇبارەكشاھ قارا ھېلاكۇنىڭ ئوغلى بولۇپ ، 1266 - يىلى قۇبلاينىڭ تەيىنلىشى بىلەن ئارغۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . ئۇ چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن تۇنجى قېتىم ئىسلام دىنىغا كىرگەن خان .8 . بۇراق بۇراق 1266 - يىلىدىن 1270 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .9 . نىكباي نىكباي چاغاتاينىڭ نەۋرىسى ، يەنى سارباننىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ بۇراق ئۆلگەندىن كېيىن چاغاتاي خانلىقىنىڭ خانلىق تەختىگە چىققان . 1270 - يىلىدىن 1272 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .10 . دۇۋا دۇۋا بۇراقنىڭ ئوغلى . ئۇ 1272 - يىلى قايدۇ تەرىپىدىن جانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .11 . كۈنجۈك كۈنجۈك دۇۋانىڭ ئوغلى . ئۇ 1306 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .12 . تالقۇ تالقۇ 1308 - يىلى مۇتەئەسسىپ مۇڭغۇل ئاقسۆڭەكلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان .13 . كەبەك كەبەك چاغاتاي ئوردىسىدىكى خانزادە - ئاقسۆڭەكلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .14 . ئېسەن بۇقا ئېسەن بۇقا تارىختا ئېسەن بۇقا ئەۋۋەل دېگەن نام بىلەن ئاتالغان .15 . كەبەك كەبەك 1318 - يىلى ئاكىسى ئېسەن بۇقا ئەۋۋەلنىڭ خانلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . بۇ ئۇنىڭ ئىككىنچى قېتىم تەختكە چىقىشى ئىدى . 16 . تارماشىرى تارماشىرى كەبەكنىڭ ئۈچىنچى ئىنىسى . ئۇ ئاكىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن چاغاتاي تەختىگە چىققان . 1326 - يىلىدىن 1334 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .17 . چىنگىش چىنگىش تارماشىرىنىڭ بىر تۇغقان ئىنىسى ئەبۇگەننىڭ چوڭ ئوغلى .18 . يەسۇن تېمۇر يەسۇن تېمۇر خېلى بۇرۇنلا ئاكىسى چىنگىشنىڭ جان بولىشىغا نارازى ئىدى . 1338 - يىلى ئۇ ئاكىسىنى ئۆلتۈرۈپ خانلىق تەختىنى تارتىۋالغان ھەمدە ئاكىسىنى قوللىغان ئۆز ئانىسىنىڭ ئەمچىكىنى كېسىۋەتكەن . شۇندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى چەك - چېكىدىن بۆلىنىشكە باشلاپ ، جايلاردىكى ئاقسۆڭەكلەر ئارقا - ئارقىدىن مۇستەقىللىق بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشكە كىرىشكەن . لېكىن يەسۇن تېمۇرنىڭ تەختتە قانچىلىك ئولتۇرغانلىقى ۋە قاچان ۋاپات بولغانلىقى توغرىلىق ئېنىق مەلۇمات يوق .19 . ئېمىل خوجا ئېمىل خوجا (ئېل خوجا) تارماشىرىنىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى . 1326 - يىلىدىن 1346 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .20 . تۇغلۇق تېمۇر تۇغلۇق تېمۇر ئېمىل جوجىنىڭ ئوغلى . 1348 - يىلىدىن 1363 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .21 . ئىلياس خوجا ئىلياس خوجا تۇغلۇق تېمۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . تۇغلۇق تېمۇر ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ماۋرائۇننەھر رايونىدىن ئالمالىق شەھىرىگە قايتىپ كېلىپ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1363 - يىلىدىن 1365 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .22 . خىزىر جوجا خىزىر خوجا تۇغلۇق يېمۇرنىڭ ئەڭ كىچىك ئوغلى .1387- يىلىدىن 1405 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .23 . شەمىئىي جاھان شەمىئىي جاھان خىزىر خوجىنىڭ چوڭ ئوغلى . ئۇ 1405 - يىلى ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .24 . مۇھەممەد مۇھەممەد شەمىئىي جاھاننىڭ ئىنىسى . 1408 - يىلى ئاكىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .25 . شىر مۇھەممەد شىر مۇھەممەد مۇھەممەدنىڭ ئوغلى . 1415 - يىلى مۇھەممەد ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان .26 . نەقشى جاھان نەقشى جاھان شەمىئىي جاھاننىڭ ئوغلى . ئۇ خۇدايدادنىڭ يۆلىشى بىلەن شىر مۇھەممەدنىڭ تەختىگە چىققان .27 . ئۇۋەيس ئۇۋەيس 1418 - يىلى ئەمىر تېمۇر كوراگاننىڭ ئوغلى شاھرۇھ مىرزىنىڭ سەركەردىسى شاھ نۇرىدىننىڭ ياردىمى بىلەن نەقشى جاھاننى ئۆلتۈرۈپ چاغاتاي خانلىقى تەختىگە چىققان .28 . ئېسەن بۇقا ئېسەن بۇقا ئۇۋەيىسنىڭ كىچىك ئوغلى . 1429 - يىلى دوغلات قەبىلىسىنىڭ ئەمىرى مەھمۇد شاھنىڭ قوللىشى بىلەن خانلىق تەختىگە چىققان .29 . دوست مۇھەممەد دوست مۇھەممەد ئېسەن بۇقىنىڭ ئوغلى . ئېسەن بۇقا ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدا ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغان . 1462 - يىلىدىن 1469 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .30 . كېپەك سۇلتان دوست مۇھەممەدنىڭ ئوغلى بولۇپ ، ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ، ئاتىسىنىڭ ئورنىشا ۋارىسلىق قىلىپ ، ئاقسۇ ، تۇرپان ، قۇمۇل قاتارلىق جايلارنى باشقۇرغان . 1469 - يىلىدىن 1472 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .31 . ئەھمەد ئەھمەد يۇنۇسخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى . 1487 - يىلى يۇنۇسخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئۇ ئاقسۇدىن قۇمۇلغىچە بولغان جايلارنى باشقۇرغان ھەمدە ئۆزىنى موغۇلىستان خانلىقىنىڭ قانۇنىي سۇلتانى دەپ ئاتىغان .32 . مەنسۇر مەنسۇر ئەھمەدنىڭ ئوغلى . ئەھمەد ئاكىسىغا ياردەملىشىپ شەيبانىخانغا قارشى قوشۇن تارقان 1502 - يىلى ئۇنى ئۆز ئورنىغا ۋاقىتلىق خان قىلىپ تەيىنلىگەن .33 . شاھ سۇلتان شاھ سۇلتان مەنسۇرنىڭ چوڭ ئوغلى . 1543 - يىلىدىن 1565 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .34 . سۇلتان مەسئۇد سۇلتان مەسئۇد شاھ سۇلتان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ ئاكا - ئىنىلىرى تەرىپىدىن خانلىق تەختىگە چىقىرىلغان . 1565 - يىلىدىن 1570 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .يەكەن خانلىقىنىڭ خاقانلىرى يەكەن خانلىقى 16 - ئەسىرنىڭ باشلىرى ئۇيغۇرلاشقان چاغاتاي ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان . بۇ بىر پۈتۈن ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئىقتىساد ، مەدەنىيەت ۋە باشقا ساھەلەر گۈللەپ ياشنىغان ئالتۇن دەۋر ئىدى . 1 . سۇلتان سەئىدخان ---- يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ ، 1490 - يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان . 2 . سۇلتان ئابدۇرەشىدخان ---- ئابدۇرەشىدخان سەئىدخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ ، كىچىكىدە سەرسان - سەرگاندانلىقتا كۆپ ئازاب تارتقان . 1533 - يىلدىن 1559 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .3 . ئابدۇلكەرىمخان ----ئابدۇلكەرىمخان سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . ئۇ يەكەن خانلىقى تارىخىدا ئەڭ ئۇزاق ھۆكۈم سۈرگەن خاقان . 1559- يىلىدىن 1591 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .4 . مۇھەممەدخان ---- ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئىنىسى . 1591 - يىلىدىن 1609 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .5 . ئەھمەدخان ----- ئەھمەدخان ئابدۇلكەرىمخاننىڭ ئوغلى . 1609 - يىلىدىن 1618 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان .6 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئەھمەدخاننىڭ ئىككىنجى ئوغلى . 1618 - يىلىدىن 1630 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان . 7 . سۇلتان ئەھمەدخان ---- سۇلتان ئەھمەدخان بولسا ئەھمەدخاننىڭ نەۋرىسى . تۆمۈر سۇلتاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئابدۇللەتىپخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، يەكەندىكى ۋەزىرلەر ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن خاقانلىق تەختىگە چىققان .8 . ئابدۇللاخان ----- ئابدۇللاخان سۇلتان ئابدىرەشىدخاننىڭ نەۋرىسى . ئابدۇرەھىمنىڭ ئوغلى .9 . سۇلتان مەھمۇدخان ---- سۇلتان مەھمۇدخان سۇلتان ئەھمەتجاننىڭ ئىنىسى .10 . يولۋاسخان ------ يولۋاسخان ئاق تاغلىق خوجىلار ۋە ئەمىرلەرنىڭ قوللىشى بىلەن مىلادىيە 1667 - يىلى يەكەن خانلىقى تەختكە چىققان . 11 . ئابدۇللەتىپخان ---- ئابدۇللەتىپخان يولۋاسخاننىڭ ئوغلى . ئۇ ئاتىسى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1670 - يىلى خاقانلىق تەختىگە يۆلەپ چىقىرىلغان .12 . ئىسمائىلخان ---- ئىسمائىلخان 1670 - يىلى قارا تاغلىق خوجىلارنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا يەكەن تەختىگە چىققان .

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق




ئالدىنقىسى:F1 دىن F12 غىچە كۇنۇپكىلارنىڭ رۇلىنى بىلۋىلىڭ
كىيىنكىسى:مودا «ئۇيغۇر » قىزى
你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]

1

تېما

26

يازما

439

جۇغلانما

ئۈمۈدلۈك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
98 سەر
تۆھپە
51 سەر
تىللا
166 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2012-4-29 12:49:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆھپىكار ئەجدات نەسلى ئىدۇق بىز ... ... ... ! a' X6 `2 b/ l: l; c/ O3 M
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗