خەۋەر
- o6 ~7 p" q. M3 b( j
( X! Y* l. p5 s) E; Hخەلقىمىز ئىستېمال مەدەنىيىتىدە قەدىمدىنلا قوناقلىق تائاملارنى ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن. قوناق ئاساسلىق ئاشلىق زىرائەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ تەركىبىدە ئاقسىل، ئۆسۈملۈك يېغى ۋە ۋىتامىن تۈرىدىكى ئادەم بەدىنىگە كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغاچقا، ھەزىمنى ياخشىلاش، تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قاندىكى ياغنى پارچىلاش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاشتەك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. شۇڭا، ئەجدادلىرىمىز قوناق تائاملىرىنى ئاساسلىق يېمەكلىك قىلغاندىن باشقا يەنە مۇھىم دورا ئورنىدىمۇ ئىستېمال قىلىشقا ئادەتلەنگەن.
+ ]" A! W( ^0 [: r3 v% w0 i) F$ Z0 b+ g5 x1 b
قوناق ئادەتتە، كۆممىقوناق ۋە ئاق قوناق دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىلىدۇ. كۆممىقوناقنىڭ تەبىئىتى سوغۇققا، ئاق قوناقنىڭ تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل. كۆممىقۇناقنىڭ ئۇنىدا قوناق نان (زاغرانان)، كۆمەچ (ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان نان) پىشۇرۇلغاندىن باشقا، سوقتا كۆمەچ (قوناق خېمىرىنىڭ ئارىسىغا گۆشلۈك نارىن سېلىپ ئوتقا كۆمۈپ پىشۇرۇلىدىغان كۆمەچ)، قوناق قۇيمىقى، قوناق پۆرىسى (قوناق خېمىرىنىڭ ئارىسىغا بىدە كۆكى ياكى باشقا خۇرۇجلار سېلىنىپ، تونۇر ياكى ئوچاققا يېقىپ پىشۇرۇلىدىغان قوناق سامسىسى) قاتارلىقلارنى راستلاپ ئىستېمال قىلغاندىن باشقا يەنە قوناق يامىسى، ئۇماچ زاڭ، يوبدان، مونەك ياكى چۇرا (گۆش، سەۋزە، بىدە كۆكى، كاۋا قاتارلىقلارنى قىيما قىلىپ قوناق خېمىرىدا ئېتىلىدىغان ئاش)، ياما قايناتمىسى (قېتىق، سۈزمە ياكى خېىمىرتۇرۇچ بىلەن قوناق يامىسىدا ئېتىلىدىغان ئاش) قاتارلىق تائاملارنى ئېتىشكە بولىدۇ.
: z/ G& Q/ ?( O q2 F/ Z9 q& y# u3 Q- c9 W
ئاق قوناق ئۇنىدا ئاساسلىقى ئاق قوناق نېنى، سىقماق ئاش (ئاق قوناق ئۇنىنى خېمىر قىلىپ، قول ياكى تۆشۈكچىلەر ئېچىلغان خالتىدا سىقىپ ئېتىلىدىغان بىر خىل ئاش). ئاق قوناق يامىسى، ئاق قوناق ئۇمىچى، ئاق قوناق كۆجىسى (ئاق قوناقنى ئۇن قىلماستىن، پۈتۈن پېتى قازانغا سېلىپ، باشقا خۇرۇجلار بىلەن ئېتىلىدىغان ئاش) قاتارلىق ئۆزگىچە تائاملارنى ئېتىشكە بولىدۇ.4 j+ h% k8 `+ z# D
% n, r" d: N% }. M# |% R
ئەجدادلىرىمىز قوناق تائاملىرىنى ئاساسلىق يېمەكلىك ئورنىدا ئىستېمال قىلغاندىن باشقا، يەنە قوناق تائاملىرىنى سالامەتلىكىگە قاراپ ئىستېمال قىلىپ، مىجەزىنى تەڭشەپ كەلگەن. مەسىلەن، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ناچار ياكى قەۋزىيەت بولۇپ قالغانلار قوناق ئۇمىچى ئىچىپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق. سوغۇقى ئېشىپ كەتكەنلەر تونۇر ياكى ئوچاقتا پىشۇرۇلغان كۆمەچ تۈرىدىكى تائاملارنى ئىستېمال قىلىش، قېتىقنى قوناق نېنى بىلەن ئىچسە مىجەزىنى تەڭشەشكە پايدىلىق. بىزدە ھەتتا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغىمۇ قوناق نېنىنى قوينىڭ قۇيرۇق يېغى ياكى ياڭاق، بادام مېغىزى بىلەن قوشۇپ ئېغىزلاندۇرۇش ئادەتلىرىمۇ ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە. قىسقىسى، قوناق تائاملىرى سالامەتلىككە پايدىلىق بولغاچقا، ئاتا - بوۋىلىرىمىز تۇرمۇش ۋە داۋالىنىش شارائىتى ھازىرقىدەك ياخشى بولمىغان شارائىتتا سالامەتلىكلىرىنى ئەنە شۇنداق ئۇدۇملار بويىچە ساقلاپ كەلگەن.دىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |