ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1563|ئىنكاس: 1

سېرىق ئۇيغۇر پۇتبولچىلىق تارىخىتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ئۇيغۇر

! X# k! J( c  R9 b8 V$ H9 P uygur-futbol.jpg
. p0 U3 m- v  u3 v1 R; o' S

+ J  o2 A' C8 xئۇيغۇرلارنىڭ پۇتبول تارىخى ئۇيغۇرلاردا ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئېگە ھەر خىل تەنتەربىيە تۈرلىرى بار. بۇنىڭ ئىچىدە پۇتبول ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ. بەزى تارىخىي مەلۇماتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قوۋملەرنىڭ قوزىنى تۇلۇمچىلاپ سويۇپ ئىچىگە يەل (ھاۋا) تولدۇرۇپ ئىشلەنگەن توپنى تېپىش ئۇسۇلى بىلەن قارىمۇ-قارشى قەلئەلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزىدىغان «تەپۇك» تېپىش ناملىق بىر ئويۇنى بار ئىدى، دېيىلگەن. («تۈرك قامۇسى»، 29– توم، 384–بەت) يەنە «تۈرك مىللىي مەدەنىيىتى» دېگەن كىتابنىڭ 276-بېتىدە پۇتبول، چەۋگەن ئويۇنلىرى ھون دەۋرىدىن بۇيان «تۈركىي قوۋملەر ئارىسىدا ئوينالغان» دېگەن ئىبارىلەر بار.
0 ^2 \  p. M7 v- ~
" E0 A, F* M! Z. o    تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا، پۇتبول ياكى توپ تۈركىي قوۋملەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان. دەرۋەقە، ئۇ چاغلاردىكى توپ ھازىرقى زاماندىكى توپقا ئوخشاشماستىن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا كۆرسىتىلگەندەك، تۇلۇمچە سويۇلغان قوزا تېرىسىگە يەل قاچىلاپ تېپىش، يىپ توپ تېپىش، يۇمشاق نەرسىلەردىن ياسالغان توپنى تېپىش شەكلىدە بولغان. ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ پۇتبول ئويناش ئۇزاق تارىختىن بۇيان ئادەت بولغان. ئۇيغۇر بالىلىرى ئورما ۋاقتىدا بۇغداي ئېڭىزى، كۈزدە قوناق ئېڭىزى ۋە خامانلاردا ئېشەك مىنىپ ئوغلاق (تۇلۇمچە سويۇلغان قوزا تېرىسىگە سامان تىقىپ ياكى يەل بېرىپ)چەۋگەن، ۋاللەي ئويناشتىن تاشقىرى، يىپتىن ياسالغان ياكى ئىككى كونا تۇماق ئىچىگە يۇڭ ياكى پاختا تىقىپ توپ قلىپ، چاپاندىن قاپقا (قەلئە) ياساپ پۇتبول ئوينايدۇ.6 {! g& `1 x( G; M

/ M$ Y7 S; ~, i2 `9 Y8 |ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70– يىللىرى مەشھۇر سودىگەر، مەرىپەتچى زات باۋۇدۇن مۇسابايوۋ شىنجاڭدىكى دىننىي مەكتەپلەردە پەننىي دەرس قوشۇپ ئوقۇشنى يولغا قويىدۇ. 1883-يىلى ئاتۇش ئېكىساقتا دەسلەپ ئۈچ سىنىپلىق مەخسۇس پەننى مەكتەپ، 1885-يىلىغا كەلگەندە زامانىۋى سەككىز سىنىپلىق پەننىي مەكتەپ سېلىپ، ئالتە مو يەردە تەنتەربىيە مەيدانى ياسايدۇ. ئوقۇغۇچىلار بۇ مەيداندا يۈگۈرۈش، سەكرەش، مېڭىش، تۇرۇش قاتارلىق ئاددىي تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرىنى ئېلىپ بېرىشتىن سىرت، چامباش، پۇتبول، تارتىشماق (ئارقان ۋە كالتەك)، «ئەسىر ئېلىش»، «تاش كەلدى-تاش كەتتى» قاتارلىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى بىلەن مەشغۇل بولغان. 1902-يىلى باۋۇدۇنباي ئۆز خىراجىتى بىلەن روسىيە، تۈركىيىگە ئوقۇغۇچى چىقىرىدۇ. ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن باشقا تەنتەربىيە تۈرلىرى قاتارىدا پۇتبولمۇ زامانىۋىلىشىدۇ، نەتىجىدە ئۇيغۇر تۇنجى زامانىۋىي پۇتبول كوماندىسى قۇرۇلىدۇ. ئۇزاق ئۆتمەي پۇتبول پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىلىدۇ. 1927-يىلى 7-ئايدا، ئاتۇش ئېكساقتا قۇرۇلغان ئۇيغۇر پۇتبولچىلار كوماندىسى ئەنگىلىيىنىڭ قەشقەردە تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ پۇتبول كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىپ، ئۇلارنى بىرگە قارشى ئىككى نەتىجە بىلەن، شىۋىتسارىيىنىڭ ئىشتىن سىرتقى پۇتبول كوماندىسىنى نۆلگە قارشى يەتتە نەتىجە بىلەن يېڭىدۇ. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن ئەينى ۋاقىتتا ئېكساقتا قۇرۇلغان پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى گەرچە يېشى يەتمىشتىن ئاشقان بولسىمۇ، يېڭى زامان پۇتبول مەيدانىدىن ئورۇن ئالىدۇ. كېيىن (1951-يىلى) ياشانغان دېھقانلاردىن تەركىب تاپقان بۇ ئۇيغۇر پۇتبول كوماندىسى غەربىي شىمال رايونى بويىچە چېمپىيۇن بولىدۇ. بۇ ئەھۋاللار بىزگە پۇتبول ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي مىللىي تەنتەربىيە تۈرلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا خېلى بۇرۇنلا كەڭ ئومۇملاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
3 ^" H4 O: }" n5 h2 B8 q- L7 d; O. m5 h' i* D0 W* `
مەنبە: ھۇررا پۇتبول مەستانىلىرى كۇلۇبى

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

4

يازما

110

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
9 سەر
تۆھپە
9 سەر
تىللا
80 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-8-3 12:56:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يېزىپ قوللاپ قويايلى!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗