3d
ېڭى دەرس ئىسلاھاتى يولغا قۇيۇلغاندىن بۇيان ھەر قايسى مەكتەپلەردە ئوچۇق دەرسنى قانداق باھالاش ھەققىدە ھەرخىل كۆز قاراشلار ئوتتۇرغا قۇيۇلۇپ كېلىۋاتىدۇ، ھەرخىل شەكىل ۋە ئۇسۇلدا باھالاپ كېلىۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە ئېنىق بىر قېلىپمۇ يوق، ھەم مۇقىم بىر قېلىپ بېكىتىپ قۇيۇشقىمۇ بولمايدۇ، شۇڭا مەن تۆۋەندە 9 يىللىق ئوقۇتۇش ئەمەلىيتىم ۋە تەجرىبىلىرىمگە ئاساسەن ئوچۇق دەرسنى باھالاش ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويماقچى. & \( }0 w. v8 i- |7 b3 I* v
ئوچۇق دەرسنى باھالاشتا :- s! U8 b% C7 T, k: _+ }( {( S
1. ۋاقىتنى ئوقۇتۇشنىڭ ھەر قايسى قەدەم باسقۇچلىرىغا تەقسىم قىلىشى مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. قارىغۇلارچە ۋاقىتنى بۆلۈپ بەرمەسلىك لازىم، مەسىلەن يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش چوقۇم 10 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمىسۇن دېگەندەك .1 S- ~ u' ~8 m) Q
2. يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش تەييارلىقىنىڭ پۇختا بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك .
4 B1 l5 i" m7 j" z3 S P7 v3 k3. ئوقۇغۇچىلارنى دەرسكە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتۇش قوراللىرىنى تەييارلاتتىمۇ يوق دېگەنلەرگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
0 N: }4 q- A. J4. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەسىلىلەرنى بايقاش ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك .
; l$ t- I9 p/ t3 B$ p4 V5. كۆرسەتمىلىك قوراللارنى تەييارلاش ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئەھۋالىغا قاراش كېرەك .
2 F: O7 H$ X* S" B& H0 ^* W; x6. دەرسكە مۇناسىۋەتلىك دەرس بايلىقنى ئېچىشى مۇۋاپىقمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇرىنى قوزغىتىشى ياخشى بولدىمۇ دېگەنلەرنى كۆزىتىپ باھالاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .. Q/ H5 d8 I' ~3 y/ n. z
7. دەرسلىكتىن پايدىلىنىشتىن باشقا دەرسلىككە مۇناسىۋەتلىك دەرس بايلىقىدىن پايدىلانغان ياكى پايدىلانمىغانلىقىغا قاراش كېرەك .
3 [7 i" `- o* A8. ئوقۇغۇچىلارغا ئەمەلىي مەشىق قىلىش، سۆزلەش، پائالىيەت قىلىش ۋاقتى ۋە سورۇنى ھازىرلاپ بەرگەن-بەرمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك .
6 Y$ L3 a0 m: Z* z6 x# T9. دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا ئازادە ئۆگىنىش كەيپىياتى يارىتىپ بېرىشى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ گۇمانى كۆز قاراشلىرىنى قوزغىتىشىغا قاراش كېرەك .9 ~& }/ |) L+ k2 B' D1 F
10.ئوقۇغۇچىلارنى قوزغىتىش، تەشكىللەش، ئىلھملاندۇرۇش سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ئەھۋالىغا قاراش كېرەك .
, y7 g. Q1 z, M5 z1 e11. دەرسنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنىڭ گەۋدىلىنىشىگە، قىيىن نۇقتىنىڭ ھەل قىلىنىشىغا قاراش كېرەك .
0 _; A' v' G1 z0 N6 u4 }, a12.قارىغۇلارچە شەكىلگە ئېسىلىۋالماسلىق، ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدا ئېلىپ بارغان پائالىيتىگە ۋە ئوقۇتۇش سەنئىتىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
$ h+ {8 Y( L6 C, {7 S13.ئوقۇتۇش لايىھەسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ماس قىلىپ لايىھەلەنگەن ياكى لايىھەلەنمىگەنلىكىگە قاراش كېرەك .
. U5 U. w7 Y8 r4 `9 c0 \, [) G14. ئۆگىنىش مۇھىتىنىڭ ئادىل، دىمۇكراتىك ئاساستا بولۇش ئەھۋالىغا قاراش كېرەك .
# l* Y& D# V( ]- L- ~1 l2 a: `15.دەرس ئاخىرىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر سائەتلىك دەرستىن خۇلاسە چىقىرىشى ئەتراپلىق بولدىمۇ يوق دېگەنگە قاراش كېرەك .
0 a1 _0 @$ k. s16.ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا بەرگەن تاپشۇرۇقىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇنمۇ، ھەجىمى مۇۋاپىقمۇ دېگەنلەرگە قاراش كېرەك .
0 j+ N- q5 w' M7 q" B17.دوسكا لايىھەسى مۇۋاپىقمۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ماس كەلدىمۇ دېگەن نۇقتىلاردىن كۆزىتىپ باھالاش كېرەك . دوسكا لايىھەسى كۆركەم، رەڭدار بولدىمۇ يوق، دەرسنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى گەۋدىلەندىمۇ دېگەنلەرگە قاراش كېرەك0 E9 B$ Y7 P7 T* \
18.ئوقۇتقۇچىدىن قەستەن قۇسۇر ئىزدەشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك. ھە دېگەندىلا ئوقۇتقۇچىنڭ يىتەرسىزلىكىنى سۆزلىمەستىن، ئارتۇقچىلىقلارنى كۆزىتىشكە ۋە ئۇنى سۆزلەشنى ئاساس قىلىش كېرەك .
, O0 d8 f0 N; a! q) `3 V/ C5 {19. ئوقۇتقۇچىنىڭ مەكتەپتىكى ئوبرازى ياكى ئىمتىيازىغا قاراپ باھابېرىشتىن قەتئىي ساقلىنىش كېرەك .
7 f1 C Y, E# n8 O! U: sھەر قايسى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار يۇقارقىلارغا ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا يەنىلا دەرسخانا ئوقۇتۇشىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە، ئوقۇغۇچىلار پائالىيتىنىڭ ئۈنۈمىگە قاراپ، ئوچۇق دەرسنى باھالاش ئېلىپ بارسا بولىدۇ .ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |