خەۋەر«ئالدىم» نى كىم دىگەن؟ نىمە ئۈچۈن دىگەن؟ 8 ^- L& l) x. O Y9 ^
e" F( z3 u/ v1 f3 S K' F" H2 p
5 u8 d* ~+ r+ Rئادەتتە ئوغۇللارنىڭ ھەممىىسى نىكاھ ئوقۇغان ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ «ئالدىم» دىگەن سۆزنى قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ، ئەمما يېقىندىن بۇيان ياشلىرىمىز بۇ گەپنىڭ مەنىسىنى بىلمەيۋاتامدۇ ياكى مەن ئارتۇقچە ئويلىۋالدىممۇ بەزى ئىشلار ماڭا غەلىتە بىلىنىپ كەتتى، شۇڭا بۇنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش نىيىتىدە بۇ تېمىنى يازدىم.
T* B- t% l1 g
7 s; i' ?$ j2 D& I# p6 _4 ~% jھازىرغا كەلگۈچە ئۆزۈم كۆپ قېتىم «خىزمەت قۇربانى» بولۇپ كەتكەچكىمىكىن ماڭا ئوخشاش «خىزمەت قۇربانى» بولۇپ كەتكەن يىگىتلەرگە بەكلا ھىسداشلىق قىلىمەن ھەم ئۇنداق قىزلارغا شۇنداق ئۆچلۈكۈم كېلىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا ئۆچلۈكۈم كەلمەيدۇ بەلكى تۇرمۇشنى ئىقتىساد ئۈستىگە دەسسەتكەن بۇ بىچارە بايقۇشلارغا ئىچىم ئاغرىيدۇ، بۇنداق دىسەم بەزىلەر «ئىقتىساد بولمىسا ھازىرقى جاھاندا تۇرمۇشنى ياخشى ئۆتكۈزگىلى بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بېرىشىڭلار مومكىن، ئەمما ئىنساندا شۇ تۇرمۇشقا نىسبەتەن توغرا تاللاش ۋە توغرا مۇئامىلە قىلىش بولىدىكەن بۇمۇ ئانچە بەك تەس توختىمايدىكەن، شەخسەن ئۆزۈمنى ئېلىپ ئېيىتساممۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ھازىرغىچە 9يىل بوپتۇ، بۇ 9يىلدىن بېرى ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزۈمنىڭ ئىككى قولىغا، ئەقىل-پاراسىتىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمەن، ئەگەر ئوغۇل بالا تىرىشسىلا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى خىزمەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ قامداپ كېتەلەيدىكەن، شۇڭا «خىزمەت قۇربانى» بولۇپ كەتكەن تۇرمۇشداشلىرىمغا شۇنداق دىگۈم بار: مەيۈسلەنمەڭ، ئەكسىچە ئۆزىڭىزنىڭ ئىككى قولىڭىزغا تايىنىپ ئۆز بەختىڭىز ئۈچۈن كۆرەش قىلالىغانلىقىڭىزدىن پەخىرلىنىڭ!/ v. N n) w" n1 ?& ~- t
) c) w* _$ H* Qيېقىندىن بېرى مەن تۇرمۇشىمىزدا يەنە بىر قىسىم «خىزمەت قۇربانى» بولۇپ كېتىۋاتقان قىزلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنىڭ نەزىرىدىكى ئەركەكلىرىمىزنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈۋاتقاندەك ھېس قىلدىم، تۆۋەندە مەن ئۆزۈم كۆرگەن ئىشلارنى دەپ بېرەي:/ ?3 a$ i- H3 e" O1 l
5 H* c9 e) }# }8 d1.«خىزمىتى يوق ئىكەن، ئوغلۇمغا ئېلىپ بەرمەيمىز»' ], a2 `5 y2 i, X5 k a* o
: o5 U" M) k; { q
تۇرمۇش ئىچتىياجى بىلەن ئۆزۈمنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلىپ بۇ ناھىيىگە كەلگىلىمۇ بىر يىلدىن ئېشىپتۇ، بۇ يەردە دۇكان ئاچىدىغان بىر يۇرتلۇق قىز بار ئىدى، سودىسىمۇ خېلى ياخشى، بىر كۈنى قارسام دۇكىنى تاقىلىپ قاپتىكەن سىڭلىمدىن سورسام سىڭلىم ئۇ قىزنىڭ ئىمتاھان بېرىپ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ئۈچۈن قايتىپ كەتكەنلىكىنى ۋە ئىمتىھان بەرگەن خىزمەت ئورنىنى دەپ بەردى، ئۇنىڭ ئورۇنلاشقان خىزمەت ئورنىنى ئاڭلاپ ھەيران بولماي تۇرالمىدىم، ئۇنىڭ ھازىرقى خىزمەت ئورنىدا بىر ئاي جاپالىق ئىشلەپ ئالغان مۇئاشىنى بۇرۇنقى تىجارەت ئورنىدا بىر ھەپتىدە تاپالايتى، شۇنىڭ بىلەن ئەجەپلىنىپ سىڭلىمدىن سورسام سىڭلىم ئۇ قىزنىڭ يۈرۈۋاتقان يىگىتىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغۇسى بارلىقىنى، ئەمما يىگىتنىڭ ئاتا-ئانسىنىڭ «قىزنىڭ خىزمىتى يوق ئىكەن» دىگەن شەرتنى قويۇشى بىلەن قىز ئۇلارنىڭ شەرتىنى ئورۇنداش ئۈچۈن خىزمەتكە چىقىپتۇ. توۋا دىمەي تۇرالمىدىم، ئۆيىگە كېلىدىغان كېلىنىنى، ئوغلى «ئالدىم» دەپ ئەكىرىدىغان ئۆمۈرلۈك جۈپتىنى «خىزمىتى يوق ئىكەن» دەپ ياراتمىغان، پۇل تاپالمايدىكەن دەپ رەت قىلغان ئاتا-ئانىنىڭ ئۆزى قانداقتۇ؟ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ھەممىسى خىزمەتچىمىدۇ؟6 I0 |! ^! p; V/ O
* D3 i6 c I4 f$ u2 a2.«رەسمىيىلىشەلمىگەندىن كىيىن يولدۇشۇم مېنىڭ خېتىمنى بەردى»
4 W k4 z4 I! y0 L$ }1 F
; U$ y( L2 W, gبۈگۈن ئەتتىگەندە بىر قىزنىڭ ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە يازغان ئىلتىماسىنى تەرجىمە قىلىپ بەرگەچ ئاخىرىدىكى بىر جۈملە سۆزگە ئاساسەن ئۇنىڭ بىلەن ئازراق ئەھۋاللىشىپ قالدىم، ئۇ قىز ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگىلى 8يىل بوپتۇ، ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەن ۋاقىتلاردا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ئىمتىھانى ئالمىغانلىقتىن يېزىسىدىكى بىر ئورۇندا ئۆز كەسپى بويىچە خىزمەت قىلىپ كېلىۋېتىپتۇ، تويمۇ قىپتۇ، 3ياشقا كىرگەن بىر قىزى بار ئىكەن، ئالدىنقى يىلى ئالغان رەسمىيىلەشتۈرۈش ئىمتىھانىدا 0.2نومۇرى كاملاپ قالغانلىقتىن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن يولدىشى «رەسمىيىلىشەلمىدىڭ، ئايدا ئالىدىغان مۇئاشىڭ تۆۋەن، ئاجرىشىپ كېتىمەن» دەپ خېتىنى بېرىۋېتىپتۇ، ئۇ شۇنىڭدىن بېرى قىزىنى ئۆزى بېقىۋاتقانلىقىنى دەپ بەردى، شۇنداق قىلىپ «مۇئاش تۆۋەن» بولغانلىقتىن بىر ئايال تۇل قاپتۇ، بىر قىز يېتىم بوپتۇ.
* c& E$ g8 O+ E) c3 c- d/ b' |# K( ]0 r8 U
3.«ئۇ مېنى ئالداپتۇ، ئۇنىڭ كېسىلى بۇرۇنلا بار ئىكەن»4 ^, l0 @4 i0 Q! G7 S
2 H2 }5 y4 i" m3 V, w8 M* e
ئالدىنقى ھەپتە بىر نىكاھتىن ئاجرىشىش ئەرزىگە يازىدىغان جاۋابنى يېزىپ قالدىم، يىگىتنىڭ ئاتا-ئانىسى، يىگىت ئۈچى كىرىپ ئۆزلىرى يېزىپ ئەكەلگەن ماتىريالنى ئۇرۇپ بېرىشنى ئېيىتتى، ئۇرۇشنى باشلىدىم، ئۇ جاۋابنامە بىر دەم بىرىنچى شەخىس تىلىدا، بىر دەم ئىككىنچى شەخىس تىلىدا يېزىلغان بولغاچقا ئۇ خەتنى كىمنىڭ يازغانلىقىنى سورسام «دادام يازدى» دەپ جاۋاب بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ چىرايىغا قاراپ كىملىكىنى سوراپ ئېلىپ (ئالمىسا بولمايتى) ئۇ يىگىتنىڭ كىملىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ 33ياشقا كىرگەن ئەركەكلىكىنى، سوراش ئارقىلىق ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئورۇننىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئەرىزنامىسىغىمۇ ئۆزى جاۋاب يازالمىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ «ئەركەك» لىكىدىن گۇمان قىلىشقا باشلىدىم، يېزىۋاتىمەن، ئۇ خەتلەردىكى ئەركەكلىككە قىلىنغان ھاقارەتلەر ئىپادىلەنگەن خەتلەرنى بېسىۋاتقان قولۇمغا قاراپ تۇرۇپ قالىمەن، ئەمما ئاخىرىدىكى مەزمۇنغا قاراپ قاينىماي تۇرالمىدىم:1 s9 n) v; b" H: e3 U% y- P
! o$ l2 p/ d* `" \' J; {5 L«ئايالىمنىڭ مېڭىسىدىكى ئۆسمە توي قىلىشتىن بۇرۇن ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا بار ئىكەن، ئۇ مېنى ئالداپتۇ، ئەگەر ئۇ بۇرۇنلا شۇنداق ئۆسمە بارلىقىنى ئېيىتسا ئۇنىڭ بىلەن ھەرگىزمۇ توي قىلمايتىم، مېنىڭ ئۇنى داۋالىتىدىغان پۇلۇم يوق، ئەگەر ئۇ مەن بىلەن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالسا تويغا كەتكەن 29000يۈەن، تويدىن بۇرۇن ئۇنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن خەجلىگەن 6000يۈەن پۇلۇمنى قايتۇرۇپ بەرسە قوشۇلىمەن»
1 |: k1 [. k: i; N, H& I2 E0 I; `# n! l+ Z/ Y3 B- ~
ماۋۇ گەپلەرنى كۆرۈپ ئاچچىقىم كەلمەي تۇرالمىدى، بىچارە قىزغا شۇنداق ئىچىم ئاغرىدى، قىز بۇ «ئەركەك» تىن 10ياش كىچىك ئىكەن، بىچارە قىز بۇ ھازازۇللارنىڭ ئۆيىدە تۇرالماي شۇڭا ئاجرىشىش نىيىتىگە كەپتىكەن، ئۇنىڭغىچە ئۇ «ئەركەك» نىڭ ئاچىسى «ياردەمچى قوشۇن» بولۇپ تېلىفۇن قىلدى، ئۇ تېلىفۇندا ئاچىسىغا يېنىدىكى ياردەمچىلەرنىڭ زاپاس ئىكەنلىكىنى، ئۇ «ئالدامچى قىز» غا ھەرگىزمۇ بوزەك بولمايدىغانلىقىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئۇقتۇرۇپ قويدى، قارسام شۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسى سىرىتقا چىقىپ كەتتى، شۇ يەردىلا ئۇنىڭغا قايناپ كەتتىم: سەن ئەركەكمۇ يا؟ ئەينى ۋاقىتتا نىكاھ ئوقۇغان ۋاقىتتا ئالدىم دىگەن گەپنى چالا قىلىپ قالغان چېغىڭ، نىكاھ ئوقۇغاندا جاپا-ھالاۋەتتە بىرگە بولۇش دىگەن شەرتنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئاندىن «ئالدىم» دىگەنمۇ ياكى ئۇ قىزنىڭ خىزمىتى بارلىقىنى ئويلاپ شۇ خوشلۇقتا دىققەت قىلمىغانمۇ دىسەم گەپمۇ قىلمىدى، ئاچچىقىمدا ئۇنىڭغا جاۋابنامىسىنى بېرىۋېتىپ چىقىرىۋەتكەندىن كىيىن ئۇ قىزغا ئىچىم ئاغرىدى، بىچارە قىز بىر يىلدىن بېرى ئۆزىنىڭ «ئەركەك» لىك مەجبۇريىتىنىمۇ ئادا قىلىشقا قۇربىتى يەتمەيدىغان بىچارە بايقۇشنىڭ قولىدا خارلىنىپ قاپتۇ، ئادەتتە بىراۋ ئاغرىپ قالسا ئۇنى داۋالىتىش ئاددى بىر مەجبۇرىيەت، ھېلىغۇ بىر ئادەم ئىكەن، ھازىر كىشىلىرىمىز ئۆيىدىكى ئىت-مۈشۈكلىرى ئاغرىپ قالسىمۇ چارۋا دوختۇرخانسىغا ئاپىرىپ داۋالىتىدىغان زاماندا، بىر ئاجىز قىزنىڭ خاتىرجەم داۋالىنىش شارائىتىغا ئىگە بولالمايلا قالماستىن بەلكى ئېرىگە سادىق بولمىغان «ئالدامچى» ئاتىلىپ ھاقارەتلىنىشى كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغىماي قالمايدۇ.( o$ M4 A2 A$ L: U
4 W0 `3 R3 x0 Y2 C2 q* b) ?
ئاياللار ئاللاھنىڭ ئەرلەرگە قويغان ئامانىتى، ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە «ئاياللىرىڭلارغا ئۆز ئاچا-سىڭىللىرىڭلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىڭلار، ئاياللار ئەرلەر ئۈچۈن ھەر ئىككى ئالەملىك زىننەت» دىيىش ئارقىلىق ئەركەكلىرىمىزگە ئاياللارنى خارلىماسلىقنى بۇيرۇق قىلغان، بىراق ھازىر بىر قىسىم ئەركەكلىرىمىز ئۆزىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە مەجبۇرىيەتلەرنى ئۇنتۇپ، قىزلارنى پۇل تاپالمىسا خارلايدىغان ھالات شەكىللىنىۋاتىدۇ.: B" m$ x" `! k, O& t6 x$ U& x1 B3 n
! X# }% _# x4 z6 S- e* X# x) Oمەن بىلىدىغان ئالتە ئايدىن بېرى ئىشىنى ھەقسىز قىلىپ بېرىۋاتقان 33ياشلىق بىر ئانا بار، ئۇنىڭ يولدىشى 4يىلنىڭ ئالدىدا يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن، ئۆزى بولسا بىر ئورۇننىڭ ئىشتىن قالغان خادىمى، ئۇنىڭ 14ياشلىق ئوغلى 3يىلنىڭ ئالدىدا تېراكتۇر رىمونىت قىلىۋاتقاندا تېراكتۇرنىڭ توچىيى بېلىگە چۈشۈپ كېتىپ بېلىنىڭ تۆۋەن تەرىپى پالەچ بولۇپ قالغان، ئۇ بالىنىڭ ھەر كۈنلۈك داۋالىنىشىغا ئەمەس بەلكى چوڭ-كىچىك تەرىتىنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈنلا 90يۈەنلىك سايمان كېتىدۇ، بىچارە ئايال بىلەن يېقىندىن بېرى ئەھۋاللىشىش جەريانىدا ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ھادىسىگە ئۇچىراش جەريانى ۋە سوت ھۆكۈمىنى كۆرۈپ، ئاجىز يېزا ئايالىنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بىلىپ ماتىرياللىرىنى ھەقسىز قىلىپ بەردىم ۋە ئۆز نامىمدا بىر ئادۋۇكات تەكلىپ قىلىپ ناھەق دىلونى قايتا سوتلاش توغۇرلۇق ئىلتىماس سۇنۇش ئارقىلىق خېلى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشتۇق، ھازىر ئۇ ئايال بالسىنى شاڭخەيدە داۋالىتىش ئۈچۈن ئىقتىساد توپلاۋاتىدۇ،1 ]0 d( M7 N; ~3 O# X/ M: S, e
; @! E% {% G% P$ X9 I# w
ئاللاھنىڭ ئاياللارغا بەرگەن چىدام-غەيرىتىگە، مىھرى-مۇھەببىتىگە ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمىدىم، بىر ياندا ئۆي، بالا دەپ تىرىشىۋاتقان ئانىلار، بىر ياندا ئۆزىنىڭ مەجبۇريىتىنى ئۇنتۇپ خاراپلىشىش يولىغا ماڭغان «ئەركەك» لەر تۇراتتى، ئانىلارغا رەھمەت ئوقۇماي، ئۇلارنى ھۆرمەتلىمەي تۇرالمىدىم.
: q1 F' ^: Q. l r/ a9 N* g& A# n) C; d7 f7 \3 d8 Q4 j
شۇڭا تورداشلارغا دەيدىغىنىم «جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا»، سىزنىڭ ئايالىڭىز، ئانىڭىز ۋە ئەتراپىڭىزدىكى بارلىق ھەمشىرىلىرىڭىز ئاللاھ نىسىپ قىلسا «ئانا» بولىدۇ.8 I/ r; X; J* |; L( |, _
8 R+ ]( V& K- |مەنبە: تورداشلار كۇلۇبى(ئۆمەرنىڭ يازمىسى)چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |