خەۋەرئۆزۈمگە خىتاپ2 E0 z4 |" z) y; Z, t
(نەسىر)
5 B9 p% M6 K6 Z4 ^ئابدۇلھەمىد ياسىن
: v: c6 Y8 l* M4 Oقولۇمدىكى <<ئىز>> نىڭ مېڭەمدە پەيدا قىلغان ئەكىس سادالىرى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئۆزلۈكۈمنىڭ قويغان سوئاللىرىنىڭ جاۋابى تېپىلمايلا <<ئويغانغان زىمىن>> پىكىر غەليانلىرىمنى يەنە سىلكىشكە باشلىدى. ئاخىرى ئۆزەمدىن ئىنتىقام ئېلىشقا باشلىدىم. ئىنتىقام ئالماي بولمايتتى. نۇرغۇن ئېسىل چاغلار، گۈلگۈن باھار، ئوتلۇق ئىيۇن، ئالتۇنرەڭ كۈز، سېھىرگە باي يانۋارلارنىڭ ھەممىسى جىمجىت ئۆتۈپ كەتتى. گويا سەپ تۈزۈپ ئۇچۇشقان قاقىرلاردەك، لاي سۇدەك ئۆتۈپ كەتتى. ئەسلىمە بولغۇدەك، خاتىرە قالدۇرغۇدەك كۈن ياكى تۈندىن بىرەرسىمۇ يوق. مېنىڭدىن خۇرسەن بولغان ياكى قاتتىق رەنجىگەن بىرەر ئادەم يوق. مەن پۈتتۈرگەن ياكى چالا قويغان، ئەھمىيەتلىك ئىشمۇ يوق. ھازىرغىچە قاراپ باقماپتىمەن. ئوتتۇز نەچچە باھار، ياز، كۈز، ئايازلار شۇقەدەر سوغۇق، شۇقەدەر غېرىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. مەن پىراقىدا ئوت-كاۋاپ بولغۇدەك بىرمۇ جانان، ماڭا قەلبىنى ئاتىغان بىرەرمۇ ئەسەبىي ئاشىق يوق. مۈمكىن بولسا كۆكرىگىمنى يېرىپ ئۆزەمدە يۈرەك بار-يوقلىغىنى بىر تەكشۈرۈپ باققۇم بار. كۆكرەك قەپىسىمدىكى دۈك-دۈك قىلىپ سوقىۋاتقان نەرسىنى يۈرەك دىگۈم كەلمەيدۇ. ئۇنى خۇددى يەر ئاستىدىكى قۇرتنىڭ تىنىمسىز ھەركىتىگە ئوخشاتقۇم كېلىدۇ. تولۇق ئىقرارمەن، مەندىكى ئۇ يۈرەك ئەمەس. ئەگەر ئۇ يۈرەك بولغان بولسا بىرەرسىنى سۆيگەن، سۆيۈلگەن بولاتتى. بىرەرسىنى رەنجىتكەن ياكى ئاللىكىملەردىندۇر رەنجىگەن بولاتتى. <<ئىز>> ۋە <<ئويغانغان زىمىن>> دا سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشنىڭ خىتابنامىسى بار ئىدى. ئەمما بۇ مېنىڭدە ھېچ ئىپادىسىنى تاپمىغانىدى.
! P9 D: T, w- w2 x, I3 W) E
% |" w' Q( x9 ?* p/ Z6 k$ Kقىز بالىنى شىرىن گەپلەر بىلەن ئالداشنى ھەرگىزمۇ مۇھەببەت دىگۇم كەلمەيدۇ. كىلاسسىكلىرىمىزدىكى <<پەرھاد-شىرىن>>، <<غېرىپ-سەنەم>>، <<تاھىر-زوھرا>>، لارنىڭ ھاياتى كۈچىنى پەرھاد، غېرىپ، تاھىر، شىرىن، زوھرا، سەنەملەرنىڭ چىن ساداقىتى،بىر-بىرىگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتى بىلەن ئەمەس، پەرھادنىڭ سۇغا زار-زار بولغان خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن بىستون تېغىنى يارغانلىغىدىن ئىبارەت بەدىلى، غېرىپنىڭ دۆلەتتىكى جاھالەت يىلتىزلىرىنى قومۇرۇپ تاشلىيالىغان جاسارىتىگە باغلاپ چۈشىنىپ قالىمەن. چۈنكى ساداقەت ھەركىمدىن، ھەرجايدىن تېپىلىشى مۈمكىن، ئەمما ساداقەتكە تۆلىنىدىغان ھەقىقى بەدەل خالىغان ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدىن تېپىلىۋەرمەيدۇ. شۇڭىمۇ ھازىرقى زەيپانە، ناجىنىسلىقنى، مەنپەئەت قۇربانلىرىغا ئايلانغان ئاشىق-مەشۇقلۇقنى مۇھەببەت دىگۈم كەلمەيدۇ. بەلكى ئۇنى زامانىۋىلاشقان، ماددىلاشقان روھىيتىمىزنىڭ ئەجەللىك پاجىئەسى دېگۈم كېلىدۇ. W+ C( l6 Q# j; O6 ^
; \' V% U) J) Y0 fبۇنى ئېنىق ھىس قىلغان يەردە ئەلۋەتتە بۈركۈت بولماقچى ئىدىم، قىيان بولماقچى ئىدىم، يۈرىگىمنى يۈتتۈرۈپ قويغان مۇشۇ ھالىتىمدە ئەدناسى سارمۇ بولالمايدىغانلىغىم، كىچىككىنە ئېقىنمۇ بولالمايدىغىنم ئۆزەمگە ئايان بولۇپ قالدى. توغرا، <<ئىز>> مەندە ئىزسىز يوقاپ كېتىۋاتاتتى. مەن ئۆزلۈكۈمنى بىلەلمىگۈدەك ھالغا يەتكەن ئىدىم. روھىمدا ئاجايىپ ئولۇغ ئۈگۈتلەر، ئالەمنى ئىلكىگە ئالغۇدەك يۈكسەك تەلىماتلار تولۇپ تۇرۇپتۇ، ئەمما ۋۇجۇدۇمدىكى كۆنۈكۈشتىن ئىبارەت كالا مىجەز خاراكتىر كىملەردىن ئۇدۇم بولۇپ قالدىكىن، ھەممىگە كۆنەلەيمەن، بىرەرسى ئېتىقادىمغا چاڭگال سالسا بۇنى ھار ئالمايمەن. بەلكى جەينىماز ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئارمانلىرىمغا ئاللىقانداق ئاتالارنى تىلەيمەن. بىرەرسى ئۆزلۈكۈمگە ھۇجۇم قىلسا دەرھال شۇنىڭ مالىيى بولۇپ بىرىمەن. يەنە تېخى ئۇنى ئۆزەمگە پىر تۇتىمەن. كىملا رىسقىمغا قول ئۇزاتسا بارلىغىمنى داستىخانغا يايىمەن. چۈنكى مەن كىشىدىن ھېچنىمەمنى ئايىمايدىغان مېھماندوست. كىمىكى خوتۇن-قىزلىرىمغا قانات سۆرىسە، مەن <<ئاجايىپ مەدەنىيەتلىك>>، شۇنداق بولغاچقا نومۇس، يىڭنىدەك تىغىنى بىلەپ تۇرسىمۇ ئىككىلەنمەي يۇتالايمەن. بىرەرسى مېنى توپتەك تېپىپ دومىلاتسا مەن دەرھال دۈپ-دۈگىلەك. قىرسىز بولغاچقىمۇ ھېچكىمگە ئۇرۇلمايمەن، قاياققا دومىلاتسا كېتىۋىرىمەن.
% L5 U1 {" ]9 ]% s6 l2 Q2 I9 d
) a# Z( G! v E! {/ a! zشۇنداق، مەن ياشىمىدىم، بەلكى ھايات ئۆزى مىنى ياشىتىۋاتىدۇ، مەن ئىچىمدىن چىقىرىپ كۈلۈپ باقمىدىم، ئەمما ئاللىكىم زورىغا غىدىقلاۋاتىدۇ. مەن سۆيۈپ، سۆيۈنۈپ باقمىدىم ئەمما سولياۋ گۈللەر مېنى، مەن ئۇلارنى باغاشلاۋاتىمەن. شۇنداق، مەن ھەممىنىڭ نازارىتىدە، كۆز قارچۇغىدا. خۇددى مەن ھايات يولۇمنى باشقىلارنىڭ ئۆتكۈر نەزەرى ھەم تەپەككۇرى بىلەن ئىزىغا سېلىپ كېتىۋاتقاندەك. شۇڭا گاھىدا مۇشۇنىڭ ئۆزى ھايات، دەپ ئويلىسام يەنە تۇرۇپ ياق، مەن ئالدىنىۋاتىمەن. ھەممىسى، ئەتراپىمدىكى ھەممەيلەن مېنى ئالداۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ قالىمەن. قارىسام ھەممەيلەن كۈلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە چوقۇم نېمىگە كۈلگەنلىگىنى چۈشەنمەيدۇ. ھەممەيلەن يىغلاۋاتىدۇ ئەمما بىر-بىرىنىڭ چىرايىغا قاراپلا يىغلاۋاتىدۇ. ئىچ-ئىچىدىن كۈلگەن، يىغلىغان ئادەمنى تاپسام، ئۇنىڭ پىشىدىن قويىۋەتمەي مەھكەم ئېسىلىۋالغۇم، چىڭڭىدە قۇچاقلىغۇم بار...
9 }7 O/ n- ~3 y/ O. N; ?! N
! {- o" y, M/ {! j# b5 [قەبرىسىز قالدى دېمەڭ، يۇلغۇن قىزارغان دالىدا،
5 u; W+ Q: a& E5 \4 k
9 v! K% A/ N9 s& k% ?* |گۈل- چېچەككە پۈركىنۇر، تاڭلا باھاردا قەبرىمىز...
5 o* B" n7 g0 J) f$ }0 ~$ m! \# n6 E
يەنە بىر باھار كەلدى. دەل-دەرەخلەر، گۈل-گىياھلار يېڭى چاپان كېيىشىپ نازلىنىشقا باشلىدى. ئۇلاردا چىنلىقنىڭ يارقىن سىماسى بار. دەرەخ ياكى تۇپراق بولۇپ قالغان بولسام-ھە!.9 K! o' K" O, }2 a
2 ~/ \) E8 @4 B3 u% P& Iھەقىقىي ئىنسان! ھىدايەتنامىنىڭ يارقىن قۇرلىرىنى ئولۇغ بىر ھېكمەتكە، ئولۇغ بىر رىئاللىققا تەن بېرىپ تۇرۇپ، گۈزەل ھالدا تەسلىم بولۇپ تۇرۇپ، يۈرەك ئازادىلىكى بىلەن روھىيىتىنىڭ ئاجايىپ لەززىتىنى ھېس قىلىپ تۇرۇپ يېزىپ چىقتى. ئاجايىپ يوقىرى بەدىئى دىت، ناھايىتى گۈزەل ھەم يېقىملىق ئاھاڭ بىلەن يېزىپ چىقتى. چۈنكى ئۇنىڭ قەلبى ئولۇغلۇقنىڭ نۇرلىرى بىلەن نۇرلانغان ئىدى. ئاھ، <<مەن بىر بەندە>> دەپ ئىقرار قىلىپ، ئادىمىيلىكىدە ئادەم بولۇپ، مەغرۇر ياشاش نەقەدەر قېيىن ھە! گەرچە مەۋھۇملۇقتا يۈرۈپ ئىنسانلىغىمنى بايقىمىغان، تېپىۋالالمىغان بولساممۇ مەن ھامان خوجايىن. دەرەخ ھەم تۇپراققا، يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرگە خوجايىن.
$ Q, F+ }- E5 Y& {' E. l8 M+ q
( g3 \# z) o; j6 v' mشۇ تاپتا كىملەرگىدۇر ئېسىلىۋاتقان، سەدىقە تىلەۋاتقان بولساممۇ ھامان ئۇچار جايىمنى، رىزقىمنىڭ قايەردىلىگىنى بىلىپ قالىمەن.
. Z% ~& ^& @1 }" b) p0 J# Z$ ^+ i: Z6 ^
<<يەنە تېخى ۋاقىت بار، دىگەن سۆز شەيتاننىڭ بىردىن-بىر قورالى>>.7 [* F @. g6 v
4 Z$ a* S+ W- j! m+ u
ئۆتكۈر روھى ئۆركەشلىمەكتە. شۇڭا ئەي ئۆزۈم، مەن سەندىن ئەمدى قىساس ئالماي تۇرالمايمەن. چۈنكى <<قىساستا ھاياتلىق بار>>!!!4 J9 F( A, o) y: X! a) r
ئاپتور:قاراقاش ناھىيىلىك1-ئوتتۇرا مەكتەپتە
/ L' e. s5 r! R: l; yمەزكۇر نەسر تەمكىن تەرىپىدىن تەستىقلاندى.
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |