ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 12896|ئىنكاس: 6

دەرىس ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتايلى!ئەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9200 سەر
تۆھپە
2744 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2011-12-22 22:22:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
3d ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتايلى!
% r9 h! G1 N& S/ w9 g3 [4 J : P4 n; N; J6 Z; v9 n/ t: A4 S8 r
( فېليەتون )
2 x, _/ B# `: [* p" q5 n8 `" h2 z * q2 A3 v3 S1 P* r. ^; C& a2 E4 t

) e9 e! ~4 Q/ v    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەربىيەسىدىن مۇستەسنا ھالەتتە ئانىسىنىڭ قورسىقىدىنلا دوكتۇر، ماگىستېر، ئالىم – ئىنژىنېر، رەھبىرىي كادىر بولۇپ تۆرەلگەن تۇغما تالانت ئەقىل ئىگىلىرىگە:
4 I# S) U7 Z7 ?. j9 gكەمىنە مۇئەللىم شۇنچە يىللاردىن بېرى ئالجىپ قالغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ "بالاڭنى تەربىيەلەشتە تاياق بىلەن ئۇر، تاياق بىلەن ئىللەت تۈزىلۇر" دېگەن ئاساسسىز، مەدەنىيەتسىز، سەۋىيەسىز گەپلىرىگە، كاللىسىغا ئىشەك تېپىۋەتكەن ئەجدادلارنىڭ "ئۇستاز زالىم بولسا، شاگىرت ئالىم بولۇر"، "تەلەپچان ئۇستازدىن ياراملىق شاگىرت چىقىدۇ" دېگەن قۇرۇق سەپسەتىلىرىگە ئىشىنىپ، ھەر قايسىڭلارنىڭ قاتتىق تەلەپ قويمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىنلا ئەقىللىق، بىلىملىك بولۇپ كېتىدىغان، خاتالىقىنى تەنقىد قىلىپ كۆرسىتىپ بەرمىسىمۇ ئۆزلۈكىدىن تۈزىتىپ ئوڭشىلىپ كېتىدىغان، كەلگۈسىدە داڭلىق ئالىم-ئۆلىما بولىدىغان ئارزۇلۇق پەرزەنتلىرىڭلارنى خۇددى كېيىن ياراملىق ئادەم بولۇپ قالسا ماڭا تۇتاملاپ پۇل ئەكېلىپ بېرىدىغاندەك قىلىپ چىڭ تۇتۇپ، خاتالىق ئۆتكۈزسە تەنبىھ بېرىپ، تولىمۇ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ كەلگەن خاتالىقىمغا چەكسىز پۇشايمان ۋە تەۋبىلەرنى قىلىپ ئولتۇرماقتىمەن.  
+ O% U4 `, B" @9 K# ^8 V    ئويۇنغا بېرىلسە سېسىق گەپ بىلەن تويغۇزۇپ، ئىنتىزامسىزلىق قىلسا جازالاپ، ئۈستى – ئۈستىلەپ تاپشۇرۇقلارنى بېرىپ، ئۇھ دېگۈدەك پۇرسەت بەرمەي ئوقۇتۇپ قولدىن چىقارغان، ھازىر چەتئەللەردە ماگىستېرلىقتا ئوقۇۋاتقان، شىركەتلەرنى قۇرۇپ پۇل تېپىۋاتقان، مېنىڭ شۇ ناچار تەسىرىم بىلەن پەرزەنتلىرىگىمۇ ئوخشاش زۇلۇم سېلىۋاتقان كونا ئوقۇغۇچىلىرىمدىن تولىمۇ تۆۋەنچىلىك بىلەن ئەپۇ سورايمەن.
( ^; s* U8 s# D' M+ U, |    كىچىكىمدە "بالىنىڭ گۆشى سىلىنىڭ، سۆڭىكى بىزنىڭ" دەپ مېنى قاتتىق قول تەربىيەچىگە تاپشۇرۇپ بەرگەن، يالغانچىلىق قىلىپ مۇئەللىمدىن تاياق يەپ ئۆيگە يىغلاپ كەلسەم، يۈگۈرۈپ بېرىپ مۇئەللىمنىڭ ياقىسىدىن ئېلىشنىڭ ئورنىغا مېنى "ئۇستازىڭغا يالغان گەپ قىلدىڭما؟" دەپ ئۆگەي بالىنى ئۇرغاندەك ئۇرۇپ كەتكەن دادامنى قەبرىسىدىن تارتىپ ئېلىپ چىقىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ھۆججەتلىرىنى، تورداشلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قوغداش، ئاسراش ھەققىدىكى ئىنكاسلىرىنى كۆرسەتكۈم كېلىۋاتىدۇ. شۇ تىل – دەشناملارنىڭ دەستىدىن ئاران ماگىستېر بولۇپتىمەن، ناۋادا ئۇنداق كۆڭلۈمگە ئازار بەرمەي، سىلاپ – پەپىلەپ ئوقۇتقان بولسا چوقۇم دوكتۇر ئاشتى بولاتتىمكەن. خەپ دادا! - I. D( Z7 H9 l0 V9 ?  K
ئۆتكۈر پىچىقى بىلەن راك ھۈجەيرىلىنى كېسىپ تاشلاپ، نۇرغۇن بىمارنى قۇتقۇزغان ئۇستا دوختۇرنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن قولىدىكى پىچاقنى تارتىۋالساق، نۇرغۇن جىنايەتچىلەرنى پاراسەت بىلەن قولغا چۈشۈرۈپ، نۇرغۇن خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلكىنى قوغداپ كەلگەن ساقچىنى بىر قېتىملىق سەۋەنلىك بىلەن تۈرمىگە سولىساق، نۇرغۇن ئالىم – ئىنژىنېر، تەتقىقاتچى – كەشپىياتچىلارنى تەربىيەلەپ كەلگەن ئوقۇتقۇچىنى بىرەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋېلىشى بىلەن مۇنبەردىن ئايرىساق .... ئەسلىدە ئىشنىڭ توغرا يولى مۇشۇ ئىكەندە؟
0 k0 v+ E$ M% ?    18 ياشتىن ئاشقاندىن كېيىن خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويسا يەتمىش پۇشتىغىچە پۇشايمان قىلغۇدەك جازالايسىز-يۇ، كىچىكىدىن باشلاپ قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلەپ، چوڭ بولغاندا خاتالىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى نېمە ئۈچۈن خاتا دەيسىز؟
4 t5 O+ n6 Y) K    ھەر يىلى نەچچە ئونمىڭلىغان ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قۇرامىغا يەتكەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىگە كىرسە، ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسا كۆزىڭىزنى مىت قىلمايسىز، پۈتۈن مەملىكەتتىكى نەچچە يۈز مىليون ئوقۇغۇچىنىڭ ئىچىدە بىر – ئىككىسى ئوقۇتقۇچىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان تەنبىھلىرىگە چىدىماي ئۆزىنى بىنادىن تاشلىۋالسا، سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ، ئوقۇتقۇچىلارنى ئاغزىڭىزغا كەلگەنچە تىللاپ، مىدىرلىيالماس قىلىپ قويىسىز. ; D  s1 d5 C, ?" F; \  h+ X: K
    نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا كەپسىزلىكتە ئۇچىغا چىققان، ئاتا – ئانىسىمۇ باشقۇرالماي قالغان بىر نەچچە ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىدىن تاياق يېسە دەرھال تۈزۈم چىقىرىپ تەن جازاسى بېرىشكە بولماس بولدى، ھەر قانچە خاتالىق ئۆتكۈزسىمۇ، غورۇرىمىزغا تەگسىمۇ قول تەگكۈزەلمەيدىغان بولدۇق. ئۆتكەن يىلى ئوقۇتقۇچىنىڭ گېپى ئىچىگە ئۆتۈپ كەتكەن بىرى بىنادىن ئۆزىنى تاشلىۋالسا ئەمدى ئوقۇغۇچىلارنى تىللاشقىمۇ، ئاتالمىش "زىتىغا تېگىدىغان" گەپلەرنى قىلىشقىمۇ بولماس بولدى.
9 r' v- k, i8 s* V& g/ O    ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىنى ئۇرسا تۈرمىگە كىرىدۇ. ئوقۇغۇچىلار بىرلىشىپ ئوقۇتقۇچىنى ئۇرسا "قۇرامىغا يەتمىگەن" دېگەن باھانە بىلەن پەقەت تەربىيە بېرىلىدۇ.
- W4 `$ _5 y0 p: o9 Yقېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھۆرمىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىززىتى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەيۋىسى؟ قېنى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ نوپۇزى؟ 8 `/ Y( n. N1 w  D! [* Q$ U
    سىزنىڭ بالىڭىزنىڭ غورۇرى غورۇر بولۇپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ غورۇرى كالىنىڭ پىشمايدىغان يېرىما؟
3 r8 T; a2 q: \" n-       تاپشۇرۇق ئىشلىمەپسەنغۇ؟
, D; r3 M5 c$ D) j' \  J! p-       مۇئەللىم، ھۆكۈمەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىڭلار دەۋاتسا، نېمە دېگەن كۆپ تاپشۇرۇق بۇ؟ ئىشلىمىدىم.... 2 n) c' {) S- Q
-       تۈنۈگۈن نېمىشقا دەرسكە كىرمەيسەن؟ " {. ?, F+ F  x' N4 ^5 H% m
-       مۇئەللىم، بۇ دىگەن ساپا مائارىپى. ئوقۇغۇچىلار قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكى بويىچە تەربىيەلىنىشى كېرەك. قىزىقىشىم پۇتبول بولغاچقا پۇتبول مەشىق قىلدىم شۇ.
; D% k6 e. n# n' {1 U-       .....
8 s5 B% w; r& i: N/ s" c    شۇنى سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ. قايسى بىر ئوقۇتقۇچى كۆڭۈل خۇشلۇقى ئۈچۈن بىگۇناھ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ ئوينايدىغاندۇ؟ قايسى ئوقۇتقۇچى ھېچبىر سەۋەبسىز ئوقۇغۇچىنى تەنقىد قىلىدىغاندۇ؟ سىزچە ئوقۇتقۇچى تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشكە شۇنچە ھېرىسمەنمىدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى قاتتىق تەلەپ بىلەن تەربىيەلىشى ئۆز كەلگۈسى ئۈچۈنمىدۇ؟
! j0 f9 l1 p* P, }& _8 G% M    پۈتكۈل جەمىئىيەت قاتتىق قول، تەلەپچان ئۇستازلاردىن شۇنچە بىزار بولغان بولسا، ئوقۇتقۇچىلارنى يوقىتىپلا قۇتۇلساڭلار بولمامدۇ؟
" \8 ]2 r2 f8 f! ^' hيەنە يازىدىغانلىرىم كۆپ ئىدى، قالغىنىنى ئىنكاسلارغا قاراپ بېقىپ ئاندىن يازاي. : o; X1 s0 s" ]/ t3 l& a0 G9 E

6 w" U3 i# _9 F4 Gمەنبەسى :مىسرانىم مۇنبىرىئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر

42

تېما

104

يازما

3048

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1014 سەر
تۆھپە
515 سەر
تىللا
386 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنىتەشۋىقات ماھىرى

ۋاقتى: 2011-12-23 00:20:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشتىن -ئاخىر ئوقوپ چىقتىم ،خۇددى مەن دىمەكچى بولغاننى دىگەندەك تۇيغۇدا بولۇۋاتىمەن.ئوقۇتقۇچىنى  كەمسىتكەن قانداق تۈزۈلمە،قايسى ئۇلۇغ زات بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۇلار ھامان ئۆزخاتالىقىنى تونويدۇ،ئىلىم -مەرىپەت،ئەقىل-پاراسەت ھامان جاھالەت،نادانلىقتىن ئۈستۈن بولىدۇ.........چۈنكى  ئەلمىساقتىن بىرى جاھاندىكى بارلىق جىنايەت،پەسكەشلىكلەرنىڭ مەنبەسى ئىلىمسىزلىكتىن ۋە ئىلىم ئگىلىرى،تاراتقۇچىلىرىنى ھۆرمەت قىلماسلىقتىن كىلىپ چىققان.....{:soso__17481151436024147048_3:}{:soso__15259492822536367472_1:} " G; ?; ~2 c' L" h- V# g. l: Y4 ^

0

تېما

5

يازما

275

جۇغلانما

ئۈمۈدلۈك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
82 سەر
تۆھپە
62 سەر
تىللا
44 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2012-1-2 10:55:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  مېنىڭمۇ  ئانام،دادام ھەر ئككىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى،ئۇلارنىڭ تارتقان جاپالىرىنى ئويلىسام  كۆڭلۈم بەك يېرىم بولىدۇ. ئۇلار ھەرقېتىم:  بالام،ھەرگىز ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالما ،دىگەندە مەن  بەك ئازاپلىنىپ كېتمەن

581

تېما

881

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
3811 سەر
تۆھپە
2477 سەر
تىللا
734 دانە
جەۋھەر
17 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

ۋاقتى: 2012-1-2 13:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇمارىس يوللىغان ۋاقتى  2012-1-2 10:55 1 l+ L8 N7 [  A' k
ھەي  مېنىڭمۇ  ئانام،دادام ھەر ئككىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى،ئۇ ...
4 C4 ?0 c: {. u2 D4 X
جەمىئىتىمىزدە ئۇقۇتقۇچىلارغا بولغان بېسىم ئىنتايىن ئېغىر، بۇلۇپمۇ يىراق يېزا كەنىتلەردىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ.ئۇنىڭ ئۈستىگە مائارىپتىكى ئىسلاھاتنىڭ كۆپلىكى ئادەمنى ئەنسىرىتىپ قۇيىدۇ ................................

61

تېما

76

يازما

1061

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
236 سەر
تۆھپە
203 سەر
تىللا
310 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2012-1-6 18:33:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانىسنىڭ بىريەرلىرىنى قاتتىق چىشلىگەنلەر ئوقۇتقۇچى بولىدىغان ئوخشايدۇ،ھەي ،ئىسىت،ساقچى بولسام نىمەبولار،& g, h' A% q1 I( P* w
ھەممە كۆرسە ۋاي سوجاڭ دەپ بىشىنى ئىگەر ئىدى.

0

تېما

7

يازما

122

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
6 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
102 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2012-3-27 11:01:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالا مېنىڭ كوڭنۈمدىكىنى سوزلەپتۇ،ھازىرقى ئاتا-ئانىلار پەقەت بۈگۈننى ئويلاپ پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسىنى قەتئىي ئويلىمايۋاتىدۇ.بۈگۈنكى جاپا ئەتىدىكى شەرەپ ئۈچۈن دىگەننى ئويلىمايۋاتىدۇ.پەرزەنتلىرىمىزنىڭ كەلگۈسى قانداق بولا................. T1 H$ V2 h  |9 j& ?/ D- g
ئاتا-ئانىلار بۇنى ئولتۇرۇپ راسا ئويلىنىڭ.................
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗