خەۋەرنان
G! c( ^) w' r9 r" Y1 A6 c6 Z& z) u+ [8 K E% o& G
1 f8 Q; n4 p4 _: K' A3 Z
$ m0 v; Q5 R0 o1 H1 z6 y& E
ئۆمەر مەتنۇرى قۇتيار
/ c' b% l& X" x C
J1 J) Q6 |3 q: D
! M/ a0 S8 q+ q" u
& R. P5 B# M2 ^4 k1 G( t% I) fمۇھىمى ئىنسانغا ئېتىقاد، ۋىجدان.# z4 ~8 M' P: s
G, q9 _8 P8 u8 bئۇلۇغى ھەممىدىن كىچىككىنە نان.
' b p8 X* c7 {' O3 Iمەن قولۇمغا ئانامنىڭ مەڭزىدەك قىزىرىپ پىشقان يۇپيۇمىلاق كىچىككىنە بىر ناننى ئالدىم- دە، «كاسسىدە» قىلىپ بىر چىشلەم چىشلىدىم. ئۇنىڭ لەززىتى، قۇۋۋىتى ۋە تۇز-تەمى تومۇر - تومۇرلىرىمغا تاراپ، ئېچىرقىغان روھىم قانائەت ۋە چەكسىز شېرنىلىك ئىلكىدە ئاستا - ئاستا ساماغا ئۆرلىدى. مەن نان بولۇپ، نان قۇياش بولۇپ، قۇياش كائىنات بولۇپ، ھاياتلىق ئالىمىگە نۇر تالالىرىدەك چېچىلدى. ھاياتلىق شۇندىن بېرى ھەر خىل، ھەر ياڭزا گۈل بولۇپ، بىر - بىرلەپ ئېچىلدى. مەن گۈللەرنىڭ رەڭ ۋە پۇرىقىدىن ئېتىزنى، ئۇرۇقنى، خاماننى، بۇغداينى، دېھقاننى، ئۇننى، خېمىرنى، تۇزنى، تونۇرنى، ناۋاينى ۋە مېھنەت - ئەمگەكنى ئاۋايلاپ تېرىۋالدىم - دە، قەلب ئېكرانىمغا نەقىش قىلىپ ئويدۇم ۋە قولۇمدىكى نان بىلەن ئۇلارغا ئېھتىرام بىلدۈردۈم.
/ g* F) B7 j @4 u3 H/ W+ c
9 N7 A: V3 q2 Q, A3 q' Oنەزىرىمدە نان كائىناتقا، كائىنات نانغا ئايلانغانىدى. ئۇ، قۇياشتەك بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ. ئۇنىڭ زەررە ئۇۋىقى جاپا - مېھنەت بەدىلىگە كەلگەن. شۇڭا بوۋىلار: «ناننىڭ ئۇۋىقىغا دەسسىگەن ئادەم قارىغۇ بولىدۇ» دەپتىكەن. نېمىشقا قارىغۇ بولىدۇ؟ چۈنكى بۇ يەردىكى دەسسەش ناننىڭ ئۇۋىقىلا بولماستىن، بەلكى ئەجرۇ - ئەزىم، ئەمگەكتۇر. خۇددى قۇياشنىڭ يۈزىگە قارا سۇۋايدىغانلار زۇلمەت ھامىلىرى بولغىنىدەك، ناننى دەسسىگۈچىلەرمۇ ھاياتنى خار - زەبۇن قىلغۇچىلاردۇر. چۈنكى نان قۇياشتەك بۈيۈك ۋە ئۇلۇغ.
- w. A W) g/ _$ y4 n Z9 |
( ^& |* b3 o8 K3 S# ~* H1 m0 h3 |نان - دېھقان. دېھقان- نان دېمەكتۇر. دېھقاننىڭ تارشىدەك قاتقان قاداق قوللىرى، يادەك ئېگىلگەن بەللىرى، پىشانىسىدىكى مۇنچاق - مۇنچاق تەرلىرى ناننىڭ مەنبەسىدۇر. دېمەككى، ناننى دەسسىگەنلىك -دېھقاننى دەسسىگەنلىك. ناننى چەيلىگەنلىك - دېھقاننى چەيلىگەنلىك.8 `( s4 i+ M7 z; B
6 H; u' m9 V3 q3 v. ^/ Oئەمەلىيەتتە، ھاياتلىق قۇياشتىن ئوزۇقلانسا، ئىنسان نان بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، نان بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ، نان بىلەن ھايات كۆچۈرىدۇ. نانسىز ئىجاد- ئەمگەكمۇ، ئىختىرا - ئىزدىنىشمۇ مەۋجۈت بولمايدۇ. ئۇنىڭ يۈزىدىكى يول - يول سىزىقلار دېھقاننىڭ پىشانىسىدىن كۆچكەن؛ ئۇنىڭ يۈزىدىكى چىكىم - چىكىم ئىزلار دېھقاننىڭ تاپىنىنىڭ ئاستىدىن كەلگەن. ئۇنىڭ ئۇلىدىكى كۆيۈكلەر دېھقاننىڭ جەۋىر-رىيازىتىدىن رەڭلەنگەن. شۇنداق، نان - دېھقاننىڭ ۋۇجۇدىدىن كەلگەن. شۇڭىمۇ قايسى بىر شائىر:4 r% w; ]2 g9 a" Q2 E( `1 `- X! l
" [! z! x9 ?$ G" Q7 t»دېھقان بولماي نان نەدە؟. c8 f2 t# [8 Q% [2 `
! i0 C+ ^/ O$ r# S* `# L* Q; Xنان بولمىسا جان نەدە؟» دېگەن. بۇ ئەمەلىيەت ئەمەسمۇ؟ راست، دېھقان بولمىسا نان نەدە؟ نان بولمىسا جان نەدە؟
( D$ C+ A5 N6 w( t. z8 t3 C7 B
8 W8 O' S: \" K" B3 s* B ~نان قۇياشنىڭ كۆزىدە،
: ]! ^2 h' u; v1 u j C1 k) @! t' N9 S+ B4 ?) z1 Y, V6 a
قۇياش ئىنسان كۆزىدە.
7 v" l" |# Q6 u, ~قۇياش تۈن باغرىنى پارە - پارە قىلىپ، ئۇپۇقنى ئالتۇن نۇرغا چۆمۈلدۈرسە، نان تونۇرنى «دەشتۇ - قىيامەت» قىلىپ، ناۋاينىڭ قىزىرىپ تۇرغان چىرايىدىن رەڭ ئېلىپ، ئوت يالقۇنىدا بىر - بىرلەپ پىشىپ چىقىدۇ. ناندا ئۇنمۇ بار، سۇمۇ بار، تۇزمۇ بار، تۇز بىلەن شوردىن ھاسىل بولغان ئاچچىق قىسمەتمۇ بار. ئاجايىپ ھۈنەر، سىر - ھېكمەتمۇ بار. قۇياش ئۆزىنىڭ سېخى داستىخىنىنى جىمى مەۋجۇدات ۋە مەخلۇقاتقا چاچقۇ قىلغىنىدەك، نانمۇ كەڭ جاھانغا تارالغان. شۇڭا، مېنىڭ نەزەرىمدە ئالەممۇ نان، ئادەممۇ نان، ئىنسانمۇ نان، ھاياتمۇ نان.+ @2 D* l* e0 f1 e7 F/ C
4 n0 |4 J) R8 T1 v9 o
نان دېمەك - ئەجىر، نان دېمەك - قۇياش،
. ?) Z2 C' l, G! D3 G4 [6 v1 o2 ~* \- K" ?: X9 R& m' I
نان دېمەك- ئادەم، نان دېمەك - زۇۋان.
! O7 j( s( x, R6 j2 B& I" ?3 {2 Y* m
نان دېمەك - ئەمگەك، نان دېمەك - مېھنەت،' H) Q$ Q! ~/ {) X2 z7 k
& M2 Q5 u; ?5 m3 x/ \$ _ نان دېمەك - ئىنسان، نان دېمەك - دېھقان. q' G& g* G( {& E
مەن بارلىقىم بىلەن ناننى سۆيدۈم. نان قۇياشنى سۆيدى. قۇياش كائىناتنى سۆيدى - دە، خۇددى كېچە ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلاردەك جاي - جايلارغا تارالدى/ k( T1 Q) d/ D5 s l
مەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورىرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |