يانفۇن
ئانا مەكتىپىم' Q c3 @! k/ J6 Q# [2 [, r3 F
, v( B" K" s, ^3 e X(نەسىر)
5 ?) U6 m5 B* p; ^8 |) V" m) w. A. B0 [3 Q% m* M0 v2 X: l
ياسىنجان توخنىياز توغراق
, @) N/ Z9 s: [1 O1 |* t* E! x " S, {$ e& j: @& K; ]3 C9 f
) |; N1 ~6 r9 F, r' {
خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن يولدا كېتىۋېتىپ ئانا مەكتىپىمى ئالدىدىن ئۆتۈپ قالدىم، نەقەدەر تۇنۇش ھە! قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدىن بىر خىل ئىللىق سىزىم ئېقىپ ئۆتكەندەك بولدى. دەرس ۋاقتى بولۇپ، مەكتەپ ئىچى جىمجىتلىققا تولغان، گاھىدا بالىلارنىڭ تېكىست ئوقۇشلىرى، مۇئەللىمنىڭ دەرس سۆزلەشلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئانا مەكتىپىم، بۇ مەن بىلىم ئالغان، ئاق- قارىنى پەرق ئەتكەن، جەمىيەت ئۈچۈن بۈگۈنكىدەك ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىمنىڭ تۇنجى ئۇلىنى سالغان جاي؛ بۇ-مەن دوستلۇق مېھرىدىن، ئۇستاز مېھرىدىن، ساۋاقداشلىق مېھرىدىن بەھىر ئالغان جاي؛ بۇ دەل ھايات مۇساپەمنىڭ بۇرۇلۇش نوقتىسىنى ھاسىل قىلغان جاي. ئويلاپ باقسام بۇ مەكتەپنىڭ ئىللىق قوينىدىن ئايرىلغىلى خېلى يىللار بولۇپتۇ. قۇرلۇشلارنى يېڭىلاپ سالغاننى ھېساپقا ئالمىغاندا مەكتەپنىڭ ئورنى ۋە ئومۇمىي قورۇلمىسىدا ئانچە ئۆزگىرىش بولمىغان ئىدى. بۇ مەندە تېخىمۇ يېقىملىق تۇيغۇ پەيدا قىلدى.5 k& t- {6 e" T9 ^1 H) X1 \
( p; J& S/ J) zئەنە ئاشۇ مەكتەپتە مەن ئوقۇغان، قېتىقىنىپ دەرس تەكرارلىغان، ئەنە ئاشۇ مەيدانلاردا دوستلىرىم بىلەن تىنماي بالىلار ئويۇنلىرى ئوينىغان، تېكىست، كەررە يادىلىغان؛ ئەنە ئاشۇ ئىشخانىلاردا مەن مۇئەللىمدىن تەلىم ئالغان، ھەمسۆھبەت بولغان... بۇ مەنزىرىلەر خۇددى تۈنۈگۈنلا يۈز بەرگەندەك كۆز ئالدىمدىن بىر-بىرلەپ ئۆتمەكتە ئىدى. ھاياتلىقتا بىلىم بۇلىقى بولغان مەكتەپ- ئادەمنىڭ ئەسلىمىلىرىدە چوڭقۇر ئىزنالارنى قالدۇرسا كېرەك، يۈگۈرۈپ كىرىم ئۇستازلىرىم بىلەن كۆرۈشكۈم، سىنىپلارغا كىرىپ بالىلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ دەرس ئاڭلىغۇم، ئانا مەكتەپنىڭ تۇپرىقىنى يۈزۈمگە سۈرۈتۈپ ھىدلىغۇم كەلدى، بىراق كۆز چاناقلىرىمدا يۈگۈرۈپ يۈرگەن ياش تامچىلىرىنى يۇشۇرالماي قېلىشىمدىن ئەنسىرىدىم، قەدەملىرىمنى تەسلىكتە يۆتكەپ بۇ يەردىن ئايرىلىشنى قارار تاپتىم، قىيمىدىم، كەينىمگە نەچچە رەت قارىدىم.....
# K7 s; S. @7 i% c/ k4 U$ n
' }/ r* O, `" g6 N$ Sمەنبە:شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |