ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 3237|ئىنكاس: 1

سېرىق ئەزىمەتلىرىمىز شىنجاڭدالۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

42

تېما

104

يازما

3048

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
1014 سەر
تۆھپە
515 سەر
تىللا
386 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنىتەشۋىقات ماھىرى

ۋاقتى: 2011-12-19 12:24:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مائارىپ ھەممىمىزگە مەلۇم، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر پۇتبولچىلىرىمىز دۆلەت پۇتبول كوماندىسىدا، دۆلەت ئولىمپىك كوماندىسىدا، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ھەمدە جۇڭگو B ،A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىلىرىدە ئۆز كارامىتىنى نامايەن قىلىپ، ھەممىنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىدى. ھەتتا مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىلىرىمۇ بۇ ئەزىمەتلەرگە يۇقىرى باھالارنى بەردى. يېقىندا، بۇ ئەزىمەتلىرىمىز پۇتبول مۇسابىقىلىرى توختىغان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا قايتىپ، ئۇلارغا ئۇزۇندىن بۇيان تەقەززا بولۇپ تۇرغان پۇتبول مەستانىلىرى بىلەن دىدارلاشتى، پائالىيەتلەرگە قاتناشتى. «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ مۇخبىرلىرى ئەنۋەر ئەزىز، ئېلزات ئىلھاملار «پۇتبول چولپانلىرىمىز ئۈرۈمچىگە جەم بولدى» ماۋزۇلۇق تەپسىلىي خەۋىرىدە بۇ پۇتبولچىلىرىمىزنىڭ ھاياتىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈپتۇ. تۆۋەندە بۇ ئەزىمەتلىرىمىز بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:
5 N; Q0 J+ i2 E+ I; X
6 i0 O6 L$ W$ N% C/ O5 N% D# [; s1 N
3 }$ I) T3 k. [ W020111129411422875829.jpg
5 `* M6 ]; t% o- i4 x+ a
* بارى مۇھەممەتئېلى
بارى مۇھەممەتئېلى 1989-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى تۇغۇلغان. 2003-يىلى شىنجاڭ «سۇڭ چىڭلىڭ» پۇتبول تەربىيەلەش مەكتىپىدە مەشىقنى باشلىغان. 2005-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى «ئەڭ چاقنىغان يۇلتۇز» بولۇپ باھالانغان. 2007-يىلى «شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى» پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە 2007-، 2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2009-يىلى خاڭجۇ «لۈچىڭ» كوماندىسىغا تاللىنىپ، 2010-، 2011- يىللىق مۇسابىقە پەسىللىرىدە جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ھەمدە ئاسىيا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، ھەممەيلەننىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى 21 ياشلىقلار دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان.
* ئەكرەم ئەخمەت
ئەكرەم ئەخمەت 1981-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنى تۇغۇلغان. 1999-يىلىدىن باشلاپ قەشقەر پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدا توپ ئوينىغان. 2003-يىلى ئالىي مەكتەپنى تاماملاپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان. 2006-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە 2006-، 2007-، 2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2006-يىلى «شىنجاڭ پۇتبول ئەپەندىسى» شەرىپىگە ئېرىشكەن. 2007-يىللىق جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە «ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى» بولۇپ باھالانغان. 2008-يىلى جۇڭگو B دەرىجىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى گۇاڭدۇڭ «تيەندى 1-نومۇر» كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە كوماندىنىڭ شۇ مۇسابىقە پەسلىدە چېمپىيونلۇققا ئېرىشىپ، A دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىگە كۆتۈرۈلۈشىگە مۇھىم تۆھپە قوشقان. 2009-يىلى خۇنەن «شياڭتاۋ» پۇتبول كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان، شۇنداقلا «ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى» بولۇپ باھالانغان. 2011-يىلى بۇ كۇلۇب ئەكرەم ئەخمەتنى يەنە بىر يىل تەكلىپ قىلغان.
* دىلمۇرات باتۇر
دىلمۇرات باتۇر 1989-يىلى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇغۇلغان. 2003-يىلى شىنجاڭ «سۇڭ چىڭلىڭ» پۇتبول تەربىيەلەش مەكتىپىدە مەشىقنى باشلىغان. 2006-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە 2006-، 2007-، 2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 2009-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2011-يىلى شىنجىن «قىزىل ئالماس» كوماندىسىغا تاللىنىپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
* يەھيا ئابلىكىم
يەھيا ئابلىكىم 1989-يىلى 1-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان. 2003-يىلى شىنجاڭ «سۇڭ چىڭلىڭ» پۇتبول تەربىيەلەش مەكتىپىدە مەشىقنى باشلىغان. 2006-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە 2006-، 2007-، 2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2009-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2010-يىلى لياۋنىڭ «شەرقىي شىمال يولۋىسى» پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسىگە قاتناشقان. 2011-يىلى شىنجىن «قىزىل ئالماس» پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
* ئابدۇۋېلى ئابلەت
ئابدۇۋېلى ئابلەت 1987-يىلى 4-ئاينىڭ 14-كۈنى تۇغۇلغان. 2003-يىلى شىنجاڭ «سۇڭ چىڭلىڭ» پۇتبول تەربىيەلەش مەكتىپىدە مەشىقنى باشلىغان. 2006-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە غوللۇق ماھىر سۈپىتىدە 2006-، 2007-، 2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2009-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2010-يىلى مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىدە، غەربىي مۇسابىقە رايونى بويىچە 1-بولۇپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن ھەمدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ھالقىلىق بىر توپنى كىرگۈزۈپ، كوماندىنى چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈرگەن. 2010-يىلى لياۋنىڭ «شەرقىي شىمال يولۋىسى» كوماندىسىغا تاللىنىپ، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 2011-يىلى 3-ئايدا شىنجىن «قىزىل ئالماس» پۇتبول كوماندىسىغا تاللىنىپ، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.
* ئارافات مىجىت
ئارافات مىجىت 1991-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇغۇلغان. 2003-يىلى شىنجاڭ «سۇڭ چىڭلىڭ» پۇتبول تەربىيەلەش مەكتىپىدە مەشىقنى باشلىغان. بۇ جەرياندا مەملىكەتلىك «نەيك» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 3-لىككە ئېرىشكەن. مەملىكەتلىك «ئادىداس» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەن. مەملىكەتلىك «غالىبلار» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 2-لىككە ئېرىشكەن. 2007-يىلى شىنجاڭ تەنتەربىيە لاتارىيەسى كوماندىسىغا تاللانغان ھەمدە غوللۇق ئەزاسى سۈپىتىدە 2007-، 2008-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە، جۇڭگو B دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ ئوينىغان. 2009-يىلى شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك پۇتبولچى بولغان. 2011-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى چېڭدۇ «شېفىلىيەن» كوماندىسىغا تاللانغان.
* ئېلشات ئۆمەرجان
ئېلشات ئۆمەرجان 1992-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تۇغۇلغان. 2002-يىلى 9-ئايدىن 2011-يىلى 1- ئايغىچە شەندۇڭ «لۇنىڭ» پۇتبول مەكتىپىدە تەربىيەلەنگەن. بۇ جەرياندا 2006-يىلى دۆلەتلىك ئۆسمۈرلەر پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان. 2009-يىلى «ۋېيفاڭ» لوڭقىسى خەلقئارا ياشلار پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. 2009-يىلللىق مەملىكەتلىك 19 ياشلىقلار «غالىبلار» لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. 2010-يىلى مەملىكەتلىك تەييارلىق كوماندىلار بىرلەشمە پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. 2011-يىلى 6-ئايدا جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى چېڭدۇ «شېفىلىيەن» پۇتبول كوماندىسىغا تاللانغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شامال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-19 12:25  # i' ~' e" S, o3 w! [+ j6 x
/ p0 X* g4 v: S$ z) G- R

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى

0

تېما

2

يازما

47

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
40 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-7-28 16:23:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەھشەت قوللايمەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗