ئۇيغۇر
1) ياشانغانلارنى ، چوڭلارنى ، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى ، ئۇستازلارنى كۆرگەندە ئىككى قولنى مەيدىسىگە ئېلىپ << ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! >> (تەڭتۇش ، تۇنۇش - بىلىشلەر ئوڭ قولىنى كۆكسىنى ئېلىپ سالام دەيدۇ ) دەپ ھۆرمەت بىلدۈرۈش لازىم . سالام بەرمەسلىك ئەدەبسىزلىك ، ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .! v- `' X- Z6 m: C+ n( X
(2) چوڭلارنىڭ ، ئاتا - ئانىلارنىڭ ، كۈيئوغۇل ( كېلىن ) ، قېيناتا ، قېينانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ .! A* p. j% k3 x+ G- \7 h
(3) ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئەرلەر تۇرغان يەردىن ئۆتۈشكە توغرا كەلسە ، ئەرلەرنىڭ كەينىدىن ياكى ئۇلارنى يانداپ ئۆتۈشى لازىم6 g" s* A6 V5 @* U) d6 H. n$ S
(4) چوڭلار كىچىكلەرنى "بالام ، ئوغلۇم ،( قىزىم )" دەپ ئاتىشى لازىم ، بولمىسا "ئالجىغان" ، "قېرىغىنىنى تۇيمىغان" ، دەپ ئەيىبلىنىدۇ . كىچىكلەت چوڭلارنى "دادا" ، "بوۋا" ، "موما" ، "ئانا" ، "ئاكا ، ئاچا" دەپ ئاتىشى لازىم . بولمىسا ، "ئەدەبسىز" ، "تەربىيە كۆرمىگەن" دەپ قارىلىدۇ .
( C/ N0 D$ H4 l(5)كۆرۈشمىگەن ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىينىلەر كۆرۈشكەندە چوڭلار، تەڭتۇشلار قۇچاغلىشىپ مەڭزىنى - مەڭزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ ، كىچىكلەرنى بولسا ، بېشىنى باغرىغا بېسىپ پىشانىسىگە سۆيىدۇ . ئاياللار - چوڭلار ، تەڭتۈشلەر مۈرىلىرىنى تۇتۇشۇپ يۈزلىرىنى يۈزىگە يېقىپ كۆرۈشىدۇ . كىچىكلەرنى باش - كۆزىنى سىيلاپ پىشانىسىگە ، مەڭزىگە سۆيۈپ كۆرۈشىدۇ . بولمىسا "كۆيۈمسىز" ، "مېھرى يوق" ، "باغرى قاتتىق" ، "كۆڭلى بۆلۈنۈپ كەتكەن" دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
m" h( B! s k" G(6)سىرداش دوست - ئاغىنىلەردىن باشقىلار ئادەتتە بىر - بىرىنى "سىز" ، "سىلى " ..... دەپ ئاتىشى لازىم ، "سەن" دېيىلسە "كۆزگە ئىلمىغانلىق" ، "پەس كۆرگەنلىك" دەپ دەپ يامان ئېلىنىدۇ ., d$ K9 z+ Y) \( K7 D( I
(7)ئىشىك ئالدى ياكى ئۆيگە يېقىن ئارىلىقتا تۇنۇش - بىلىشلەر ئۇچرىشىپ قالغان تەقدىردە ، سالاملاشقاندىن كېيىن "ئۆيگە باشلاي" ، "خىزمەتتە بولاي" دېيىش لازىم . بولمىسا "قىزغانچۇق ، ئادىمىگەرچىلىكى يوق " دەپ ئەيىبلىنىدۇ ./ }! d9 v9 c/ y' T. I5 N& H
(8)مېھمان ياكى بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆيگە "ئەسسالام" دەپ كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن "ئاللاھۇئەكبەر" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ (ياكى يېرىم تۇرۇپ) ئاندىم ئولتۇرۇش لازىم . بۇ بېرىش - كېلىشتە بىلىشكە تېگىشلىك ئاساسلىق قائىدە ، بولمىسا "قائىدىسىز" ، "ھاكاۋۇر" دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
( I& @5 q) [$ [(9) تاماقتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ، چوڭ - كىچىك تەرەتتىن كېيىن قول يۇيۇش لازىم ، بولمىسا "تەبىئىتى يوق ، مەينەت" دەپ ئەتىبلىنىدۇ .( Q3 w. M+ M- {, ?' h ?
(10) قول يۇغاندا ، بولۇپمۇ ساھىبخان مېھمان قولىغا سۇ ئالغاندا ، قولىنى سىلكىمەي لۆڭگە ياكى قولياغلىققا ئېرتىش لازىم .
3 M# ~# g2 u* Q' g) ^(11) مېھمانغا چاي ، تاماق قويۇلۇپ ساھىبخان "قېنى باقىلىي" دەپ تەكلىپ قىلمىغۇچە ئالدىراپ چايغا ياكى تاماققا قول ئۇزىتىشقا بولمايدۇ .; |0 w+ O" G( l$ n8 `6 |0 ]. E, u
(12) مېھمانغا چاي ، تاماق سۇنغاندا ، ئوڭ قول بىلەن سۇنۇش لازىم . بولمىسا ، "كۆزگە ئىلمىغانلىق" دەپ قارىلىدۇ .
2 ^: U1 f9 E' G2 Y" x(13) ئادەتتە مېھمان ئالدىغا قويۇلغان تاماقنى ئاشۇرۇپ قويماسلىقى ، تاماق ئاغزىغا تېتىمىغان تەقدىردىمۇ "ۋاي مەززىلىك بوپتۇ ، ئوخشاپتۇ" دەپ مەمنۇنىيەتلىك بىلدۈرۈش لازىم . بولمىسا ، ئۆي ئىگىسىنى ياراتمىغانلىق بولىدۇ .
5 c9 F9 J7 N7 H/ n(14) مېھمان پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ سۇنۇپ ئولتۇرماسلىق ، بولۇپمۇ داستىخانغا قارىتىپ پۇتىنى سۇنۇپ ئولتۇرماسلىقى لازىم . ئۇنداق قىلىش ساھىبخانغا ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ . چوڭلار ئالدىدا پۇتىنى ئارۋاڭ - سارۋاڭ قىلىپ ، مىنگەشتۈرۈپ ئولتۇرۇشمۇ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ .8 N# P0 U. F3 ^
(15) مېھمان ساھىبخاننىڭ ئۆيىدىكى نەرسىلەرنى قالايمىقان تۇتماسلىقى ، ئاختۇرماسلىقى ، ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە مېڭىپ يۈرمەسلىكى ، بولۇپمۇ قىز - ئاياللار يېنىغا ، قازان بېشىغا بېرىۋالماسلىقى لازىم . بۇ يات قىلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
- {! B- F, x/ F/ ?$ L: O(16) مېھمان داستىخان يېغىلماستىن بۇرۇن ئالدىراپ تۇرۇپ كەتمەسلىكى لازىم ، تالاغا چىقىش زۆرۈرىيىتى بولغاندا داستىخاننى دەسسەپ ياكى ئاتلاپ ئۆتۈشكە ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ . ئۇنداق قىلىش ساھىبخاننى ، مېھمانلارنى كۆزگە ئىلمىغانلىق بولىدۇ .
: f( v- \. `( S) x) ?. T9 I(17) مېھماندارچىلىق سورۇنىدا ، تاماق ئۈستىدە بۇرۇن تارتىش ، بۇرۇن - قۇلاق كولاش ، مىشقىرىش ، تۆكۈرۈش ، تىرناق ئېلىش ، جۈملىدىن ئاممىۋى سورۇنلاردا شۇنداق قىلىش تەبىئەتسىزلىك ۋە ئەڭ ئەدەبسىزلىك ھېسابلىنىدۇ .& ]: Q& _) S& I
(18) مېھمانلار ، جۈملىدىن باشقىلار پاراڭلاشقاندا ئىشىك مارىماسلىق ، چوڭلار گەپ قىلغاندا لوقما سېلىپ ئېغىز غېرىچلىماسلىق لازىم . ئۇنداق قىلىش ئەڭ يامان قىلىق ، ئاقساقاللىق ، ئاتىكاچىلىق ھېسابلىنىدۇ .
9 ?5 B0 p) y8 U3 l( Y(19) مېھماندارچىلىق ئۈستىدە ۋە ئادەتتە غەيۋەت - شىكايەت قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى بەزى ئاداۋەتلەر ئاشۇنداق غەيۋەت - شىكايەتتىن كېلىپ چىقىدۇ .8 k- T, P4 P, b/ r+ |7 h3 e: y
(20) مېھماندارچىلىقتا بالا ئەگەشتۈرۈپ بېرىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى بالىلارنىڭ جوداسىدا مېھماندارچىلىقمۇ كۆڭۈللۈك بولمايدۇ . بالا ئاپارغۇچىمۇ ئارام خۇدا يەپ - ئېچىپ ئولتۇرالمايدۇ . "تويغا بارساڭ تويۇپ بار ، بەش بالاڭنى قويۇپ بار" دېگەن ماقال شۇنداق ئادەتكە قارىتا مەيدانغا چىققان .* g! e- v4 \& ~3 S
(21) مېھمان داستىخان يىغىلغاندىن كېيىن "ئاللاھۇئەكبەر: دەپ دۇئا قىلىپ ، "رەھمەت" دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ياكى يېرىم تۇرۇپ ساھىبخانغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش لازىم .1 u8 }' P- E: f& ?' R8 ] p; n
(22) مېھمانغا ئېيتقان يەردىن قالماسلىق لازىم ، چاقىرىلمىغان يەرگە بارماسلىق لازىم . چۈنكى سىزنى مېھمانغا چىللىغانلىق سىزنى ھۆرمەتلىگەنلىك ، بارمىغانلىق قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، ئېيتمىغان يەرگە بېرىش قېلىنلىق ۋە تەمەخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ . "ئېيتقان يەردىن قالما ، ئېيتمىغان يەرگە بارما" دېگەن ئىدىيوم شۇ ئاساستا شەكىللەنگەن .+ A) ]; `* c( v( `0 P0 d
(23) يالاڭباش ۋە ئۆرە تۇرۇپ تاماق يېيىش يامان ئېلىنىدۇ .2 \' q9 L' N O+ }
(24) غىزا - تاماقنى چاچماي ، پاكىزە يىيىش ، ئاش ئەۋلادىنى بۇزۇپ - چېچىپ ، ئىسراپ قىلماسلىق لازىم . بولمىسا ، "ئادەمنىڭ رىسقى قالىدۇ" ، " ئادەمنىڭ رىسقى كالتە بولىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .: F* @( ~6 \; g% e
(25) مېھمان ، جۈملىدىن بىرەر ئىش بىلەن كەلگەن ئادەم ئۆي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا كىچىك بالا ۋە باققان مال - جاندارىنى " ئەجەپمۇ چىرايلىق ئەت ئاپتۇ " ، "ھەجەپمۇ چىرايلىق سەمىرىپتۇ" ... دەپ تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ ماختىماسلىقى شەرت ، ماختىسا "كۆز تېگىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ . ئاشۇنداق ماختاش بولسا ، قارشى تەرەپ ئىچىدە "ئاغزىڭغا تاش" دەپ قارغايدۇ .* c) _" `) n# }* m: Y
(26) بىرى بىر نەرسە يەۋاتقاندا ئۇنىڭغا قاراپ مەسلەنمەسلىك لازىم ، مەسلىنىپ قارىسا " ئېچى كىرىپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .1 u( D$ v8 {* T6 h* X( c6 O }5 R5 Q2 H
(27) تاماق ئۈستىگە بىرى كىرىپ كەلسە ، ئۇنىڭغا تاماق قويماسلىق "قىزغانچۇقلۇق" ، "ئاچكۆزلۈك" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .. Y& h5 ^; q- N6 |3 A. S) b
(28) مەيلى ئۇرۇق - تۇققان ، دوست - ئاغىنە بولسۇن تالادىن كىرگەندە ، بولۇپمۇ سەپەر ئۈستىدىن كەلگەندە شۇ ئۆيدىكى كىچىك بالىنى ئالدىراپ قولىغا ئالماسلىق لازىم . بالا ئالدىراپ قولغا ئېلىنسا "يول ئىسسىقى ئۆتۈپ ئۇچۇنۇپ قالىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
' A: n- `+ I" R" g( K# G(29) يۈگۈرۈپ ، ھاسىراپ - ھۆمۈدەپ ئالاقزادىلىكتە ئۆيگە كىرمەسلىك لازىم . چۈنكى ئۆي ئىگىسى بىرەر كۈتۈلمىگەن ئەھۋال تۇغۇلغانمىدۇ ؟ دەپ غەم - غۇسسىگە قالىدۇ .
/ \5 F5 s: S5 m; ^(30) ئۆيدە ئەخلەت قالدۇرماسلىق لازىم ، ئەخلەت قونۇپ قالسا " بەرىكەت قاچىدۇ" دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
5 x0 n3 D; Y8 A7 r(31) ئىشىك ئالدىغا كىر سۈيى ۋە يۇندا تۆكمەسلىك لازىم . كىر سۈيى تۆكسە ئادەمنى مەينەت باسىدۇ ، ئەدەمنى سوغۇق تەلەت قىلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .. d' A0 `0 t" D9 {2 K+ x
(32) يۈز - كۆزنى سۇنى ئېقىتىپ تۇرۇپ يۇيۇش لازىم . بولمىسا ، يۇندىدا يۈز يۇغانغا باراۋەر دەپ قارىلىدۇ .
4 F, ?0 A) y0 N8 }4 ]% B(33) ئوچاق بېشى ، قۇدۇق بېشىغا كىر ۋە قول چايقايدىغان داس قاتارلىق نەرسىلەرنى قويۇشقا ، قۇدۇققا ، سۇ ئىدىشىغا ، چېلەك ، ساپلىق - نوگايدىن باشقا نەرسىلەرنى سېلىشقا بولمايدۇ .
; l: J$ |6 C3 F1 {(34) ئىشىك ئالدىغا ، جۈملىدىن ئۆيگە ۋە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە چوڭ - كىچىك تەرەت قىلسا تەبىئەتسىزلىك ، ھاياسىزلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ .
2 e! \! g; c. l7 ~; V% A; R( ?(35)كۈن ، ئايغا قاراپ چوڭ - كىچىك تەرەت قىلىش ، سۇغا سىيىش ، ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرۈش ، ئەتتىگەندە يۈز يۇيماي تۇرۇپ كۈنگە قاراش يامان ئېلىنىدۇ . "ئاسمانغا قاراپ تۈكۈرسەڭ يېنىپ چۈشەر ئۆزۈڭەە " دېگەن ماقال شۇ ئادەتتىن كېلىپ چىققان .
. o4 @2 c7 F8 P! N7 z(36) زىرائەت ۋە يۇمران چۆپلەرنى دەسسەپ يۇلۇنسا ، ئۈستىگە سىيسە ئۇلار "يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولىدۇ" دەپ قارىلىدۇ .
" B/ I6 O4 _. d(37) تۇزغا ، ئوتقا تۈكۈرۈش يامان ئېلىنىدۇ .
0 x9 u& A( T8 \1 v(38) نان پارچىلىرىنى ، تۇزنى دەسسەشكە ، نان سالغان ساندۇق ۋە تۇز خالتىسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشقا بولمايدۇ ، بۇنداق قىلىش نانغا ، تۇزغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق دەپ يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى نان ، تۇزنى ئەجدادلىرىمىز جاندەك ئۇلۇغلاپ كەلگەن . يېڭى توي قىلغان ئىككى ياشقا تۇزغا چىلانغان نان يىگۈزۈش ئادىتى ، ۋاپاغا جاپا قىلغۇچىنى يۇرت - جامائەتتىن يۈز ئۆرىگەن كىشىنى "تۇزۇم ئۇرسۇن" ، "تۇزكور" دەپ قارغاش ئادىتى ئەنە شۇ ئەقىدە ئاساسىدا كېلىپ چىققان . شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە ، شۆھرەت ، ھارام دۇنيا ، ھوزۇر - مەئىشەت قوغلۇشۇپ ۋەتەنگە ، خەلقكە ، دوست - يارەنلىرىگە خائىنلىق قىلغانلار :تۇزكور" دەپ قارىلىدۇ .
; p( P+ b g; s# Z! [: N; h(39) ئۆيدىن خوشلۇشۇپ چىققاندىن كېيىن ، ئارقىسىغا قارىماسلىق لازىم ، ئارقىسىغا يانسا "سەپەر ئوڭۇشلۇق بولمايدۇ" دەپ قارىلىدۇ .) `8 r$ X, K6 ?. d
(40) قۇلۇم قوشنا ئىناق-ئىتتىپاق ئۈتۈش،ئۆز-ئارا ياردەم بىرىش،ئۆز-ئارا ئىشنىش،ئىتتىپاق ئۆم بۇلۇش،باشقا مىللەتلەر بىلەن ئىناق-ئىتتىپاق ئۈتۈش،ئۆز-ئارا ياردەم بىرىش،ئۆز-ئارا ئىشنىش،ئىتتىپاق ئۆم بۇلۇش،مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقنى قۇغداش كىرەك دەپ قارىلىدۇ.; j0 T) ]( Y5 G* V6 e, ~
(41) چارۋا - مالنى بولۇپمۇ قوينى ئۇرماسلىق ، تەپمەسلىك لازىم . چۈنكى قوي ئامەت ، بەختنىڭ سىمۋولى دەپ قارىلىدۇ . ئەتتىگەندە قوي ئۇچرىسا "ئامەت كېلىدۇ" دېيىش ئاشۇ ئەقىدە ئاساسىدا مەيدانغا كەلەەن . شۇڭا قوينى ئۇرۇش ، تېپىش يامان ئېلىنىدۇ . a! d6 P: O4 I, S
(42)ئاياللار كىر سۈيىنى ئاتلىماسلىق دېگەن قاراش .
2 e u# C6 J0 G; [, L(43) يېڭى تۇغۇتلۇق ئۆيگە يات كىشى كىرىشكە بولمايدۇ ، شۇڭا ئىشىك بېشىغا قىزىل لاتا ئېسىپ قويۇلىدۇ . ئەدەتتە تۇغۇت يوقلاپ كېلىدىغانلارمۇ ئون ئىككى ئىدىرىدىن كېيىن يوقلايدۇ .
; J$ f; W) x+ G. B1 y7 z, g$ v(44) كىشىگە قول شىلتىپ تۇرۇپ گەپ قىلىش يامان ئېلىنىدۇ . چۈنكى ئۇنداق قىلىش كىشىنى كۆزگە ئىلمىغانلىق ، پەس كۆرگەنلىك بولىدۇ .8 P, p4 T% J! o2 F8 m% D
(45) ئوينىشىپ بولسىمۇ كىشىگە تىغ تەڭلەشكە بولمايدۇ ، چۈنكى تىغ شەرتلىك ، يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .% r& [( \' k/ e) j0 Y
(46) چوڭلارنىڭ ، جۈملىدىن ، ئۇستازلارنىڭ ئالدىدا تاماكا چەكمەسلىك ، ئىچىملىك ئىچمەسلىك لازىم ، ئۇنداق قىلىش ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ .
- v: d5 x6 Z! A+ e* \(47) كىشى ئوتتۇرىسىدا گەپ توشۇش تولىمۇ يامان ئېلىنىدۇ . گەپ توشڭغۇچى "سۇخەنچى ، تەخسىچى...." دەپ ئەيىبلىنىدۇ .
* P8 d$ o0 t0 o# J: f(48) ئەتتىگەندە ۋە ياتاردا چۈش ئۆرۈشكە بولمايدۇ ، بۇنداق چاغدا ئۆرۈلگەن چۈش ئوڭىغا تارتمايدۇ ، دەپ قارىلىدۇ ." ^/ C8 r. \3 J r; ?/ w0 U
(49) ئەتتىگەندە يىغلاش ۋە قايغۇ ، قورقۇنچ ئۇقۇمىدىكى سۆزلەرنى قىلىش يامان ئېلىنىدۇ ، چۈنكى ئەتتىگەندە يىغلاش ، ئۇنداق سۆزلەرنى قىلىش پىشكەللىك ئېلىپ كېلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .& j) z6 t( x! C1 g
(50) پۇتنى قىبلىگە سۇنۇپ يېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
9 ]1 i4 V$ y: w! E2 k$ ~(51)چاچ - ساقال ، بۇرۇت ، تىرناقنى ۋە ئەۋرەت ، قولتۇق مويىنى زىيەدە ئۆستۈۋېتىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .
! d& |* D+ r: \- Y. N1 m1 R(52) ئەر - ئاياللارنىڭ غۇسلى قىلماسلىقىنى "پالاكەت باسىدۇ" ، دەپ قارىلىدۇ .
+ \9 L. r% V P. H X: V( W(53) ئات - كالا ، قوي ، تۆگە ، جەرەن - كىيىك قاتارلىق ھايۋانلار ، غاز - ئۆردەك ، توخۇ ، كەكلىك قاتارلىق ئۇچار قاناتلاردىن باشقا چوشقا ، ئېشەك .... لەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يىرتقۇچ ھايۋانلارنى ھارام دەپ يىمەيدۇ ، قوي - كالىلارنىڭمۇ رەسمىي بوغۇزلانغانلىرىنى يەيدۇ ، قېنىنى ئىچمەيدۇ ، ئۆزى ئۆلۈپ قالغاننى يىمەيدۇ .
2 T E) S! p. d! C(54) ناماز ئوقىغاندا ۋاراڭ - چۇرۇڭ قىلىش ، ئەرزان توۋلىغاندا پاراڭ سېلىش يامان بولىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ .8 V: [1 a7 x8 b, [' T6 f j9 Z. V
(55) ناماز ئوقۇۋاتقاندا سەپنىڭ ئالدىدىن ئۆتۈشكە بولمايدۇ .
4 X- \3 I- }- K f(56) زاراتلىققا قالايمىقان كىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ .
" W+ J5 m1 I9 x( l3 N% ~, W(57) ناماز ئوقۇيدىغان ئۆيگە بولۇپمۇ قىبلە تامغا ئادەم سۈرىتى ئېسىشقا بولمايدۇ .
6 ? @2 N/ b% |" b: m5 n(58) ئىسلام دىنىدىن غەيرىي دىنىدىكىلەرنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ، مەسچىت ئەتراپى ۋە ئىچىدىغان سۇ بويىدا چوشقا بېقىشى يامان ئېلىنىدۇ .3 H+ q" D$ o- H, z! |
(59) كىشىنى تىللاش ، بولۇپمۇ بىراۋنىڭ ئايالىنى ئاتاپ تىللاش بەك ئېغىر ئېلىنىدۇ .
+ ^2 L& H0 l; k7 V) C(60) كەيىپخورلۇق ، قىمارۋازلىق پۈتۈن قەمىيەتنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ .
2 N; W: W& o7 [(61) قۇدۇق ، ئېرىق - ئۆستەڭ بويىغا ھاجەتىانا ، قوتان سېلىش مەنئىي قىلىنىدۇ .5 ~& P% @4 L- q
(62) زىنا قىلىش ، كىشىگە قارا ساناش ، كىشى ھەققىنى يېيىش، ئوغىرلىق ،بۇلاڭچىلىق ،ئادەم ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئىشلارغا پۈتۈن جەمئىيەت لەنەت - نەپرەت ياغدۇرىدۇ.# w2 _. Q3 R H- K) v
رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |