ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 872 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 219|ئىنكاس: 1

ئامېرىكادىكى 5 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل ...mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

72

تېما

110

يازما

1399

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
368 سەر
تۆھپە
304 سەر
تىللا
244 دانە
جەۋھەر
1 دانە
مائارىپ
6 k0 E( s9 ^# n8 b# K
ئامېرىكادىكى 5 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنغان ئۇيغۇر قىزى
1 ]+ g0 a) e; x" F/ \; q; d6 _- \2 n, B9 w; J, f9 C+ F% W1 d, ?

4 U7 ^" a, X2 Y! G) W# mتاشپولات روزى

* t( z# z3 T0 v6 _0 A  A2 p6 ]& ]7 n 13224824z3v2qqo9rq2in1.jpg.thumb.jpg & m6 b, V6 ]6 n+ @/ U
مەن بۇلتۇر ئۇيغۇرچە تور بەتلەرگە «ئامېرىكىدىكى 8 داڭلىق ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلغان قارا تەنلىك ئوقۇغۇچى» ناملىق بىر تېما يازغانىدىم. بۇ قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئىزدىنىش روھىي ئامېرىكىدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلاردىمۇ كەينى - كەينىدىن تەشۋىق قىلىنغانىدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك قىزى، تىرىشچان سىڭلىم پەخرىيە ئەشرەپنىڭ بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلاپ، قەلبىم لەرزىگە كەلدى. پەخرىيە ئۈندىدارىمغا: «تاشپولات ئاكا، مەن يېقىندا ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ماگىستىرلىق ئوقۇشقا ئىلتىماس سۇنغانىدىم، مانا ئەمدى ئامېرىكىدىكى خارۋارد (Harvard) ئۇنىۋېرسىتېتى، يېل (Yale) ئۇنىۋېرسىتېتى، ستانفورد (Stanford) ئۇنىۋېرسىتېتى،  بېرىكلىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېت(UC Berkeley)، لوس ئانجېلېسدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېت(UC Los Angeles) قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق بەش ئالىي  مەكتەپنىڭ ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغانلىقىم توغرىسىدىكى چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇۋالدىم» دېگەن خۇشخەۋەرنى قالدۇرغانىدى. پەخرىيەنىڭ قازانغان بۇ نەتىجىسىدىن خەۋەر تېپىپلا دىلىم ئالەمچە سۆيۈندى، قەلبىم ئىپتىخارانە ھاياجانغا تولدى. بىلىشىمچە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن ھازىرغىچە پەخرىيە كەبى بىرلا ۋاقىتتا دۇنيادا ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان بەش ئالىي مەكتەپنىڭ چاقىرىقىغا بىرلا ۋاقىتتا ئېرىشەلىگەن يەنە بىرەيلەن چىقىپ باقمىغان. «ئاتىسى ئاتالمىغان قۇڭغۇزنى، بالىسى ئېتىپتۇ تۇڭگۇزنى» دېگەن شۇدە. پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيە يىراق تەكلىماكان گىرۋەكلىرىنى بويلاپ كارۋان تارتىپ دۇنيانى كەزگەن ئەقىل – پاراسەتلىك ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئۇلۇغ روھىيىغا ۋارسلىق قىلىپ، باشقىلار قىلالىغاننىمۇ قىلالىدى، باشقىلار قىلالمىغاننىمۇ قىلالىدى. ئۇ بىزگە «ئۇيغۇرلارنىڭ دۆت ئەمەس، ئەقىللىق» ئىكەنلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەردى. ئەينى يىلى پەخرىيە ئەشرەپ، جۇڭگونىڭ مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا تولۇق نومۇر(150) غا ئېرىشىپ، پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى، شۇ چاغدا باشقا مىللەتلەردىن «ئۇيغۇرلار تۇغما ئەقىللىق مىللەت، تىرىشسىلا ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ھەرقانداق ئىشنى قىلالايدۇ» دەپ ماختىغانلار كۆپ بولغانىدى. بەلكىم «بىر ئادەم بىر مىللەت» دېگەن شۇ بولسا كېرەك. پەخرىيە شۇ چاغدا بىزنىڭ كىرلىشىپ، رەڭگى ئۆڭۈپ قالغان ماتېماتىكىدىكى بەترەڭ يۈزىمىزنى پاكىز يۇيىۋەتكەنىدى. مەن شۇ چاغدا ئۇيغۇرلىرىم ئارىسىدىن نەچچە يۈزلىگەن پەخرىيەلەر چىقىپ، مىللىتىمىزنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار مىللەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، يۈزىمىزنى يورۇق قىلغان بولسا، «ئۇيغۇر» دېگەن ئىسىمنى ئاڭلىساقلا ئۆزىمىزدىن ئىپتىخارلىنىپ، دىلىمىز يايرىغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى دېگەنلەرنى ئويلاپ كەتتىم.
4 W: l* W0 T. R6 o& d# T; m) r0 n) M/ r. q; L1 V
132251pyi5yk5j5pw11ipa.jpg.thumb.jpg $ k4 ^6 z: l+ {3 g- o. c

1 l/ ~* g/ Y- J6 Iئەجىبا ئۇيغۇرلار ئاشۇ ياپونلار ۋە يەھۇدىلار قىلالىغاننى قىلالماسمۇ؟ مېنىڭچە، چوقۇم قىلالايدۇ. ياراتقان ئىگىسى تولۇق ئەقلىي قۇۋۋەت بىلەن بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئىگە قىلىپ ياراتقان ئۇيغۇرلار پەقەت تاشنى تالقان قىلغۇدەك جاسارىتى بىلەن پەن ئىگىلەشكە قارىتىدىغانلار بولسا، يېقىن زامان ئىچىدە دۇنيا مىللەتلىرى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئالىدىغان مىللەتلەر قاتارىغا كىرەلەيدۇ. شەرت شۇكى، ئۇيغۇرلار مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشى، بولۇپمۇ ئائىلە مائارىپىغا قاتتىق ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. «دۇنيادا ئادەمدىن ئۆتە رەزىل مەخلۇق يوق، چۈنكى دۇنيادا ھېچقانداق بىر ھايۋان ئۆز بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ، پەقەت ئادەملەرلا ھەرخىل باھانىلار بىلەن ئۆز بالىسىنى باشقىلارنىڭ بېقىشىغا ۋە تەربىيەلىشىگە تاشلاپ بېرىدۇ» مانا بۇ گەپتىنلا بالا تەربىيەسىنى تالادىن كۈتۈشنىڭ تولىمۇ ئەخمەقلىق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز، دېمەك بالا تەربىيەرىمىز تالاغا قاراپ قالماسلىقى كېرەك.+ e3 X- Q7 v8 e9 n" j  H
132246aq3o7zpzjukj32vv.jpg.thumb.jpg
, O3 `; k1 ~" a0 ^, S9 Z+ Mئەلقىسسە، مەن بۇلتۇر 10-ئاينىڭ ئاخىرى پەخرىيە سىڭلىمدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۋالغانىدىم. ئۇ خېتىدە ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن تەييارلىغان ماتېرىياللىرىنى كۆرۈپ بېقىشىمنى ۋە پىكىر بېرىشىمنى سورىغانىدى. مەن دەررۇ پەخرىيەگە خەت يېزىپ ماتېرىياللارنى كۆرۈپ بېرىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ھەمدە ياش نېرۋا ئىلمى ئالىمىمىز ئەلقەم تۇرسۇننىڭ ئۆزگەرتىشى ۋە پىكىر بېرىشى بىلەن ماتېرىياللارنىڭ كەم قالغان يەرلىرىنى تولۇقلاپ پەخرىيە سىڭلىمغا ئەۋەتىپ بەردىم. مەن بۇ يەردە ئەلقەم ئۇكامغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
- B2 k1 M5 E+ J1 p9 E. R: O0 t& _+ d. q+ j

/ g6 F- p3 Y! K/ v6 h4 i, O2 k! a/ T, Q; C& I- M+ O
پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيە 2011 - يىلى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا 711 نومۇر ئالغان بولۇپ، يۇقىرىدا قەيت قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر (150) ئالغانىدى. ماتېماتىكىدا دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغان جۇڭگودەك بىر دۆلەتنىڭ مەملىكەتلىك ئىمتىھانىدا ماتېماتىكىدا تولۇق نومۇر ئېلىش تولىمۇ ئاز كۆرۈلىدىغان ئەھۋال. بۇ خىل تولۇق نومۇرغا ئانا تىلىدا ئوقۇغان ئۇيغۇر قىزى پەخرىيە ئەشرەپنىڭ ئېرىشەلىشى، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تىرىشسىلا ھەممە ئىشتا ئەڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. كەمىنمۇ ماتېماتىكىچى بولغاچقا، پەخرىيەنىڭ شۇ چاغدىكى نەتىجىسىدىن باشقا ھەرقانداق ئادەمگە قارىغاندا بەكرەك پەخرىلەنگەنىدىم. پەخرىيە شۇ ياخشى نەتىجىسى بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىدى. ئۇ بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىنمۇ قاتتىق تىرىشىپ، ئۇدا تۆت يىل بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى بولدى. بۇ قېتىممۇ چەتئەللىكلەردىن ئالىدىغان ئىنگلىزچە ئىمتىھانىدىن 113 نومۇر (بۇ ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 120) ئالدى. ئاسپىرانتلارنىڭ ئىمتىھانىسىدىن 330 ( بۇ ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 340) ئالدى. پەخرىيەنىڭ تولۇق نومۇرغا ئازلا پەرق بىلەن يېقىنلىشى مېنى شۇنچىلىك ھاياجانلاندۇردى، چۈنكى بۇ خىل نەتىجىگە دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىن ئىمتىھان بەرگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارمۇ ئاسانلىقچە ئېرىشەلمەيتتى." B, L+ H" x: [. a
9 b- Q1 O4 B' [
پەخىرلىك قىزىمىز پەخرىيەنىڭ يۇقىرىقى نەتىجىسى ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىدىكى پەم – پاراسەتنىڭمۇ ئۇيغۇر ئەرلىرىدىن قېلىشمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. مەن بارلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ پەخرىيە سىڭلىمىزنىڭ تىرىشچانلىق روھىدىن ئەنداز ئېلىپ، ئۆز كەسپى ساھەلىرىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، پەخرىيە سىڭلىمنىڭمۇ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇش ھاياتىنى غەلبىلىك تاماملاش بىلەن بىللە، ئۆز كەسپىدە دۇنيانى زىل-زىلگە سالغۇدەك كاتتا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن.
+ T6 d" [7 f" A5 m+ U' ~8 j1 \/ j
4 w  D1 E% [; F2015 – يىلى 10 – مارت ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتىدا يېزىلدى
% U8 Y$ H2 A/ I# b9 N1 p) Sمەنبە: ئىزدىنىش مۇنبىرىرەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

334

تېما

466

يازما

6541

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1965 سەر
تۆھپە
1367 سەر
تىللا
743 دانە
جەۋھەر
7 دانە
ۋاقتى: 2015-3-18 08:03:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەخت تىرىشقانلارغا مەنسۇپ ،پەخرىلىنىشكە ئەرزىيدىغان پەخىريە .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗