ئۇيغۇر
ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى
0 @5 [- M8 H& r! I- ~% [دەرسخانا ئوقۇتۇشىدا ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. چۈنكى، ئوقۇغۇچى ئۆگەنگۈچى، ئوقۇتقۇچى ئۆگەتكۈچى، بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشى بولمىسا، دەرس ياخشى ئۆزلەشمەيلا قالماي، ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئوقۇتقۇچى مۇناسىۋىتى يىرىكلىشىپ، ئوقۇغۇچىلار شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسىنى ئەستايىدىل ئۆگەنمەيدىغان، ئوقۇتقۇچى بىلەن قارشىلىشىدىغان، ھەتتا دەرسكە قاتناشمايدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.
+ b- k5 g$ r9 Z8 @2 N مېنىڭچە، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تەرەپلەرگە ئەھمىيەت بېرىش لازىم:
7 L1 M( }# Q$ u, c! H& R" L% K 1. بىرەر ئوقۇغۇچى بىلىپ – بىلمەي ئازدۇر – كۆپتۇر سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويسا، ئوقۇتقۇچى ئۇنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ، ئىشنىڭ ئۇجۇر – بۇجۇرىغىچە سۈرۈشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىنى بىزار قىلماي، خاتالىقىنى تۈزىتىشىگە سەمىمىيلىك بىلەن ياردەم بېرىشى لازىم.
- [- U6 F# h+ }/ Q 2. ئوقۇتقۇچى دەرستە ئارقىدا قالغان ئوقۇغۇچىلارنى زىيادە ھاقارەتلىمەي، ئىلمىي سۆزلەر بىلەن قايىل قىلىشى، ئاتا – ئانىسى، ئۇرۇغ – تۇغقانلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئابرۇيى قاتارلىقلارنى ئېغىزغا ئالماسلىقى، ئوقۇغۇچىنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان گەپ – سۆزلەرنى قىلماسلىقى لازىم.
) S5 M; \" ~7 R7 H 3. ئوقۇتقۇچى ئۆزىنى بىلەرمەن، ئەقىللىق چاغلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى كۆزگە ئىلمايدىغان، مەنمەنلىك قىلىدىغان ئىللەتلەردىن ساقلىنىشى لازىم.! e9 C- Q5 I" N8 ]! w G- a& p5 g
4. ئوقۇتقۇچى ئايرىم ئوقۇغۇچىلارغا زىيادە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، يەنە بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارغا ئۆچلۈك قىلماسلىقى، ئۇلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى لازىم. ئوقۇغۇچىلار قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۇلارغا ياردەم بېرىشى، غەمخورلۇق قىلىشى، كۆيۈنۈشى لازىم. دەرسنى ئەستايىدىل، ئەتراپلىق تەييارلاپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئېرىنمەي چۈشەندۈرۈشى، ئوقۇغۇچىلار سورىغان سوئاللارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشى لازىم., N' l9 T1 K: v2 ~+ V- z) Y9 o
5. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىگە ئۇلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان سۆزلەرنى يازماي، توغرا، ئىلمىي باھا سۆزىنى يېزىپ، ئوقۇغۇچىلارنى رىغبەتلەندۈرۈشى لازىم.
) L: |( h! v. X7 H/ ^ 6. ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئىتتىپاقسىزلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، ئادىل بىر تەرەپ قىلىشى، بىر تەرەپكە يان بېسىۋالماي، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەپ، ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئادىل بىر تەرەپ قىلىشى، ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى بەرمەسلىكى، جىسمانىي ئەمگەك جازاسى ئارقىلىق ئۇلارنى ئازابلىماسلىقى كېرەك. دەرسخانىغا ھاراق ئىچىپ كىرمەسلىكى، ئوقۇغۇچىلار بار جايدا تاماكا چەكمەسلىكى، خىزمەتداشلار ئارا بولمىغۇر چاقچاق قىلماسلىقى لازىم." T6 d1 P1 }: [3 r$ l, g
7. ئوقۇتقۇچى كىيىم – كېچەكنى رەتسىز كىيمەسلىكى، ئەر ئوقۇتقۇچىلار ساقال – بۇرۇت ئۆسۈك ھالدا دەرسخانىغا كىرمەسلىكى، شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىشى، ئوقۇغۇچىلارنى شەخسىي ئىشقا سالماسلىقى، ئاتا – ئانىلىرىدىن نەرسە – كېرەك ئۆتنە ئالماسلىقى، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئابرۇيىنى قوغداپ، قانۇن – ئىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى لازىم.( `0 L9 L" H" E6 B" T! W! }
ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |