ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 596|ئىنكاس: 1

ناخشا مائارىپشۇناسلار شۇنى ئەسكەرتىدۇتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

21

يازما

214

جۇغلانما

رەسمىي ئەزا

Rank: 5Rank: 5

قىزغىنلىق
54 سەر
تۆھپە
58 سەر
تىللا
27 دانە
جەۋھەر
0 دانە
مائارىپ مائارىپشۇناسلار، جەمئىيەتشۇناس، پسىخولوگلارنىڭ بىردەك ئىسپاتلىشىچە، ئادەملەرنىڭ ئۆسۈپ- يىتىلىشىگە مىھىتنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولىدىكەن. يەنى ئىناق، بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئائىلىدە ئۆسۈپ - يېتىلگەن بالىلار بىر - بىرىنى ھۆرمەتلەيدىغان، ھەمكارلىق روھى كۈچلۈك، چىقىشقاق كېلىدىكەن، ھەدېسىلا جېدەل ئۆكسىمەيدىغان ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلار ئۇرۇشقاق، جېدەلخور، ئۆكتەم، كىشىلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ، ماجرا تېرىشقا ئامراق ياكى بولمىسا قورقۇنچاق كېلىدىكەن......... دېمەككى، بىز بۇنىڭ ئۆزىدىنلا ئاتا- ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ خاراكتېر يىتىلىشىگە ئىنتايىن زور تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى، ئاتا- ئانىلارنىڭ ھەر بىر ھەركىتىگە دىققەت قىلىشىنىڭ لازىملىقىنى چۈشىنۋالالايمىز./ K" I- h6 }7 l/ s; I0 Q
    بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئەدەپ - ھايا بىلەن يۈرۈڭ. بالىلىرىڭىز كىچىك بولسا كۈندىن- كۈنگە چوڭ بولىدۇ، ئىش ئاڭقىرىدۇ، مەسلىلەرنىڭ ياخشى - يامىننى بىلىش چۈشىنىشكە باشلايدۇ. يەنە كىلىپ بالىلار كۆپىنچە نەرسىنى ئاتا - ئانىسىدىن ياكى ئەتراپتىكى مۇھىتتىن تەقلىد قىلىش، دوراش ئارقىلىق ئۆگىنىدۇ. دىققەت قىلىڭ، بالىلىرىڭىز سىزنىڭ يامان، ناچار تەرىپىڭىزنى ئۆگىنىپ قالمىسۇن.% F, U6 M- n" n2 N& y
    1. ئۆي ئىچىدە ھاياسىز چاقچاق، سەت، قوپال، گەپ - سۆزلەرنى قىلماڭ، بولۇپمۇ، بالىلىرىڭىز بار يەردە. بالىڭىز كىچىك بولسا سىزنىڭ بىزەب، بەدىۋىي سۆزلىرىڭىزنى دەرھاللا ئۆگىنىپ، ھەممىلا يەردە ۋاتىلداپ سۆزلەپ يۈرۈپ، سىزنىڭ يامان تەرىپىڭىزنى ئاشكارلايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ نىمە دەۋاتقىننى چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. نىمە دەۋاتقان، قىلۋاتقىنىنى چۈشىندىغان سىزدەك چوڭلار ئېغىزىنى چايقىمىسا، كىچىكلەرنىڭ ئېغىزىدىن بېزەپ، ھاياسىز گەپلەرنى تۆكمە قىلىشنى ھار ئالمىساقمۇ بولىدۇ. بالىڭىز چوڭ بولسا ھاياسىز گەپلەر بىلەن ئۇنى خىجىل قىلىپ قويىسىز. ئەگەر بۇ ھال تەكرارلىنىۋەرسە ئۇ بارا - بارا بۇنداق سۆزلەرنى ئاڭلاش، دېيىشتىن ئۇيالمايدىغان، قېلىن، ئىزا تارتمايدىغان، ئەدەپسىز ئادەتلىنىپ قالىدۇ.
2 Z8 T4 {  h" V$ [; n! x    2. ئۆي ئىچىدە تار، نېپىز ئىچ كىيىملەر بىلەن مېڭىپ يۈرمەڭ.& e# R& r5 f& x. ]  @- _
    3. ئۆيدە بالىلىرىڭىز ئالدىدا ھاراق ئىچمەڭ، تاماكا چەكمەڭ. ئۆيگە مەست كىلىپ بالىلارغا ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئۇلارنى قورقۇتماڭ ياكى ئۆزىڭىزنىڭ يىرگىنىشلىك ھالىتىڭىزنى بالىڭىزغا كۆرسەتمەڭ. ئۇلار سىزدىن نەپرەتلەنمىسۇن. دادىنىڭ بالا ئالدىدىكى ئۇياتسىزلىقى ئۇنى بالىسىنىڭ نەزىرىدىن تىزلا چۈشۈرۋىتىدۇ ۋە بالا دادىسىدىن ئەيمەنمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
$ @5 w" {, O& {2 D    4. بالىلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا ئايالىڭىزغا ھەر قانداق شەكىلدە يېقىنچىلىق قىلماڭ. ھاياسىز، ياپتا گەپلەر بىلەن چاقچاقلاشماڭ.
. m% M  ^; e5 b6 s    5. ئامالنىڭ بارىچە بالىلىرىڭىز بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ تېلېۋېزور كۆرمەڭ. شارائىتىڭىز يار بەرسە بالىلىرىڭىز ئايرىم ئولتۇرۇپ ئۆسمۈرلەر پىروگراممىسى كۆرسۇن. لېكىن مۇنداق قىلىش بالىلار بىلەن چوڭلارنىڭ بىرگە بولۇش ۋاقتى ۋە ئارىدىكى يېقىن ھېس - مىھرىنى بۇزىۋىتىدۇ. بىرگە كۆرمەكچى بولسىڭىز قولىڭىزغا تىزگىنەكنى ئېلىپ ئولتۇرۇپ < ھاياسىز ئات - ئىشەك> لەر خۇدىنى بىلەلمەي قالسا < تىزگىن> تارتىپ يول - قانال ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ. بولمىسا بالىلىرىڭىز ئالدىدا خىجالەتتە قالىسىز. قېزىڭىزدا بالىلىرىڭىز ئولتۇرسا، بىھايا كۆرۈنۈشلەرگە كۆزىڭىزنى پارقىرىتىپ ئولتۇرۇۋەرسىڭىز، بالىلىرىڭىز بىلەن ئارىڭىزدىكى نومۇس پەردىلىرى يىرتىلىپ كېتىشى مۇمكىن.
, D! a2 G: ^2 a$ F    بالىلىرىڭىز بىلەن ئارىڭىزدا ھايا پەردىسىگە ئورالغان پاكىز مېھرى- ھۆرمەت بولسۇن. شۇندىلا ئۇ سىزدىن تەپتارتىدۇ، ئەيمىنىدۇ، گېپىڭىزنى ئاڭلايدۇ، ھۆرمىتىڭىزنى قىلىدۇ. ئىپپەت قوغلىشىدىغان مىسكىندىن، ئەقىدىسى دۇرۇس، تەقۋا پەرزەنت يېتىشىپ چىقىدۇ.4 l6 {$ f" f) {/ |
چۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9198 سەر
تۆھپە
2742 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2014-7-10 20:47:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما يوللىغاندا ئۈزىڭىزۋە مۇنبىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ،تىما ئاپتۇرى ۋە كىلىش مەنبەسىنى ئىنىق ئەسكەرتىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز ،شۇنداقلا ھەربىر تىمنى ماس سەھىپىگە يوللاڭ .
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗