3d
2014- يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى ئامېرىكىنىڭ «فوربېس» (Forbes) تورىدىن تەرجىمە قىلىندى(ئىنگلىزچە) X. ^$ X% b/ x4 Q# j3 @
8 I% H* Y0 ]4 Z0 pبۇ ماقالە 6-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى «فوربېس» (Forbes) ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنماقچى(ئىنگلىزچە). t& I) K+ X, Y @0 I
$ Z( \. S% j/ u) H! R
: v3 a+ `! f4 X6 E& X
تۆۋەندىكى ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى:
4 Q" {. V; ?; `( F# _8 w) k8 [9 i/ J% m
$ i5 W3 J, w8 T- s/ |4 q
# X, b) |0 E9 `4 K6 `" T0 y. e$ C- iئەتراپتىكى مۇھىتتىن ئالاھىدە پەرقلىق، ئۆزگىچە بېزەلگەن خىزمەت مەيدانى، ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بولۇپ، شىركەتنىڭ بېزىلىشى قارا رەڭنى ئاساس قىلغان، چوڭ ئېكرانلاردا CNBC ۋە بۇلۇمبېرىگ (Bloomberg) قاتارلىق دۇنيادىكى داڭلىق ئىقتىساد ۋە پۇل-مۇئامىلە پروگراممىلىرى قويۇلۇپ تۇرىدۇ. يەنە نۇرغۇن ئېكرانلاردا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئىقتىسادى ئۇچۇر ۋە ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر چىقىپ تۇرىدۇ. گۇگىل، گولدمان ساكس قاتارلىق دۇنياۋى كارخانىلارنىڭ بەلگىسى ۋە ئاساسىي ئۇچۇرلىرى چۈشۈرۈلگەن رەسىم رامكىلىرى كارىدورغا لىق تولغان بولۇپ، زامانىۋى سودا دۇنياسىنىڭ شىنجاڭدىكى نامايەندىسى ئىدى.4 j+ ~% E5 W' P: ]5 ^
; t' l3 g/ x4 R" g" l; o
ئەمدىلا 31 ياشقا كىرگەن قۇدرەت ياقۇپ ئەرقال كاپىتالىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇ ئەرقال كاپىتالىنىڭ نىشانىنى شىنجاڭ يەرلىك كارخانىچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇشقا قاراتقان. ئەرقال كاپىتالىنىڭ قارمىقىدا پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش كەسپى ۋە كارخانىچىلار كۇلۇبى بار.1 U* l: w( g" ~- t
2 o- c5 p9 _1 Eقۇدرەت ياقۇپ دەۋر ياشلىرىنىڭ ئاۋانگارتى، ئۇ كىچىكىدە خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقىغان بولۇپ، ھازىرغىچە شىنجاڭدىكى 13 مىليون ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدىكى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تولۇق كۇرسىغا قوبۇل قىلىنغان بىردىنبىر ئوقۇغۇچى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ ئەرقال مەبلەغچىلىك شىركىتىنى قۇرغان.
3 i- l" h" J7 ^! s5 ]7 u6 a% u' W9 L4 M) g
تارىختا بىر قانچە ئۇيغۇر كارخانىچى فوربېس جۇڭگو بايلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن. ئەرقال كاپىتالىنىڭ ئىگەللىگەن سانىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 12 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ھازىرغىچە ياخشى يۈرگۈزۈلىۋاتقىنى 1500 ئەتراپىدا ئىكەن. قۇدرەتنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە بولغان ئىستراتېگىيە ۋە ئىجرا پىلانى ئېنىق، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى پىشقان ۋە نەق پۇل ئوبوروتى مۇقىم كارخانىلار 300 دىن 500 گىچە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئەرقال كاپىتالىنىڭ بۇرچى مۇشۇ سانلارنى كۆپەيتىش.
% d C5 z; n& X* {0 p' y! q% l3 t' B. y6 H7 b# e1 n9 ^/ x
«ئەرقال» قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدا «ئەرلىك مەسئۇلىيىتىڭ بىلەن قال» دېگەن مەنىدە. ئەرقال كاپىتالى ھازىرغىچە ئالتە تۈردە پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سالغان بولۇپ، مەبلەغ تەمىنلىگۈچىدىن بەشى بار. بۇنىڭ بىرى شىركەتنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى، داڭلىق قاشتېشى سودىگىرى ئەكبەر ئابدۇللا، ئۇ قىممىتى 14 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق نەق پۇل ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى مەبلەغ سالغان.$ Z, ~ n0 p5 ?" V
8 K/ f' ^2 O. P$ gئەرقال كاپىتالى بۈگۈنگە قەدەر 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق مەبلەغچىلىك تۈرلىرىنى تاماملىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، تەخمىنەن 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا بىر دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىنىڭ 100% پېيىنى سېتىۋالغان ، بۇ كارخانىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بىر سودا بىناسى بار. ئەرقال كاپىتالىنىڭ خىزمەت ئورنى مۇشۇ رايونغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ ساياھەت مەركىزىدىكى قايناق بازاردا، سىز ئۆپكە-ھېسىپ يېيەلەيسىز.
|; [& Q. I+ }0 i, L0 ?
4 u5 }1 o( I& J3 _- Wئەرقال كاپىتالىنىڭ مەبلەغ سالغان تۈرلىرىدىن يەنە، 1000 گېكتارلىق يېزا ئىگىلىك مەيدانى، بىر ئاشلىق-ماي پىششىقلاش زاۋۇتى ۋە بىر ئۇچۇر-تېخنىكا تۈرى بار. m' K. ^, @6 z
% _% w: H( e: T/ C: y
( Q5 I; y& K* E3 j& rرەسىمدە: قۇدرەتنىڭ يېنىدىكىلەر ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئەكبەر ئابدۇللا ھاجىم (سول) ۋە تۇرسۇن ئەلى (ئوڭ)& G6 l) A, i% w: p* T6 U
6 m; G/ j0 x7 u, r
ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ يىپەك يولى تارىخىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ، ئۇلار تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئەۋزەللىكى ئاساسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ۋە مۇسۇلمانچە مەھسۇلاتلار كەسپىدىكى پۇرسەتلەرنى تۇتۇشقا يۈزلەنگەن. كارخانىلارنىڭ كېڭىيىشى ۋە تەرەققىياتى ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن زىچ ھەمكارلىققا ئېھتىياجلىق، بىراق بۇ كۆپ سانلىق كىشىلەر ئۈچۈن ئاسانغا توختىمايدۇ. ئەمما قاشتېشى سودىسىدا دېڭىز بويىدىكى رايونلار بىلەن سودا قىلىشنىڭ پايدىسى تېخىمۇ كۆپ. قۇدرەتنىڭ شېرىكى ئەكبەر ئابدۇللا دەل بۇنىڭ ياخشى مىسالى. 2000- يىللارنىڭ ئاخىرىدا، ئەكبەر ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ئىككى قېرىندىشى بىلەن قاشتېشى سودىسىنى باشلىغاندىن بۇيان، مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن ئۆلكە-شەھەرلىرىدە ئۆزىنىڭ سودا تورىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ جەرياندا، بۇ قېرىنداشلار قاشتېشىدىن باشقا يەنە ئۆي-مۈلۈكچىلىك، دورىگەرلىك ۋە دوختۇرخانا قاتارلىق ساھەلەرگىمۇ مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە مائارىپ ئىشلىرىغا پۇل ئىئانە قىلىش، ئىچكىرىدىكى كۆپلىگەن ئالىي مەكتەپلەرگە كىتاب ئىئانە قىلىش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى قىلغان.
9 p, u1 H6 M0 K% p+ S7 J$ n/ ]* M1 P" m( q" Q
قۇدرەتنىڭ يۈزەكى مۆلچەرىدە، 15 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مۈلۈكى بار ئۇيغۇرلار 100 دىن 200 گىچە ئىكەن. كارخانىچىلار كۇلۇبىدىكى باشقا ئەزالارنى زىيارەت قىلغاندىمۇ بۇ توغرىلىق ئېنىق مەلۇماتقا ئېرىشەلمىدۇق.) c# {, i( a1 I
3 N2 b' u9 @" k% P! }
شىنجاڭدىكى خۇسۇسىي كارخانىلار توغرىسىدا نەق مەيدان تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارغان ئاۋىستىرالىيە مۇناش (Monash) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مارىكا ۋىسزيانى: «مەنمۇ زادى قانچىلىك مىليونېر جەمەتى بارلىقىنى مۆلچەرلىيەلمىدىم» دېدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى بىر كىچىك بازاردا، كۆپلىگەن ئالىي دەرىجىلىك پىكاپلىرى بار، باغ-ۋارانلىق ئېسىل داچىدىكى بىر ئائىلىنى كۆرگەن ئىكەن.
- O9 b' `: y( |* O
. `6 v. A9 l* {2 `قۇدرەت ئۆزىنىڭ بازار تەتقىق قىلىش ئىقتىدارى، كارخانا ئانالىز قىلىش ئىقتىدارى ۋە كىرىمنىي جىلغىسىدىكى ئىگىلىك تىكلەش، مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش تەجرىبىلىرى ئاساسىدا، خېرىدارلار بىلەن ئۇچرىشىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز ھالدا مەبلەغچىلىك ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز يۇرتىدا ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلماقتا.+ e( R0 n: K. P( `; Q
4 R, {; n% A0 yئەكبەر ئابدۇللا: «قۇدرەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە ساھەسىگە بولغان چۈشەنچىسى چوڭقۇر، ئامېرىكىدىن نۇرغۇن ياخشى ئىقتىسادى ئىدىيەلەرنى ئېلىپ كەپتۇ، مەن كۆپ جايلارغا بارغان ۋە ھەرخىل كارخانىچىلار بىلەن ئۇچراشقان، يۇرتىمىزدىكى كارخانىلار بىلەن سىرتتىكى كارخانىلار ئوتتۇرسىدىكى پەرقنى چوڭقۇر ھېس قىلغان، ئەگەر بىلىم بىلەن بايلىقنى ياخشى بىرىكتۈرەلمىسەك، تەرەققىياتىمىز چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، ھەتتا بايلىقلىرىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىزغا يەتكۈزۈپ بېرەلمەسلىكىمىزمۇ مۇمكىن» دېدى.
# ? y" J) }) D% ?4 Z/ W. ^8 k
6 s+ e9 A) e' Zھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىرىنى قوللىشى ئاساسىدا، 2012- يىلى «مىللى سودا ئۇيۇشمىسى» داڭلىق كارخانىچى رادىل ئابلانىڭ يېتەكچىلىكىدە قۇرۇلغان بولۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن ئاز سانلىق مىللەت كارخانىلىرى ئوتتۇرسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.+ t) y- c2 S' @
5 ^' M; U% M# ~1 o: N) i2 z9 u$ |* C5 }3 l. u9 Q
رەسىمدە: قۇدرەت ياقۇپنىڭ خارۋاردتىكى مەكتەپدىشى Colin Kelly (سول تەرەپ)، NBA دە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان، كۇلۇب ئەزالىرىدىن شىرئەلى ئەزىز (ئوڭ تەرەپ) بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتىدۇ# n! L5 I% h5 m' U
2 w8 ~3 ^ g, ~3 xئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبى ياش كارخانىچىلارنىڭ ئەڭ يېڭى سودا ئەندىزىلىرى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. قۇدرەت ئۆزىنىڭ خارۋاردتىكى مۇناسىۋەت چەمبىرىكىدىن پايدىلىنىپ، ھەر ئايدا دۇنياۋى كارخانىلاردىكى كەسپىي خادىملارنى كۇلۇبقا تەكلىپ قىلىپ، ھەرخىل يۇقىرى سەۋىيەدىكى دوكلات ۋە مۇنبەرلەرنى ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنلىرى مەبلەغ ئۇيۇشتۇرۇش، ئىستراتېگىيە، ئىختىساسلىق خادىم قاتارلىق كارخانا باشقۇرۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى مەزمۇنلىرىغا چېتىلىدۇ. 3- ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق مۇنبەردە 200 كىشىلىك مۇنبەر زالىغا قاتناشقۇچىلار پېتىشماي قالغان.
; X( C, o0 }6 i) X* h! Q) ]+ c2 M1 L J$ b9 A2 g
ئەرقال كارخانىچىلار كۇلۇبىنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى تۇرسۇن ئەلى ئەپەندىم: «كارخانىچىلار كۇلۇبى قۇرۇلغاندىن بۇيان كۇلۇب ئەزالىرى ئىنتېرنېت كەسپىنىڭ ئەنئەنىۋى ساھەلەرگە بولغان خىرىسلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئانالىز قىلىپ، ھەل قىلىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. مەسىلەن، كۇلۇب ئەزاسى شىرئەلى ئەزىز شىركىتىنىڭ ئىنتېرنېت مۇلازىمەت سۇپىسىنى يۈرگۈزۈش تۈرىنى باشلاپ بولدى» دېدى.
/ t/ Q! U* i& S3 w8 h: u
3 d! ~$ C8 X+ w6 jقۇدرەت كارخانىچىلىقنىڭ تەرەققىياتىغا قارىتا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى شەرھىيلەپ: «ئەگەر سىز ئۆي-مۈلۈكچىلىك، كان قاتارلىق ساھەلەردىلا تەرەققىي قىلىمەن دېسىڭىز، ھۆكۈمەت مۇناسىۋىتىگە يۇقىرى دەرىجىدە تايىنىپ قالىسىز، ئەگەر ئەمەلىي قىممىتى يۇقىرى كەسىپلەردىكى مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن جەمئىيەتتىكى ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلسىڭىز، مەسىلەن زەنجىرسىمان تېز تاماقخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەملىكەت مىقياسىدا تۈمەنلىگەن تېز تاماقخانىلارنى ئېچىش يولىدا ماڭسىڭىز سىز ئارتۇقچە يۆلىنىشچانلىق ۋە چەكلىمىلەرگە ئۇچرىمايسىز» دېدى.- {/ C# b" {% _
3 p% U3 f2 R- p6 X% {) U2 Nشىنجاڭدا ئاق ياقىلىقلار قاتلىمىنىڭ مائارىپ ساپاسى ۋە ئەمەلىي قابىلىيىتى نىسبەتەن ئارقىدا بولۇپ، ئەرقال ئورۇنلاشتۇرغان بىر قېتىملىق ئىختىساسلىق خادىم قوبۇل قىلىش يىغىلىشىدا 600 ئادەم ئىچىدىن 30 ئادەم سىناق ئىشلەش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 5 ئادەم ئوڭۇشلۇق سىناقتىن ئۆتەلىگەن.
. c' M5 n! p! C2 Q- L2 P
) _8 {2 _0 ^* x3 Y+ xئۇيغۇرلارغا ئەڭ زۆرۈر بولغىنى ئۇتۇق قازانغان ئۈلگە. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەريانىدا كۆپرەك نەپكە ئېرىشىش، بېيىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسلىق ئارزۇسى. ئاۋىستىرالىيە مۇناش (Monash) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى مارىكا ۋىسزيانى: «قۇدرەتنىڭ ئەرقال كاپىتالى سىزنىڭ ھازىر نېمە ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلايدىغان ياخشى مىسال، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى شان-شۆھرىتىنى سۆزلەپ ئولتۇرۇش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقىڭىز كېرەك» دېدى.
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |