مائارىپ
. L. _' r9 T8 |' D) ]! s, q
1-سوئال: ئىنگلىز تىلىنى ئۈنۈملۈك ئۆگىنىشنىڭ ئۇسۇلى قايسى؟ ئىنگلىز تىلى گرامماتىكىسىنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىچۇ؟$ R( {5 J- Z: b2 x
1 @6 a4 R. d, |7 {) M& n \2 }- }
جاۋاب: يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمدەك، بىر ئادەمنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۇسۇلى يەنە بىر ئادەمنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تىل ئۆگىنىش بىر ئۇزۇن مۇددەتلىك، مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ، ناھايىتى يۇقىرى ئىرادە بىلەن مۇستەھكەم بەل باغلىماي تۇرۇپ، بىر تىلنى مۇكەممەل ئۆگىنىش مۇمكىن ئەمەس. تىل ئۆگىنىش ھېچكىم ئۈچۈن ئاسان ئەمەس. شۇڭا باشتىن تارتىپ بۇ توغرىلىق مۇستەھكەم ئىدىيىۋىي تەييارلىق بولۇشى كېرەك. مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (XJU) دە ئوقۇغان ۋاقتىمدا، 1-يىلى خەنزۇ تىلىنى ئۆگىنىپ، ئۇنىڭدىن كېيىنكى 2 يىلنىڭ ئىچىدە ئىنگلىز تىلىنى قوشۇمچە ئۆگىنىپ، تەبىئى پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ 3 يىللىق دەرسلىكىنى ئۆگىنىپ بولۇپ، ئىنگلىزچىنى ئوقۇپ تۈگەتكەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىرگە ئىمتىھانغا قاتنىشىپ، يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشكەن ئىدىم. ئەڭ ئاخىرقى 2 يىل جەريانىدا ياپون تىلىنىمۇ ئۆزلۈكىمدىن ئۆگىنىپ بولدۇم.& _% n6 B$ |0 z' h& E8 s
مەن قوللانغان ئۇسۇل مۇنداق: 1) ھەر كۈنى يېڭى سۆزلۈكتىن 20 دانە سۆز ئۆگىنىش. 2) بىر سۆزنى 5 كۈن، ھەر كۈنى 3 قېتىمدىن يېزىش. 3) تېكىستنى پۈتۇنلەي يادلىۋېلىش. 4) تاپشۇرۇقنى بىرنىمۇ قالدۇرماي ئىشلەش. تۆۋەندىكى ھەر بىر مەسىلە ئۇستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەي.) n, [" {9 [' A3 h& B$ G0 n
1) تىل ئۆگىنىشتە ئەڭ قىيىنغا توختايدىغان بىر نەرسە يېتەرلىك ساندىكى سۆزلۈكنى يادلاپ ئىگىلەشتىن ئىبارەت. سۆز يادلاش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق تۇتۇپ ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. ئۇزۇن مۇددەت ئىزچىل تىرىشىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە. شۇڭا ئۇنى كۈندىلىك ۋەزىپە قىلىۋېلىش كېرەك. مەن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 6 دە ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئالدىنقى كۈنى ئاخشىمى تەييارلاپ قويغان 20 سۆزلۈكنى يادلىدىم. يەنى خەنزۇچە مەنىسىگە قاراپ، ئىنگلىزچىسىنى دەپ بېرەلەيدىغان بولدۇم. ئەتىگەنلىك تاماقتىن كېيىن سىنىپقا 5-10 مىنۇت بالدۇر بېرىپ، دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن، بۈگۈن ئۆگەنگەن 20 سۆز ۋە ئالدىنقى 4 كۈندە ئۆگەنگەن 80 سۆز بولۇپ جەمئىي 100 سۆزنى خەنزۇچىسىغا قاراپ تۇرۇپ ئىنگلىزچىسىنى يازدىم. بۇنى چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن بۇرۇن ۋە كەچلىق تەكراردىن بۇرۇن يەنە 2 قېتىم تەكرارلىدىم. يەنى ھەر كۈنى 5 كۈنلۈك 100 سۆزنى 3 قېتىم يېزىپ چىقتىم. ھەر بىر سۆزنى مۇشۇنداق 5 كۈن تەكرارلىسام، ئۇ مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر نەرسىگە ئايلاندى. بۇنى ئۆزۈمگە ئىنتايىن قاتتىق تۈزۈم قىلىۋالغان بولۇپ، سۆزلۈكنى يېزىپ بولماي تۇرۇپ كىنوغا بارمىدىم. سۆزلۈكنى يازماي تۇرۇپ ئولتۇرۇشقا بارمىدىم. ئويۇن-تاماشىدىن ۋاز كەچسەممۇ بۇ تۈزۈمنى قەتئىي بۇزمىدىم.
0 N+ k% F/ z& |0 m 2) يۇقىرىدا ئېيتقاندەك، ھەر قېتىم 5 كۈنلۈك سۆزنى (يەنى 100 سۆزنى) يازدىم. ھەر كۈنى 3 قېتىم يازدىم: ئەتىگەنلىك دەرستىن بۇرۇن، چۈشتىن كېيىنكى دەرستىن بۇرۇن ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىن.7 ~( Y; [ m2 b6 R+ F8 F3 k) K
3) مېنىڭ ئۆگەنگىنىم تەبىئىي پەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرسلىك كىتابى بولۇپ، ھەر بىر دەرسنىڭ بىردىن رەسمى تېكىست ۋە بىردىن "ئىختىيارىي ئوقۇش تېكىستى" (Reading Text) بار ئىدى. مەن ھەر ھەپتىدە بىردىن يېڭى دەرس ئۆگەنگەن بولۇپ، ھەپتىنىڭ ئاخىرىغىچە ھەر كۈنى ئەتىگەندە تېكىستنى يادلاپ، ئاخىرىدا تېكستنى پۈتۈنلەي يادلىۋالدىم. بۇنىڭ پايدىسى، سىز خام سۆزنى پۇختا ئېسىڭىزگە ئېلىۋېلىپلا قالماي، گرامماتىكا قائىدىسىنىمۇ پۈتۈنلەي يادلىۋالىدىغان بولغاچقا، كېيىنچە گرامماتىكىنى جانلىق ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىسى بولىدىكەن. مەن Reading Textنىمۇ ھەر كۈنى ئوقۇپ، ئاساسەن ئېسىمگە ئېلىۋالدىم." g+ }9 y+ |- r/ p/ x/ P% R i m
4) تاپشۇرۇقنى تولۇق ئىشلەش ھەر قانداق پەندە يېڭى ئۇقۇمنى پىششىق ئىگىلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان نەرسە. شۇڭا بۇ يەردە تەپسىلىي توختالمايمەن.# Q. D) l* n* y/ A6 p; K
بىر داڭلىق ئادەم مۇنداق دېگەن: "ۋاقىتنى مىنۇت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭ ۋاقتى، ۋاقىتنى سائەت بويىچە ھېسابلايدىغان ئادەمنىڭكىگە قارىغاندا 60 ھەسسە كۆپ بولىدۇ." بۇ سۆز تىل ئۆگىنىشتە ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق. مەن خجۇ دە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، تاماققا ئۆچرەت تۇرغان ۋاقتىمدا، ئاپتوبۇستا ماڭغان ۋاقتىمدا، يىغىنلارنىڭ ئالدى-كەينىدە دېگەنلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىنگلىزچە سۆزلۈك يادلايتتىم. 4 y) S# ?" `7 m' N& i" r F
4) ئوقۇغان نەرسىلەرنى ئىخچام قىلىپ خۇلاسىۋەلىشنىڭ بىر قانچە پايدىسى بار. ئۇنىڭ بىرى، ئۇ سىزنىڭ مۇشۇ بىر دەرستىن نېمىنى ئۆگىنىۋالغانلىقىڭىزنىڭ خاتىرىسىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىمتىھان ۋاقتىدا، دەسلەپتە پۈتۈن مەزمۇنلارنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئىمتىھانغا ئاز قالغان ۋاقىتتا پەقەت ئۆزىڭىز تەييارلىۋالغان خۇلاسىلىگىلا قارىسىڭىز، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نۇرغۇن ئۇقۇمنى ئېسىڭىزدە قالدۇرالايسىز. بۇ خۇلاسىدىن كېيىنكى ئۆمرىڭىزدىكى خىزمەت جەريانىدىمۇ پايدىلىنالايسىز. مەن ئامېرىكىدا ئوقۇغاندىمۇ مۇشۇنداق ئۇسۇلنى قوللانغان بولۇپ، ھەر بىر دەرستىن تەييارلىۋالغان خۇلاسىدىن ھازىرقى تەتقىقاتلىرىمدىمۇ پايدىلىنىۋاتىمەن.- l1 q8 M: j7 a9 w# [* i
ئەگەر سىز بىر تەبىئى پەن ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، يۇقىرىقى ئۇسۇلنى تولۇق قوللانسىڭىز، سىز چوقۇم ھەر قانداق قىيىن دەرستىمۇ ئەلا ئوقۇغۇچى بولۇپ ئوقۇيالايسىز.& f8 l, v8 r$ a5 |
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |