يانفۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شامال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-9-22 10:27
( j. ~7 {* @2 E% c3 N1 u2 H: Z( V4 |3 M5 {7 w% K
2 ^. S1 p6 p1 A8 L) c9 ?نوكىيا نېمىشقا مەغلۇپ بولدى؟ بۇنىڭدا مۇنداق ئالتە تۈرلۈك سەۋەب بار
: @7 P1 x4 Y% e4 E4 h6 @; @* g2 i, G. j7 }4 W
6 {: r) K( u- b; P. s
مىكروسوفت 7 مىليارد 170 مىڭ دوللار خەجلەپ، نوكىيا شىركىتىنىڭ يانفون كەسپىنى سېتىۋالدى، نوكىيا ئەمدى كۆچمە ئالاقە تورى ۋە خەرىتە ساھەسىدە يېڭى سەھىپىلەرنى ئېچىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نوكىيا شىركىتى كەلگۈسىگە بولغان يېڭى ئارزۇ-ئىستەكلەرگە تولدى. تېخى 2000-يىلى نوكىيانىڭ بازار قىممىتى 303 مىليارد ياۋروغا توغرا كېلەتتى، ئەمدىلىكتە مىكروسوفت ئۇنى ئاران 7 مىليارد 170 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا سېتىۋالدى، بۇ نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟ نوكىيانىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ھەرقانداق بىر كىشى ئىختىيارسىز ھالدا نوكىيانىڭ گۈللىنىشىدىن زاۋاللىققا يۈزلىنىشىگىچە بولغان تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلىمەي قالمايدۇ. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، نوكىيا شىركىتىنىڭ «ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كېتىش»ىدەك مەغلۇبىيىتى باشقا شىركەتلەرگە ئاز-تولا ساۋاق بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس. تۆۋەندىكىسى تېڭشۈن تېخنىكا تورى رەتلەپ چىققان نوكىيانىڭ مەغلۇپ بولۇشىدىكى بىر نەچچە تۈرلۈك سەۋەب: 1. ھەرىكەت قوللىنىش سۈرئىتى ئاستا بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون ئىشلەپچىقىرىشتا پۇرسەتنى كەتكۈزۈپ قويدى. 2.ئۆزىنى چوڭ تۇتۇۋېلىپ، يېڭىچە مەشغۇلات سىستېمىسى كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلاشمىدى. 3.تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسى مۇقىم بولمىدى، دائىم دېگۈدەك ھەممە ئىشنى نۆلدىن باشلاش پوزىتسىيىدە بولۇپ، ئۆز-ئۆزىنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. 4.ئەنئەنىۋى ۋە قالاق ئىدىيىدە چىڭ تۇرۇۋالدى، ئېچىۋىتىلگەن ھالدىكى جەڭ ئىستراتېگىيىسى بولمىغاچقا، كۆچمە ئالاقە تورى كەسپىدە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. 5.دائىم دېگۈدەك بازارنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ، سالغان مەبلەغقە تۇشلۇق نەتىجىگە ئېرىشەلمەي كەلدى. 6.ئادەم ئىشلىتىشى مۇۋاپىق بولمىدى، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى بىر كارخانىنى باشقۇرۇشى ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس، ئوچۇقراق ئېيتقاندا، بۇنداق قىلىشنىڭ ئۆزىلا خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغانلىق. 6 K. V! B/ I! W8 R! o. |* k
مەنبە:http://uyghur.cntv.cn رەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |