ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 860|ئىنكاس: 2

دەرىس تۆت ئادەت سىزنى مەڭگۈ پۇلدىن ئايرىمايدۇmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

26

تېما

32

يازما

452

جۇغلانما

ئۈمۈدلۈك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
106 سەر
تۆھپە
112 سەر
تىللا
96 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ئۇيغۇر
تۆت ئادەت سىزنى مەڭگۈ پۇلدىن ئايرىمايدۇ

# o  V3 z9 q- S2 e0 k) w- h
! x" l6 `3 m1 ]% Pئامېرىكىلىق پۇل جۇغلاش مۇتەخەسسىسى كېت تاننېن ئېيتقاندەك، "ياخشى پۇل جۇغلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرمىگەن ئادەم مەيلى ئۇ دوكتۇر بولۇپ، ئىلىم بابىدا كامالەتكە يەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا نامراتلىق تەقدىرىدىن نېرى بولالمايدۇ". گەرچە ياخشى بولغان پۇل جۇغلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش جەريانى بەك ئازابلىق بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئادەتلەر سىزنى بىر ئۆمۈر پۇلدىن ئايرىمايدۇ. مەيلى نېمىلا ئىش قىلىڭ، ياخشى بولغان پۇل جۇغلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ياكى يېتىلدۈرمەسلىك سىزنىڭ غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇب بولۇشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. مەيلى نېمىگە مەبلەغ سالماڭ، چوقۇم ئۆزىڭىزگە خاس بىر گۇرۇپپا مەبلەغ سېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگىنىڭىز تۈزۈك. شۇندىلا ئەگرىي توقاي يوللاردا ئاز مېڭىپ مۇۋاپپىقىيەت قازىنىش ئۈنۈمىڭىزنى ئاشۇرالايسىز. بىراق، پۇل جۇغلاش پەقەت مەبلەغ سېلىش بىلەنلا پۈتۈدىغان ئىش ئەمەس، بەلكى چوقۇم "پۇل تېپىش، پۇل يىغىش، پۇل ئىقتىساد قىلىش ۋە پۇلنى ئايلاندۇرۇش" تەڭ ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە باغلىق، بىزدە مۇشۇنداق ئادەت يېتىلدۈرۈلگەندە پۇل سىزنى ئۆزى ئىزدەپ كېلىدۇ.
( ]  z. `* O7 x1 B8 I3 N  ئامېرىكىلىق ئالىم توماس سېتانلى 10مىڭدىن كۆپرەك مىليونېرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇلاردىن %84 ئادەمنىڭ پۇل جۇغلاشنى پۇل تېپىش ۋە يىغىشتىن باشلىغانلىقى بايقىغان. تەخمىنەن %74 مىليونېر ھەپتىدە 55 سائەت خىزمەت قىلسىمۇ، يەنىلا ۋاقىت چىقىرىپ پۇل جۇغلاش پىلانى تۈزۈشكە باش قاتۇرغان. بۇ مىليونېرلارنىڭ يىلدا تۇرمۇشىغا سەرپ قىلغان پۇلى ئومۇمىي تاپاۋېتىنىڭ  %7 ىدىن تۆۋەن بولغان. بۇ بىزدىكى "يېتىپ يېسەڭ، تاغمۇ توشۇمايدۇ" دېگەن ھېكمەتنىڭ بەرھەقلىقىنى دەلىللەيدۇ. ئاشۇ مېليونېرلار باش تاتلىغىدەك ۋاقىتمۇ يوق شارائىتتا ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ پۇل جۇغلاش پىلانىنى تۈزگەن يەردە، سىز بىلەن بىز نېمىشقا ئۇنداق قىلالمايدىكەنمىز؟ بىراق پۇل جۇغلاش پىلانىنى تۈزۈشتىن بۇرۇن بەزى يامان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتمەي بولمايدۇ. چۈنكى، ھازىر نۇرغۇن ئادەم پۇل يىغىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بانكا ئامانەت قەرز كارتۇچكىسىدىن ئالغان قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرمايدىغان يامان ئادەتنى يېتىلدۈرىۋېلىۋاتىدۇ. يادىڭىزدا بولسۇن، ھاياتتا ھەممىنى نۆلدىن باشلاشقا ئىمكان بولىۋەرمەيدۇ، ئەمدى گەپنى بايا ئېيتقان پۇل جۇغلاش ئادەتلىرىگە يۆتكەيلى:
$ ~  ~  K2 q7 t8 I) H- W* D) E: t- k- k1 c  [* W/ e7 z5 a
  بىرىنچى، تىرىشچانلىق بىلەن پۇل تېپىپ، تۇنجى دەسمايىنى جۇغلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش-جۇغلانمىنىڭ تۇنجى قەدىمى. ئاق ياقىلىقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، مائاشنى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئىنتايىن مۇھىم. مائاش كىرىمىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، سىزدە تېزلىكتە پۇل يىغىپ پۇل جۇغلاش، مەبلەغ سېلىشقا باب دەسمايە توپلاش ئىمكانىيىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىڭىز بىمالال پايدىلىنىدىغان  "پۇل جۇغلاش ئاخبارات تورى" قۇرمىسىڭىز بولمايدۇ. مەسىلەن: خۇددىي بايلارغا ئوخشاش بانكىلارنى ئايلىنىپ يۈرۈڭ. بۇ يەرلەردە پۇل جۇغلاش تۈرلىرىگە ئائىت تۈرلەر ھەرقاچان پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئۆزىڭىزگە قارىغاندا پۇل جۇغلاش تەجرىبىسى مول كىشىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىشىپ، كەلگۈسىدىكى مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىڭىزغا پۇختا ئاساس سېلىشىڭىز كېرەك.0 m( T. g9 M4 X4 M  y* Y0 N
( A0 d7 b: v4 Q7 i6 E/ ~: i
ئىككىنچى، قەرەللىك ئامانەت قويۇپ مەبلەغ سېلىش تېخىمۇ مۇھىم. مەيلى مائاشقا تايىنىپ پۇل تېپىڭ ياكى "پۇلدىن پۇل تۇغدۇرۇڭ"، سىجىل بانكىغا ئامانەت قويۇش ئادىتىنى تاشلىشىڭىزغا ھەرگىز بولمايدۇ. ھەتتا ئامانەت قويىدىغان پۇلىڭىز تاپقان پۇلىڭىزنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ چوقۇم كۆپىيىشى كېرەك. بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن بۇيان يەر شارىدا پۇل مۇئامىلە كىرزىسى پەيدا بولۇپ، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىدا خېيىمخەتەر كۆپىيىپ كەتتى. بۇنداق چاغدا بانكىغا ئامانەت قويۇش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش يۇقىرى ئۆسۈملۈك پۇل تېپىش مەقسىتىدىكى مەبلەغ سېلىش تۈرىنى  ئىجرا قىلىشتىن خېلىلا ئاسان، شۇنداقلا ئۈنۈمىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
* L8 Z# z! W' U
# R. t- `2 ~4 [. g  g( r7 L- h  ئۈچىنچى، ھېساباتنى خاتىرىلەپ مېڭىش، چىقىمنى تېجەپ پۇل ئىقتىساد قىلىشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ. پۇل تېجەيمەن دەيدىكەنسىز، خەجلەنگەن پۇلنى ھېساباتقا ئېلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرمىسىڭىز بولمايدۇ. ھېسابات خاتىرىلەش ئىستېمالدىكى يوچۇقلانى بايقاشقا پايدىلىق، ئۇنىڭ ئۈنۈمىدىكى ئەۋزەللىك سىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ھېسابات قىلىشتىن باشقا، سىز قىلىدىغان يەنە بىر ئىش- ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان "ئۇخلاپ ياتقان" ھېسابات نومۇرىنى بىكار قىلىش، بۇ ھېسابات نومۇرىدا ساقلىنىپ قالغان قالدۇرق سومما سىز تاپىدىغان مىليون يۈەننىڭ باش- بۇرنى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
5 G4 i  Y& y2 N, l% g( H% b0 I2 ~, c6 X" q
  تۆتىنچى، پۇلدىن پۇل تېپىش ھەققىدە بەش يىللىق پىلان تۈزۈڭ. ئامانەت قويۇش "پۇل قوشۇش" نىڭ ئەڭ ئەپچىل چارىسى. مەبلەغ سېلىش بولسا تەلىيى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن "پۇل كۆپەيتىش" ئۇسۇلىدىكى پۇل جۇغلاش بولۇشى مۇمكىن. پۇل جۇغلاش قانچە بالدۇر بولسا، ئۇنىڭ سىزگە بېرىدىغان تەجرىبە- ساۋاق ۋە ھىممىتى شۇنچە كۆپ بولىدۇ، ئەمما خەتەرلىك تۈرلەرگە بەك بالدۇر مەبلەغ سېلىشنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ. ئەگەر ياخشى قاراش، توغرا ئىستراتېگىيە بولمىسا، زىيان تارتىش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. شۇڭا، ياشلارنىڭ تۇنجى دەسمايىسى تەدرىجىي  پۇل ئامانەت قويۇش ۋە مەبلەغ سېلىشقا تايىنىپ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ، بۇنىڭ %75ى پۇل ئامانىتىدىن، %25 ى مەبلەغ سېلىشتىن كەلسە ئاقىلانىلىك بولىدۇ. دەسلەپكى دەسمايىنى جۇغلاشقا ئاز بولغاندىمۇ بەش يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بولمىسا ۋاقىتنىڭ قىسلىقى، جىددىيچىلىكىنى پەيدا قىلىپ، كەلگۈسىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشقا مۇمكىن بولماي قالىدۇ.
$ w; n- T1 f& U2 K
7 N  ]. }. s: |% ?0 ]. d  مەلۇم بىر ئائىلىنىڭ ئوغلىنىڭ ئوقۇشتىن رايى يېنىپ كېتىپتۇ. بىر كۈنى مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندە، قورقۇم تۇرسىمۇ، لېكىن كۆڭلىدىكى گەپلەرنى دەپتۇ:- ئاتا، ئەمدى مەكتەپكە بارغۇم يوق، پۇل تېپىپ باي بولاي دەيمەن!' f1 t3 f' x% y6 v/ x9 Y
/ b7 E* Y5 o5 ]
  ئاتىسى بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەسلەپ قاتتىق چۆچىگەن ھەم ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ نەسىھەت تەلەپپۇزىدا دەپتۇ:- ئوغلۇم، ناۋادا سەن مەكتەپكە بېرىپ ياخشى ئوقۇمىساڭ، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالمايسەن. ئەگەر سەن داڭلىق ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيالمىساڭ، ئۇنداقتا ياخشى خىزمەت تاپالمايسەن. ناۋادا ياخشى خىزمەت تاپالمىساڭ، سەن قانداقمۇ پۇل تېپىپ باي بولالايسەن؟
  s: f5 |4 s2 [/ u/ c0 d6 ]1 g! l! c( R1 e/ ?, f0 V
  ئوغلى ئاتىسىنىڭ گېپىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، مەكتەپكە قايتىپ بېرىپتۇ ۋە ئىلگىرىكىدىن نەچچە ھەسسە زور تىرىشچانلىق بىلەن ئوقۇپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىش نەتىجىسى كۈنسېرى ياخشىلىنىپ، ئاخىرى بىر داڭلىق ئالىي مەكتەپكە كىرىپ ئوقۇپتۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىخەتەر ۋە مۇقىم خىزمەت تېپىپتۇ. قولىغا پۇل كىرگەندىن كېيىن، بۇ يىگىت ياشلار بارىدىغان جايلارنىڭ ھەممىسىگە بېرىپ ئويناپتۇ، تېخى لايىقمۇ تېپىپتۇ، تەنھا ئۇچرىشىشلارغا قانماي توي قىلىشقا پۈتۈشۈپتۇ. ئۇ ۋە ئۇنىڭ خوتۇنىنىڭ مائاشى ئالاھىدە بولغاچقا، ئۆزلىرىنى مۇۋاپپىقىيەت قازانغاندەك ھېس قىلىپ، بانكىدىن قەرز ئېلىپ ئۆي ۋە پىكاپ سېتىۋاپتۇ. بىراق ئۇلار ھەر ئايدا يۇقىرى سوممىلىق مائاش تالونىنى قولىغا ئالىدىكەنۇ، ئەمما قولىغا تەگكەن پۇلنىڭ ئازلىقىدىن زارلىنىدىغان بوپتۇ.7 @6 @4 C: N( V; ?2 b

3 Z* G  m, O$ e7 J8 N  نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ؟ چۈنكى بۇ خۇشاللىق ئىزدىگۈچى ئەر- خوتۇن خوجايىنى ئۈچۈن توختاۋسىز خىزمەت قىلغاندىن باشقا، ئۆي ۋە ئاپتوموبىل قەرزى، يەنە ئامانەت قەرز كارتوچكىسى قەرزى ئۈچۈن بانكىغا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا ئۇلار ھەر ئايدا قەرز سۈيلەش ئۇقتۇرىشى بىلەن تۇرمۇش خىراجىتى ئارىسىدا قىينىلىپ ياشاشقا مەجبۇر بوپتۇ، ھەر كۈنى ھەسسىلەپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ، جىددىيچىلىك ۋە ئارىسالدىلىقتىن پۈتكەن چەمبىرەكتىن قۇتۇلالماپتۇ. بىراق ئۇلارمۇ بالىسىدىن ياخشى ئوقۇپ مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشىشنىلا تەلەپ قىلىپ، مەبلەغ سېلىشنى ئۇنتۇپتۇ، نەتىجىدە ئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ يولىدا مېڭىپتۇ. پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە بۇ خىل چەمبىرەك ئىچىدە ئايلىنىش "چاشقانلارنىڭ مۇسابىقىسى" دەپ ئاتىلىدۇ، پۇل جۇغلاش ماھىرلىرى بۇنداق "مۇسابىقە" دىن مەڭگۈ نېرى تۇرىدۇ.
* s) K  J  e* u3 W- y2 w
5 g5 \3 V# N9 J) ^) Rمەنبەسى:http://eser.okyan.com/eser/termiler/terjime/2010/0929/1818.html

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

0

تېما

2

يازما

32

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
21 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-21 23:52:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...توغرا.,..مەن ياقتۇردۇم  

0

تېما

5

يازما

95

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
81 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-1-29 15:49:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا...توغرا.,..مەن ياقتۇردۇم  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗