ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 359|ئىنكاس: 2

سېرىق بەخت تۇيغۇڭىزنى توغرا بايقاڭmp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

30

تېما

41

يازما

604

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
157 سەر
تۆھپە
147 سەر
تىللا
117 دانە
جەۋھەر
0 دانە
3d
بەخت تۇيغۇڭىزنى توغرا بايقاڭ

+ _# r% x/ R. j
: O+ Z; A) E' N8 G
! K2 R7 f# ?. Z6 x( J6 e$ R سىز بەختلىكمۇ؟ بۇ سۇئالغا ئوخشىمىغان كىشىلەر، ئوخشىمىغان جاۋابلارنى بېرىشى مۇمكىن. ھەر قانداق بىر ئادەم ئۆزىدىكى بەخت ۋە خۇشاللىق تۇيغۇسىنى بەلكىم تېز ھېس قىلىپ يېتەلىشى ناتايىن. بۇ دەل شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە قانداق باھا بېرىشى، ۋە ئۆزىنى قانچىلىك دەرىجىدە چۈشىنىشىگە باغلىق نازۇك ھېسسىياتتۇر. سىز ئۆزىڭىزنى، تۇرمۇشىڭىزنى، شۇنداقلا ھاياتىڭىزنى قىزغىن سۆيسىڭىزلا ئاندىن ئۆز قىممىتىڭىزنى تاپالايسىز ھەم ئۆزىڭىزگە مەنسۇپ بولغان بەختلىك دۇنيانى مۇكەممەل قۇرۇپ چىقىش شەرىپىگە ئېرىشەلەيسىز. ھايات ئۆزىنى سۆيگەنلەرنى، ئۆزىنى قەدىرلىگەنلەرنى، چۈشەنگەنلەرنى، ئۆزىنى ھەقىقىي تونۇغانلارنى ئىللىق قوينىغا ئېلىپ، كىشىگە ئۈمىد قىلغان نەرسىسىنى ئاتا قىلىدۇ. ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ ياشاش ئادىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. ئادەملەرنىڭ ياشاش مۇھىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم خىلمۇ-خىل بولىدۇ. سىز ياشاش جەريانىدا ئويلىمىغان يەردىن نۇرغۇن تەقدىر-قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشىڭىز مۇمكىن. تەقدىر سىزگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ سىزگە قانداق سەرگۈزەشتىلەرنى ئاتا قىلىدۇ؟ سىز بۇ دۇنيادا مەڭگۈ كۈلۈپ، خۇشال-خورام ياشامسىز ياكى بىر ئۆمۈر ياش تۆكۈپ، ھەسرەت–نادامەت چېكىپ ئۆتۈپ كېتەمسىز؟ بۇنى سىزمۇ ھەم باشقىلارمۇ ئالدىن بىلەلمەيدۇ.
" f8 g) O" L, y+ ]' J# Z    بىزدە مۇنداق بىر گەپ بار: ‹‹يەر شارىدا ئەسلىدىنلا يول يوق ئىدى، ئەمما ئىنسانلار پەيدا بولۇپ، ئادەملەر بىر قەدەم، بىر قەدەمدىن مېڭىپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد مېڭىش ئارقىلىق يول ھاسىل بولغان››. شۇنداق، سىزنىڭ قايسى يولدا، قانداق مېڭىشىڭىز، ئۆز خاھىشىڭىزغا باغلىق ئىش. باشقىلار ھەرگىزمۇ سىزگە قانداق مېڭىش يولىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.
" L' j' w" ]) j8 m* X    دوستۇم، سىز ھېس قىلىپ يەتتىڭىزمىكىن، بەزى ئادەملەر پەقەت ھەممە ئادەم شۇ بىر يولدىلا مېڭىش كېرەكتەك، توپلىشىپ شۇ بىر يولدىلا مېڭىۋالىدۇ. ئۆزىنىڭ شەرت-شارائىتىغا باقماستىن، باشقىلار بىلەن يول تالىشىدۇ. ئەمما، نەتىجە ئوخشاش چىقمىسا يەنىلا باشقىلاردىن ئاغرىنىدۇ. بىزدە يەنە: ‹‹تەدبىرىڭ قانداق بولسا، تەقدىرىڭ شۇنداق بولىدۇ›› دېگەن ھېكمەتلىك سۆزمۇ بار. بىز ياشاۋاتقان بۇ دۇنيانىڭ ھايات سەھنىسى ئاجايىپ سىرلىق. ئۇ گاھىدا يوقىلاڭ ئىشلار سەۋەبىدىن سىزنى ئورنىڭىزدىن مەڭگۈ دەست تۇرالماس قىلىۋەتسە، سىز يەنە ئازراق ئارتۇقچىلىقىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپلا كىچىككىنە بىر ئىش قىلىپ قويسىڭىز، سىزنى كۆك قەھرىدە بىمالال ئۇچۇش شەرىپىگە ئېرىشتۈرىدۇ.2 [+ N6 Z3 }$ a1 X7 v8 I" P' L
    سىز بەلكىم ئۆزىڭىزنى كونتىرول قىلالماسلىق سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئاچچىق قىسمەتلەرگە دۇچار بولۇشىڭىز مۇمكىن. سىزنىڭ ئۆتمۈشتە خاتا باسقان ئاشۇ بىر قەدەم يولىڭىزمۇ سىز ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىك. مەيلى سىزنىڭ ئۆتمۈشىڭىز قانداق بولسۇن، ئۇ ھايات مۇساپىڭىزدە سىزگە چوڭقۇر مەدەت ۋە ئىلھام بەخش ئەتكەندىن باشقا يەنە، سىزگە ئۆزىنىڭ ئىبرەتلىك دەقىقىلىرى ئارقىلىق سىزنىڭ كەلگۈسىدىكى غەلىبىڭىزگە ئاساس سېلىپ قېلىشى مۇمكىن. بىر ئادەمنىڭ ئۆز خاتالىقىغا پۇشايمان قىلىشى تولىمۇ ياخشى ئىش. ئەمما، ھەمىشە ئاھ ئۇرۇپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە نەزەر سالماسلىق شۇ ئادەمنىڭ ھايات يىلتىزىغا چۈشكەن ۋاقىتسىز ئۈششۈك.. G, p6 w9 t2 z
    مەيلى سىز باي ياكى نامرات بولۇڭ، سىزدە ئۈمىدلا بولىدىكەن، ئاشۇ ئاددىي تۇرمۇشىڭىز ئىچىدىنمۇ بەختنىڭ، خۇشاللىقنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتەلەيسىز. چۈنكى سىز ئۆزىڭىزنى باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ بەختسىزلىكىدىن ئاغرىنىشنىڭ ئورنىغا، ‹‹مەن بەختلىك، چۈنكى مېنىڭ تېنىم سالامەت، تۇرمۇشۇم خاتىرجەم، ئاددىي بولسىمۇ تىنچ ماكانىم بار...›› دېگەندەك ئۆزىڭىزدە بار بولغان تۇرمۇش ئەۋزەللىكى، ھايات خۇشاللىقلىرىنى بايقاپ، ئۆزىڭىزنى ئېتىراپ قىلالىسڭىزلا سىز مەڭگۈ بەختلىك بولۇپ، يەنىلا خۇشال-خورام ياشاش شەرىپىگە ئېرىشەلەيسىز.
. f/ f/ f6 ]! }/ `1 H9 b$ Z    دۇنيادا ھېچقاچان بەختنىڭ مۇكەممەل، تەپسىلى مىزان-ئۆلچەملىرى بولغان ئەمەس. ئۇ پەقەت بىر ئادەمنىڭ بەختكە بولغان ھېس-تۇيغۇسى ۋە چۈشەنچىسى ئارقىلىقىلا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.  J$ l8 L% F0 q. j- W  Z
    سىز بىر ئوڭۇشسىزلىقنى ئۆزىڭىزگە بېرىلگەن بىر قېتىملىق تەجرىبە-ساۋاق، ئۆگىنىش مەزگىلى، كېيىنكى قەدەم ئۈچۈن ئېچىلغان ياخشى پۇرسەت يولى، باي بولۇشنىڭ تەجرىبە ماتېرىيالى دەپ قارسىڭىزلا، سىزدىكى ساغلام تەن، ساپ ئەقىل سىزنىڭ ھەقىقىي بايلىقىڭىز ۋە بەختكە ئېرىشىش دەسمايىڭىز بولالايدۇ. سىز ئېرىشكەن مەنىۋى بايلىق ماددىي بايلىقتىن كۆپ بولغاندىلا، ئاندىن سىز ھەقىقىي بايلىققا ئېرىشكەن بولىسىز. بولمىسا سىزنىڭ ئېرىشكىنىڭىز ئەخلەت، نەسچىلىك بولۇپ قالىدۇ. سىز ھەر ۋاقىت شۇنى ئۇنتۇماڭكى، سىزنىڭ بەختىڭىز، خۇشاللىقىڭىز ھەر ۋاقىت ئۆزىڭىز بىلەن بىللە. روھىي ساغلاملىق، تەن ساقلىق ئۆزىڭىزدىكى ئارتۇقچىلىقنى بايقاش سىزدىكى ئەڭ زور خۇشاللىق ھەم چەكسىز بەختتۇر.
1 w' Z" m+ G$ O+ mhttp://nur.cn/news/2013/09/134926.shtmlئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

0

تېما

2

يازما

53

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
4 سەر
تۆھپە
4 سەر
تىللا
40 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-17 09:28:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن!

0

تېما

7

يازما

60

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
20 سەر
تۆھپە
6 سەر
تىللا
7 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-9-20 19:32:00 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەخىت!!!
! @# l  @! W) |# w8 t. T3 |مەڭگۈلۈك بەخىتنى ئاللاھ ھەممىمىزگە نىسىپ قىلسۇن!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗