ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 692|ئىنكاس: 3

سېرىق زەھەر يىمەي تاماق يەڭيانفون

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

83

تېما

209

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3616 سەر
تۆھپە
1789 سەر
تىللا
945 دانە
جەۋھەر
0 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنى

مائارىپ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   JASUS007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-6 22:13  7 T( o1 O3 D! S1 c

9 S+ f) T$ A4 U' V4 u2 H
زەھەر يىمەي تاماق يەڭ
0 P1 [2 f7 N* U
   ئۇيغۇرلار يىمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان مىللەت .ئۇلار دېڭىزدىن يىراق،چۆللۈك، بىكىك رايۇندا ياشاپ كەلگەن بولسىمۇ،ئەمما ئەتراپىدىكى بار يىمەكلىكلەردىن قانداق پايدىلىنىش،ئۇنى قانداق ئىستېمال قىلىشنى ئىنتايىن ياخشى بىلگەن ۋە ھەرقانداق كىشىدە مۇئەييەن تىببى ئاڭ شەكىللەنگەن. يەنى ئۆز مىجازىغا قاراپ غىزالىنىش ، يىمەكلىك ئارقىلىق ئۆز بەدىنىنىڭ نورمال ھەركەت ئىقتىدارىنى تەڭشەش جەھەتتە دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان تىبابەت ئېڭى، يەنى ئاممىۋى ئاڭغا ئايلىنىپ كەتكەن تىبابەت قاراشلىرى بىزدە يىتەرلىك بار .
1 _6 m6 @; y" t   بۇرادەر ، سىزمۇ يىمەكلىك ئارقىلىق ئۆز مىجازىڭىزنى تەڭشەپ تۇرۇشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ئار-تولا كىسەل بولغۇچە دوختۇرغا يۈگۈرەش ياگشى ئادەت ئەمەس. ھەممىدىن مۇھىمى ئۆز تىنىڭىزگە،ئەقلى قۇۋۋىتىڭىزگە پايدىلىق تاماق يەڭ.ئۈچ ۋاخ تاماق يىيىش ئۈچۈنلا،قورساق ئاچقانلىقى ئۈچۈن،ئۇنى تويغۇزۇش ئۈچۈنلا تاماق يىمەي، ئورگانىزىملارغا كىتەرلىك يىتەرلىك قۇۋۋەت تۇلۇقلاش ئۈچۈن تاماق يەڭ.; [1 u3 P0 @) T0 q
   يېقىندىن بېرى بىزدە بىنورمال ئىستىمال ئادىتى ئەۋج ئېلىپ كىتىپ بارىدۇ .بىر تولا ئەرلىرىمىزنىڭ رىستۇراندىن كىلەلمەيۋاتقانلىقىنى،داڭقان شورپىسى(خوگو)، راڭپىزا،كالاگۆشى ئۈگرىسى،سېرىق ئاش،لەڭپۇڭ،... دىگەندەك يىمەكلىكلەرگە دۈملا چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپ تۇرۋاتىمىز. غىچلا لازا مىلەنگەن بۇ تائاملار كىشىلارگە ئۇزۇقلۇق تۇلۇقلىمايدۇ،بەلكى بەدەندىكى بار بولغان ئىنىرگىيلەرنى قىزتىپ تېخمۇ تىز خورىتىدۇ-دە،سىزنى ئىنتايىن تىز ماغدۇرسىزلاندۇردۇ،روھسىزلاندۇردۇ .مىڭە،نىرۋىلارنىڭ نورمال ھەركەت ئىقتىدارىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تۇرمۇزلايدۇ.پايدا قىلارمىكىن دەپ يىگەن تاماق سىزگە زەھەرنىڭ رولىنى ئوينىسا ئوينايدۇكى، بىردەم قورسىقىڭىزنى مالىماتاڭ قىلسا قىلىدۇكى،سىزگە بۇۋاسىر،يۇتقۇنچاق ياللۇغى،ئاشقازان يارىسى،12 بارماق ئۈچەي يارىسى،بۆرەك زەئىپلىشىش قاتارلىق دەششەت ئەجەللىك كىسەلىكلەرنى تۇيدۇرماي سوۋغا قىلسا قىلىدۇكى،ئارتۇقچە نەپ بەرمەيدۇ.
9 F  l, P6 z; \  {4 i: H+ W+ K       كىشىلەر لازىسىز تاماق يىيەلمەس دەرىجىگە بېرىپ قالدى. مەن ھەتتا شەھەرلەردە ياغلىرى تەپچىپ تۇرغان كاۋاپقا لازا سېپىپ پىشۇرغىنىنى،لازاغا مىلەپ يەۋاتقىنىنى كۆرىمەن. قۇيقا چىچىم تىك تۇرىدۇ . كاۋاپقا لازا سېپىپ پىشۇردىغان ئادەت كىمنىڭ مەدەنىيىتى ئىكىن؟ ئۇزۇقلۇقشۇناس ۋە جەمىئەت مەسىلىلىرى تەتقىقاتچىسى ئەخمەتجان ئىسمائىل بىر ماقالىسىدە كىشىلەرگە تاماققا نابابلىقىڭلارنى لازا ئارقىلىق ياپماڭلار دەپ خىتاپ قىلغانىدى. ھەقىقەتەنمۇ كىشىلەر تىللىرىنى چاكىلدىتىپ، ئاچچىقتىن تىتىرەپ ئولتۇرۇپ تاماق يەۋاتىدۇ، ئەمما يىگىنى زادى قايسى سەي ، قايسى خۇرۇچنىڭ تەمىنى بىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس.ھەممىلا نەرسە لازا تېتىيدۇ،ئاچچىقسۇ،ياكى تەم تەڭشىگۈچ خۇرۇچ پۇرايدۇ !4 {0 ~4 y4 H8 H8 m
     ھەر قېتىم ھەر قانداق ئاشپۇزۇلغا غىزالانغىلى كىرسەم بىرىنچى بۇلۇپ دەيدىغىنىم «قەتئىي لازا سېلىنمىسۇن»دىگەن گەپ بولىدۇ.كۈتكۈچى شۈبھىسىزكى،لاپپىدە ماڭا قارايدۇ. ئۇنىو «خوتەنلىككەندە»دىگنىنى بىلىپ-تۇيۇپ تۇرىمەن. چۈنكى ئۇلار ماڭا تالاي قېتىم «خوتەنلىكمۇ سىز،خوتەنلىكتىن باشقىسى لازا سالماڭ دىمەيدۇ»دىگەن،تالاي قېتىم رەنجىش،نارازىلىق بىلەن باققان،يەنە تالاي قېتىم ماقۇل دەپ قۇيۇپ يەنە غىچ لازا سېلنىپ،كوكىرتىپ ئاچچىقسۇ،تېتىقۇ قۇيۇلغان تاماقنى ئاچىقىپ ماڭا يىگۈزۈۋەرگەن...قارىغاندا خوتەنلىكتىن باشقىسى لازىنى ئىلغاپ كەتمىسە كېرەك.خوتەنلىكلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ لازىغا دۈم چۈشكەنلەر،لازىلىق يىمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقى ئارقىلىق بەدىنىنى قىچىشتۇرۇپ ئارام ئالدۇرۇشقا خۇشتارلار،«قېنىم سوۋۇپ قاپتۇ»دەپ لازىدا-زەھەردە،بىردەم قىزىتىپ ئارقىسىدىنلا قېنىنى ھوشىدىن كەتكۈچە سوۋۇتىۋېتىدىغانلار ئازمىتى؟ 6 u9 P1 a4 j+ A2 J% q" v( d
      ئۈرمچىلىكلەرنىڭ،شەھەرلىكلەرنىڭ لازا ئىستىمال ئادىتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى چۆچىتىدۇ.لازا،لازىلىق يىمەكلىكلەرنى ئاز-تولا ئىستىمال قىلىپ قويغانىنىڭ ئۇنچىۋالا چوڭ زىينى يوق.ئەمما،ئۇنى كۈندىلىك ئىستىمال ئادىتىگە ۋا ھەر ۋاخلىق تاقاققا قېتىۋېلىش ئىنتايىن خەتەرلىكتۇر.لازا بەدەننىڭ پۈتكۈل تۇقۇلمىلىرىنى ئىنتايىن كۈچلۈك دەرىجىدە  غىدىقلايدۇ.توختاۋىسىز غىدىقلىنىشتا تۇرغان تەن بارا-بارا قاشاڭلىشىپ، ھەتتا بارا-بارا بىر نەرسە تەسىر قىلماس بولۇپ قالىدۇ.سەت گەپ بىلەن سۈپەتلىسەك،بىر يالىڭاچ تەن ئالدىدا لازىغا كۆنگەن ئىنسان بىلەن لازىدىن يىراق تۇرغان ئادەمنىڭ غىدىقلىنىش دەرىجىسى،ھىسياتىنىڭ پارتلىشى ۋە ھىسياتىنىڭ داۋاملىشىش مۇددىتى ئاسمان-زىمىن پەرقلىنىدۇ. لازا ھىسياتنى،شەھۋەتنى كېسىدۇ.قاننى بىردەم قىزىتىدۇ،ئاندىن شىددەت بىلەن سوۋۇتۇپ،بۆرەك،يىلىكنى كاردىن چىقىرۋېتىدۇ.شۇڭا،شەھەرلەردە يالىڭاچ دىگۈدەك يۈرۋاتقان ئاياللارنىڭ يېنىدىن بۇقىدەك بىر ئەر جىمجىت شۈمشىيىپ،ئىپادىسىز ئۆتۈپ كىتىدۇ . ئەمما يېزا-سەھرالاردا چىرايلىقراق بىر كوچىدا پەيدا بولۇپ قالسىمۇ كىچىك بالىلارمۇ ئىسقىرتىپ قويىدۇ.دىمەككى،ئەرلەرنىڭ شۇنچىلىك دەرىجىدە ئاجىزلىشىپ،قاشاڭلىشىپ،بىرەر نەرسە تەسىر قىلماس بولۇپ قېلىشىدا ناچار ئىستىمال ئادىتىنىڭ تەسىرى ئىىنتايىن زور.ھەي دەيمەن ئىچىمدە،لازاىغا تويمىساقلا بولاتتىغۇ بىر كۈنلەردە؟!
, X8 R* l' c. \- l# e1 B5 ~, t1 r     ئەڭ ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، لازا كۆكتاتلار ئىچىدە ئەڭ خەتەرلىك زەھەرلىك بولۇپ،ئۇنىڭ بەدەندىكى يىلىك،مەنىي،قاننى سۇيۇلدۇرۇش،بوشاشتۇرۇش،ئاجىزلاشتۇرۇش رولى ئىنتايىن كۈچلۈك ئىكەن.ئۇزۇن مۇددەت لازىلىق يىمەكلىكلەرنى يەپ كۆنگەنلەردە ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ خىل كىسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن.ھەتتا ئۇرۇق پىچەكلىشىپ كېتىدىكەن.ئىشەنمىسىڭىز،ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ھەر قانداق تېۋىپنىڭ ئالدىغا بېرىپ سوراپ بېقىڭ.ئۇلارنىڭ بىردەك دەيدىغىنى،توختىماي تەۋسىيە قىلىدىغىنى،نەپسىنى يىغىشنى بىلەلمەيدىغان ئىنسانلارنى ئاگاھلاندۇردىغىنى لازا،ئاچچىقسۇدىن يىراق تۇرۇڭ،لازىغا قەتئىي يېقىن يولىماڭ.9 }5 ]3 Q1 J1 k
    كىشىلەر ئەرلەرنىڭ بۇرۇنقىدەك جەسۇرلىقى،كەسكىنلىكى،چىدامچانلىقى،پاراسىتى قالمىدى،ئۇنىڭ ئورنىغا زەيپانە،لاتابەل ئەرلەر توشۇپ كەتتى،ئەرلەر خونىنىمۇ باشقۇرالماس بولۇپ قالدى،دەپ بۇ خىل ھاللارنىڭ سەۋەبىنى ئىش تەقسىماتىدىكى ئۆزگىرىش،جەمىئىيەت تەرەققىياتى،ئاياللار ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ باش كۆتۈرۈشلىرىدىن ئىزدەيدۇ.ئەمما مەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش،ئىستىمال ئادەتلىرى ئېلىپ كەلگەن بالا-قازانىڭ ئەرلەردىكى جۇشقۇنلۇقنىڭ سۇسلىشىشىدا رولى بىر قەدەر چوڭمىكىن،دەپ قارايمەن.قاراپ باقسام،تارىختا ئۆتكەن ھەر قانداق بىر باتۇرنىڭ تۇرمۇش پىرىنسىپىدا قۇۋۋەتلىك،مول ئۇزۇقلىنىش ئادىتى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن.ئۇلار زىيانلىق يىمەكلىكلەردىن نەپسىنى يىغالىغانلار ۋە جەڭگىۋار خارەكتىرىگە لايىق جۇشقۇن تەننى ساقلاپ قالالىغانلار،تەننى،ئەقلىنى بۇلغايدىغان ناچار ئىستىمال ئادەتلىرىدىن يىراق تۇرالىغانلار ئىكەن.
/ A: y/ S; g# j      ھەقىقەتەنمۇ ، ساغلام روھقا ساغلام تەن كېرەك.جۇشقۇن روھ ، ئۇلۇغ غايە جۇشقۇن بەدەن ، تېتىك تەننى شەرت قىلىدۇ.بولمسا تەن روھنى كۆتۈرەلمەيدىغان ھال كېلىپ چىقىدۇ-دە،غايە ئۇلۇغ بولغان بىلەنمۇ سېرىق سۆگەتنىڭ سايىسىدا ئولتۇرۇپ ئىش خۇشياقماي ئۇخلاپ قالىدىغان گەپ،تېنى زەئىپ ئەرلەردە پىلان،غايە كۆپ،ئىش ئاز،بىجىرىش قىزغىنلىقى سۇس،يۈرۈش-تۇرۇشى لامزەللە ، جان يوق ھالدا بولىدۇ.بىلى بوش،تۇرمۇش ئادىتى ناچار،ئۆزىگە مۇقەددەس بايلىق سۈپىتىدە تارتۇق قىلىپ بېرىلگەن تىنىنى-زېھنىنى قەدىرلاشنى بىلمەيدىغان مۇنداق زەيپانە ئەرلەردىن تۇغۇلغان كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ ھالىغا تېخمىۇ ۋاي! مەن دەيمەن،ئەرلەر،زەھەر يىمە!تېنىڭنى،زېھنىڭنى قۇتۇلدۇرۋال! سەن خاراپ قىلىۋاتقان نەرسە دەل سەندىكى ئەڭ ئېھتىياجلىق نەرسىدۇر !!!
. G3 n. }$ t6 d  N6 ?
' F. }+ ~( S) o$ K2 ?
/ R) N1 {7 j8 ^' }) Q( r: E1 H" a
مەنبە :نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن نىڭ «كۆزۈڭنى ئاچ،ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر» ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.

7 k8 W0 ]% t& x
4 P) ^- k+ n% f9 e6 \5 n
1 J  v- \+ J8 Y& h4 e5 r/ l" g4 u2 V0 e5 x' q3 G+ ^! N, u; D
چۈشۈرۈش

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
مۇناسىۋەتلىك نادىر تېمىلار

0

تېما

7

يازما

122

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
6 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
102 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-7-17 19:31:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەھشەت قوللايمەن!

83

تېما

209

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3616 سەر
تۆھپە
1789 سەر
تىللا
945 دانە
جەۋھەر
0 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-7 16:16:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى چوقۇم ئۇقۇپ قۇيۇڭلار.....

83

تېما

209

يازما

1 تۈمەن

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

قىزغىنلىق
3616 سەر
تۆھپە
1789 سەر
تىللا
945 دانە
جەۋھەر
0 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-8-7 16:16:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   JASUS007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-7 16:18  $ ]+ A+ I1 }, f) i1 h! C
5 @# ~5 p. U% q" r
مۇنداقلا قاراپ قويماي تەپسىلى ئۇقۇپ باقارسىلە.....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗