مائارىپ
خىيانەتچى ئەمەلدار قانداق بولىدۇ؟ (فېليەتون)
6 E( M N, l. m; _4 [/ wغوپۇر ۋاھىدى تەرجىمىسى
6 a( Y$ o+ `9 l" _; n7 H+ a, L& [& Xمەلۇم بىر سەنئەت مەكتىپىنىڭ ئويۇن قويۇش سىنىپى بىر تۈركۈم كۇرسانتلارنى قوبۇل قىلدى. دەرس باشلاشتىن بۇرۇن مۇئەللىم بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قانچىلىك ئاساسى بارلىقىنى بىلىپ باقماقچى بولۇپ كۆپچىلىككە:; f" J( t- u7 T7 H" d
_ قېنى كىم ئىشچىلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ باقىدۇ، _ دېدى. تۆۋەندە ئولتۇرغانلار بىر پەس قۇلاق يېقىشتى، ئۇلارنىڭ چىرايىدىن قارىغاندا بۇ رولنى كۆڭلىدە پىشۇرۇپ بولغاندەك قىلاتتى. بىر ئوقۇغۇچى ئورنىدىن تۇرۇپ:
% y6 q7 q: l$ \' o- a_ مېنىڭچە بۇ رولنى مۇنداق ئېلىش كېرەك، _ دەپ بىر قۇر خىزمەت كىيمى، ئىشچىلار شەپكىسىنى كىيىپ، قولىغا ئۇزۇن كۇلۇچنى ئېلىپ قەددىنى رۇسلاپ ئۇدۇل ئالدىغا قاراپ ھەرىكەت قىلدى.
! E% i7 g% r- H: F( iمۇئەللىم گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
0 X4 ]" Z% f# h* s" h" h2 K_ ئۇنداقتا دېھقاننىڭ ئوبرازى قانداق بولىدۇ ؟ _ دەپ سورىدى. تۆۋەندە ئولتۇرغانلار يەنە بىر قېتىم پىكىرلەشتى. بىر ئوقۇغۇچى بېشىغا لۆڭگە، ئۇچىسىغا كەمبزۇل كىيىپ، ئىشتىنىنىڭ پۇچقىقىنى تۈرۈپ، پۇتلىرىنى يالىڭاچلاپ يەر ئوتاۋاتقان بىر ئوبرازنى ياراتتى.
2 C8 v) f2 ~% l- g( ~7 s- q8 f* N" Aمۇئەللىم يەنە:
- B/ f% p6 ^& \4 W1 i9 G" _( q_ زىيالىيچۇ؟ _ دەپ سورىدى. بىر قانچە ئوقۇغۇچى پەس ئاۋازدا قىسقىغىنا كۇسۇرلاشتى. شۇنىڭ بىلەن بىرى زەر گىرۋەكلىك كۆزەينەك تاقاپ، قولىغا كىتاب ئېلىپ سىپايە قىياپەتتە تۇردى.
6 Q2 l6 @/ U( k* D5 C# v7 q& T& b_كارخانىچىچۇ؟/ l& m& E& O' [) A; d9 f, ~1 {% ?
ئوقۇغۇچىلار قىسقىغىنا كېڭىشىۋالدى. بىر ئوقۇغۇچى ئۇچىسىغا شىم-كاستۇم، بەتىنكە كىيىپ، چاچلىرىنى تاراپ پارقىرتىپ، ئوڭ قولىدا شېفىرلىق چامادان كۆتۈرۈپ، سول قولىغا يان تېلفون ئالدى.
! k5 v, A) D. Y" X C( a_ ئۇنداقتا رەھبىرىي كادىرلارچۇ؟9 Q2 `) F5 Q, I/ a
بۇنىڭغا كەلگەندە كۆپچىلىك مۇزاكىرە قىلىشمىدى. بىر قانچەيلەن تەڭلا ئورنىدىن تۇرۇپ غادىيىپ، قوللىرىنى كۈچەپ پۇلاڭلىتىپ، جاراڭلىق ئاۋازدا:' ~6 r. u$ _4 e+ C+ S) Y
- يولداشلار، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىزگە تارىخي پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. بىز ئىدىيىمىزنى توغرىلاپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز لازىم، - دېدى.5 H1 ~# s3 ?9 ]0 n' x- z- H! E
بۇ چاغدا مۇئەللىم گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ:
" d' Q2 |, n5 R. u0 s; }3 i- قارا جەمئىيەتنىڭ كاتتىبېشىچۇ؟ - دېدى.& a( r5 D; G5 ~/ }3 y1 F; I1 p/ m
مۇئەللىم گېپىنى دەپ بولۇشىغىلا، بىر ئوقۇغۇچى قارا كۆزەينەك تاقاپ، كۇبا پاپىروسى چىشلەپ، بوينىغا مارقان ئېسىپ، قولىغا ئۈزۈك سالدى. مۇئەللىم بۇ ئوبرازلاردىن ناھايىتى رازى بولدى -دە، ئەڭ ئاخىرىدا:
" V. l9 i/ o; |* n& G_ كىم خىيانەتچى ئەمەلدارنى دورىيالايدۇ؟ - دېدى.& x2 C7 S0 X( s I0 V% d; Y" W
بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆپچىلىك باش چايقىشىپ خيانەتچى ئەمەلدارنىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قېلىشتى.
8 ^% `0 ^" F, h5 c6 `2 Yئارىدىن بىر ئوقۇغۇچى:
& R1 b; r p5 M: Q* i_ مۇئەللىم، بىز خىيانەتچى ئەمەلدارنى كۆرۈپ باقمىساق قانداق ئوينايمىز؟ خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىزگە ئېيتىپ بېرىڭ، - دېدى.) u) o R: u# i, P. P* I* I7 z/ o
مۇئەللىم كۈلگىنىچە:4 I9 `7 m+ e R$ \( g
_ سىلەر ئىشچىلارنى، دېھقانلارنى، زىيالىيلارنى، كارخانىچىلارنى، ھەتتا قارا جەمئىيەت كاتتىباشلىرىنى دورىيالايسىلەر، ئەمما خىيانەتچى ئەمەلدارنى قانداق دوراشنى بىلمەمسىلەر؟ ئەمەلىيەتتە خىيانەتچى ئەمەلدارنى دوراشنى تەس دېسەك تەس، ئاسان دېسەك ئاسان. خىيانەتچى ئەمەلدارنىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى ئىشچىلار قاتارىدا تۇرسا، ئىشچى قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. دېھقانلار قاتارىدا تۇرسا ، دېھقان قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. كارخانىچىلار بىلەن بىللە بولسا، كاتتا خوجايىن قىياپىتىگە كىرىۋالىدۇ. زىيالىيلار بىلەن بىللە بولسا، كاتتا ئۆلىماغا ئايلىنىۋالىدۇ. ئەگەر قارا جەمئىيەت كاتتىباشلىرى بىلەن ئارىلاشسا، قارا قارا گوروھ كاتتىبېشىنىڭ دەل ئۆزى خالاس. ئۇنداقلار كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئىنسان سىياقىدا سۆزلىسە، ئارقىسىدىن شەيتان سىياقىدا سۆزلەيدۇ. يۈزىدە ئىنساننىڭ ئىشىنى قىلسا، ئارقىسىدىن شەيتاننىڭ ئىشىنى قىلىدۇ.( `7 R R+ l) d0 i# K
بىر ئوقۇغچى:
6 P& B. l, G* b. i! ]. z( Y7 C_ بۇ تىپنىڭ تازا قىزىقتۇرغۇچىلىكى يوق ئىكەن، - دېدى.- N3 a9 k7 q7 C! |
مۇئەللىم:4 c6 u8 _/ g7 M& k0 V
- مەن سىلەرگە خىيانەتچى ئەمەلدارنى پەرق ئېتىشنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بېرەي، چىراي تۇرقىدىن قارىغاندا خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ بەزى چاغلاردىكى كۆرۈنۈشى پاك ئەمەلدارلارغا بەكمۇ ئوخشايدۇ، - دېدى.# _$ |( I7 m& i. t3 a* W: O+ Y6 \- J
«فېليەتونلاردىن تاللانما» ژۇرنىلىنىڭ 204- يىللىق 11- سانىدىن تەرجىمە قىلىنغان.% J0 |# F3 [0 K& E/ Y
تەرجىمە قىلغۇچى : غوپۇر ۋاھىدىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |