ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 508|ئىنكاس: 3

سېرىق يىگىتلەر، سىلەر كىم ؟ بۇ قەيەر ؟لۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

334

تېما

466

يازما

6541

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1965 سەر
تۆھپە
1367 سەر
تىللا
743 دانە
جەۋھەر
7 دانە
ئۇيغۇر دەۋرنىڭ تەرەققىياتى بىزگە زەپەر قۇچۇپ، گۇل - تاجى كىيگەن ئاجايىپ بىلىملىك، ئىستىداتلىق قىز - يىگىتلەرنى ھەدىيە قىلدى . بىز ئۇلاردىن پەخىرلەندۇق ۋە شۇنداق بولۇشقا جان - جەھلىمىز بىلەن تىرىشتۇق . بايقىدۇقكى، تەرەققىيات بىزگە نۇرغۇن ئەۋزەل شارائىتلارنى يارىتىپلا قالماستىن ، نۇرغۇنلىغان بۇلغانغان روھلارنى ، ئازاپ - ھەسىرەتلەرنىمۇ ھەدىيە قىپتۇ . بولغۇنۇش ھەقىقەتەن ئېغىر . بۇزۇلىمەن دىسە ھەممىلا جايىدا شارائىت شۇنچىلىك يېتەرلىك. بىردەملىكلا.  بىراق، تۈزۈلىمەن دېسە شارائىت تولىمۇ پىخسىق؛ ۋاقىت ئاندىن ئۆتە .5 y: [0 r) C9 L; [$ u9 P! `
     قىزلار كىرزىسقا دۇچ كەلدۇق . بۇ كىرزىسىز باشقىلاردىن ئەمەس، دەل ئۆز يىگىتلىرىمىز، كەلگۈسىدە بولىدىغان ھالال جۇپتىلىرىمىز تەرىپىدىن كەلمەكتە . ‹ ياخشى قىز قالمىدى › دەپ شىكايەت قىلىپ، يىگىتلىرىمىز قېرى يىگىتكە ئايلىنىپ كېتىۋاتىدۇ . بۇلارنى زېرىكىپ قالمىسۇن دەپ، بويتاق ئەرلەر ھەدەپ بۇلار سېپىگە قۇشۇلماقتا .
. Y& Z- `& i6 e- x1 C     سۆيۇملۇك ئانىلارغا ‹‹ ياخشى قىز تۇغۇڭلار ››، ‹‹ داھى، ئالىم، قوماندان، پەيغەمبەر تۇغۇڭلار ›› دەپ مۇراجەت قىلىۋەتكىلىمۇ خېلى بولدى . بىراق يېڭى ئەسىر كىرىپ قالغان بولسىمۇ يىگىتلىرىمىزنىڭ ئارمانلىرى ئارمان بويچە قالماقتا .
0 L( R4 W2 J' c% mكەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى قىزلارغا بولماقتا . بىزگە ئەسلىدە ئەركەك تۇكى بار، مەرت، باتۇر، نومۇسچان، پاكىز، مەسئۇلىياتچان، ئىجادچانلىق روھىغا باي، تىرىشىپ ئىگىلىك يارىتىدىغان، قابىلىيەتلىك يىگىتلەر كېرەك ئىدى.شۇنداق يىگىتلەر ھەر ساھە،ھەر كەسىپتە بارلىغىنى دۆلەت ۋە  خەلقىگە بېغىشلاپ،مىللەتنىڭ ئانىسى بولمىش قىزلىرىغا كۆيۈم ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن بۇرۇچ تۇيغۇسىدا، ئۆز ھىمايىسىگە ئېلىپ،گۈزەل كېلىچەكنى ياراتماقتا. لېكىن،ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم يىگىتلىرىمىزنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىزنى ئۇمىتسىزلەندۇرۇپ قويماقتا . قىزلار بۇنداق ھالەتتە ئۆز يىگىتلىرىگە گۇمان بىلەن ئىشەنچىسىز قاراپ، ھاياتىنى بېغىشلاشقا ئىككىلىندىغان بولۇپ قالدى.) F# t; v8 s: o, w0 }) H" A
     مانا، شۇنداق ھالەتتىن سىلكىنىپ ،دەس ئورنىدىن تۇرالمايۋاتقان يىگىتلەرگە ئىككى كەلىمە سۆزلىگۈم كېلىۋاتىدۇ.0 @; O7 O/ S" E8 O$ j' Q% v7 s
يىگىتلەر، سىلەر دىگەن دۇنيانى، ۋەتەننى ياق، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇڭلارنى،ئائىلەڭلارنى(ئاكا-ئىنى،ئاچا-سىڭىللارنى)، ئۆزگەرتكۇچىلەر،ئىلھام بەرگۈچىلەر،كۆيۈنۈش ۋە يېتەكلىگۈچىلەر،توغرا يولغا باشلىغۇچىلار ئەمەسمىدىڭلار؟! قىزلار سىلەرنى ئەزەلدىن بەك چوڭ كۆرەتتۇق، ئالدىڭلاردىن توغرا كېسىپ ئۆتەلمەيتۇق،  سىلەر دىگەن بىزگە كۆۋرۈك ۋە تۈۋرۈك ئەمەسمىدىڭلار؟ ئەپسۇس، مىڭ ئەپسۇس، يۇرتنى ئەمەس ، ئۆزەڭلارنىمۇ ئۆزگەرتەلمىدىڭلار. ياكى ئۆزگەرتىشنى خالىمىدىڭلار.6 ?  Q. p* [! v+ Z
ۋەتىنىم، خەلقىم  دەپ زەردىسى قايناپ، كېچە-كۈندۈز توختاۋسىز كۈرەش قىلىۋاتقانلار،قەلبىمىزگە ئوت يېقىپ ،پەخىرلەندۈرۋاتقانلار توپىغا قوشۇلساڭلار،ئىش مەيدانىنى كۆپەيتىپ،تۇرمۇش يولىدا تەمتىرەپ،ئوي-دوڭغۇللااردا ئىگىز-پەس دەسسەپ يۈرگەن ئاجىزەلەرگە ئىللىق باغرىڭلاردىن ئورۇن بەرسەڭلار تامامەن مۇمكىنغۇ؟ سىلەر دېگەن ئاتا ئەۋلادىغۇ! سىلەر دېگەن قەھرىمان،باتۇر ئەجدادنىڭ ۋارىسلىرىغۇ!, X7 V  r# R/ F0 w
    لېكىن، بەزىبىر قىلمىشىڭلار كىشىنى چۆچۈتىدۇ،يىگىتلەر.ئاتا-ئانا يۈرۈگىنى ئازابلايدۇ.ھاراق،خىروئىن،قىمار...    قاتارلىق نىجىسلار روھىڭلارنى ئۆلتۈرۈپ،جىسمىڭلارنى تۈگەشتۈرۈپ كېتىپ بارىدىغۇ؟
( P9 A& t- n: z  U, D# p. z' h     سىلەر كىم ؟ سىلەر ئاتا بولالامسىلەر ؟ بۇ يەر قەيەر ؟ سىلەر ئانا يۇرتقا يۈز كېلەلەمسىلەر؟!   كاللاڭلار قىزلار ئۈستىدە ئاجايىپ - غارايىپ پىتنە - پاساتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، يېڭى مەھسۇلات قىلىپ بازارغا سالدى . لېكىن ئەشۇ سۇئالنى ئويلاشقا بىرەر مىڭە - ھۈجەيرەڭلار ئاكتىپ خىزمەت قىلالمىدى، بۇ سىلەرنى ئەجەبلەندۇرەلمىدى، ئېيتىڭلارچۇ، يىگىتلەر، سىلەر زادى كىم ؟$ g$ }$ {2 M( T
     سىلەر قىزلارغا زادى نىمىنى يارىتىپ بېرەلىدىڭلار؟ قانچىلىك ئۈلگە بولالىدىڭلار، قىزلار سىلەرنىڭ قوغدىشىڭلارغا، باشقۇرۇشىڭلارغا، قوشۇماڭلارنى تۈرۈپ، غەزەپ بىلەن ھومۇيۇپ، سەگىتىپ تۇرۇشۇڭلارغا ئۆگىنىپ قالغان، بىراق سىلەرنىڭ دەۋرىڭلارغا كەلگەندە پەرۋاسىزلىغىڭلارغا، مەسئۇلىيەتسىزلىغىڭلارغا، ئىچىڭلار قاينىمايدىغان، ياسىنىپ-تارىنىپ، ئەتراپقا ئەتىر ھىدى تارقىتىپ،زىبۇ-زىننەت ئېسىپ، ، ئاياللارنىڭ ھىمايىسىدە ياشايدىغان ھالىتىڭلارغا دۇچ كېلىپ قالدى.
' J( t5 W0 |5 a3 f$ \$ }0 }# L3 P      قۇلاق سېلىڭلار يىگىتلەر، سىلەر ئۆزۈڭلار ئارقىلىق قىزلارنى يارىتىپ بەردىڭلار، سىلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭلار بولغاچقىلا بىز ئۆزىمىزنى تېپىۋالالىدۇق . سىلەر بولساڭلار قان - قېنىڭلارغا سىڭىپ كەتكەن جاھىل، زوراۋانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن بىزنى يارىتىپ بەرگىنىڭلارنى ئېتىراپ قىلمايۋاتىسىلەر، ‹ قىزلار بۇزۇلۇپ كەتتى › دەپ ئەيىپلەۋاتىسىلەر، سىلەر، ‹ ياخشى قىز قالمىدى › دېيىشتىن ئاۋال قېنى مەندىكى ئەرلىك؟ قېنى، مەندىكى ھوقۇق؟ دەپ ئويلاپ باقتىڭلارمۇ ؟ يەرگە نېمە تېرىسا شۇ ئۈنۈپ چىقىدىغانلىقىنى، قاغىدىن شۇڭقار پەيدا بولمايدىغانلىقتىن ئىبارەت ئاددى ساۋاتنىمۇ بىلمىدىڭلار، ياق، بىلمىدىڭلار ئەمەس، ھەددىدىن ئارتۇق پوچى، ئاتتىن چۇشسەڭلارمۇ ئۆزەڭگىدىن چۇشمەيدىغان شۆھرەتپەرەسلىكىڭلار ئەقلىڭلارنى بوغۇپ قويىۋاتىدۇ، پۇش ياڭاق تولا تاراقشىغاندەك، ئۆزەڭلارچە تاراقشىپ، دومىلاپ كېتىۋاتىسىلەر ." \5 A3 ]  v' S* B* N7 z8 `
     بىلسەڭلار يىگىتلەر، قىزلار غۇرۇرىنى، ۋىجدانىنى يوقاتقىنى يوق، ئەكسىچە جان - جەھلى بىلەن قوغدىماقتا . لېكىن، باراڭ پۇل ئەمەس، غازاڭ پۇل بولغانسېرى، يىگىتلەرنىڭ ساقتىلىققا، ئەركە - نايناقلىققا مەپتۇن بۇلۇپ كېتىشلىرى ئەقلى تەپەككۇرغا ئىگە قىزلارنى چوڭقۇر ئويلارغا سالماقتا .
4 Y" P+ E. i% d5 \. s9 d9 ~* B     ئېسىڭلاردىمۇ يىگىتلەر، قىزلار، ئەسلى سىلەرنىڭ سول قوۋۇرغاڭلار ئەمەسمىدى، سىلەر ئۆزەڭلارنى تولۇقلاش ئۇچۇن بەرگەن قەسەم، قىلغان كۈچۈكلىنىشڭلارنى نېمانچە تېز ئۇنتۇپ كېتىسىلەر؟8 D! y( a( }- l( b3 P
     سۆيۈملۇك يىگىتلەر، سىلەر ھېسىياتلىق ئادەم ، قىزلار ھېسىياتلىق ئادەم ئەمەسما؟ ئۆز قىزلىرىڭلانى ئالداپ،پۇلۇڭلارنى كۆز-كۆز قىلىپ يۈرسەڭلار ياراتقۇچى سىلەرنى كەچۇرەرمۇ؟+ R+ I3 ^* O# h" e' B5 m2 [# e* N2 Z. i
     قىزلار ئەسلى بىر پېچەتلىك كىتاپ ئەمەسمىدى، ئۇ پېچەتنى بۇزۇپ، كىتاپقا ئۆزىنى ئاتقۇچى كىم؟ ئاتا بولۇپ يارالغان سىلەر، يىگىتلەر ئەمەسمۇ؟3 t) G( Z0 G9 }
     بىلىۋېلىڭلار يىگىتلەر ، تۇپراق ھەر قانچە مۇنبەت بولسىمۇ ئۇنىڭغا پۇچەك، ناچار ئۇرۇق چۇشىۋەرسە، مۇنبەت تۇپراقنىڭ نەتىنجىسى قانچىلىك بولماقچىدى؟!
1 w( P- v- P3 Q8 o* |' m( H      سىلەرنىڭ ئۇنتۇشىڭلار قانچىلىك تېز بولغانسېرى، قىزلار ئۆزىمىزنى تىكلەشنى، يارىتىشنى شۇنچىلىك تېز ئويلىماقتىمىز، ئاتا - ئانىمىز بىزگە قويۇپ بەرگەن ئىسىم بىز ئەمەس، بىز ئۆزىمىزگە خاس ئۆزىمىزنى ياراتقاندىلا دۇنيا مېنىڭ دىيەلەيدىغانلىقىمىزنى چۇشۇنىۋالدۇق . ئېدىيىمىزدە مىللەت، ئۆرۇپ - ئادەت، دىن ۋە ئەخلاق ھازىر بولغاندىلا ئاندىن ئۆزىمىزنى يارىتالايدىكەنمىز . بىز كەلگۇسى ساپايىمىز ئۇچۇن دۇنياۋى شۆھرەتگە ئىگە نۇپۇزلۇق ئويغۇر  يىگىتلەرنى تاللاشنىڭ زۆرۈرلىگىنى ھىس قىلدۇق. ياپۇنىيە ئاياللىرى ھازىرقى مەسئۇلىياتچان، تىنىچ ياشاپ بايلىق توپلايدىغان، پەن - تېخنىكا ئۇچۇن ئۆزىنى بېغىشلىيالايدىغان ھازىرقى زامان ئەرلىرىنى ياراتقانلىقى ئۇچۇن ئەتىۋارلىنىۋاتمامدۇ؟!
: `/ S5 J+ c; I, m) ]1 T     نەچچە مىڭ يىللىق ھاياتى كۇچكە باي، قاپ يۇرەك، ۋولقان كەبى پارتلاشقا تەييار كۈچتۈڭگۈر ئۇيغۇر ئەرلىرىنى 21 - ئەسىردە بارلىققا كەلتۇرىشىمىز كېرەك. نەزىرىمىز يىتۇك ئالىم، مەشھۇر زاتنى بارلىققا كەلتۇرەلىگەن ئۇلۇغ ئانىلارغا دادىل قارىيالىسۇن. نۇرغۇن دۆلەتلەر شۇنچە تېز  تەرەققى قىلالىدى . چۇنكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۇچۇن ئىنقىلاپ قىلغان.ھوقۇقنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ئاللىبۇرۇن تونۇپ يەتكەن.شۇڭا ئىمتىياز ئارقىلىق ئەۋلاتلىرىغا بەخت ياراتقان. بىزدەك باشقىلار ئۇچۇن ئىنقىلاپ قىلىپ، ئېرىشكىنى،يوقاتقىنىدىن ئاز بولسىمۇ، پەرۋاسىز بىر لېگەن پولۇنى تۈگىتىۋېتىپ، كارتتىدە بىرنى كېكىرىۋېتىپ، ‹ خۇداغا شۇكۇر، بۇگۇنمۇ ئۆتۇپ كەتتى › دەپ ئوڭدىسىغا ياتقان ئەمەس.
) s+ D. ^. C/ ?, H     يىگىتلەر،سىلەر بىزنىڭ پاسىبانىمىز،غۇرۇرىمىز، ئىپتىخارىمىز.ھېلىمۇ پۇرسەت بار،ئۆز-ئارا ئىچ بېرىشىپ،مۇڭداش،سىرداش بولۇپ،ھاياتنىڭ مۈشكۈل سەپەرلىرىدىن،يورۇقلۇق تاپايلى.بۇيرۇلمىغان نەرسىلەردىن يىراق تۇرايلى.
" L( O/ j$ a* x7 M( [: P4 p6 |/ ?زامانىمىزنىڭ تۇرلۇك جەبىرى - جاپالىرىدا تاسقىلىپ، قايغۇ - ئازاپ دېڭىزىغا قۇيۇلۇپ، ئىچى قان- زەرداپ بولۇپ كەتكەن، تالاي-تالاي ياشلار ئانىلارغا قەتئى ھالدا شۇنداق خىتاپ قىلماقتا . ‹‹ ئانا، بىزگە دادا كېرەك. ھەقىقى ئەرلىك غۇرۇرى بار، ئەردەك ياشايدىغان، خوتۇن - بالىلىرنى قوغداپ، نوپۇزغا، ئىمتىيازغا ئېرىشتۇرەلەيدىغان، ئۇن-تۈنسىز ھەركىتى ئارقىلىق، بىزنى ئالغا يېتەكلىيەلەيدىغان،ئايالىنى،بالىلىرىنى قوغدايدىغان، ئوغلۇم،چىرايىڭ ماڭا ئوخشىسۇن،لېكىن ئەقىل ۋە كامالەتتە مەندىن 100 ھەسسە ئېشىپ كەت! قىزىم، سەن،نۇزۇگۇم ئەۋلادى،نومۇسنى ھەممىدىن ئەلا بىل،ھەتتا،جان تىكىپ ئېلىش! دەپ ئىلھام بېرەلەيدىغان قابىل دادا كېرەك. سىڭلىسى ۋە ئاچىسى ئۈچۈن تىك تۇرۇپ،خەنجەر ئۇرالايدىغان،سۆيگەن قىزىنى ھارارەتلىك باغرى بىلەن ئاسراپ،توي كېچىسىگىچە ئەسلى ھالىتىدە ساقلاشنى بىلىدىغان ھەم توغرا يول،توغرا نىشانغا بىللە باشلاپ مېڭىپ، ئەمىلى ھەركىتى ئارقىلىق تەسىرلەندۈرەلەيدىغان،ھەقىقى ئىنسانغا خاس ياشايدىغان،باشقىلارغا ھاجەتمەن قىلماي، ئۆزى يارىتىپ بېرەلەيدىغان، باشقىلارغا تاشلاپ بەرمەي، ئۆز يېنىدا چىڭ تۇتىدىغان،جاسارەتلىك يىگىت كېرەك ››، ئاڭلاۋاتامسىلەر يىگىتلەر !!!, C  N" k( m3 F. T
. G! m& Q8 s4 T, o" x) t8 x! E
مەنبەسى: bbs.xjzjxh.com ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

0

تېما

3

يازما

68

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
60 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-6-15 07:21:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، سىزگە !

0

تېما

4

يازما

98

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
5 سەر
تۆھپە
5 سەر
تىللا
80 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-1-29 06:54:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس يېزىپ قوللاپ قويايلى!

0

تېما

3

يازما

24

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
8 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
3 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-4-2 22:30:40 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېزىپسىز قولۇڭىزغا دەرت بەمىسۇن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗