ئۇيغۇر
ئۆلگەندىن كېيىنكى ئىشلار
1 A/ {& g4 G c) s. o+ m# K$ R+ s6 W/ J+ x
ئۈلۈمىڭىزدىن كېيىنكى ئائىلىڭىزگە ۋە باللىرىڭىزدا يۈز بىرىدىغان ئىشلارنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟ مىنىڭ بۇ ئىشلارنى ئويلاپ يۈرگەنگە خىلى زامانلار بولغان بولسىمۇ ئەمما ئاددى ئوي-پېكىرىمنىڭ قۇلى بوپ كەتكەچكە «خۇدا »بار دەپ مەجبۇرىي كاللامدىن سىقىپ چىقىراتتىم . مەن خۇدانىڭ پەزلىتى ۋە مېھرىبانلىقىنى تۇنۇپ يەتكەنسىرى ئويلىغان پېكىرىلىرىمنىڭ خۇدا يولىدا ئىكەنلىكىنى ھەم خۇدانىڭ پەزىلىتىنى تېغىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلغانلىقىمنى بىلدىم.
8 r. g9 e! m K) j0 f/ \ھاياتلىق ئادەمگە بىر قىتىم كېلىدىغانلىقىنى ھىس قىلغان ۋاقتلىرىم دەل مىنىڭ ئۈمۈتسىزلىككە يول ئالغانلىقىمنىڭ تۇنجى قەدىمى ئىكەن.چۈنكى ئۈمۈتسىزلىك دەل ھاياتلىقتىكى تىنىقىڭىزنىڭ ھامان توختايدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلغانلىقىڭىز .
, ?0 S: D1 q, J9 `; |/ { c' k7 Lئەمىسە مەن تەسەۋۇرلىرىمنى باشلىدىم ،بۇ يىزىشىم مەلۇم نوقتىدىن ئېيتقاندا مەن كۆرگەن ھەم ئاڭلىغان ئىشلارنى خىيال قىلىپ تۇرۇپ بارماقلىرىمنى مىدىراتتىم، خالاس .4 e7 o% W8 o( L) X! w$ E
مەن ئۆلدۈم ، ھەر قانداق نەرسە مەن ئۈچۈن بەرىبىر… ھەر قانداق نەرسە مەن ئۈچۈن يوقلۇق ،مەن ئۆلدۈم، لېكىن «جان»نىڭ قەيىرىمدىن چىققانلىقىنى بىلمدىم ،ھاياتلىقىمدا ئاڭلىشىمچە «جان» كۆزدىن چىقىدۇ دېسە، يەنە بىركىملەر ئىغىزدىن چىقىدۇ دەيدىكەن ئەمما شىرىن جان ئۈلۈمگە باش ئەككەندە تېپىرلاشلىرىڭىزدىنمۇ خەۋەرسىز قالىدىكەنسىز ! مەن ئۆلگەندە ئانامنىڭ ،ھەدەمنىڭ ، سىڭلىمنىڭ ئەركەك بىر تۇققۇنۇم ئاكامنىڭ مۇڭلۇق ئېڭراشلىرىدىن شىرىن مۇھەببىتىمنىڭ مىۋىللىرى بولغان ئىككى ئوغلۇمنىڭ ھەم جىنىمدىن ئارتۇق كۆرىدىغان قىزىمنىڭ مەن ئۈچۈن ئەلەملىك ياش تۆكىۋاتقانلىقىنى نەچچە ئون يىللىق ھەمىراھىم شىرىن سۆھبەتلىرىمنىڭ ،ساپ مۇھاببىتىمنىڭ گۇۋاچىسى قەدىرلىك ئايالىمنىڭ نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي باللىرىنى باغرىغا بىسىپ بوقۇلداپ يىغلاپ، ھاياتلىقىمىزدا ئۆتكۈزگەن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىغا كەلتۈرىۋاتقانلىقىنى ،دوس –بۇرادەرلەرنىڭ ئاچچىققا تولغان قەلبىنى قانداق ئىپادىلەشنى بىلەلمەي، ئانچىكىم كىچىك ئىشلارنى ئويلاپ :مىنى رەنجىتكەن بولغۇيمىتىم دەپ ئوھ سىنىشلىرى ،ئۇلارنىڭ ، ئاچچىق مۇڭلىرى بىلەن يىغلاۋاتقان پەرزەنتلىرىمگە قاراپ بىچارە بالىلار داداڭلار ھەقىقەتەن ياخشى ئادەم ئىدى دەپ تەسەللىي بىرىشلىرى ، يىراق-يىقىندىكى ئۇرۇق-تۇققانلارنىڭ دەرۋازامدىن كىرىپلا :ۋاي قىرىندىشىم، ۋاي تۇققۇنۇم، ئاكامنىڭ ئوغلى ،ھەدەمنىڭ ئوغلى ،ھەجەپمۇ ياش كەتتىڭ دەپ ئۈلۈمىمنى ئاۋاتلاشتۇرۇشلىرى ،خۇلۇم-خوشنىلارنىڭ ھەسىرەتلىك ياشلىرىنى سىغدۇرالماي سىرغىپ چىققان ياشلىرىنى قول ياغلىرقلىرى بىلەن سۈرتىشلىرى قارى –قۇرئان بۇرادەرلەرنىڭ مەن ئۈچۈن خۇداغا «سالھ» بەندىلىكىمگە گۇۋالىق بىرىۋاتقانلىقى ،بەزى ئىپى –جىپىدە جۈملە تۈزەلمەيدىغان تۇنۇش –بىلىشلەرنىڭ «خۇداغا ياراپتۇ» دېيىشلىرى، نامىزىمنى چۈشۈرۈش ئالدىدا چوڭ ئوغلۇمنىڭ ؛دادام ھاياتلىقىدا ئالدىڭلاردىن توغرا ئۆتكەن يەرلىرى بولسا ،ياشلىق قىلىپ خاتا سۆزلەپ قويغان يەرلىرى بولسا مېھرىبان خۇدانىڭ نامى بىلەن كەچۈرىۋىتىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن،شۇنداقلا دادامنىڭ ھاياتلىقىدا ئالدى –بەردىسى بولسا مەن چوڭ ئوغلىنى ئىزدىشڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن ! كۆپچىلىكنىڭ دادامنىڭ ئاخىرەتلىكى ئۈچۈن سەمىمىي دۇئا قىلىشىنى سورايمەن؟ كۆپچىلىكنىڭ بىردەك بىز رازى دېيىشلىرى … دامۇللامنىڭ جەسىدىمنىڭ يىنىدا تۇرۇپ ؛قىرىنداشلار ئۈلۈم ھەممىزگە بار ،ھىچقانداق مەخلۇق ئۈلۈمدىن قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ «ھەر قانداق مەخلۇق ئۈلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر»شۇڭا ھاياتلىقىمىزدا ئۇ دۇنياغا بىرگە كېتىدىغان ئەمەللىرىمىزنى تەييارلاپ قۇيايلى ! ئۇ ئەمەللەرنى قانداق تەييارلايمىز ؟خۇدانىڭ باشتا سورايدىغىنى 5ۋاق ناماز !نامىزىڭلار بولمايدىكەن جەننەتتىن تەمەيىڭلار بولمىسۇن ! دەپ ئۈنلۈك خىتاپ قىلىشلىرى، نامىزىمغا كەلگەن يىراق –يىقىنلارنىڭ بىر قىرات ساۋاپ بىلەن رازى بۇلىشىپ قەبرەمگە بىرىشماي يەنە بىر قىرات ساۋاپتىن قۇرۇق قىلىشلىرى، يەرلىكىمنىڭ ئانچىكىم قاتتىق چىقىپ قالغانلىق تۆپەيلى بەزەن نادان ئۇيغۇرلىرىمنىڭ باشقىچە كۆز قاراشتا بولغانلىقى؛ھەي بۇ بالىنىڭ ئاخىرەتلىكى تازا ياخشى بولمامدۇ نېمە؟ توۋا دەيلى بۇرادەر، توۋا دەيلى دەپ ياقا تۇتۇشلىرى، ئوغلۇمنىڭ مەن ياتىدىغان يەرلىككە كۆزلىرى ئالاق-جالاق بولغان ھالدا چوڭلارنىڭ زورلاشلىرى بىلەن قاپ-قاراڭغۇ گۆرگە يىتىپ بىقىشلىرى ، جەسىدىمنى قۇيۇپ بولۇپ خام كىسەكلەر بىلەن ھىم ئىتىپ ، يەتتە كەتمەن تۇپىنى يەرلىك قازغۇچىنىڭ تاشلاپ بۇلىشى بىلەن قارىمنىڭ مۇڭلۇق «تەبارەك»نى ئۇقۇشلىرى ، مەن بىلەن شۇنچە ئۇزۇن ياشىغان كىشىلەرنىڭ مىنى يالغۇز تاشلاپ قۇيۇپ قايتىشلىرى ،ئوغلۇمنىڭ قانداق قىلىشىنى بىلمەي قەبرەم بىشىغا يىنىش –يىنىشلاپ ئارقىغا قاراشلىرى ، جەسىدىمنىڭ ،روھىمنىڭ، يالغۇز قەبىرىدە مۇنكىر-نىكىرنىڭ سورىقىغا خاتىرجەم تۇرۇشلىرى،ئۇرۇق تۇققان ،دوس بۇرادەرلەرنىڭ مىنى كۆمۈپ قۇيۇپ مەردانە قەدەملىرى بىلەن ھويلامغا دادىل كىرىشلىرى ، مۇللامنىڭ بالا-چاقىللىرىمغا سەبىر قىلىش توغرىسىدا ۋەز ئىيتىشلىرى ، مەن ھاياتلىقىمدا «تەقۋا»بولغانلىقىم ئۈچۈن ھىچقانداق بەلگە سىلىنمىغان بالا ۋاقامنىڭ ،ئۇرۇق –تۇققانلىرىمنىڭ ،يىراق –يىقىندىن كەلگەن دوس –بۇرادەرلەر تەرىپىدىن ئۈلۈم ئىگىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەي قىلىشلىرى ، يۇرتىمىزدىكى چوڭلارنىڭ ھىچقانداق مەرىكە ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن «بۇ قانداق زامان بوپ كەتتى ،توي-تۆكۈن نەغمە بىلەن ، ئۆلۈم –يىتىم يىغا- زارە بىلەن بولىدىغان تۇرسا دەپ ھازىرقى ياش-قارىم –مۇللىلاردىن قىيداشلىرى، شۇنداق قىلىپ ئۆلگەنلىكىم ئۆلگەن بۇلۇپ ،يىتىم قالغان بالا –ۋاقام ھەسرەتتە قالغان بولسىمۇ جاھاننىڭ يەنە ئەسلىگە كىلىشلىرى، ئارىدىن بىريىل ئۆتۈپ تىللا تۈكۈلىدىغان دەرەخنىڭ قۇرىغانلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلىشقان ئۆي-ۋاقامنىڭ تۆت –تەرەپكە بويۇن سۆزۇشلىرى ، ھاياتلىقىمدا مېھرىم بىلەن ئەركىلەتكەن ، ماشىنام بىلەن مەكتىپىگە تۆت ۋاق تۇشىغان پەرزەنتلىرىمنىڭ كۈندىن –كۈنگە سېغىنىشلىرى، ئانامنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك ،تامچە-تامچە بۇلۇپ مەڭزىلىرىدە داغ قالدۇرۇپ قىلىشلىرى، ھېيىت –ئايەم ،بايراملاردا ئۇرۇق-تۇققان ،دوس-بۇرادەرلەرنىڭ ئۆيۈمگە كىلىپ مۇڭلۇق قىرائەتتىن كېيىن ؛ئاز بولۇپ قالدى دەپ سەمىمىي كۆڭۈللىرىنى بىلدۈرۈشلىرى، سۈيۈملۈك بالا –ۋاقامنىڭ بۇنداق بايراملاردا خوشھاللىقا تولىدىغان ئائىلىنىڭ بىردىنلا غىرىبانە كەپگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشىگە كەلتۈرمىگەنلىكى ھەققىدە ئويلىشىپ قايغۇرۇشلىرى، شۇنداق قىلىپ رەھىمسىز پەلەكنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىشلىرى ، چاقماق –چىقلىدى ،ھاۋا گۈلدۈرلىدى،قاتتىق يامغۇر يىغىشقا باشلىدى ،يىرىم كىچىدە كىچىك ئوغلۇمنىڭ قاتتىق يىغلىشىدىن چۈچىگەن ئايالىم چىراقنى ياندۇرۇپ ئىنتايىن چۈچىدى ،چۈنكى بالام قىززىپ كاۋاپ بوپ كەتكەن ئىدى …قانداق قىلىش كېرەك ئۇيان قاراپ بۇيان قاراپ مىنىڭ ھاياتلىقىمدىكى ماشىنىسى بار يىققىن ئۆتكەن بۇرادەرگە تېلفۇن ئالدى ،ئۇ سەمىمىي دوستۇم ھەر ھالدا مېھرى –دوسلۇقىمىزنىڭ يۈز- خاتىرىسىنى قىلىپ ئۇچقاندەك كىلىپ بالامنىڭ سەللىمازا ساقىيىشىغا ۋاقتىدا ياردەم بەردى ،جاھان كۈندىن –كۈنگە تارىيىپ كېتىۋاتاتتى ،بىچارە مەزلۇم ھاياتلىقىمدا ئېغىر –يىنىك ئىش قىلمىغاچقا دەمالىققا خىلى ۋاقىتقىچە كۈنەلمەي كەلدى ،ۋادىرىغا ! ئامال قانچە ئاخىر ھاياتلىقىمدا دېگەن ھەم دانىشمەنلەرنىڭ ئۈزۈندىلىرىنى ئىسىگە ئىلىپ غەيرەتكە قەدەم ئالدى ، قاتتىق قار ياغقان بىركۈن جانىجان ئامىراق قىزىم ئېغىر ئاغرىپ قالدى ، ئۇ قىزىمنىڭ ئاغرىقى دەمالىققا ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ھەم نۇرغۇن پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان بىچارە ئايالىم ،ساتمىغان ئۆي ۋاران ،قۇي –كالا ، قەرزى ئالمىغان دوس بۇرادەر ،ئۇرۇق –تۇققانلار قالمىغان ۋاقىتتا تەغدىرگە تەن بىرىپ خۇدادىن تېلىمەسلىككە ئامالى قالمىدى ،ئىھ خۇدا ماڭا ياردەم قىل يولدۇشۇمنىڭ كۆز قارچۇغى مىنىڭ يۈرەك –پارەم بولغان قىزىمنىڭ قۇتۇلدۇرىۋال ،قىزىم ئۆيگە كەلگەنىڭىزى قىززىتمىسى زادىلا چۈشمەي تاڭ ئاتقۇچە يۆتىلەپ چىقاتتى ،تالادا شېۋىغان ئارلاش قاتتىق بوران چىقىۋاتاتتى ،قار كۆزنى ئاچقۇسىز ھالەتتە ئۇدانەچچە كۈن يېغىۋاتاتتى ،قىزىمنىڭ ھالى بارغانچە يامانلىشىپ كېتىۋاتاتتى ،مەن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقانىڭىزى ئاناممۇ نەچچە ياش ئارتۇق قىرىپ كەتكەن ئىدى ،ھەدەمنىڭ ،سىڭلىمنىڭ ،ھەتتا ئاكامنىڭمۇ بۇنچىلىك كۆپ پۇلغا ئامالى يوق ھالدا ئېغىر سۈكوناتقا چۆككەن بىشىنى ساڭگىلىتىپ ئولتۇراتتى ،قىزىمنىڭ تىنقى بارغانچە ئاستىلاۋاتاتتى …8 m# U; Q6 k9 T3 N( ?* Q U
قىلىن قار باسقان قەبىرە ئۈستىگە غەلىتە بىر نۇر پەيدا بولدى ،ئۇ نۇر شۇنداق يۇرۇق ھەم تەپتى بار ئىدىكى ئۇنىڭ ئالدىدىكى قارلارمۇ شاپپىدە ئىرىپ سۇ ھالىتىگە كەلگەن ئىدى ،بۇلۇتسىز ئاسمان قاتتىق چىقىلدى ،پۈتۈن دونيا قايتا يۇرىغاندەك خۇددى بۇ كىچە ،كىچە بولمايدىغاندەك يۇپ-يورۇق بوپ كەتكەن ئىدى ،يەر قاتتىق سىلكىندى قەبرە بىشىدىكى تۇپا ئاستا-ئاستا چىچىلىپ گۆرنىڭ ئىغىزى ئىچىلدى …..
3 l4 N1 z7 u# }- eشۇنداق قىلىپ ئۆلىمىمدىن كىينىكى ئىشلارنى پەرەزى يىزىپ ئاخىرلاشتۇرغاندا كۈزۈمنىڭ تالغانلىقىنى بىلىپ ئارقىمغا قارىسام تاتلىق قىزىم بىر خىل پۇشۇلداپ ئۇخلاۋاتاتتى ،ئايالىم خۇپتەننى ئىخلاس بىلەن ئۇقۇۋاتاتتى . تۈگىدى.
4 R4 s( F7 @8 }$ E! [5 ~, x
- R' Q( m( C7 a3 I% vمەنبەسى: نۇر تورىئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |