ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 817|ئىنكاس: 5

سېرىق ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەكتەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

75

تېما

110

يازما

1743

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
499 سەر
تۆھپە
352 سەر
تىللا
278 دانە
جەۋھەر
1 دانە
يانفۇن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئىللق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-3 08:58  
7 y1 B: H' R9 E6 B# d9 X2 K+ y+ _$ L. s0 ~1 _1 o" Z
201008270103376.jpg
' H/ U: O5 B1 j7 m

& u% f$ [3 F0 A9 Q4 P2 |8 k6 L% C_ بىر رومكا ئىچ; |  Z8 s9 l# i( w2 m9 \
_ بولدى، مەن ھاراق ئىچمەيمەن.5 F6 j6 G0 ^( T8 M; S# x
_ سەن ** دەرىجىلىك باشلىق تۇرساڭ، ھاراق ئىچمىسەڭ قانداق بولىدۇ
# I4 i" F( F, ?9 m بۇنداق پاراڭلار ھەممە ھاراق سورۇنلىرىدا دېگۈدەك بولۇپ تۇرىدۇ. ھەتتا بەزىلەر: «پارتىيە ئەزاسى تۇرۇپ ھاراق ئىچمىسەڭ قانداق بولىدۇ» دېگەندەك بىمەنە گەپلەر بىلەن ھاراق ئىچمەيدىغانلارنى ھاراق ئىچىشكە زورلايدۇ. بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغىنىمدا، «ھاراق ئىچسە باشلىق بولامدىغاندۇ، ياكى باشلىق بولسا ھاراق ئىچىش زۆرۈرمىدۇ ؟ پارتىيە تەشكىلاتى ھاراقكەش، مەستلەرنىڭ ئەمەس، ئاۋانگارتلارنىڭ تەشكىلاتى تۇرسا، ھاراق ئىچىشكە پارتىيە ئەزالىقنى شەرت قىلغىنى پارتىيە تەشكىلاتىغا ھاقارەت قىلغانلىق بولماسمۇ؟ » دەپ ئويلاپ قالىمەن. ھاراق بىلەن ھوقۇق، ھاراق بىلەن پارتىيە ئەزالىقىنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقىنى تازا ئېنىق ئاڭقىرالماي يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە، مەلۇم بىر يېزىغا خىزمەت تەكشۈرۈشكە بېرىپ قالدۇق. تاماق ۋاقتىدا شۇ يېزىنىڭ پارتكوم شۇجىسى ئۆزىنىڭ يېزا تەۋەسىدە ئېلىپ بارغان يېڭىچە خىزمەت ئۇسۇللىرىدىن ماختىنىپ سۆزلەپ كېلىپ، مۇنداق دېدى: «مەن ھاراق ئىچمەيدىغان كەنت ياچېيكا شۇجىلىرى ۋە كەنت مۇدىرلىرىنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇۋېتىپ، ئورنىغا ھاراق ئىچىدىغانلاردىن قويۇۋېدىم، خىزمەت ئۈنۈمى قالتىس بولدى. ھاراق ئىچمەيدىغانلارنى قانداقمۇ ئىشەنچلىك، ياخشى كادىر دېگىلى بولسۇن يەپ - ئىچىشنى بىلمىگەنلەر خىزمەتنىمۇ قىلالمايدۇ».
8 b9 {! R0 y$ W9 i) d5 Qپارتكوم شۇجىسىنىڭ بۇ سۆزى توغرىسىدا چوڭقۇر ئويلاندىم ...: a" u4 D. Z/ M5 j, f. E+ K+ D
توغرا، ھاراق ئىچمەيدىغانلار تولىمۇ نادان، ھۇرۇن بولىدىكەن. ئۆز خىزمىتىمنى ياخشى قىلدىمغۇ دەپ ئۆزىنى چوڭ چاغلاپ، باشلىقلىرىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلمايدىكەن. ئۆزىنى تاللاپ، ئۆستۈرۈپ قويغان باشلىقىنى تونۇماي، «ئاش بەرگەنگە مۇشت بەرگەندەك» تۇزكورلۇق قىلىدىكەن. باشلىقنىڭ قىلغان ياخشىلىقىغا ياخشىلىق قايتۇرۇش ئۈچۈن باشلىقنى پات - پات رېستوران، قاۋاقخانىغا باشلاپ ئۈلپەت بولمايدىكەن. باشلىسىمۇ ئاددىي ئاشخانىغا باشلاپ قويۇپ بىزىرىپ ئولتۇرىدىكەن. كىشىلەر توپلاشقان ھاراق سورۇنلىرىدا، باشلىق ئۆزىنىڭ ئىناۋىتىنى قىلىدىغانلارغا تولىمۇ موھتاج بولىدۇ، قاغا ئاق دېسە، ئاپئاق دەپ باشلىقنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدىغان چاغدا ھاراق ئىچمەيدىغانلار يوق ئىكەن. بولسىمۇ باشلىق ھاراقنى ئىچىپ بولالمىسا، چاقماق تېزلىكىدە قولىدىن ئېلىپلا ئىچىۋەتمەي، ئايغا باققان توشقاندەك ھاڭۋېقىپ ئولتۇرىدىكەن. باشلىق مەست بولۇپ قالسا، قۇسۇۋەتسە، بېرىپ يۆلىمەي، تازىلىماي، بۇرنىنى يۆگەپ تىكىۋېتىدىكەن.
& l: ^+ M& F1 v) C9 _! L4 nھاراق ئىچمەيدىغانلار ئاجايىپ پىخسىق بولۇپ، ئومۇمنىڭ پۇلىنى دادىسىدىن قالغان مىراستەك پوكىنىغا بېسىپ يېتىپ، چاشقانغا كېپەك ئالدۇرمايدىكەن. كىرىمنى ئاشۇرۇپ، چىقىمنى تېجەيمەن دەپ، يا ئۆزى يېمەيدىكەن، يا باشقىلارغا يېگۈزمەيدىكەن. مەست بولمىغاچقا، مەردلىكى تۇتۇپ، داستىخاننى كەڭرەك سالمايدىكەن. ئۆزى ئىچمىگەننىڭ ئۈستىگە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن قايسى ھاراقنىڭ ياخشى، قايسىسىنىڭ ناچارلىقىنى پەرقلەندۈرەلمەمدۇ ياكى بېخىللىقىدىنمۇ سورۇنغا ھاراق كەلتۈرسە، نەدىكى دېھقانلار، مۇساپىرلار، پىيەنچۈكلەر ئىچىدىغان ھاراقلارنى كەلتۈرۈپ، باشلىقلارنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىكەن.! D! i, ]" G$ d) N5 n- W
ھاراق ئىچمەيدىغانلار خىزمەت قىلىشنى ئاز - تولا بىلسىمۇ، لېكىن دوكلات قىلىشنى بىلمەيدىكەن. باشلىقلار يازدا سالقىن، قىشتا ئىسسىق ئىشخانىلىرىدىكى ئالدىراشلىق ئىچىدىن ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ، ئىسسىقتا شامدەك ئېرىپ، سوغۇقتا چوكا مۇزدەك قېتىپ خىزمەت تەكشۈرگىلى كەلسە، ھاراقنىڭ گىرادۇسىنى تەڭشەپ، داپ - دۇتىرىنى چىڭىتىپ، پاقلاننى تونۇرغا تىقىپ، رەققاسلارنى قاتار تىزىپ، باشلىقنىڭ چارچاپ كەتكەن مېڭىسىنى، سېرقىراپ كەتكەن پۇت - قوللىرىنى راھەتلەندۈرۈشنى ئويلىماي، خىزمەت دوكلات قىلىمەن دەپ قۇرۇق قەغىزنى قولتۇقلاپ يۈرىدىكەن.
4 u/ B# g4 e2 i& A, g+ I ھاراق ئىچمەيدىغانلار تولىمۇ قورقۇنچاق كېلىدىكەن. ئۇلار ھالال - ھارامنى ئايرىيالماي، كىشىنىڭ ھەققىنى يېسە گۇناھ بولىدۇ دەپ قورقىدىكەن، خەقنىڭ قارغىشىغا كېتەرمەنمۇ دەپ قورقىدىكەن، قانداقتۇر ئاخىرەتتە سورىقى بار دەپ قورقىدىكەن، قانۇن - نىزاملارنى بەك مۇقەددەس بىلىپ قورقىدىكەن. قورقۇپ يۈرۈپ، تېنەپ - تەمتىرەپ ھېچ ئىشنى قاملاشتۇرالمايدىكەن. باشلىقلار بىلەن ھاراقتا ئۈلپەتلىشىپ، سىردىشىپ يۈرمىگەچكە، قارتا، ماجاڭ ئويناپ ئۇتتۇرۇپ بەرمەيدىكەن، مەست بولۇۋېلىپ، يانفونىنى مەردلىك بىلەن سوۋغا قىلمايدىكەن.4 i1 U+ r$ g, f5 U! k( S
ھاراق ئىچمەيدىغانلار «دەردى يوق ئېشەك، ئىشقى يوق كېسەك» ئىكەن. ئىچمىگەننىڭ ئۈستىگە قىزىل چىراغ رايونلىرىغىمۇ يېقىن يولىمايدىكەن. مەدەنىيەتسىزلىكىدىن تانسا دېگەننى ئۇقمايدىكەن. ئەمما داپ، دۇتار ئاۋازىنى ئاڭلىسا ئوغلاقتەك سەكرەپ كېتىدىكەن. ئۇلار باشلىقلارنى پات - پات نازىنىنلار دۇنياسىغا باشلاپ بېرىپ، باشلىقنىڭ قىزلارنى قۇچاقلاشلىرىدىن، يالاشلىرىدىن، غاجاشلىرىدىن لېۋىنى يالاپ تۇرۇپ ھۇزۇرلىنىشنى ئەسلا بىلمەيدىكەن.
5 ]' V0 O7 ^6 D3 r  l ھاراق ئىچمەيدىغانلار قائىدە ئۇقمايدىكەن. باشلىقلارغا بىرنەرسە تەستىقلىتىشقا توغرا كەلسە، ئاۋۋال داڭلىق رېستوراندىن خاس ھۇجرا ئېلىپ پەيزى قىلغاچ مەسلىھەت سوراپ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ بولۇپ، ئاندىن ئەتىسى ئىشخانىغا ئىلتىماسىنى كۆتۈرۈپ بارماي، تومپايلارچە ئىشخانىغا ئۇدۇل بېرىپ، باشلىقنى بىئارام قىلىدىكەن. باشلىق قوشۇلمىسا، ئۆزىنىڭ بولۇمسىزلىقىدىن كۆرمەي، ئورۇنسىز خاپا بولۇپ يۈرىدىكەن.8 X* V2 Q) U2 @7 E* ?
ھاراق ئىچمەيدىغانلار بەك شەخسىيەتچى بولۇپ، ئومۇمىيلىق ئېڭى پەقەت يوقكەن. ئۇلار ھاراق ئىچمىسە، ھاراق زاۋۇتلىرىغا كىرىم بولمايدىغانلىقىنى، نەتىجىدە، ھاراق زاۋۇتلىرىدىكى نەچچە يۈز مىڭ ئىشچىنىڭ ئىش ئورنىدىن قالىدىغانلىقىنى؛ ئىشسىزلار كۆپىيىپ كەتسە، سىياسىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بۇزۇلىدىغانلىقىنى ئويلىمايدىكەن.
* T- y! O4 C+ s# \0 i دەپ كەلسەم گەپ جىق. ئىشقىلىپ، ھاراق ئىچمەيدىغانلار ھېچ ئىشقا يارىمايدىكەن. پارتكوم شۇجىسىنىڭ دانالىقىغا، ئالدىن كۆرەرلىكىگە قول قويدۇم. ھەقىقەتەن ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بولغۇدەك ...
- `2 F" N/ @9 v
9 y/ v! c2 m$ Q2 Zمەنبەسى:www.anadiyar.cn

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

5

تېما

12

يازما

421

جۇغلانما

ئۈمۈدلۈك ئەزا

Rank: 6Rank: 6

قىزغىنلىق
77 سەر
تۆھپە
86 سەر
تىللا
165 دانە
جەۋھەر
1 دانە
ۋاقتى: 2013-1-3 21:11:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئاساسەن كېچە-كۈندۈز، سامانلىقنىڭ ئاچقۇسىچىلىك بولسىمۇ باشلىق بولۇشنى ئويلايدىغان ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ ئۆزىنى ئاقلايدىغان دەستىكى، بولمىسا ئۇلارنى كىم زورلىيالايدۇ، شۇجى دېگەن نېمە ئىچە دېسە ئىچمەيمەن دېسە بولىدىغۇ، نېمە قىلالايتتى؟ ئاشۇ كادىرلار پوداقچىلىق قىلىپ، خوشامەت قىلىپ شۇجىلار بىلەن ھاراق ئىچىدۇ. مۇناپىق ئۇيغۇر كادىرلار(ئاتالمىش رەھبەر دېيىلىدىغانلىرى) ئاشۇنداق دەپ ھاراق ئىچىشىپ بېرىدۇ، مانا مۇشۇنداق سەن مۇناپىق پوداقچى دېسەك بېرىپ پەيسوغا چاقىدۇ. دېمەك، بۇ ئۆزىمىزدىكى گەپ.

332

تېما

814

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
7620 سەر
تۆھپە
4881 سەر
تىللا
2969 دانە
جەۋھەر
3 دانە

ئاكتىپ يىڭى ئەزائاۋانگارت ئوردېنىقىزغىن ئەزا كىڭەيتىش ماھىرىنامسىز ئوردېنى

QQ
ۋاقتى: 2013-1-4 18:47:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيار يوللىغان ۋاقتى  2013-1-3 21:11 1 j2 C. Y3 f* ]
بۇ ئاساسەن كېچە-كۈندۈز، سامانلىقنىڭ ئاچقۇسىچىلىك بول ...

" F) ^# B4 r1 h3 l8 O' |6 V! ^مىنىڭچە ھەممىسى ئۇنداق خۇشامەتچى بولماسلىقى مۇمكىن.كادىرلار ئارىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ مەينىتىگە  ياخشى ئىشلەپ كىلىۋاتقان ئۈچ پىشقەدەم كادىر ھەم باشقا خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلۋاتقان كادىرلار ئۇچراپ كىتىپ بارىدۇ.
ئۈزىگە ئوخشاش ئىشەك قىلىدۇ

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9198 سەر
تۆھپە
2742 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2013-1-4 19:52:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاشتېشى يوللىغان ۋاقتى  2013-1-4 18:47 $ W3 \8 O" T/ z' z8 a# t
مىنىڭچە ھەممىسى ئۇنداق خۇشامەتچى بولماسلىقى مۇمكىن.ك ...

, T# ]( K0 Q* K* M+ Q" G0 a6 iقاشتېشى ئەپەندىم ،ئۈچ پىشقەدەم دىگەن نىمە ؟ قانداق كادىرلارنى ئۈچ پىشقەدەملەر دەپ ئاتايمىز .
ۋەكىلىنى تاللاش ھوقۇقى بولمىغان مىللەتنىڭ ۋەكىللەردىن ئۈمىد كۈتىشى بىمەنىلىكتۇر

72

تېما

110

يازما

1399

جۇغلانما

ئالاھىدە ئەزا

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
368 سەر
تۆھپە
304 سەر
تىللا
244 دانە
جەۋھەر
1 دانە
ۋاقتى: 2013-1-14 00:20:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ تىمىغا قىستۇرۇلغان رەسىم ياخشى قاملىشىپتىمۇ نىمە ؟ ھاراق ئىچكەنلەر ياخشى كادىر بۇلۇش تۈگۈل نورمال ئادەممۇ بۇلالمىغۇدەك

40

تېما

73

يازما

985

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
279 سەر
تۆھپە
209 سەر
تىللا
145 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2013-1-16 10:01:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاراق ئىچمەيدىغانلار قائىدە ئۇقمايدىكەن. باشلىقلارغا بىرنەرسە تەستىقلىتىشقا توغرا كەلسە، ئاۋۋال داڭلىق رېستوراندىن خاس ھۇجرا ئېلىپ پەيزى قىلغاچ مەسلىھەت سوراپ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ بولۇپ، ئاندىن ئەتىسى ئىشخانىغا ئىلتىماسىنى كۆتۈرۈپ بارماي، تومپايلارچە ئىشخانىغا ئۇدۇل بېرىپ، باشلىقنى بىئارام قىلىدىكەن. باشلىق قوشۇلمىسا، ئۆزىنىڭ بولۇمسىزلىقىدىن كۆرمەي، ئورۇنسىز خاپا بولۇپ يۈرىدىكەن.;
  توغىرا ئېيتىلغان ئوخشۇتۇش .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗