ئۇيغۇر
ئۆلۈۋاتقان ئەرلىك روھ.
" t2 V$ C$ Q- ]- F `بىر يىلى قىشتا ئۇششاق بالىلار مۇز تېيىلىپ ئويناۋاتاتتۇق.ئارىمىزدىن بىرى تۇيۇقسىزلا مۇزنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ ھادىسىنى كۆرۈپ تۇرغان بىر مۇنچە ياشلار قىقاس-چۇقان سېلىپ ۋاقىراپ كېتىشتىيۇ،كاچكۆلدىن مۇزنىڭ تېگىگە شۇڭغۇپ كىرىپ ھېلىقى بالىنى سۈزۈۋالىدىغان بىرەر يۈرەكلىك ئوغۇل بالا چىقمىدى.شۇ چاغدا كەتمەننى ئالدىغا قۇيىۋالغان بىر ئشەكلىك بوۋاي كېلىپ قالدى-دە،ئۇزۇن پاختىلىق توننى سېلىپ تاشلاپ،پاختىلىق تامبال بىلەنلا كاچكۆلگە سەكرىدى.ئۇ سەكرەش ئالدىدا ھېلىقى يىگىتلەرگە:<< بېشىڭلارغا رومال سېلىپ توۋلىغان بولساڭلار يارىشاتتى >>دېدى.بوۋاي بالىنى سۈزۈپ چىقتىيۇ،ئەمما ئۆزى كۆكىرىپ كەتكەن چىرايىدىن تەبەسسۇم ياغدۇرغان ھالدا كۆز يۇمدى.بوۋاي ئۆلدى.لېكىن ئەركەكتەك ئۆلدى،ئەمما كاچكۆل بېشىدىكى قىران يىگىتلەر خەۋپ-خەتەر ئالدىدا ئاشۇ ئاپئاق ساقاللىق مويسىپىتچىلىك بۇلالمىغانلىقىغا بەك ئازابلاندى.' w9 G) i0 g; `' x8 _( |
بىراق ھازىرقى يىگىتلىرىمىزچۇ؟مۇشۇنداق ئىش بولسا ئازابلىنىشى ناتايىن.چۈنكى بۇنداق ئەرلىك روھى بىزدە كۈچىيىش تۈگۈل ئۆلىۋاتقىلى خېلى بولدى.ئۇ بوۋاي شۇ چاغدىلا ئۆزىدە بار روھنىڭ ئۆزىدىن كېيىنكىلەردە يوقلىقىنى كۆرۈپ،ئسپاتلاپ تۇرۇپ ئۆلدى.) t. a; W2 D' c7 y% U8 I- v5 p' Y: e, e: M R
ئەرلىك دېگەن ئىنساننىڭ قېنىدا بولىدىغان،ئۇنىڭ ئادىمىيلىك تەبىيئىتى،غورۇرى،ۋىجداننىڭ مەنبەسى بولغان مۇقەددەس روھكى،نەقلىد قىلىپ ئۆگىنىۋالدىغان نەرسە ياكى ئارىيەت ئالغا ئىدىيە ئەمەس!; I4 M4 y9 |& X1 [
بىز ھازىر تېلىۋىزورلاردا غەرىبلىكلەرنىڭ تاغ چوققىسىدىن دېڭىزغا،ئېگىز بىنادىن يەرگە سەكرەۋاتقان ،دېڭىز-ئوكيانلاردىن يالغۇز كېسىپ ئۆتكەن تەۋەككۈلچىلىكلىرىنى كۆرۈپ،ئۇلارنى:<<قانداق ئەخمەقلەردۇ>> دەپ كۈلىمىز.ئەگەر ھېلىقى بوۋىمىز بولغان بولسا ھەرگىز كۈلمەيتتى.چۈنكى ئۇ ئەرلىك غورۇرى(ئەركەك تۈكى)بار ھەقىقىي ئەركەك ئىدى.ئەر كىشى دىگەن ئاشۇنداق چىنىقىشى،روھنى تاۋلىشى،ئەرلىكىنى سىناپ تۇرۇشى زۆرۈر ،دەپ قارايتتى.شۇنداق!ئەسلىدىلا روھىمىزدا روھىمىزدا بار بولغان بۇ غەيۇر روھ ئەمدىلىكتە كۈل ئاستىدا قالغان قوقاستەك ئۆچۈپ بارماقتا.مۇبادا شۇ ئەرلىك روھىمىزنى قۇتقۇزمىساق،بارا-بارا ناجىنسىلىشىپ كېتىدىغانلىقىمىز ئېنىق.ھەقىقىي ئەر------خىيىمخەتەر ئالدىدا تەۋەككۇل قىلغۇچى دىمەكتۇر.3 A/ u9 ]: Q S
5 z0 B) j- u$ K$ @$ v2 Bمەنبەسى: نۇر تورىچۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |