يانفۇن
يىگىتىڭىزدە يەتتە خىل ئەھۋال كۆرۈلسە، ئايرىلىپ كېتىڭ
2 C3 t' y# z4 I6 G
8 O0 v6 A0 _" r
4 Z: N+ {# H" E! {يىگىتىڭىزدە تۆۋەندىكى يەتتە خىل ئەھۋالنى بايقىسىڭىز، ئامال بار ئۇنىڭدىن بالدۇرراق ئايرىلىپ كېتىڭ.6 O( o9 H s5 w5 A1 D% d+ G
5 b4 ]% n# L* S' f 1. يالغان سۆزلەش ئادىتى بولسا; y! }& B0 P9 C+ s: C6 |, m& D
1 I1 { L, Z N7 O ئەگەر يىگىتىڭىز دائىم خىلمۇخىل باھانە–سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ سىزدىن ئۆزىنى قاچۇرسا، پىكرىڭىزنى پەقەت ئېتىبارغا ئالمىسا، ھەتتا بەزىدە قاراپ تۇرۇپ يالغان سۆزلىسە مۇناسىۋىتىڭلارنى سوغۇققانلىق بىلەن قايتىدىن ئويلىنىپ كۆرۈڭ. بۇنداق ئەھۋالدا يىگىتىڭىزگە ئويلىغانلىرىڭىزنى ئېنىق چۈشەندۈرۈڭ ياكى ئىككىلەنمەستىن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋىتىڭىزنى ئۈزۈڭ.
$ M3 M( |$ j* V; {+ J E9 {+ k+ b
5 k4 b1 O( W, b; ~ قىز–يىگىتلەر مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى ئانىت . مىشال دوكتورنىڭ دېيىشىچە، دائىم يالغان سۆزلەشنىڭ چوقۇم مەلۇم سەۋەبى بار ئىكەن، يەنى يالغان سۆزلەش بىرەر نەرسىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ياكى قارشى تەرەپ بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتىن سوۋۇپ قېلىشتىن بولىدىكەن. يىگىتىنىڭ يالغان سۆز ۋە باھانىلىرىنى ھەرقانداق قىز ئاسانلىقچە قوبۇل قىلالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەۋەبسىزلا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلسە ۋاقتىدا ئايرىلىپ كەتكەن تۈزۈك.
`# f3 m+ I J% W0 @0 i9 |
9 a# L0 F+ n3 b0 G0 X4 h 2. زىيادە تەشۋىشلەنسە: k3 J; j8 s& p! s0 s4 u
& n8 u5 O* Y, R3 N3 s- ?5 Y قىز–يىگىتلەر مۇناسىۋىتىدە ئىككى تەرەپنىڭ بىر–بىرىدىن تەشۋىشلىنىشى مۇقەررەر ھادىسە. لېكىن، يىگىت قىز دوستى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتمىسا، بۇ يىگىتنىڭ سەمىمىيىتىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى، مۇناسىۋەتنى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇش خىيالىنىڭ يوقلۇقىنى ئىپادىلەيدۇ.* N* O# k E* f6 w5 Z( F/ n6 {, Q
0 w1 r+ H' c2 K2 m7 v/ q 3. قارشى تەرەپ سىزگە ئەمەس، بەلكى پۇلىڭىزغا قىزىقسا7 t% x, H& C" J5 a
- W& {" `7 a8 Q' g3 ? قىز–يىگىت مۇناسىۋىتىنىڭ خەيرلىك بولۇشى ياكى مەغلۇب بولۇشىدا پۇلنىڭ رولى ھەقىقەتەن زور. لېكىن، پۇل توغرىلىق جېدەل–ماجىرا دائىم يۈز بەرسە بۇنداق مۇھەببەت قەدىرلىشىڭىزگە ئەرزىمەيدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ سىزنى ھەرۋاقىت ئىقتىسادىي مەنبە قىلىۋالسا، سىز داۋاملىق مەردلىك قىلىۋەرسىڭىز بولمايدۇ، بەلكى ئوبدانراق ئويلىنىپ ئىش قىلغىنىڭىز ياخشى.6 ?$ x" c) r8 [* R3 v" @! P0 ^, |
5 U$ A8 W2 H7 A" ?% X9 }; u 4. سورۇن تاللىماي ئۇرۇشسا" R) ]' `; [& D
' e& d0 W' ?# ?( n0 W6 i. s1 | قارشى تەرەپ مەسلىھەتلىشىپ ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدىغان كىچىك ئىشنى چوڭايتىۋېتىپ بەكلا ۋارقىراپ–جارقىراپ كەتسە ھەمدە ئەتراپىدىكىلەر بىلەن قىلچە ھېسابلاشماي ئۇرۇشسا، ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق بىللە بولۇش–بولماسلىقنى قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىش كېرەك. چۈنكى، سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز ناھايىتى نورمال ئەھۋالدا ئەرزىمەس ئىش ئۈچۈن سىزگە ۋارقىراپ–جارقىراپ كەتكەن ئۇنداق كىشى بىلەن ئۇزاق ۋاقىت بىللە ئۆتۈش بەك ئازابلىق.5 D# V! K+ u* P
4 C h* a# t+ S7 ~3 M ئاتا قىلىش ۋە ھۆرمەتكە ئېرىشىش قىز–يىگىت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئامىل. ئەگەر قارشى تەرەپ بۇ نۇقتىنى پەقەت ھېس قىلالمىسا ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتى مەڭگۈ كۆڭۈلسىزلىكتىن خالىي بولالمايدۇ. ئۇرۇش–جېدەلنىڭمۇ چېكى بولىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئاممىۋى سورۇندا سىز بىلەن ئۇرۇش–جېدەل قىلىشى سىلەرنىڭ پەقەتلا ماس كەلمەيدىغانلىقىڭلارنى ئىسپاتلايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق مۇناسىۋەتنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرغان تۈزۈك.
% F ^& `1 g2 h' j5 G; P; L$ F2 m7 ~& b
5. ھەر قېتىم تېلېفون قىلغاندا خېلىغىچە ئالمىسا; H* s6 ~$ ~- O2 E( |
; J. c9 E* k5 c3 q* w o7 f ھەر قېتىم تېلېفون قىلسىڭىز قارشى تەرەپنىڭ تېلېفونى بىكار بولمىسا، قارشى تەرەپنىڭ نەزىرىدە سىزنىڭ ئانچە مۇھىم ئەمەسلىكىڭىزنى چۈشەندۈرىدۇ. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، بۇنداق ئەھۋالنىڭ ھەرۋاقىت ئۇقۇشماسلىق بولۇشى مۇمكىن ئەمەس ئىكەن. دېمەك، تېلېفونىڭىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە مۇھىم بولمىغانىكەن، ئوتتۇراڭلاردىكى مۇناسىۋەتمۇ ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەرزىمەس ئىش ھېسابلىنىدۇ.
0 ~7 a6 ?+ g$ e. h9 }7 [9 t9 e6 B* k. ^. `' x9 ]
6. گۇمانخور بولسا ۋە باشقۇرۇش چېكىدىن ئېشىپ كەتسە
+ f: T3 |( O9 Z/ F; Z' B
1 I$ H6 w2 b6 s" W7 f گۇمانخورلۇق ۋە چېكىدىن ئاشقان باشقۇرۇش قىز–يىگىت مۇناسىۋىتىگە يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىشىنىش كەمچىل، كونترول قىلىش زىيادە ئېغىر بولغان مۇناسىۋەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىشىشى ئىنتايىن قىيىن. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل ئەھۋالنى قانچە بالدۇر بايقىسىڭىز شۇنچە ياخشى بولىدىكەن، بۇنداق مۇناسىۋەتنى دەسلىپىدە قوبۇل قىلغاندەك قىلسىڭىزمۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى سىزگە بولغان زىيىنى ئېغىر بولىدىكەن. / W2 D. t: K& v& @! S+ {+ A
7 d/ t. D }. |5 W- e6 [
7. ئىلگىرىكى مۇھەببىتىنى ئۇنتۇيالماسلىق( O- p0 s' m% c/ h5 S
9 q) w2 I" ^9 y# c9 y6 m6 \ ئىلگىرىكى مۇھەببەت ھامان ھازىرقى مۇھەببەتكە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇيالماسلىقى ياخشى ئەھۋال ئەمەس. قىز–يىگىت مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، كونا مۇھەببىتىنى ئۇنتۇيالمىغاندا نىكاھتىن كېيىن 3–شەخس مەۋجۇت بولىدىكەن. بۇنداق ئادەملەر مۇھەببىتىگە سادىق بولالمايدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ھېسسىيات چوڭقۇرلىشىپ سىزگە ئازار ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن بۇنداق مۇھەببەتتىن دەرھال ۋاز كېچىڭ.
" _8 m1 @+ h2 y/ a W% U3 I6 K$ u( L" A2 O9 ?
تۈرگەن تەرجىمىسى
) E& w3 J" }; K0 y) z1 V1 d مەنبەسى : تەڭرىتاغ تورى ئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |