ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 874 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 523|ئىنكاس: 2

چىرايلىق ئالدىنىش(فېليەتون)mp3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

335

تېما

467

يازما

6561

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1971 سەر
تۆھپە
1372 سەر
تىللا
745 دانە
جەۋھەر
7 دانە
ۋاقتى: 2012-11-12 19:58:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
مائارىپ
7 ^1 \$ S9 C' v9 ]( H
چىرايلىق ئالدىنىش
' `% [5 |/ i5 |* g8 W, H(فېليەتون), ?9 V9 P, M0 a* l. O
مۇتەللىپ سەيپۇللا  ئەزىز

- C) O  A' p1 y: r+ D) d. K
6 N* {( |5 @" _1 H   ھەر يىلى ئاپرىلنىڭ بېشىدا يېقىن- يورۇقلار بىر- بىرىنى قەستەن ئالدىشىپ، " ئالداش بايرىمى " ئۆتكۈزىدىكەن. ئۇلارچە بۇ خەلقئارالىق بايرام بولۇپ، قايسى كۈننىڭ ھەقىقى " ‎ئالداش بايرىمى " ئىكەنلىگىنى مەن ئېنىق بىلمەيدىكەنمەن. راستىمنى ئېيتسام، زادى قايسى كۈننىڭلا ئەمەس، ھەقىقەتەن شۇنداق بىر بايرامنىڭ بار- يوقلىغىنىمۇ بىلمەيمەن.& ?7 b. |8 A* |+ e, P
   سىز- بىزنىڭ بىلمەسلىكىمىز قانچىلىك ئىشتى؟ ئۇنىڭسىزمۇ بىزنىڭ ئالدىنىدىغان كۈنىمىز، ئالدىنىدىغان ئىش تۈرلىرىمىزنىڭ سان، ئىدىتىنى قىلىپ بۇلالمايۋاتقىنىمىزدا، ھەقىقەتەن شۇنداق بىر بايرامنىڭ بولغىنىمۇ ياخشى ئىشتەك قىلىدۇ.
6 N9 a# K# ~: s/ e/ c* G# b7 n   بولسىغۇ مەخسۇس "ئالداش بايرىمى" بولغاندىكىن، بىر يىل ئىچىدىكى بارچە ئالدىنىشلىرىمىز  شۇ بىر كۈن بىلەن تۈگىگەن بولسا- ھە!9 d4 L2 o3 u' X' Q
   شەخسنى ئالدىماق ئاسان، ئاۋام- خەلقنى ئالداش ئۇنچىۋالا ئاسان ئەمەس. لېكىن، ھازىر ئاۋامنى ئالداشمۇ كۆنگەنلەر ئۈچۈن تەس ئىش بولماي قاپتۇ. ئىشەنمىسىڭىز قاراڭە: قولىدا ئەمەلىي  ھوقۇقى بار ھەرقانداق كاتتىۋاش سىزگە ئۆزىنىڭ پاك ھەم پاكىزلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇپ : "مەن ئۆز يېقىنلىرىمنى ئىشقا قويمۇدۇم" دىسە، ئىشىنەمسىز؟
9 A8 T7 ]2 j# |& K: K   سىزنىڭ ئىشىنىش، ئىشەنمەسلىكىڭىز بىلەن ئۇلار ھېساپلىشىپ ئولتۇرمايدۇ؛ ئىشەنسىكەن، دەپ ئۈمۈتمۇ قىلمايدۇ؛ پەقەت كادىر ئىشلىتىشتە ئۆزىنىڭ گۇروھ توپلىمىغانلىقى، پايدا- نەپ ئۈندۈرۈۋالمىغانلىقى، ئەمەل- مەنسەپ سودىسى قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت بىر زۆرۈرىيىتى ئۈچۈنلا قاملاشسۇن، قاملاشمىسۇن شۇنداق بىر "چىرايلىق ئالدامچىلىق" قىلىدۇ.
3 ~* A& x' P8 b% Y* h+ e* `% S$ ?   تارىختىن ھازىرغىچە، چەتئەلدىن جۇڭگوغىچە قايسبىر سىنىپ، قايسىبىر گۇروھ، قايسىبىر تەبىقە ئۆز يېقىنلىرىنى ئىشقا قويماي، ئۆزىگە يىراقلارنى، ئۆزى بىلەن زىتلەشكەن- ئۆچەكەشكەنلەرنى، ئۆزىگە ھامى- ھەمنەپەس بولمىغانلارنى، ھەتتا ئۆزىگە قارشى پىكىردە بولغانلارنى ئەمەل- مەنسەپكە قويغان؟- |* R& |9 N( K( s& }* I
   ئادەم ئەسلىدىلا بىر- بىرىگە يات نەرسە. ھەر قانداق بىر سىنىپنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئېنىق بولغان مەقسەت- مۇددىئاسى بولىدۇ. پەقەت ئورتاق ھەۋەس، ئورتاق قىزىقىش، ئورتاق ئىدىيە، ئورتاق مەسلەك، ئورتاق مەنپەئەت ئۇلارنى بىر- بىرىگە يېقىنلاشتۇرىدۇ؛ دىل بىرلىگى، ھەرىكەت بىرلىكىگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنداق بىرلىك ئەمەلگە ئاشقىنىدىلا بەلگىلىك بىر سىنىپنىڭ ئالىي مۇددىئالىرى قانائەت يولىغا قاراپ پۇت قويىدۇ. بۇ تولىمۇ ئاددى مەنتىقە. ئۇنىڭسىزمۇ بىزدە "پەيلىرى ئوخشاش قۇشلار بىرگە ئۇچىدۇ" دىگەن تەمسىل بارغۇ. يۇقارقى بىرلىكلەر ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ، يېقىنلاشقىلى، "ئىدىيىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى" بولمايدۇ. ئىدىيىسى بىرلىككە كەلگەن، ئورتاق بىر نىشان ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مەسلىكىگە ئىگىلەرنى "يېقىن" دىمەي نىمە دېگۈلۈك؟ سىز شۇنداق كىشىلەرنى ئىشقا قويماي، كىمنى ئىشقا قۇيارسىز!؟
2 c. @2 q( T8 X! Y' r' V   بۇ يەردىكى " ئۆز يېقىنلىرىمنى ئىشقا قويمۇدۇم" دىگىنى "مەن بىلەن ئىدىيىسى بىردەك بولمىغان، گىپى مەن بىلەن بىر يەردىن چىقمايدىغان، قارىشى  ئۆزگىچە ئادەمنى ئەمەل – مەنسەپ كۇرسىسىغا ئولتۇرغۇزدۇم" دىگىنىگە باراۋەر بولۇپ، نەزەرىيە جەھەتتىنمۇ، ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىمۇ يالغان ئىكەنلىكى، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئالدىنىۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەگەر ئۇ پىرىنسىپسىز يېقىنچىلىق، پىنھان خانىلەردىكى نامۇۋاپىق يېقىنلىق بولماي، نورمال يېقىندارچىلىق بولسا، خۇدۈكسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق. بىزدە "خۇدۈكى بار موللام شورپا ئىچمىسىمۇ تەرلەيدۇ" دېگەن گەپمۇ بار. بەك خۇدۈكسىرىگەن ئىشتىنمۇ ئاسانلا كۆز چىقىدىغانلىقى ئەمەلىيىتىمىزدە پات- پات ئىسپاتلىنىپ تۇرۇپتۇ.
' c. a  N) Y: ?( q: Y   ماركىسىزىمچىلارنىڭ "پۈتۈن دۇنيا پرولېتارلىرى بىرلىشىڭلار!" دەيدىغان ياڭراق بىر شۇئارى بار. "بىرلىشىش" دەل يېقىنلىشىشتىن كېيىن  ئەمەلگە ئاشىدىغان نەتىجىلىك جەريان. ئەگەر "يېقىنلار ئىشقا قويۇلمايدىغان" مەنتىقە راست بولىدىغان ئىش بولسا، پرولېتارلارمۇ ئۆز- ئارا يېقىن ئۆتمەيدىغان، يۇقۇرى- تۈۋەن  رەھبىرىي كادىرلارمۇ ئۆز- ئارا يېقىن ئۆتمەيدىغان، ئاۋام پۇقرا ئارىسىدىكى ئىختىساس ئىگىلىرىمۇ ئەمەلدار بىلەن يېقىن ئۆتمەيدىغان گەپ ئىكەندە!
& R% l( {+ l0 \. H$ p5 M   بەتبەشىرە ئالداش مۇمكىن بولمىسا، چىرايلىقچە ئالداش مودا بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ. ئەگەر كاتتىۋاشلىرىمىز "مەن ئاۋام خەلقنى ئالدىمىدىم" دېگەن مىنۇتلىرىدا يۈزى قىزارمىسا، بوپتۇ؛ بىز ئۇلارنىڭ گويا شۇلار بىزدىن ئۈمىد قىلغىنىدەكلا سۆزى بىلەن ھەركىتىنىڭ  بىردەك بولىشىغا تىلەكداش. ھەم تىلەكداشمىزكى، ئىشبۇزار، ئىككىيۈزلىمىچى، ياغلىما ئېغىز، نانقاپلىرى بىلەن يېقىن ئۆتكىچە، خەق ئالدىدا ۋىژدانى خۇدۈكسىرىمەيدىغان، ئۆز قەۋمىنىڭ پايدىسىغا تۆت جۈملە گەپ قىلالايدىغان يىگىتمىجەز نوچىلار بىلەن يېقىن ئۆتەلەيدىغان مەنسەپدارلىرىمىزنىڭ سانى ئاۋۇغاي! بۇنداق مەنسەپدارلىرىمىز ئاۋام قەلبىنى ئاۋۇ ئالدامچىلارغا قارىغاندا بەكرەك مايىل قىلالايدۇ. بۇلار ئۈچۈن يالغان ئېيتىپ، خۇدۈكسىرەپ، تەر بېسىپ يۈرۈشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ.
  Q# h6 @3 p; D+ e3 N9 [   ئاۋام ئۈچۈن ئالدىنىشتىن ئېغىر دەرد يوق. ئەمدى يەنە ئالدىنىۋەرمەيلى؛ مەيلى ئۇ، قانچىلىك چىرايلىق بولسىمۇ.      ) U) g- {$ L3 b5 D. {

  _& A1 K0 L# i9 K& |    مەنبە:  <<مايبۇلاق>> ژۇرنىلى، 2006- يىل 2- سان.5 N0 [7 H: I* Q- G9 p; q$ s
ئوكيان تورىدىن يۆتكەلدىرەسىم

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

35

تېما

41

يازما

706

جۇغلانما

ئالى ئەزا

Rank: 8Rank: 8

قىزغىنلىق
160 سەر
تۆھپە
185 سەر
تىللا
155 دانە
جەۋھەر
1 دانە
ۋاقتى: 2013-6-2 17:20:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەھشەت قوللايمەن!

0

تېما

3

يازما

68

جۇغلانما

ئەزىز مىھمان

Rank: 4

قىزغىنلىق
2 سەر
تۆھپە
2 سەر
تىللا
60 دانە
جەۋھەر
0 دانە
ۋاقتى: 2014-1-13 23:01:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ، سىزگە !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗