مائارىپ
نورۇز ۋە نورۇز مەدەنىيىتى
! t% e! h b% o+ ~- Kنورۇز – ئەڭ قەدىمىي ، ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ھادىسىسى . نورۇز دۇنيادىكى مىلاد ، قۇربان ھېيت ، چاغان قاتارىدىكى تۆت چوڭ بايرامنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ . ئۇنىڭ ئىران ۋە توران دىيارىدا يېڭى يىل بايرىمى قىلىنىپ ئۆتكۈزۈلۈۋاتقىنىغا 2600 يىلدىن ئاشتى . بۇ بايرامنى ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەرنىڭ نوپۇسى تەخمىنەن 400 مىليون ئەتراپىدا . 3 a. a$ Q) j0 Q$ \6 ]: a k
نورۇز پەيدا بولغاندىن كېيىن ، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە نورۇز مەدەنىيىتى ھادىسىسى پەيدا بولدى . بۇنىڭ بىلەن نورۇز ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بايرام پائالىيىتىگە ئايلاندى . نورۇز مەدەنىيەت ھادىسىسىنى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن : 5 L+ S8 C. |1 M# r* w
1 . نورۇز يېڭى يىل بايرىمى . چۈنكى نورۇز ھەر يىلى كۈندۈز بىلەن كېچە تەڭلىشىدىغان پەيىتتە كېلىدۇ . يەنى 3 – ئاينىڭ 21 – كۈنى كېچە سائەت نۆلگە توغرا كېلىدۇ . شۇڭا يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى يىل بېشى قىلىنغان . 21 – مارت ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تۈركى تىللىق مىللەتلەردە يېڭى يىلنىڭ باشلانغانغانلىقىدىن ئىبارەت ۋاقىت ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈپ ، كىشىلەرنى ۋاقىتنى سۆيۈش ، ۋاقىتنى قەدىرلەش ، ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتەك رىقابەت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغان .
3 x! L; G& L* O4 T+ s& c' C2 . نورۇز تەبىئەت ۋە گۈزەللىك بايرىمى . نورۇز باشلانغان كۈن تەبىئەت جانلانغان ، دەل – دەرەخلەر كۆكىرىشكە باشلاپ ، تاغ ، ئىدىرلىقلارنى يېشىللىق قاپلاشقا باشلىغان ، ئەگىز ئېقىپ ، كىشىگە ھاياتلىق ئۈمىدى بېغىشلىغان مەزگىل ھېسابلىنىدۇ . شۇنداق بولغاچقا ، نورۇز ئۆتكۈزىدىغان مىللەتلەردە تەبىئەتنى سۆيۈش ، تەبىئەتتىن زوقلىنىش ، تەبىئەتنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن باغ – ئورمان ، گۈل – گىياھلىق بەرپا قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن . 9 R6 Q2 q4 L _. J2 [! S- c
3 .نورۇز – ئەمگەك بايرىمى ، تەنتەربىيە بايرىمى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت بايرىمى . ئەتىيازلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ئەۋجىگە چىقىرىپ ، يېڭى يىلدا تېخىمۇ مول بايلىق يارىتىش نورۇزنىڭ ماددىي مەدەنىيلىك ئەنئەنىسى . تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ ، ئۆزلىرىنىڭ جىسمانىي ساپاسىنى ياخشىلاشقا ئۇل سېلىش ، ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىپ ، نورۇزنى ، كىشىلىك ھاياتنى مەدھىيىلەش ، بۇ ئارقىلىق ئەلگە ئىجادچانلىق ، خۇشاللىق ، مەردانىلىك روھى بېغىشلاش نورۇزنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى . ئۇيغۇرلاردا نورۇز قەدىمىي ھەم كېلەچىكى پارلاق بايرام . بۇ بايرام 2000 نەچچە يىللىق مۇساپىنى بېسىپ زامانىمىزغا يېتىپ كېلىپ ، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيەت ، تەبىئەت بايرىمىغا ، ئەمگەك ، تەنتەربىيە مۇسابىقىسىغا ، سەنئەت كۆرىكىگە ئايلاندى . بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدا تېخىمۇ كەڭ سورۇنغا ، مىسلىسىز جەلپ قىلىش كۈچىگە ۋە تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە بولماقتا . ئۇزاق يىللىق تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتكەن بۇ مەدەنىيەت ھادىسىسى كەلگۈسىدە يەنىلا ھاياتىي قۇدرەتكە ئىگە بولىدۇ ، ئۇنىڭ ئەنئەنىلىرى داۋاملىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا نۇرغۇن زامانىۋى مەدەنىيەت ئېڭى ۋە مەدەنىيەت پائالىيەت مەزمۇنلىرى قوشۇلىدۇ .: G: ?7 d* O' [
مەنبە : «شىنجاڭ گېزىتى››
5 \) Z" m. k/ x3 ]6 O9 aئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |