خەۋەرخەنزۇتىلىنىڭ ئىنگلىز تىلىغا سۇنغان تەسلىمنامىسى 9 |" Q f r# b
9 a: z( r; _' dئىنتايىن ئۇلۇغ ، پۇتۇن جۇڭگۇغا ئومۇملاشقان ، ھەممىگە قابىل ، دانا ، سەركەردە ئىنگلىز تىلى يولداشقا :
7 j& p8 u& F' f8 C' q مەن يۇكسەك ھورمەت ھەم چەكسىز قايىللىق بىلەن بۇ تەسلىمنامىنى تاپشۇردۇم . نىمىشقا ؟ نىمىشقىلىقىنى سورىمىسلا بولدى ؟ مەن ئوزلىرىنىڭ ئالدىدا بىر مەغلۇبىيەتچى . مەندە شۇنداق تونۇش پەيدا بولدى . بەش مىڭ يىلدىن بىرى ئىزچىل ھالدا جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئالاھىدە ئەتىۋارلاپ سويۇشىگە ئىرىشىپ كەلگەن مەن ئۆزۈمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنەتتىم . ھالا بۇگۇنگە كەلگەندە ، ئوزلىرىنىڭ چوڭى نوقۇتچىلىك كىچىكى كۇنجۇتچىلىك كېلىدىغان قامەتلىرى ئالدىدا ئوزلىرىنىڭ قالتىس ئۇلۇغ ھەم قۇدرەتلىك ئىكەنلىكلىرىگە چىن دىلىمدىن قايىل بولدۇم . مەن ئوزلىرىگە تەسلىم بولۇپ ئاجىز تىللاردىن بولۇشنى قارار قىلدىم ، ھەتتا دۇنيا تىللار ئائىلىسىدىن چىكىنىپ چىقىشقىمۇ زۇرۇر تەييارلىقلارنىمۇ قىلىپ قويدۇم .% A! l) {: s5 x! [9 A; w
ھورمەتلىك ئىنگلىز تىلى جاناپلىرى ، مەن تەسلىم بۇلۇشنى قارار قىلىپ بولدۇم . چۇنكى مەندە ئوزلىرى بىلەن تىركەشكىدەك مادار قالمىدى . بۇرۇن بىر زامانلاردا ئەقىللىق ، ئەمگەكچان جۇڭخۇا مىللىتى ( نوقۇل خەنزۇلار ئەمەس ) يۇكسەك ئەقىل پاراسىتى بىلەن مىنى ئاپىرىدە قىلغان ، مىنىڭ گۇزەل قامىتىم بولغاچقا خەتتاتلار ئەقىلنى لال قىلغۇدەك ھوسنىخەتلارنى يېزىشقان ، مەندە چوڭقۇر مەنىلەر بولغاچقا ئەدىپلەر داستانلارنى يېزىشقان . مىنىڭ ئۇزۇن تارىخىم بولغاچقا جۇڭخۇا مىللىتى ئوزلىرىنىڭ گۈللىنىش تارىخىنى مەن بىلەن پۇتكەن . بۇلار مىنىڭ ئىپتىخارلىق بايلىغىم ئىدى . ئەپسۇس مەن قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئوزلىرى تەرىپىدىن ئۇزۇل - كىسىل مەغلۇپ بۇلۇشۇمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن . مەن يېڭىلگەنگە تەن بىرىش ھىسياتى بىلەن ئوزلىرىگە تەسلىم بولۇپ ئاجىز تىللاردىن بولۇشنى چىن دىلىمدىن خالايمەن ، ئەگەر زۇرۇرىيىتى بولسا مۇستەملىكە تىل بولساممۇ ھەتتا دۇنيا تىللار ئائىلىسىدىن چىكىنىپ چىقساممۇ مەيلى ، مەن ھەممىگە رازى ، مەن ھەممە تەييارلىقلارنى كورۇپ قويدۇم .5 E9 r8 t& s) @6 s# P+ O. D( n
مەن مەغلۇپ بولدۇم . ھورمەتلىك ئىنگلىز تىلى جاناپلىرى ، گەرچە سىلى مەندىن كوپ كىچىك بولسىلىمۇ مىنى جاناپلىرى دەپ ئاتىدىم . ئەمدى مەغلۇبىيىتىمدىن قىسقىغىنا خۇلاسە چىقىرىۋالاي ، باشقا مەخسىدىم يوق ، پەقەت ئوزۇمنىڭ قانداقلارچە مەغلۇپ بولغانلىغىمنى سوزلىمەكچىمەن :+ N* a' M5 j+ H8 e# J
بىز چىڭ سۇلالىسى زامانىدا تونۇشتۇق ، ئۇ چاغلاردا دولەت زاۋاللىققا يۇزلەنگەن بولغاچقا ، ئوزلىرىنىڭ بۇ تۇپراقتا ماكانلىشىپ ، جۇڭگۇلۇقلارنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئىرىشىپ ، مىنىڭ ئورنۇمغا خىرىس قىلىشلىرى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. -ئەسىرنىڭ - يىللىرىدىن باشلاپ ئىككىمىزنىڭ ئورنىدا سەل - پەل ئوزگىرىش بۇلۇشقا باشلىدى . ئوزلىرى ھەرخىل << سىياسەتلەرنىڭ يول باشلىشى بىلەن ، ماڭا ئارقىمۇ ئارقا زەربە بىرىشكە باشلىدىلا ، مەندە نۇرغۇن جاراھەتلەرنى پەيدا قىلدىلا ....
" f( P5 O2 b6 ^ @5 n6 a مانا ھازىرقى ئەھۋالغا قارىسىلا جوڭگۇنىڭ ھەرقانداق بىر ئىمتىھانى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا ، تۇلۇق ئوتتۇرا ، ئالى مەكتەپ ، ئاسپىرانتلىق، ماگىستىرلىق ئىمتىھانلىرى بولامدۇ ، ئەمەلدار تاللاش ، دەرىجە ئوستۇرۇش ، ئۇنۋان - سالاھىيەت ئېلىش ئىمتىھانلىرى بولامدۇ ، خىزمەتكە ئېلىش ، باھالىنىش ، سايلىنىش بولامدۇ ئىشقىلىپ ھەرقانداق بىر ئوتكەلدە ئوزلىرىنىڭ ئۇلۇغ سىھرى كۇچلىرىنى چوڭقۇر ھىس قىلغىلى بولىدۇ . باشقىچە قىلىپ ئېيتساق ، ئوقۇش ئارقىلىق ياخشىراق ياشاش مۇھىتىغا ئىرىشىشنى ئارزۇ قىلغان ھەربىر جۇڭگۇلۇق ئوزلىرىگە قايىل بولماي قالمايدۇ ، بولمىسا مىڭ قىلغان بىلەن بىكار .
0 v8 `3 J( c; F+ p: Cھورمەتلىك ئىنگلىز تىلى جاناپلىرى ، مىنىڭ قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتقانلىغىمنى بىلەمدىلا ؟ مەن تېخى يېقىندىلا جۇڭگۇنىڭ ئوزلىرىنى قانچىلىك ياخشى كورىدىغانلىغىنى بىلىپ يەتتىم . جۇڭگۇ قەدىمى ئەدىبىياتى ئاسپىرانتلىققا قۇبۇل قىلىش ئىمتىھانىدا ، كەسىپتە ئىنتايىن مۇنەۋۋەر بىر نەچچە ئوقۇغۇچى پەقەت ئىنگىلىز تىلى نەتىجسى سەللا توۋەن بۇلۇپ قالغاچقا ، ئومۇرلۇك ئارزۇسى رەت قىلىندى . مانا بۇ ئوزلىرىنىڭ ئاتالمىش سىھرى كۇچلىرى . مەن چۇشەنمىدىم ؟ جۇڭگۇ قەدىمى ئەدىبىياتى تەتقىقاتى ئوزلىرىگە زادى قامچىلىك ھاجىتى چۇشەر ؟
- l: P3 Z) C$ O* v ھازىر << مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۇرۇش ، << خەلقئارا بىلەن بىردەكلىشىش دىگەندەك شۇئارلار مىنى ئوزلىرىنىڭ ھەيۋىسىنىڭ سايىسىغا دەپنە قىلىۋەتتى . ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزلىرىنى ئۈگىنىشكە سەرپ قىلغان ۋاختى تەبىئى پەنلەردە ئۇچتىن بىر قىسىمدىن ، باشقا پەنلەردە يېرىمدىن ئېشىپ كەتتى . ئوقۇغۇچىلار شۇنداق قىزغىنلىق بىلەن ، شۇنداق شەرەپ بىلەن ئوزلىرىنى ئۇگىنىشكە باشلىدى . ئۇلار شۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن مەكتەپنى << بىخەتەر پۇتتۇرەلەيدىغانلىغىنى ئوبدان بىلىدۇ . شۇنداق قىلىپ مەن ئالى مائارىپتىن سىقىپ چىقىرلىپ ، يىتىمسىراپ قالدىم . مەن ئوز يىرىمدە ئاشۇنداق زور خورلۇق ۋە ھاقارەتكە ئۇچرىدىم .% L7 W# k) ~* R Q$ [9 y; R
مەن ھىچقانداق بىر تىلنىڭ يات بىر ئەلدە بۇنداق زور ئالقىش ۋە ھورمەتكە سازاۋەر بولغانلىغىنى ئاڭلىماپتىمەنكەن . چار پادىشا دەۋرىدە ، روسىيەدە ئاقسوڭەكلەر ئارىسىدا فىرانسۇز تىلىنى قوللىنىش ئەۋج ئاپتىكەن . ناپولىيون تاجاۋۇز قىلىپ موسكىۋاغىچە كىلىپ ، مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ئوزىنىڭ رۇس تىلى تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغانلىغىنى ئېيتقان ئىكەن .
/ {3 P; w, w& I# ?$ R3 ^3 h- ]9 S تارىخ ھامان تارىخ . جۇڭگۇلۇقلارنىڭ ئوزلىرىنىڭ ئۈگەنگىسى كەلسە ھەم شۇ ئارقىلىق ياخشى ياشاش شارائىتىغا ئىرىشىش ئارمىنىنى مىنىڭ توسقۇم يوق ھەم ماجالىممۇ يوق . مەسخىرە كۇلكىلىرى بىلەن بۇ تەسلىمنامەمنى قۇبۇل قىلغايلا.% @" `1 m8 \+ d/ q4 Z
/ m5 b; ^5 r, W7 kمەنبەسى:ئانادىيار تورىدىتال
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |