مائارىپ
ئۇيغۇر، بىر ئەلنىڭ ئىسمى. ئۇنىڭ بەش شەھىرى بار. بۇ شەھەرلارنى زۇلقەرنەين تۈرك خاقانى بىلەن پۈتۈم تۈزگەندىن كېيىن سالدۇرغانىكەن.5 }: W7 H* g; z$ ` `* Q. g6 ?: w) l/ M
ماڭا مۇھەممەت چاقىر تونقاخان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېگىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ مۇنداق دېگەنىدى: زۇلقەرنەين ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارىشى 4مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە " بۇلار باشقىلارغا مۇھتاج بولماي ئۆز ئۇزۇقىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ، قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يېيەلەيدۇ" دەپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئەل " خۇز خۇر" دەپ ئاتىلىپتۇ. كېيىن " خ" ھەرىپى " ا" غا ئالماشقان. مۇنداق بوغۇز ھەرىپلىرىنىڭ بىر - بىرىگە ئالمىشىشى بولۇپمۇ " ا" نىڭ " خ"غا ۋە " خ"نىڭ " ا " غا ئالمىشىشى كۆپ ئۇچىرايدىغان ھادىسە.! J) k% N8 P3 w; W9 S' t" a
مۇشۇ كىتابنى يازغان مەھمۇد ئېيتىدۇكى، بىزنىڭ بۇۋىلىرىمىز بولغان ئەمىرلەرنىڭ " خەمىر" دېيىلىشى ئەنە شۇنىڭدىن كەلگەن. چۈنكى، ئوغۇزلار " ئەمىر" دېيىلمەي، " ا " نى " خ"غا ئالماشتۇرۇپ " خەمىر" دەيدۇ. شۇڭا تۈرك ئەللىرىنى سامانى ئۇغۇللىرىدىن ئالغان بۇۋىمىزنى "خەمىر تەگىن" دەپ ئاتايدۇ. خۇددى " ئۇيغۇر" سۆزىدە كۆرسەتكىنىمدەك، بۇ يەردە " ا" ھەرپى " خ" ئالماشقان، " خ" ھەرپى " ا"غا ئالمىشىش بىلەن بىللە " خوز" سۆزىدىكى " ز" ھەرپىمۇ "ى-يا"غا ئالماشقان. بۇ "ز" ھەرپىنىڭ "يا"غا ئالمىشىشى تۈپ قائىدە. شۇنىڭدىن كېيىن " خۇر" سۆزىدىكى "خ" ھەرپى "غ"غا ئالماشقان. " غ"نىڭ "خ"غا، "خ"نىڭ "غ"غا ئالمىشىشى كۆپ ئۇچىرايدىغان ھادىسە.
$ J) ^, P0 w3 M% Y8 X$ x بۇ ئەلدە بەش شەھەر بار. ئۇنىڭ خەلقى ئەڭ ئۇستا مەرگەنلەردۇر. بۇشەھەرلەر:9 H/ u2 E" o2 M8 `8 w; O: T3 x
1) سۇلمى، بۇنى زۇلقەرنەين سالدۇرغان. 2) قوچۇ 3) چانبالىق 4) بېشىبالىق 5) ياڭى بالىق.( m/ q' h' R- `6 X. Q) q
( " تۈركىي تىللار دىۋانى، 1 - توم، 151-،152-، 153 -بەت)8 A' r1 V9 m6 c8 F- @7 B4 L
# |4 {1 @3 q0 S% D) ?5 `
["تۈركىي تىللار دىۋانى"دىكى ئەدەبىي مىراسلار] ناملىق كىتابنىڭ 17 - بېتىدىن ئېلىندى ، شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى
/ O% H$ X5 T, t: h0 N7 ?5 Q: Aنۇرتورى يۆتكەلمىسى
0 o5 B! m' d- D+ L) ~) wئىزدە
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |