يانفۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئارال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-10-21 22:02
7 W1 l; |, D4 A' [8 n; [! B( P; {# {+ g% \% ? A( E
خۇشخۇي ئۇيغۇرلار ۋە ئامىركىلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزىدىكى خۇشخۇيلۇق ۋە ئۈمىتۋارلىق ئۇيغۇرلار بىلەن ئوخشاش تارىخى قىسمەتتىكى ھەرقانداق مىللەتتە كەم تېپىلىدىغان خىسلەتتۇر. بۇ جەھەتتە ئامېرىكىلىقلار بىلەن ئۇيغۇرلار خېلى زور ئورتاقلىقلارغا ئىگە. خۇددى ئۇيغۇرلار توي تۆكۈن ۋە باشقا سورۇنلارغا چاخچاقچىلارنى ئاتايىن چاقىرغاندەك ئامېركىلىقلارمۇ شۇنداقراق قىلىدىكەن. 2011-يىلى ئوباما بىر سورۇنغا بىر چاخچاقچىنى چاقىرىپ پۈتۈن سورۇندىكىلەرنى بىرمۇنچە كۈلدۈردى. ئوباماغا قارشى مەيدانغا چىققان بىر پىرىزدېنت نامزاتى شۇ سورۇندا چاخچاقلارنىڭ ھىچ قايسىسىغا كۈلمەي ئولتۇرغاننىڭ ئۈستىگە سورۇندىن قاپاقلىرىنى تۈرگەن پېتى ئايرىلىپ ئامېركىلىقلارنىڭ كۈلكىسىگە قالدى. شۇ سورۇندا ئوباما ئۆزىنىڭ ئامېرىكىدا تۇغۇلغان ياكى تۇغۇلمىغانلىقى ھەققىدە گۇماندا قالغانلارغا ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان چېغىدىكى سىنغا ئېلىنغان كۆرۈنۈشنى قويۇپ بەمەكچىلىكىنى ئېلان قىلدى. ھەممە مېھمان ۋە ئاخباراتچىلار تەييار تۇرۇشتى. ئىكراندا كۆرۈنگىنى بولسا "شىر پادىشاھ" فىلىمىدىكى سىمبانىڭ يېڭى تۇغۇلغان كۆرۈنىشى بولدى. پۈتكۈل ئامېرىكا خەلقى ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ ئالدىدىكى بۇ چاخچاق سورۇندىكى كىشىلەرنى ھارغىچە كۈلدۈردى. ئامېرىكىدا بۇنداق يىغىنلاردا ۋە يىغىلىشلاردا چاخچاق قىلىدىغان ئىشلار ھەمىشە بولۇپ تۇرىدىكەن. ئوبامانىڭ پارلامېنتتىمۇ ياكى باشقا بىر يىغىلىشتىمۇ ئەيتاۋۇر قايسىدۇر بىر يىغىندا ئۇيغۇرلارنى يۇمۇرغا قوشقىنى مېنىمۇ بەك كۈلدۈرگەنىدى.
1 @! ]- ~) Z# w" pئامېرىكىلىقلارنىڭ قىزىقچىلىقى بەزىدە سورۇن تاللىمايدىكەن. ئامېرىكىدا ئاممىۋىي سورۇنلاردىكى تۈرلۈك ئېلان تاختىلىرى، ئاگاھلاندۇرۇش ئىبارىلىرى، نامايىش شۇئارلىرى، تەۋسىىيە جۈملىلىرىمۇ ناھايىتى ھەجىۋى يېزىلىدىكەن. بىر كۈنى تېلۋىزوردىن بىر شەھەردىكى ئاممىنىڭ نامايىش قىلىۋاتقان كۆرۈنىشىنى كۆرۈپ قالدىم. نامايىشچىلارنىڭ لوزۇنكىلىرىغا تۈرلۈك ھەجىۋىي رەسىملەر چاپلانغان ئېدى. بىر ھەجىۋىي رەسىمدە شەرقتىكى بىر مۇستەبىت دۆلەتنىڭ رەھبىرى قولىغا يوغان بازغاننى ئېلىۋېلىپ ئۈستىگە "دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە تەھدىت سالدى"،"دۆلەت مەنپەئەتىمىزگە ئاپەت كەلتۈردى" دېگەن خەت يېزىقلىق چاپان كەيدۈرۈلگەن بىر پاشىنى ئۇرۇشقا تەمشىلىۋاتقان كۆرۈنىشى سىزىلغان ئېدى. بىر كۈنى بىر شەھەردىكى يەنە بىر نامايىشتا ئامېرىكىلىقلارنىڭ قولىغا "بىز چاشقان ئەمەس!" دېگەن شۇئارنى كۆتۈرىۋېلىشقانلىقلىرىدىن كۈلۈپ يېتىپ قالدىم. ئەسلى شۇ شەھەر مەمۇرىيىتى ئاۋات بىر يولغا يەر ئاستى ئۆتۈشمە ياسىماقچى ئىكەن. كىشىلەر شەھەرنىڭ بۇ پىلانىغا قاشى چىقىپتۇ. چۈنكى ئۇلار چاشقاندەك يولنىڭ ئاستىدىن تېشىلگەن كاماردىن مېڭىشنى خالىمايدىكەن. ئامېرىكىدا ئەۋرەز يوللىرىنىڭ بەلگىلىك يېرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان تۇۋاقلارنىڭ ئۈستىگە "بۇنىڭ ئىچىدە ئۈزىمەن دېمەڭ، سىز بېلىق بولمىغاندىكىن" دېگەن خەت يېزىلغان بولۇپ ھەر قېتىم كۆرسەم كۈلۈپ سالاتتىم.
# _1 R8 X1 [& {! e% O! Gئامېركىلىقلاردىمۇ لەتىپىگە ئوخشايدىغان يۇمۇرلار بار ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭكىدەك سورۇندا بىۋاستە توقۇلىدىغان چاخچاقلار يوق. تۈرك مىللەتلىرى ئىچىدىمۇ لەتىپە ژانىرى ئاساسەن مەۋجۇد، ئەمما ئۇيغۇرلاردىكىدەك سورۇننىڭ ئۆزىدىلا توقۇلىدىغان ھازىر جاۋاپ چاخچاقلار ۋە چاخچاقچىلار يوق. ئۇيغۇر چاخچاقلرىدىكى لەقىمىنى كەلتۈرۈش، پاس چىقىرىش، قاتارى بويىچە چاخچاققا قېتىش...قاتارلىقلار يوق. بىر قېتىم ئۆزىگە جۈرئەت دەپ ئىسىم قويىۋالغان بىر ئامېرىكىلىق ماڭا خەت يېزىپ تونۇشلۇق بەردى. ئۆيگە تەكلىپ قىلدىم. پاراڭ جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچىنى غۇلجىدا ئۆگەنگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. سەۋەبىنى سورۇسام بېيجىڭدىكى بىر سورۇندا غۇلجىلىق بالىلار بىلەن ئولتۇرۇپ قېلىپ سورۇندىكى چاخچاقلارنى چۈشىنىش، ھوزۇرلىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىشكە قارار بەرگەنىكەن.' C9 D& ?7 T5 }) r" @
ئۇيغۇرلار بىلەن ئامېرىكىلىقلاردىكى خۇشخۇيلۇق ئورتاقلىقىنى خەلق ئارىسىدىكى تۈرلۈك گەپ ۋە پارڭلاردىنمۇ ھىس قىلىش مۇمكىن. ئۇيغۇرلاردا "ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا" دېگەن گەپ بولغىنىدەك، ئاڭلىشىمچە ئامېرىكىلىقلاردىمۇ "دۇنيانى خۇشخۇي كىشىلەر چۆرگىلىتىدۇ" دېگەن گەپ بار ئىكەن. ئامېرىكىدىكى چېغىمدا ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن بىر ئامېرىكىلىق بىلەن تولا خەت ئالاقىدا بولدۇق. بىر كۈنى ئۇ ئۆيۈمگە مېھمان بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرچە ئۆگىنىش جەريانىدا ئۆزىگە ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ مىجەزىنى ئەڭ مۇجەسسەم ئەكىس ئەتتۈرىدىغان ئۇيغۇر خەلق ماقالىنىڭ قايسىلىقىنى سورۇسام "ئۇلۈمدىن باشقىسى تاماششا" دەيدۇ. ئۇ بۇ ماقالدا ئەكىس ئەتكەن ئۈمىدۋارلىق، قورقماسلىق، قەيسەرلىك، تەۋەككۈلچىلىك، مەغرۇرلۇق ۋە مەردانىلىقتىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولىدىكەن.
8 T. J7 ^& _( [/ K# ^1 U( y"ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا" دېگەن بۇ ئۇيغۇر ماقالىغا ئەقىدە باغلىغان، ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە ئۆگەنگەن بۇ ئامېرىكىلىقنىڭ ئىسمى سىكات ئېدى. ئارىدا ئۇنىڭ بىلەن خەت يېزىشىپ تۇردۇق. بىر خېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىدە قالدۇرغان ئۇنتۇلماس تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق يېزىپتۇ. "ئۈرۈمچىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن مەن ھاياتىمدا كۆپ پىشكەللىكلەرگە ئۇچرۇدۇم. بىر مەزگىل سۇغۇرتىلىرىمنى تۆلىيەلمەيدىغان، ھەتتا ئۆي ئىجارىسىىنىمۇ قەرز ئالىدىغان، ئىش ئىزدىگەنلا يەردىن رەت قىلىنىدىغان كۈنگە قالدىم. شۇنداق چاغلاردا دۆڭ كۆۋرۈكتىكى يايمىكەش بوۋاي، مومايلارنىڭ مۇز توڭلاپ كەتكەن يولغا يىغىپ كەلسە يۈز يۈئەنگىمۇ يەتمەيدىغان تەئەللۇقاتنى تىزىپ قايسىدۇر بىر ناخشىغا غىڭشىپ ئولتۇرغان تۇرىقى كۆز ئالدىمغا كېلىدۇ كېلىدۇ-دە بۆلەكچىلا جانلىنىپ كېتىمەن. مەن ئامېرىكىلىق، پۇلۇم پەقەت قالمىغان بولسىمۇ يەنە بانكىدىن قەرز ئالالايمەن، دۆلەتنىڭ يارىدىمىنى ئىلتىماس قىلالايمەن، دۆلەتنىڭ پاناھخانىسىغا تىزىملىتالايمەن. ئۈرۈمچىدىكى يايمىكەش ئۇيغۇر بوۋاي-مومايلارچۇ؟ شۇ قەھرىتان سوغۇقتا ئەگەر ئۇلار شۇ كۈنلۈك يىمەكلىكنىڭ پۇلىنى تاپالمىسا، ئاخشاملىق كۆمۈرنى سېتىۋالالمىسا ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغىنى كېچىچە توڭلاش، تىترەش بولۇشى مۇمكىن. ئۇلار نېمىشقا چۈشكۈنلەشمەيدۇ، يەنە نېمىشقا ناخشا ئېيتىدۇ. ئۇلاردىكى ھاياتقا بولغان قەيسىرانە تەلپۈنۈش، كۈلپەتلىك رىياللىقىغا بولغان مەنسىتمەسلىك، ئۆلۈمگە بولغان قورقۇمسىز يۈزلىنىش نەدىن كەلگەن؟ ئۈرۈمچىدە مېنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئۆگەنگىنىم ئۇيغۇر تىلىلا ئەمەس ھاياتقا بولغان مەردانە ئىشەنچ، مۇشەققەت ئالدىدىكى مەغۇرۇر پوزىتسىيە، مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى جاھىلانە تەۋەككۈلچىلىك روھىدىن ئىبارەت!"
7 G$ Y2 v7 w1 Q& i( {% x. g$ ^ۋەتەنگە قايتىشقا بىر قانچە ھەپتە قالغان بىر پۇرسەتتە سىكاتنى يوقلاپ ئۆيىگە باردىم. ئۇ مېھمانخانىسىنىڭ ئىشىكتىن كىرىشتىكى تېمىغا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئۇرۇش مەيدانىدىكى بىر جەڭچىنىڭ قولىدا مىلتىق، دۈمبىسىگە راۋابىنى تېڭىپ دۈشمەنگە ئوت ئېچىۋاتقان رەسىمىنى چوڭايتىپ ئېسىۋاپتۇ. ئۇ رەسىمگە بەك قاراپ كەتكىنىمنى كۆرۈپ ماڭا قاراپ "قاراڭ، مانا بۇ ئۇيغۇر. ئۇنىڭ يۈدىۋالغان راۋابىنى ئۈمىد، غەلىبە دېسەك، ئۇنىڭ قولىدىكى مىلتىقنى ئۆلۈمگە ئوخشىتىمىز. مانا قاراڭ ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈمگە تىكىلگەن كۆزلىرىگە، ئۆلۈمنى قاماللىغان بارماقلىرىغا. بىر قورقۇنچنى بايقىدىڭىزمۇ؟ سىلەر ئۆلۈمنى مەنسىتمەيسىلەر شۇڭا سىلەر ئۇيغۇرلار يا" ئۆلۈم يا كۆرۈم" دېيەلەيسىلەر، سىلەرنىڭ مىزانىڭلاردا ئۆلۈم بىلەن ياشام ئارىسىدا ئۆلۈمتۈك بولۇپ ياشاش يوق. سىلەردە "تار يەردە ئاش يىگۈچە كەڭ يەردە مۇش يە" دېگەن ماقال بار. بۇنىڭدىكى مەنا قۇللۇقتىكى توقلۇقتىن ھۆرلۈكتىلى ئۆلۈمنى ئەلا بىلىشتۈر. سىلەر"ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماششا" دەيسىلەر. بۇ ماقالدا ھاياتتىكى ھەر قانداق مۇشكۈلاتنى، پىشكەللىكنى ۋە ئامالسىزلىقنى يىمىرىپ تاشلايدىغان جاسارەت جىلۋە قىلىدۇ. يا خۇشاللىق ئۈچۈن ياشايسىلەر يا شۇ خۇشاللىقنىڭ، ھوزۇرنىڭ، ھۆرلۈكنىڭ دۈشمەنلىرىگە قارشى جان تىكىسىلەر. سىلەر يا مۇھەببەتكە چۈمۈلۈپ، گۈزەللىك يارىتىپ ياشايسىلەر، يا مۇھەببەتنىڭ، گۈزەللىكنىڭ كۈشەندىلىرى بىلەن ئېلىشىپ ئۆلىسىلەر." سىكات بىلەن تۈن نىسپىغىچە قەھۋە ئىچكەچ مۇڭداشتۇق. ئۇنىڭ يۇقارقى سۆزلىرى ھېلىمۇ قۇلاق تۈۋىمدە جاراڭلاپ تۇرىدۇ.
8 Y3 X' I8 p2 n, l, \
' w% o; d% v. S
; p u' t3 ]. Z. _% b" w6 Qئابدۇۋەلى ئايۇپ7 E- v; i: u4 L, K
مەنبە:مىسرانىم تورى
/ ]! b. x& ?2 K' Y+ k+ qرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |