مائارىپ
يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچى قانداق ئىشلارنىقىلىشى كىرەك
. N/ ^2 S! h* u. J2 B# D6 A; n+ Z
( x- X( N- @2 T/ z) m& v$ ~0 tيۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئوقوغۇچىلار بىلىشكە تىگىشلىك نەرسىلەرنى بىلدۈرىشتىن ئىبارەت. يەنى بىلىملەرنى، ئادەم بولۇشنى، ھەمكارلىشىشنى، يېڭىلىق يارىتىشنى بىلدۈرىشتىن ئىبارەت. ئۇنداقتا، ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قىلىپ بىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا زادى نىمە ئىشلارنى قىلىشى كىرەك؟& b4 G) ]- E5 y# r& {" c% T0 c
' S, |3 J4 R! y1 S
يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانا بەرپا قىلىشتا، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۈگىنىش ئاكتىپچانلىقىنى قوزغاش، ئوقۇتقۇچى ئاز سۆزلەپ، ئوقوغۇچىلارنى كۆپ سۆزلىتىپ، دەرسخانىنى ئوقوغۇچىلارغا قايتۇرۇپ بىرىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ. بۇ مەسىلە ئوتتۇرىغا قويۇلىشى بىلەن، كۆپچىلىك ئارسىدا سۆزلەش بىلەن سۆزلىمەسلىك ياكى ئاز سۆزلەش توغرىسىدا بەس مۇنازىرە پەيدا بولىشى مۈمكىن. مىنىڭچە ئوقوتقۇچىنىڭ دەرسخانىدا ئاز سۆزلىشى ياكى سۆزلىمەسلىكى ئەمەلىيەتتە مائارىپ ۋە ئوقۇتقۇش قارىشىدىكى مەسىلىدىن ئىبارەت. ئەگەر ئوقۇتقۇچى دەرسخانىدا دەرسنى ئۆزى سۆزلەش ئارقىلىق ئوقوغۇچىلارغا بىلدۈرەلىسە، بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدا ئاز سۆزلەش ياكى سۆزلىمەسلىكىنى مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ھىچقانداق زۆرۈرىيتى يوق. بۇ يەردىكى ھالقىلىق مەسىلە، بىز ئوقۇتقۇچىلار ئۇزۇندىن بىرى ئادەتلىنىپ كەتكەن دەرسخانىنى ئۆزىمىز ئىگىلىۋىلىپ، «قۇيۇپ قويۇش» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزلىشىگىلا تايىنىپ ئوقۇتقۇش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋۋەن بولۇش مەسىلىنى ھەل قىلالمىدۇق، دەرستە يەتمەكچى بولغان نىشانغا يىتەلمىدۇق. ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدا ئاز سۆزلىشى ياكى سۆزلىمەسلىكى ئۇنىڭ دەرسخانىدا قىلغىلى ئىش يوقلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەمدۇ؟ ئوقۇتقۇچىنىڭ دەرسخانىدىكى يىتەكچىلىك رولىنى زادى قانداق جارىي قىلدۇرۇش كىرەك؟ يەنى يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانىدا زادىي نىمە ئىشلارنى قىلىشى كىرەك؟ يېڭى دەرستە ئوقۇتقۇچىنىڭ ئورنىغا قارىتا: ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش پائالىيتىدىكى يىتەكچى، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە مۇلازىمەت قىلغۇچى-دەپ تەبىر بىرىلىدۇ. ئۇنداقتا ئوقۇتقۇچى يىتەكچىلىكنى، مۇلازىمەتنى قانداق قىلىشى كىرەك؟
/ B- a0 }+ d+ f* c8 V7 o
; N1 u$ S+ A2 s( p1. ئوقۇتقۇچىنىڭ يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانىدا قىلىدىغان بىرىنچى ئىشى، ئوقوغۇچىلانىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشتىن ئىبارەت. ئوقوغۇچىلاردا ھەقىقى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى پەيدا بولغاندىلا، ئاندىن ئۆگىنىش پائالىيتىنىڭ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆز زىممىسىدە بولۇشنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ «ئۆگىنىڭ» دىيىشىنى ئوقوغۇچىنىڭ «مەن ئۆگىنىمەن» دىيىشىگە ئۆگەرتكىلى بولىدۇ. شۇنداق بولغانكەن، ئوقوتقۇچىنىڭ تۇنجى ۋەزىپىسى تۈرلىك ئاماللارنى قىلىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغاشتىن ئىبارەت. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قانداق قوزغاش كىرەك؟ بۇ شۇ ئوقوتقۇچىنىڭ ساپاسى ۋە ئوقۇتقۇش سەنئىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئوقۇتۇشتا ھەممىگە ماس كىلىۋىرىدىغان ئۇسۇل بولمايدۇ، ئەمما، ئەمەل قىلىشقا تىگەىشلىك باش پىرىنسىپ دەل ئوقۇتقۇچى ئەمەلىي مۇھىت يارىتىپ، ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى ھەقىقى قوزغىشى لازىم.
/ a, d& X1 ]# P8 D D% u# q3 l: L: T% |6 O& k
2. ئوقۇتقۇچى يۇقۇرى ئۈنۈلىك دەرسخانىدا ئوقوغۇچىلارغا قانداق ئۆگىنىشنى ئۆگىتىشى كىرەك. ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشتىن بىزار بولىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەپلەرنىڭ بىرى دەل ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىدىغان دەرس مەزمۇنلىرىنى ئۆگىنەلمەسلىكى. ئۆگىنەلمەسلىكنىڭ تۈپ سەۋەبى بولسا قانداق ئۆگىنىش قىلىشنى بىلمەسلىكىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقوغۇچىلارغا ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىشى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەر قايسى پەنلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە قانونىيتى بار. شۇڭا ھەر قايسى پەن ئوقۇتقۇچىللىرى ئوقوغۇچىلارغا مەزكۈر پەننى زادى قانداق ئۆگىنىش كىرەكلىنى بىلدۈرىشى كىرەك. ئوقوغۇچى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى توغرا ئىگىلىيەلىگەندىلا، ئاندىن ئۆزلىكىندىن ئۆگىنەلەيدۇ، ئۆگىنىشكە نىسبەتەن قىزىقىش پەيدا بولىدۇ، ئۆگىنىش ئاندىن ئۈنۈملىك بولىدۇ.
# Z+ |2 ]8 k |- J0 x# Y0 h* ~4 P' [$ ]$ T" w
3. ئوقوتقۇچى ئوقوغۇچىلارغا بىلىمنىڭ يۇقۇرى پەللىسىگە يامشىدىغان شوتا قۇرۇپ بىرىشى كىرەك. ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىش قانونىيتى ۋە بىلىمنىڭ تەرەققى قىلىشتىكى لوگىكىلىق قانونىيەتلىرىگە ئاساسەن، ئوقوغۇچىلارغا ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لاھىيىسى تۈزۈپ بىرىشى كىرەك. دەرسخانىدا ھەر بىر ئوقوغۇچى ئوقۇتقۇچىلار تۈزۈپ بەرگەن شۇ ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسىگە ئاساسەن، دەرسخانىدا ئۆزى ئىھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرگە ئىرىشىشى كىرەك. ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسى دەل ئوقوغۇچىلارنىڭ بىلىم ئۆگىنىشتىكى يۇقۇرىغا يامشىش شوتىسىدىن ئىبارەت. شۇڭا ئوقۇتقۇچى ئۆگىنىشكە يىتەكلەش لايىھىسىنى ياخشى لايىھىلىشى، ھەرگىزمۇ ئۇنى ئوقوغۇچىلارنىڭ مەشىق سۇئاللىرى توپلىمى قىلىپ قويماسلىقى، ئەڭ مۇھىمى ئۇنى ھەرگىزمۇ ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىنى كۈشەپ قويىدىغان نەرسىگە ئايلاندرۇپ قويماسلىقى لازىم.
7 `9 F" S( V" s* }
6 z: G' O9 S/ O; O7 l0 _4. ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارغا ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئۆگىتىش لازىم. دەرسخانىدا ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئوقوغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى ئوقوغۇچىلارنىڭ دەرس مەزمۇنىدىن قايسىلارنى بىلمەيدۇ، قايسىسىس ئايرىم مەسىلە، قايسىللىرى ئومومىيۈزلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغاندىن كىيىن، ئوقوغۇچىلارنى مۇھاكىمىگە تەشكىللەش كىرەك. بۇ يەردە ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسى ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەش، يىتەكلەش، قوزغىتىش، ئوقوغۇچىلارغا بىلەلمىگەنلىرىنى بىلدۈرۈشتىن ئىبارەت.( N3 o9 n' }3 m1 H9 x6 Y
% i( S9 Q b5 F# L7 E
5. ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئوقوغۇچىلارنى كىچىك ئۆگىنىش گۇرۇپپىللىرىغا ئايرىشى ۋە رىقابەتلىشىپ ئۆگىنىش مىخاينىزىمىنى شەكىللەندۈرىشى كىرەك. يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانا چوقۇم كىچىك گۇرۇپىلار بويىچە ئۆگىنىش شەكلىنى ئاساس قىلىشى كىرەك. ئەگەر كىچىك گۇرپپىلار بويىچە ئۆگىنىش ئىلىپ بىرىش كاپالەتكە ئىگە بولمايدىكەن، يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانا بەرپا قىلىش قۇرۇق شۇئارغا ئايلىنىپ قالىدۇ خالاس. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى سىنىپتىكى ئوقوغۇچىلارنى قانداق گۇرۇپپىلارغا بۆلۈش، گۇرۇپپىلار ئارسىدا رىقابەتنى قانداق شەكىللەندۈرۈش قاتارلىقلارنى ياخشى لايىھىلەپ، دەرسخانىنى دىمۇكراتىك باشقۇرۇش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كىرەك.5 h7 i5 Y/ Q, a0 v" L3 l x
$ j4 G( A" k$ U% t0 O L4 v6. ئوقۇتقۇچى دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى بىرىكتۈشكە ماھىر بولىشى كىرەك. نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا، ئۇلار ۋاقىتنى ئوقوغۇچىلارغا كۆپرەك بىرىۋەتكەندە، ئوقۇتقۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ بولالمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ھازىر بىزنىڭ نۇرغۇن ئوقۇتقۇچىللىرىمىز يەنىلا دەرسلىك كىتاب ۋە دەرس ئۆلچىمىدىكى تەلەپلەرگە ئاساسەن، دەرسنى قەدەممۇ-قەدەم تەرتىپ بويىچە سۆزلەشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن. مىنىڭچە دەرسلىك كىتاب ئۇ ئوقۇتۇشتىكى بىر خام ماتىريال شۇنداقلا ئوقۇتقۇشتىكى بىر پايدىلىنىش ماتىرىيالىدىن ئىبارەت. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزلىرى ئۆتىۋاتقان پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش ئىدىيىسىگە، پەن قۇرۇلمىسىغا، پەن مەزمۇنىغا ئاساسەن، دەرسلىكنى ئىلمىي يۇسۇندا بىرىكتۈرۈپ، دەرس سائىتى بويىچە، مەزمۇن تەرتىپى بويىچە سۆزلەشتەك ئەندىزىشىنى بۇزۇپ تاشلىشى، ئوقۇتۇشنىڭ يۇقۇرى ئۈنۈملىك بولىشى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كىرەك.
' `8 ]5 ~- v/ B0 J
7 t4 o: e. h7 C+ Y) Tئوقۇتقۇچى يۇقۇرىدا تىلغا ئىلىنغان تەرەپلەرنى ئورۇندىيالىسا، بىزنىڭ دەرسخانىمىزنىڭ يۇقۇرى ئۈنۈملىك بولىشىدا گەپ يوق. پەقەت ئوقۇتقۇچى يۇقۇرى ئۈنۈملىك دەرسخانا بەرپا قىلىشتا، دەرسخانىدا ئۆزلىرىنىڭ نىمە ئىش قىلىشى كىرەكلىكىنى تولۇق ئايدىڭلاشتۇرالىغاندىلا، دەرسخانىدا نىمە ئىشلارنى قىلماسلىقى كىرەكلىكىنىمۇ بىلەلەيدۇ. دەرسخانا ئاندىن يۇقۇرى ئۈنۈملىك بولۇشتا كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.چۈشۈرۈش
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |