يانفۇن
خۇشپۇراق ئوقۇش قوراللىرىدىن ھەزەر ئەيلەڭ 0 h9 D9 e+ l2 R9 w, A
# \* r& }# K" f$ Dئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئارقا – ئارقىدىن ئوقۇش باشلىشىغا ئەگىشىپ، ھەر خىل ئوقۇش قوراللىرى بازار تېپىشقا باشلىدى، بولۇپمۇ ھەر خىل خۇش پۇراق ئوقۇش قوراللىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا ئېرىشتى.3 E0 l9 J) y' K! s
3 A5 n( t U& @' F$ _بازاردا خۇش پۇراق ئوقۇش قوراللىرىنىڭ تۈرى كۆپ
; I. _+ g3 d1 b- L$ j1 ^9 j- x0 I1 T
مەن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭى دېموكراتىيە يولى ۋە نۇرلۇق يولىدىكى بىر قىسىم ئوقۇش قوراللىرى ماگىزىنلىرىنى زىيارەت قىلغاندا، بۇ يەردە ھەر خىل ئوقۇش قوراللىرىنىڭ ناھايىتى تولۇق ئىكەنلىكىنى، خاتا خەت بويىقى، خۇش پۇراق ماي قەلەم، خۇش پۇراق ئۆچۈرگۈچلەرنى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۆپلەپ سېتىۋېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم.
: i5 N" }2 ?; }) x# j
* m3 ]& b; E! I8 i/ aيېڭى دېموكراتىيە يولىدىكى بىر ماگىزىننىڭ خوجايىنىدىن: «بۇ ماي قەلەملەرنىڭ پۇرىقى قاچانغىچە ساقلىنىدۇ، ئادەم بەدىنىگە زىيىنى بارمۇ؟» دەپ سورىغىنىمدا، ماگىزىن خوجايىنى: «ئادەم بەدىنىگە زىيان قىلمايدۇ، ھازىر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق خۇش پۇراق قەلەملەرگە ئامراق، بۇ قەلەمدە خەت يازغاندا دەپتەرمۇ خۇش پۇراق بولۇپ كېتىدۇ»، دېدى. مەن بۇ دۇكاندا لىمون، شاكىلات پۇراقلىق ماي قەلەم سىياھلىرى تولۇق ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، دۈگىلەك، چاسا شەكىللىك، تۈرلۈك كارتون شەكلىدىكى ئۆچۈرگۈچلەرمۇ تولۇق بولۇپ، شەكلى چىرايلىق بولغاندىن باشقا، ئۇلاردىن يەنە سۈت پۇرىقى، بۆلجۈرگەن پۇرىقى دېگەندەك خۇش پۇراقلار چىقىپ تۇرىدىكەن.
$ b) c( q( C2 z0 ~7 G' S) H1 X/ N$ `! _' C: h4 o
مەن زىيارەت قىلغان بىر نەچچە ئوقۇش قوراللىرى ماگىزىنىدا ماي قەلەم، ئۆچۈرگۈچلەرلا خۇش پۇراقلىق بولۇپ قالماي، يەنە يالتىراق نۇر قەلەملەردىنمۇ خۇش پۇراق چىقىپ تۇرىدىغانلىقىنى بايقىدىم. بىراق بۇ خۇش پۇراق ئوقۇش قوراللىرىنىڭ ئورالمىسىدا تەركىب كۆرسىتىلگەن مەزمۇننى تاپقىلى بولمايدىكەن.
2 [$ l+ C3 @2 q N5 Gنۇرلۇق يولىدىكى بىر چوڭ تاللا بازىرىدىكى نۇرغۇن كىتاب تاشلىقىغا «مۇھىت بۇلغىمايدۇ، زەھەرسىز» دېگەن خەتلەر يېزىلىپتۇ، خاتا خەت بويىقىنىڭ قۇتىسىغا «فورمالىن قوشۇلمىغان» دەپ يېزىلىپتۇ. ئەمما، ئالدىدىكى ماگىزىنلاردىكى تەركىبىي ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن ئوقۇش قوراللىرىنىڭ باھاسى بۇ تاللا بازىرىدىكى «زەھەرسىز» ئوقۇش قوراللىرىنىڭكىدىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىكەن.
: @2 A( [9 I3 p0 ^
" I* }4 k+ v2 C y' J& zئائىلە باشلىقلىرى خۇش پۇراق ئوقۇش قوراللىرىنىڭ زەھەرلىك بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ* X' C b0 C9 e' z: t9 \
7 f; y8 G+ u3 P6 `: \( Q( kبالىسىغا ئوقۇش قوراللىرى ئېلىپ بېرىشكە چىققان جۈ خانىم ماڭا: «بالام خۇش پۇراق ئوقۇش قوراللىرىغا بەك ئامراق، ئۆچۈرگۈچ، ماي قەلەم، ھەتتا قەلەم قۇتىسىدىنمۇ خۇش پۇراق چىقىپ تۇرىدۇ. بىر قېتىم بالامنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىنى ئېچىپ قاپتىمەن، تارقالغان خۇش پۇراقتىن كۆڭلۈم ئېلىشىپ كەتتى، بالام تاپشۇرۇق ئىشلىگەندە بۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچرامدىغاندۇ؟ بۇ خۇش پۇراقلار بالامنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتەمدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىدىم»، دېدى.
! B+ A# P6 e4 ^8 ?5 Z h1 V
, i; O9 u/ X, Q) U; s' _& v7 xلى خانىم ماڭا: «تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان قىزىم خۇش پۇراق ئوقۇش قوراللىرىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ، مەن ئۇنى ئالماڭ دېسەم، ئۇ گەپ ئاڭلىماي، ئالىمەن، دەپ تۇرۇۋالدى، سومكىسى مۇشۇنداق ناھايىتى قويۇق، ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان خۇش پۇراق ئوقۇش قوراللىرى بىلەن تولۇپ كەتتى، مەن بۇنداق خۇش پۇراق ئوقۇش قوراللىرىنىڭ بالامنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ئەنسىرەيمەن»، دېدى.
' @& C3 a! d) q4 b, Y, F- @0 N/ d/ K) f" c. P
مۇتەخەسسىسلەر: بەدەنگە تەسىر قىلىدۇ، دېدى
" I; g' _9 h+ y/ }$ D ]
9 |0 v7 u7 K( p6 _) Zشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خىمىيە ۋە خىمىيە سانائىتى ئىنستىتۇتىدىكى ۋۇ فامىلىلىك دوكتور مۇنداق دېدى: تەبىئىي خۇش پۇراق ماتېرىياللارنىڭ باھاسى ناھايىتى ئۆرە بولغانلىقتىن، بازاردا خۇش پۇراق چىقىرىشقا قوشۇلىدىغان ماددىلار ئادەتتە سۈنئىي خام ئەشيا، ئەمما سۈنئىي خام ئەشيا سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال ۋە يېمەكلىككە ئىشلىتىلىدىغان ماتېرىيال دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ، بۇ خام ئەشيالارنىڭ ئۆزى زەھەرسىز بولسىمۇ، بىرىكتۈرۈش جەريانىدا چىقىرىپ تاشلاشقا بولمايدىغان قوشۇمچە مەھسۇلات ھاسىل بولۇشى مۇمكىن، بۇلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بەدىنىگە تەسىرى بولىدۇ، مەسىلەن: ئوقۇش قورالىنىڭ پۇرىقى زىيادە كۈچلۈك بولۇپ كەتسە، بالىلارنىڭ پۇراش سېزىمىغا زىيان يېتىشى، ئۇزاق ۋاقىت ئىشلەتكەندە بالىلاردا ئاسانلا چېچىلىش قاتارلىق ناچار كەيپىيات كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئاتا – ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك بولمىغان، بۇرۇننى ئېچىشتۇرمايدىغان، تەبىئىي رەڭلىك ئوقۇش قوراللىرىنى سېتىۋېلىشى كېرەك.
7 {8 s8 I2 y( H. \1 U
* u0 @; D* l0 q1 b5 m. V( z# uمەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورىرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |