ئىللىق مۇنبىرى-教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQ بىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

جەمئىي مىكروبلوگ 873 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 812|ئىنكاس: 2

دەرىس ھازىر ساۋاتسىزلىقنىڭ ئۆلچىمى قانداق؟تەييارلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

179

تېما

276

يازما

4687

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1379 سەر
تۆھپە
901 سەر
تىللا
721 دانە
جەۋھەر
6 دانە
3d ( r, e% R2 P& |6 K
ھازىر ساۋاتسىزلىقنىڭ ئۆلچىمى قانداق؟
' t2 `+ x: ?* ?- I. T! K 4444.png
* k; Y" N4 t9 s5 u' i% ]4 B2 D8 l6 H. t
بەلكىم، نۇرغۇن كىشىلەر ئەنئەنىۋى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپبەنى تۈگەتسە، تۆت ئەمەلنى بىلسە ساۋاتلىق بولمامدۇ؟-دېيىشى مۇمكىن. ئەمما، ب د ت نىڭ ھازىرقى ئۆلچىمى بۇيىچە بولغاندا، بىرىنچى تۈردىكى ساۋاتسىزلار خەت تونۇمايدۇ. ئىككىنچى تۈردىكى ساۋاتسىزلار ھازىرقى زاماندىكى بەلگىلەر (يەنى خەرىتە، …دېگەندەك)نى تونۇمايدۇ. ئۈچىنچى تۈردىكى ساۋاتسىزلار كومپيۇتېر ئىشلىتىپ ئۆگىنىش، ئالماشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى بىلمەيدۇ. كېيىنكى ئىككى تۈردىكى ساۋاتسىزلار «تېخنىكىلىق ساۋاتسىز» ھېسابلىنىدۇ. گەرچە ئۇلار خەت ئوقۇشنى بىلسىمۇ، لېكىن، ھازىرقى ئۇچۇرلاشقان دەۋردە نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە., I! a7 W- W. s, R
  x/ G3 h. y6 K' {$ c# `
شىنجاڭدىكى سودا-سانائەت بانكىسى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى،…قاتارلىق بارلىق ئاپتوبانكا (ATM) نىڭ يۇمشاق دېتالىدا ئۇيغۇرچە يېزىقمۇ تەڭ ئىشلىتىلدى. لېكىن، بەزىلەر يەنىلا خەنزۇچە سىستېمىغا كىرىپ پۇل ئالىدىكەن، بەزىلەر ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىلسىمۇ ئىشلەتمەيدىكەن ياكى ئىشلىتىشتىن ئەنسىرەپ يەنىلا مۇلازىمەتچى خادىمغا ئۆچىرەت ساقلاپ پۇل ئالىدىكەن. نېمە دېگەن ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ھە؟! دېمەك، ئۇيغۇرچە يېزىقنى بىلسىمۇ، لېكىن، شۇ ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىشكە جۈرئەت قىلالمايدىكەن ياكى ئىشلىتىپ بېقىشقا تىرىشمايدىكەن.
  [. l2 T' o4 \5 U
( @( Q5 o) ]/ o% O5 jمەن ئالىي مەكتەپتە خىزمەت قىلىمەن، بۇ يەردە ئاساسەن بىلىملىك كىشىلەر توپلاشقان، ئەمما، ھەتتا چەتئەللەردە تەبىئىي پەنلەردە دوكتۇر بولۇپ كەلگەنلەر ياكى مۇشۇ يەردە ئۇزۇن مۇددەت خىزمەت قىلىپ پىروفېسسور بولغانلار ئارىسىدىمۇ، بەزى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ئىشلار دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: 10 يىلنىڭ ئالدىدا VCD تازا ئومۇملاشقان دەۋردە، چەتئەلدىن قايتىپ كەلگەن بىرەيلەن CD ئاپپاراتىنى سېتىۋېلىپ، ئۆيىدىكى تېلېۋىزورغا چېتىپ قاملاشتۇرالماپتۇ. ئۆيىگە بارسام بىر قۇلىدا «ئىشلەتكۈچىلەر قوللانمىسى»نى بار ئىكەن، ئەمما، سۈرەت چىقمىدى-دەپ جىلە بولۇپ تۇرۇپتۇ. قۇلىدىكى قوللانمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەپتۇ دېسە ھېچكىمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. ئاپپارات ئىچىدە «تارىم» دېگەن VCD (سىنتەخسە) بار ئىدى. ئۇ مېنىڭ بۇ ئاپپاراتىم چەتئەلدىن كىرگەن ھەقىقىي مەھسۇلات، سۈپىتى ئىشەنچلىك، لېكىن، ماۋۇ «تارىم» دېگەن سىنتەخسە ساختا ئوخشايدۇ-دېدى. ئەمما، مەن گەپ قىلماستىن ئۇ كىشىنىڭ يان كومپيۇتېرىغا سېلىپ سۈرەتنى چىقىرىپ بەردىم. ئەمما، ئۇ بۇ سىنتەخسىغۇ ساختا ئەمەس ئىكەن، لېكىن، نېمە ئۈچۈن مېنىڭ بۇ ئاپپاراتىمدا چىقمايدۇ، قارىغاندا بۇ تەخسىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن ئىكەن-دەپ گۇناھنى يەنىلا سىنتەخسىگە ئارتىپ تۇرىۋالدى. مەن ئۇ ئاپپاراتنىڭ CD قويغۇچ ئىكەنلىكىنى، قوللانمىنىڭ ئىككىنچى بېتىدىكى بۇ ئۈسكۈنە قويالايدىغان CD فورماتى پەقەت Audio CD (ئۈنتەخسە) بىلەن چەكلىنىدۇ دېگەن خەتنى كۆرسىتىپ قويساممۇ، لېكىن، ئۇ سىنتەخسىدە ئاۋاز ۋە سۈرەت تۇرسا، ئاۋاز بولسىمۇ چىقىشى كېرەك ئىدىغۇ؟-دەپ تۇرىۋالدى. ئەمما، مەن ئارتۇق چۈشەندۈرۈشتىن ۋاز كېچىپ، ئىشىم بار ئىدى دەپ چىقىپ كەتتىم. بۇ مىسالدا بۇ كىشى Audio CD ئاپپاراتىدا Video CD نى كۆرىمەن دەپ خېلى تىرىشىپ باققان. ئۇيغۇرچە ATM دىن پۇل ئېلىشقا تىرىشىپ باقمايدىغان كىشىدىن زور پەرقلىنىدۇ. ئەمما، مەقسەتسىز تىرىشىپ بېقىشمۇ ۋاقىتنى ئەڭ زايە قىلغان بىلەن باراۋەر ئىكەن. بۇنداق ئىشتا نەتىجە چىقىش تەس. لېكىن، مەقسەت ئېنىق بولسىمۇ، تىرىشماسلىق ئەڭ قاملاشمىغان ئىش. بۇ خۇددى ئۇيغۇرچە ATM نى ئىشلىتىشكە تىرىشماسلىققا ئوخشايدۇ./ f8 \2 X: R$ Q3 y% W1 C

. J* H0 V% H0 C/ I. K6 r8 a5 \ئۇيغۇرسوفت يېڭى قۇرۇلغان مەزگىللەردە خېرىدارلار دائىم ئەلكاتىپ يۇمشاق دېتالى تەخسىسىنى ئۆيىدىكى VCD ياكى DVD ئاپپاراتىغا سېلىپ، سۈرەت چىقمايدىكەنغۇ؟ بۇ زادى قانداق كىنو تەخسىسى-دەپ تېلېفوندا بىزنى تىللاپ كېتەتتى. گەرچە بۇنداق خېرىدارلار ھازىر ئاساسەن قالمىغان بولسىمۇ، لېكىن، «ئەلكاتىپ» نىڭ قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش چۈشەندۈرۈشىدىكى مەزمۇنلارنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغانلار يەنىلا بار. ئالدىن ھەپتە بىرسى تېلېفوننى ئېلىپلا: «مەن ئەلكاتىپنىڭ ھەقسىز نۇسخىسىنى سىلەرنىڭ تورىڭلاردىن چۈشۈرگەن ئىدىم، لېكىن ھەقسىز نۇسخىسىدا قازاقچە بولمايدىكەن»-دەپ سۆزلەپ كەتتى. مەن سۈكۈتتىكى ھالەتتە قازاقچىنى قاچىلىمايدۇ، ئەمما، كونترول تاختىسىدىن تەڭشەپ، قازاقچە كىرگۈزۈشنى قوشۇشقا بولىدۇ، ئىشلىتىش قوللانمىسىدىن كۆرۈۋالسىڭىز بولىدۇ-دېسەم، تېلېفوندا دەپ بەرسەڭ نېمە بولىدۇ؟-دەپ تۇرىۋالدى. ئۇنداقتا، كونترول تاختىسىنى ئېچىڭ دېسەم، كومپيۇتېرىمدا ئۇنداق نەرسە يوق دەپ تۇرىۋالدى. مەن ئالدىراشلىقىمنى ئېيتىپ، بىزنىڭ مەخسۇس مۇلازىمەت تېلېفونىمىز ۋە خادىمىمىز بار، شۇ يەرگە تېلېفون قىلىڭ، ئۇلار ھەل قىلالمىغان تېخنىكىلىق مەسىلە بولسا مەن چۈشەندۈرۈپ قوياي-دەپ تېلېفوننى بېسىۋەتتىم. بەلكىم، بۇ كىشى مۇلازىمەت ياخشى ئەمەسكەن دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
) z3 |" k9 A: z
7 V) o( e! A( j9 Z- _6 _7 k/ ^مەقسەت ئېنىق بولسىمۇ، تىرىشىپ باققان بولسىمۇ لېكىن، سۆزلىگۈچىنىڭ بايانىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىسە، بۇ تېخىمۇ قاملاشمىغان ئىش. شۇڭا، كىتاب ئوقۇغاندا تەپەككۇر قىلىش، مۇلاھىزە قىلىش ۋە ئويلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھالقىلىق ئامىل ئىكەن. چۈنكى بەزىلەر تىل بىلمىسىمۇ چۈشەندۈرۈش كىتابىدىكى رەسىم، بەلگىلەرگە قاراپ ئىنگلىزچە يېزىقلارنى ئۇيغۇرچە لاتىنچە ئارىلاشتۇرۇپ ئوقۇپ يۈرۈپ، تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىرىنى راۋان قىلالايدۇ. مەسىلەن: 30 يىلنىڭ ئالدىدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر ناھىيەدە خەنزۇچە بىلمىسىمۇ خەنزۇچە «ئېلېكتىرون دۇنياسى» (电子世界)، «رادىيو» (无线电) دېگەن ژۇرنالنى چالا-بۇلا كۆرۈپ، سىملىق تېلېفون تېخى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىمۇ ئومۇملاشمىغان دەۋرلەردە سىمسىز تېلېفون ياساپ سۆزلىشىپ يۈرگەن، ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردىمۇ رەڭسىز تېلېۋىزور ئومۇملاشمىغان ۋە ھەر قايسى ناھىيەلەردە تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ئىستانسىسىلىرى قۇرۇلمىغان دەۋرلەردە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە قوبۇللىغۇچىنى ياساپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرگەن كىشى ئارىمىزدا بار. مەن بۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئىدىم. شۇڭا، مەيلى ئۇ كىشى دوكتور بولسۇن ياكى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن بولسۇن، ئىنسان ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
7 h9 o5 ~  r' Q7 v6 N# n) n2 Y& I+ O: d% o2 @$ W- M2 y
يېقىندا مەن تېخى ئۇيغۇرسوفت ئۈچۈن يۇمشاق دېتال تېخنىكىسىغا ئائىت ئىنگلىزچە ماتېرىياللارنى تولۇق ھەزىم قىلىپ چۈشىنەلەيدىغان ۋە ئىنگلىزچە تەسىرات يازالايدىغان خادىملارنى ئىزدەۋاتسام، ئۆز ئانا تىلىدىكى قوللانمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدىغان ياكى تېلېفوندىكى مۇلازىمەتنى ئاڭلاپ چۈشىنەلمەيدىغان بۇنداق كىشىلەرمۇ خېلى بار ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم.5 U7 i9 T# V( a% |

% k( J: l/ C/ Z5 I) Cئۇنىڭدىن باشقا يەنە تېلېفون، رەقەملىك فوتو ئاپپارات ياكى تېلېكامېرا سېتىۋېلىپ، ئىچىدىكى ئىشلىتىش قوللانمىسى بۇيىچە مەشغۇلات قىلالمىغانلارنى دائىم ئۇچرىتىپ قالىمەن. ئۇلار تېخى: «بۇ مېنىڭ كەسپىم ئەمەس، مەن دېگەن ئەدەبىياتتا ئوقۇغان تۇرسام»-دەپ قويىدىكەن. ئەجەبا بۇ نەرسىلەرنىڭ كەڭ ئاۋام بازىرىغا يۈزلەنگەن ئاددىي بىر ئىستىمال مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ قارىغاندا ب د ت نىڭ ئۆلچىمى بۇيىچە بولغاندا، ئارىمىزدا «تېخنىكىلىق ساۋاتسىزلار» خېلى بار ئوخشايدۇ. 60-يىللاردا ياكى ئۇنىڭدىن بۇرۇن تۇغۇلغانلارغا مەيلى دېسەكمۇ، لېكىن، مەن زامانىمىزدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىچىدە بىرەرسىنىڭمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ قېلىشىنى ھەرگىز خالىمايمەن.# n, M- R* L+ D  u

8 I6 `$ _! i1 Q% p+ w4 s  V5 nمەنبەسى: ئالىم ئەھەت بلوگى9 E' X4 ^# M) Z8 _! ^( w
ئىزدە

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

179

تېما

276

يازما

4687

جۇغلانما

تەجىربىلىك ئەزا

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

قىزغىنلىق
1379 سەر
تۆھپە
901 سەر
تىللا
721 دانە
جەۋھەر
6 دانە
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2012-11-2 09:14:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نۇرلان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-11-2 09:18  1 H# s9 h' p- ~4 r, ~2 H
  a- Y) M6 D6 A. r) o+ @
ھەقىقەتەن جەمئىيىتىمىزدە كۆپ كۆرۈلۈۋاتقان ئىشلار تىلغا ئېلىنىپتۇ. ئەگەر بۇ ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىساق، ساۋاتلىق سالاھىيىتىگە كىرىدىغانلار ئانچە كۆپ بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما بۇ دەۋر، جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى، بۇنىڭغا ماسلاشماي، «ئۇندىغەي، مۇندىغەي»دەپ قاقشاپ يۈرسەك، قاقشاپلا قالىمىز. كۈندىن كۈنگە ناتونۇش نەرسىلەر كۆپىيىدۇ. شۇڭا ئېپى كەلسىلا، ئېتىشىپ تۇرغىنىمىز ياخشى. مېنىڭچە، يەنە ماشىنا ھەيدەشمۇ ئۇقماسلىق، رەسىم تارتىش ئاپپاراتىنى ئىشلىتەلمەسلىك… قاتارلىقلارمۇ ساۋاتسىزلىق دائىرىسىگە كىرىدۇ.
! m' Z) F( ~8 Y( Y! E8 N3 y8 n6 jمەن ھازىرغىچە، ATM نى ئىشلەتكەندە، ئۇيغۇرچە يېزىقنى تاللاپ ئىشلىتىۋاتىمەن. ئۆتكەندە بىرىدىن «ئەگەر ATM دا ئۇيغۇرچە يېزىقتا مەشغۇلات قىلىش تۆۋەنلەپ كەتسە، ATM دىن ئۇيغۇرچە يېزىق چىقىرۋېتىلەرمىش» دېگەندەك بىر مىش-مىش گەپنى ئاڭلاپ قىلىپ، سەل چۆچۈگەنىدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئەتراپىمدىكى بۇرادەرلەرنىمۇ ئۇيغۇرچە يېزىق تاللاپ ئىشلىتىشكە دەۋەت قىلىۋاتىمەن.6 L1 G0 w2 m8 D0 c1 t- N7 K/ r
( K0 M% e3 x8 z" g5 Q; E' ]& O8 ]- g

658

تېما

1153

يازما

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر مەسئۇلى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

قىزغىنلىق
9198 سەر
تۆھپە
2742 سەر
تىللا
6072 دانە
جەۋھەر
17 دانە
ۋاقتى: 2012-11-2 13:26:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم بىر ناھىيەدە خەنزۇچە بىلمىسىمۇ خەنزۇچە «ئېلېكتىرون دۇنياسى» (电子世界)، «رادىيو» (无线电) دېگەن ژۇرنالنى چالا-بۇلا كۆرۈپ، سىملىق تېلېفون تېخى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىمۇ ئومۇملاشمىغان دەۋرلەردە سىمسىز تېلېفون ياساپ سۆزلىشىپ يۈرگەن، ئۈرۈمچىدەك چوڭ شەھەردىمۇ رەڭسىز تېلېۋىزور ئومۇملاشمىغان ۋە ھەر قايسى ناھىيەلەردە تېلېۋىزىيە ئۇلاپ تارقىتىش ئىستانسىسىلىرى قۇرۇلمىغان دەۋرلەردە سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە قوبۇللىغۇچىنى ياساپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى كۆرگەن كىشى ئارىمىزدا بار
ئاىمىزدا يۇقارقىغا ئوخشاش ئىزدەنگۈچلەرمۇ بار ،ئەكسىچە ئالى مەكتەپاەرنى پۈتتۈرۈپمۇ ،ئەڭ ئاددى ساۋاتلارنى بىلمەيدىغالار نۇرغۇن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى



بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان. 
免责声明:本论坛所有来帖仅代表网友个人观点,不代表宝剑网站立场。本站只提供交流平台
بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ
本站禁止色情,政治,反动等国家法律不允许的内容,注意自我保护,谨防上当受骗