ئۇيغۇر
ئىران __ غەربىي ئاسىيادىكى 4000 -5000 يىللىق ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت. ئۇزاق تارىختىن بۇيان، بۈيۈك مەدەنىيەتلەرنى ياراتقان ئىرانلىقلار تارىختا «پارس»لار دەپ ئاتىلاتتى. پارسلارنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 2700 -يىلىدىن باشلاپلا يېزىق بىلەن خاتىرلەنگەن تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بار. ئىران كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بولۇپ، پارسلاردىن باشقا ئەزەربەيجان، ئەرەب، كورد، تۈركمەن قاتارلىق مىللەتلەر بار، پارسلار كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدۇ. پارسلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولۇپ، ئىراننىڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ. 2006 - يىللىق ئەڭ يېڭى ستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىراننىڭ نوپۇسى 70 مىليون بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە پارسلار% 66نى ئىگىلەيدۇ. پارس تىلى ۋە پارس يىزىقى قوللىنىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن. پۇل بىرلىكى رىيال. % ]( X3 l( R. A8 E
1 Q/ I1 q4 X( F) dئىرانلىقلارنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشىتىكى قائىدە - يوسۇنلىرى
- l1 D' q& o& x% H, z* J+ ?
5 I5 j( K5 z! K4 j/ e) _& v5 v9 _1 t7 D" Y+ @; m
ئىرانلىقلار قەدىمدىن تارتىپلا ناھايىتى قائىدە - يوسۇنلۇق مىللەت. كىشىلىك ئالاقىدە ئەڭ نازۇك نۇقتىلارغىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ. باشقىلارنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى «پېقىر، كەمىنىلىرى» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاتايدۇ. « پەرمان بەردارمەن»، « بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىم»، « سىز ئۈچۈن ئىش قىلىپ بېرىش مېنىڭ خۇشاللىقىم» دېگەندەك تەكەللۇپ سۆزلىرىنى كۆپ ئىشلىتىدۇ. كۆرۈشكەندە ئەدەپلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ ئۆز - ئارا سالاملىشىش ئىرانلىقلارنىڭ بىر گۈزەل ئەخلاقى. مەيلى تونۇشسۇن ياكى تۇنۇشمىسۇن، ئۆز ئارا سالام قىلىشنى ئۇنتۇمايدۇ. ئىرانلىقلار ئۆزئارا ئىسىملىرىنى ئاتاشقاندا بىۋاسىتە قارشى تەرەپنىڭ ئىسمىنى دېمەستىن، بەلكى ئىسىمىنىڭ ئالدى ياكى كەينىگە شۇ كىشىنىڭ كەسپى ياكى ئىلمىي ئۈنۋانى قاتارلىقلارنى قوشۇپ چاقىرىشقا ئادەتلەنگەن. مەسىلەن: «دوكتور مۇھەممەد ئەپەندى، ئىنژېنېر ھۈسەيىن» دېگەندەك. . . ئىرانلىقلار ئادەتتە قول ئېلىشىپ، ئاندىن ئىككى مەڭزىگە سۆيۈپ ئۆزئارا سالام قىلىشىدۇ. ئىرانلىقلارنىڭ دەرىجە قارىشى ناھايىتى يۇقىرى، دەرىجىسى تەڭ كىشىلەر ئادەتتە لەۋلىرىنى ئۆزئارا تەگكۈزۈشۈپ كۆرۈشىدۇ، دەرىجە جەھەتتە سەل پەرق بار كىشىلەر بولسا بىر- بىرىنىڭ مەڭزىگە سۆيۈشىدۇ، دەرىجە پەرقى چوڭ بولغان كىشىلەر بولسا ئۆزئارا ئىگىلىپ سالاملىشىدۇ، ئەلۋەتتە ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئۆزئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈشكە بولمايدۇ.2 o3 v1 a' a$ q) X5 X
ئىراندا ئاياللار ۋە ياشانغانلار ناھايىتى ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىشىكتىن كىرىپ - چىقىشتا ئاۋۋال ئاياللارغا يول بېرىلىدۇ، داستىخانغا ئاۋۋال ئاياللار قول ئۇزىتىدۇ. ئاپتوبۇسلاردا ئاياللارغا ئورۇن بوشىتىلىدۇ. ئانا ئۆيگە كىرگەندە، بالا ئورنىدىن تۇرۇپ ئانىنىڭ ماقۇللۇقىدىن كېيىن ئولتۇرىدۇ. ئائىلىدە ئاياللارغا، قىزلارغا ناھايىتى كۆيۈنىدۇ، ئاتا - ئانىلىرىنىڭ غۇربەتچىلىكتە قىينىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ، شۇڭا ئۇلار بار كۈچى بىلەن تىرىشىپ، ئۆز ئائىلىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، ئاتا - ئانىسىغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ.2 v/ U# }$ M$ E. ^3 c6 V
ئىرانلىقلارنىڭ ۋاقىت كۆزقارىشى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، بۇنى بىرخىل ئىجتىمائىي ئالاقىدىكى ئەخلاق مەسىلىسى قاتارىدا سانايدۇ. بىرەر كىشى بىلەن ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئولتۇرۇپ پاراڭ سېلىشقاندا، ئىككى قوللىرىنى گىرەلەشتۈرىۋالماسلىق كېرەك، بۇنى ئىرانلىقلار قارشى تەرەپنى كۆزگە ئىلمىغانلىق دەپ قارايدۇ.
( A4 k) B1 B. y6 v* ?1 p. A- g! v' S% Q! ]9 I+ ~1 ~1 ^
M( M+ n0 h0 g7 t1 c7 {6 z" Wئىرانلىقلارنىڭ يېڭى يىلى __ نورۇز بايرىمى
: {+ S, ?2 ]8 Sۋە «ئوت يالقۇنىدىن سەكرەش»3 j" r! F* ]( F# ?) ?, ?$ ?
* \' ]# O8 t+ o' \& `
5 N: [) l% j- d: {0 u 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە نورۇز بايرىمى ئىرانلىقلارنىڭ يېڭى يىل بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. شەمسىيە يىلى بويىچە ھېسابلىغاندا 1 -ئاينىڭ 1 -كۈنى يەنى ئىرانلىقلارنىڭ يېڭى يىلى __ نورۇز بايرىمى مىلادىيە 3 -ئاينىڭ 21 -كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. نورۇز بايرىمىدا كىشىلەر بايرام شادلىقىغا چۆمۈش بىلەن بىرگە «ئوتتىن سەكرەش» دەپ ئاتىلىدىغان بىرخىل ئۆزگىچە پائالىيەتنى ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل پائالىيەت كونا يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چارشەنبە كۈنى كەچتە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇخىل ئوتتىن سەكرەش پائالىيىتى ئىرانلىقلار قەدىمدە ئېتىقاد قىلغان «ئاتەش دىنى»دىن كەلگەن ئىكەن. بۇ كۈن ئاخشىمى ئىرانلىقلار مەھەللە - مەھەللىلەردىن يىغىلىپ، يەتتە ئوت دۆۋىسى ھازىرلاپ، قايناق كەيپىيات ئىچىدە ئوت دۆۋىسىدىن سەكرەپ ئۆتۈشىدۇ، ئوتتىن سەكرىگەندە « يۈزۈمدىكى سېرىقلىقنى (كېسەللىكلەر، بالا-قازالار كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ساڭا بەردىم، سىنىڭ قىزىللىقىڭنى (ساغلاملىق، بەخت - سائادەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ) ماڭا بەر!» دېگەندەك سۆزلەرنى تەكرارلىشىدۇ. قىزلار يۈزلىرىگە چۈمبەللەرنى تارتىپ كۈمۈش قوشۇقلارنى جاراڭلىتىپ، ئۆيمۇئۆي يۈرۈپ كەمپۈت يىغىدۇ. كىشىلەر مەھەللە دوقمۇشلىرىغا مۆكۈنۈۋېلىپ باشقىلارنىڭ سۆزىنى تىڭشايدۇ، ھەم ئاڭلىۋالغان تۇنجى گېپىگە ئاساسەن پال سېلىشىپ ، يېڭى بىر يىلدا بولىدىغان ياخشى - يامانلىقلاردىن بېشارەت تاپىدۇ. يېڭى يىل ئاخشىمى بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ تاماق يېيىشىدۇ، تاماق ئۈستىلىدە ئېسىل تائاملاردىن باشقا، «قۇرئان كەرىم» قويۇلۇپ، ئۆزئارا ئامانلىق، نۇسرەت تىلىشىدۇ. داستىخاندا يەنە پۇرچاق، بۇغداي ئۈندۈرمىسى، ئالما، ئاچچىقسۇ، سامساق، تېتىتقۇ، مالتۇزا، تىللا قاتارلىق يەتتە تۈرلۈك نەرسە كەم بولسا بولمايدۇ. قىززىق يېرى، يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان بۇ يەتتە تۈرلۈك نەرسىلەرنىڭ نامى پارس تىلىدا ئوخشاشلا «س» ھەرىپى بىلەن باشلانغان. بۇ نەرسىلەر ئارقىلىق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ بەخت- سائادەتكە، تىنچ - خاتىرجەم تۇرمۇشقا، باياشاتلىققا بولغان تىلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يېڭى يىلنىڭ دەسلەپكى ئۈچ كۈنى ئىچىدە تۇغقانلار ئۆزئارا پەتىلىشىدۇ. «13» رەقىمىنى ئىرانلىقلار خەيرلىك سان ئەمەس دەپ بىلگەچكە، شۇ ئاينىڭ 13 - كۈنى ئائىلە بويىچە سىرتقا سەيلىگە چىقىپ كېتىدۇ.
) {% {3 M" q7 q. c6 g1 t8 o# p0 M% h! y* y& T0 Z& A% V
توي - تۆكۈن ئادەتلىرى
5 D9 ?! @- d) P, @- ^. c; H- n0 T% D
2 B! x" l/ D8 |2 }$ B" _6 V8 Q7 v* r
ئىراندا ئوغۇللار 12 ياشقا، قىزلار 9 ياشقا كىرگەندىلا توي ئۈچۈن چاي ئىچىرۈشكە بولىدۇ. ئەڭ بالدۇر بولغاندا 15 ياشتا توي قىلىشقا بولىدۇ. قىز - ئوغۇللار ئەركىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشقا پۈتۈشكەندىن كېيىن، ئاۋۋال ئاتا - ئانىلارنىڭ رازىلىقى ئېلىنىپ، ئوغۇلنىڭ ئاتا - ئانىسى توي ئىشىغا قوشۇلسا، قىز تەرەپكە خەت ئەۋەتىپ ئەلچىلىككە كىرىش رۇخسىتى ئېلىنىدۇ، ئەگەر قىز تەرەپ ماقۇل بولمىسا ئەلچىلىككە بېرىشقا بولمايدۇ.
' x: P% ~2 D% v( C) I ئىرانلىقلارنىڭ توي ئىشلىرىدا قەدىمدىن ھازىرغىچە ساقلانغان خىلمۇخىل ئۆزگىچە ئادەتلەر بار. بەزى رايونلاردا قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپتىن «سۈت ھەققى» تەلەپ قىلىدۇ، سۈت ھەققىنى ئوغۇل تەرەپ ئۆز ئىقتىسادىغا قاراپ تۇرۇپ بېرىدۇ. سۈت ھەققىدىن باشقا، قىز تەرەپ ئوغۇل تەرەپتىن «تەكلىپ خىراجىتى» تەلەپ قىلىدۇ. ئادەتتە « تەكلىپ خىراجىتى»نىڭ سانى خېلى كۆپ بولۇپ، تويدىن كېيىن ناۋادا ئەر ئاجرىشىپ كېتىشنى تەلەپ قىلغاندا، بۇ پۇلنىڭ ھەممىسى ئايالغا قالىدۇ. پۇلنىڭ سانى توي خېتىگە يېزىلىپ قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، شۇڭا، ئەر ئاجرىشىپ بولۇپ پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشنى رەت قىلسا، قانۇنىي جازاغا تارتىلىدۇ. X% z" ^. z# [" c4 v
ئىراننىڭ يەنە بەزى رايونلىرىدىكى كىشىلەر باشقىلارنى تويىغا چاقىرغاندا ئۆزئارا باغاق يېزىشماي، پەقەت قارشى تەرەپكە كەمپۈت، لۆڭگە، پايپاق، كۆڭلەك، گىلەم قاتارلىق ئاددىي سوۋغىلارنى ئەۋەتىش ئارقىلىق تويى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تەكلىپ قىلنغۇچىمۇ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، تويى بولغۇچىنىڭ ئۆيىگە تاتلىق - تۇرۇم، ئۇن- ياغ، قوي- كالا قاتارلىق سوۋغىلارنى ئېلىپ بارىدۇ.
+ z$ l6 o3 M& b- I& K& l; P توي مۇراسىمىدىن كېيىن، كىشىلەر توپ بولۇشۇپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە قىز مېلىنى يىگىتنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىدۇ. ئاندىن يىگىت بىردەستە گۈلنى ئېلىپ ئاتقا مىنىپ قىزنى يۆتكەشكە بارىدۇ. يىگىت قىزنى ئېلىپ بىر ئاتقا مىنىپ ئۆزىنىڭ ئۆيىگە قايتىدۇ. ئىشىك ئالدىدا كىشىلەر قوي سويۇپ ئۇلارنى تەبرىكلىشىدۇ، قىز بىلەن يىگىت سويۇلغان قوينىڭ قېنى ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈدۇ.' ], M, S2 A+ X$ k9 ~
بەزى رايونلارنىڭ قائىدىسى بويىچە، تويى بولغان قىز - يىگىت بىر يىلغىچە ئاتا - ئانىلىرىنىڭ ئۆيىگە قايتمايدۇ. بىر يىلدىن كېيىن، قىزنىڭ ئاتا - ئانىسى قىز - يىگىتنى ۋە قۇدىلارنى ئۆيىگە چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ، قىز ئاتا - ئانىسىنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە تۇرۇپ، ئاندىن ئۆيىگە قايتىدۇ. ئوغۇلنىڭ ئاتا - ئانىسى ئوخشاش مۇراسىم شەكلىدە قىز - يىگىتنى، قۇدىلارنى ئۆيىگە چۈشلۈك تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ، تاماقتىن كېيىن ئاتا - ئانىلار قىز - يىگىتكە يەر، قوي - كالا قاتارلىقلارنى سوۋغا قىلىدۇ.* E$ ~" E. j, ^2 t6 m
ئىراننىڭ كۆپلىگەن رايونلىرىدا تا ھازىرغىچە قەدىمكى توي مۇراسىم ئادەتلىرى ساقلىنىپ قالغان. توي مۇراسىمىدا قىز - يىگىت ئالدىغا ئەينەك قويۇلىدۇ، ئەينەكنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئىككى سۈپۈرگە ئېسىلىدۇ، ئىككى تەرەپكە بىردىن شام يېقىلىپ، بىرى يىگىتكە، يەنە بىرى قىزغا سىمۋۇل قىلىنىدۇ. يىگىتنىڭ قېرىنداشلىرى بەلۋاغدىن بىرىگە نان، قايماق، كالا- قوي يېغى قاتارلىقلارنى ئوراپ، يەتتە يەردىن تۈگۈنچە قىلىپ قىزنىڭ بېلىگە باغلايدۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ قىزنىڭ كەلگۈسىدە يەتتە پەرزەنتلىك بولۇشىغا بولغان تىلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە بەزى رايونلاردا قىز بىر كىچىك ئوغۇل بىلەن ئاتقا مىنىپ يىگىتنىڭ ئۆيىگە كېلىدۇ. بۇ كەلگۈسىدە ئوغۇل پەرزەنتلىك بولۇش ئارزۇسىنى ئىپادىلەيدۇ.# J& {& y& p6 i6 ~( l$ H' B
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، ئىرانلىقلارنىڭ توي - تۆكۈن ئادەتلىرى خىلمۇخىل، ئەمما نېكاھنى مۇقەددەس بىلىش ھەممە يەردە ئوخشاش. ئىرانلىقلار تويدىن كېيىن ئائىلە ئىناقلىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئاياللار نومۇسچان بولۇپ، ئۆز دىيانىتىنى ساقلاش ئۈچۈن جېنىنىمۇ ئايىمايدۇ. توي قىلىپ بولغان ئەرلەرنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن قالايمىقان مۇناسىۋەتلەردە بولۇشى قاتتىق چەكلىنىدۇ، ھەتتا باشقا ئاياللارغا قارىشىمۇ ئەدەپسىزلىك سانىلىدۇ.كىيىنىش ئادىتى6 G) P: X) P; @3 E
ئىران ئەرلىرى كىيىم - كېچەك كىيىشتە ئاددى - ساددىلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئاياللارنىڭ ئاممىۋى سورۇنلاردا يۈزى ۋە قولىدىن باشقا جايلىرىنى ئوچۇق قويۇپ كىيىم كىيىشى چەكلەنگەن. بۇ قانۇنىي تۈزۈم بولۇپ، بۇخىل تۈزۈم بويىچە كىيىم كىيمىگەن ئاياللارنى ھەتتا ئىران ئاۋىئاتسىيە تارماقلىرى چېگرىدىن ئۆتكۈزمەيدۇ. مەن ئۆزۈم ئىرانغا بېرىپ باقمىغان بولساممۇ، ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق ئىرانلىقلارنىڭ كىيىم - كېچىكى توغرىسىدا ئىزدىنىپ كۆردۈم ھەم كۆپ ساندىكى رەسىملىك ماتېرىياللارغا ئېرىشتىم. ئىران ئەرلىرىنىڭ كىيىم - كېچەكلىرىدە باشقىلاردىن پەرقلىنىدىغان زور پەرق يوق ئىكەن. لېكىن، ئايال كىشىلەر ياغلىق بىلەن يۈزىنى ئوچۇق قويغان ھالەتتە بېشىنى ئورىۋالىدىكەن، يوپكا كەيمەيدىكەن، ئىشتان كىيىدىكەن، ھەتتا ئۇزۇن كەلگەن چاپىنىنىڭ پېشى تىزىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىكەن. ئىران ئاياللىرىنىڭ بۇخىل كىيىنىشى ئۇلارغا قانداقتۇر بىرخىل جەزبدارلىقنى ئاتا قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ گۈزەل چىرايى بىلەن شۇنداق سىڭىشىپ، ئايال كىشىگە خاس لاتاپىتىنى ھەقىقىي نامايان قىلغان. مەيلى ياشتا چوڭراقلىرى بولسۇن ياكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ قىزلىرى بولسۇن ھەممىسى مۇشۇنداق كىيىنىدىكەن. ! x8 Q5 d4 K2 m$ \5 ?
; j+ i0 Q2 f! h pپاكىزلىقنى سۆيىدىغان ئىرانلىقلار: V) v" f6 E/ j& ~2 ^# f: {) K# _
5 W6 C/ h6 q: H8 X; F4 J* }$ x% z+ ~ w4 e* x7 Y0 [
ئىرانلىقلار سۇنى ھاياتلىقنىڭ، پاكىزلىقنىڭ مەنبەسى دەپ ئالاھىدە قەدىرلەيدۇ. كىشىلەرنىڭ سۇنى بۇلغىشىنى يامان كۆرىدۇ. ھەرقانداق سورۇندا كىيىم - كېچەكلىرىنىڭ رەتلىك، پاكىز، خۇشپۇراق بولۇشىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. بەزى ماتېرىياللاردا، ئىراندا ئەڭ بۇرۇن سوپۇن ئىجاد قىلىنغان ھەم ئىشلىتىلگەنلىكى قەيت قىلىنغان. چۈنكى، مىلادىيىدىن بۇرۇنلا ئىرانلىقلارنىڭ سوپۇن ئىشلەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ماتېرىياللار ساقلانغان. يېڭى يىل ھارپىسى ھەممە ئائىلىدە چوڭ تازىلىق بولىدۇ، ھويلا- ئارام، ئۆي ئىچى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى پاكىزلىنىدۇ. r! R* k, O3 J! K2 o. O
: G0 ^* `* ~. E; y: fئىرانلىقلارنىڭ پەرھىزلىرى
x7 l7 t" u( \9 H4 {0 Y
$ g' s/ h5 n4 ?+ b9 E1 j* s: o1 e1 F. V1 _6 ~) u' t2 r
ئىراندا ھاراق ئىشلەپچىقىرىشقا، ھاراق ئىستېمال قىلىشقا، ھاراق سېتىشقا، قىمار ئويناشقا يول قويۇلمايدۇ؛ كىشىنى مەسخىرە قىلىش چەكلىنىدۇ، يات دىنلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلىش چەكلىنىدۇ. ئاياللار سىرتقا چىققاندا چوقۇم ياغلىق ئارتىدۇ، يۈزى ۋە قولىدىن باشقا جايلىرىنى ئوچۇق قويمايدۇ؛ ئىراننىڭ بەزى جايلىرىدا يول ئۈستىدە ئاياللار ئەرلەرگە ئۇچراپ قالغاندا ئۇدۇل ئۆتۈشۈپ كەتمەستىن، ئەگىپ ماڭىدۇ، ئەرلەرمۇ ھەم شۇنداق. ئۇلار ئىسقىرتىشنى يامان كۆرىدۇ، باشقىلارغا دۈمبىسىنى قىلىپ ئولتۇرۇشنى ئەدەپسىزلىك دەپ بىلىدۇ. كونا يىلنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چارشەنبە كۈنى قەرزى بارلار قەرزلىرىنى قايتۇرۇشى شەرت، بولمىسا قەرز شۇ بىريىلدا ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىلىدۇ. باشمالتاقنى ئالدىغا سوزۇپ باشقىلارغا ئىشارەت قىلىش ھاقارەتنى بىلدۈرىدۇ. كۈن پېتىشقا يېقىن، باشقىلارنىڭ ئۆيىگە تۇز سوراپ كىرىشكە بولمايدۇ، چۈنكى بۇ چاغدا تۇز سوراپ كىرىش تۇز سورىغۇچىنىڭ ئۆيىدە بىرسى تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ياكى كالا - قويلىرىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. باشقىلارغا سول قولى بىلەن نەرسە ئۇزاتمايدۇ، چۈنكى ئىرانلىقلار سول قولنى مەينەت دەپ قارايدۇ. قاسرىقى يوق، پالاقچىسى يوق سۇ ھايۋانلىرىنى يېمەيدۇ.7 A: b3 Q8 B' j
7 t7 R: ]# ]/ y3 b4 Z2 W, @مائارىپ تەربىيىسى3 z' c7 k' U+ _
: y& I; \ n5 u7 y2 N% D4 W) _; D, N
ئىرانلىقلار بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. بالىلارغا كىچىكىدە ئات مىنىش، قارىغا ئېتىش قاتارلىق تەنھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى ئۆگىتىدۇ. ئادەمدە قەھرىمانلارچە جاسارەت، ئىرادە بولۇشنى، ئوچۇق- ئاشكارا، پاك - دىيانەتلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىرانلىقلار يالغان گەپ قىلىشنى ناھايىتى يامان كۆرىدۇ، يالغان سۆزلەشنى بارچە يامانلىقلارنىڭ مەنبەسى دەپ قارايدۇ، شۇڭا بالىلارنى كىچىكىدىن راستچىل بولۇشقا ئۆگىتىدۇ. 4 O3 i5 k4 _* {: e7 O/ l
ئىران مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا زور ئەھمىيەت بەرگەن، ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئىران ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنى كۈچەپ ئىشلىگەن بولۇپ، ھازىر ئىران نوپۇسىنىڭ 85%تى مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن كىشىلەر ئىكەن. ئىران مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىران مۇشۇ بەش يىل ئىچىدە مائارىپ تەربىيىسى كۆرگەن كىشىلەرنىڭ سانىنى% 94كە يەتكۈزۈشنى پىلانلىغان. ئىران مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپلەردە ئەيدىز كېسىلىگە بولغان تونۇشنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان دەرسلىكلەرنى ۋە ( ITئۇچۇر پەن- تېخنىكىسى)، ( ITCكومپيۇتېر تېخنىكىسى) دەرسلىكلىرىنىڭ سالمىقىنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇشنى تەكىتلىگەن.
% y& I* E3 V6 D: P, o+ z7 a5 O3 j- y0 G8 x, W- ~8 {/ L
, T$ F' P' Z _0 }3 V" _7 M: f
پايدىلانمىلار:
% v& g# X% Y4 v/ l( e' d/ N) a2 F4 L1 .«دۇنيا ئۆرپ - ئادەت لۇغىتى»* |0 Y9 u) F9 o
2 .« دۇنيا مىللەتلىرى لۇغىتى»0 D7 M5 b3 s" n9 ]- h2 R
3 .«دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ۋە مەدەنىيىتى»! c% i3 r2 X$ A" a, g2 R- w
9 D4 L; D+ V. m& ?% M5 |& q
2 c P$ k7 d0 E, ^. \# o9 C(ئاپتور: «جۇڭگو مىللەتلىرى » ژۇرنىلى تەھرىراتىدا)( S& n9 ^) }( n' e
, `2 d3 e$ R$ @; c: U& ]3 o; tرەسىم
كىرگۈزگۈچ
ئايال
بالا
پەن
ئىللىق |