维吾尔教育网

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: دەرىسلىك لاھىيسى
جەمئىي مىكروبلوگ 704 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1497|ئىنكاس: 0

‹‹كىيۇ كىيۇ››مۇ يا ‹‹چ چ››مۇ؟(ھىدايەت)لۇغەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

296

تېما

8

ئەگەشكۈچى

2 تۈمەن

جۇغلانما

مۇنبەر باشلىقى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
4475
تىللا
2569
قىزغىنلىق
6938
تېما
296
يازما
723

最佳新人 活跃会员 热心会员 推广达人 宣传达人

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 16:37:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3d   ھازىر تور دۇنيايىمىزدا‹‹چ چ››دەپ ئاتىلىدىغان بىر ‹‹غەيرىي ئاتالغۇ››پەيدا بولۇپ،جەمئىيىتىمىزدە بارا-بارا ئوموملىشىشقا قاراپ يۈزلىنىۋاتىدۇ.بۇ خۇسۇستا كەمىنە ئاددى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي دەيمەن. {V:?r  . `2 @4 S2 x6 Q+ x' U) X; c
   مەلۇمكى،بىز ھازىر‹‹ چ››دەپ ئاتاۋاتقان ھەرپنىڭ كېلىش مەنبەسى بولسا-ئېنگىلىزچىدىكى‹‹Q››ھەرپى بولۇپ دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم خەلقلەر بۇ ھەرپنى ‹‹كىيۇ››دەپ تەلەپپۇز قىلىدۇ شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە ئېنگىلىزچىدە يوق بولغان‹‹ق››ھەرپىگىمۇ ۋەكىللىك قىلىپ قوللىنىدۇ.مەسىلەن:‹‹ئىراق››دىگەننى‹‹IRAQ››،‹‹قۇرئان››دىگەننى‹‹QURAN››...دىگەندەك.(يېڭىدىن مۇستەقىل بولغان ئۆزبېك،تۈركمەن قاتارلىق مىللەتلەرمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ،ھەتتا ئىجتىھاتلىق تەتقىقاتچى زىيالىلىرىمىز خەلقارالىق تەلەپپۇز قائىدىسىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈپ چىققان‹ئۇيغۇر لاتىن ھەرپ-يېزىقى›مۇ بۇ ھەرپنى‹ق›دەپ تەلەپپۇز قىلىۋاتىدۇ.)ھالبۇكى،خەنزۇچە پىڭيىن قائىدىسىدە بۇ ھەرپ ھىچبىر ئاساسسىزلا خەنزۇ تەلەپپۇزىدىكى چوڭ‹چ›(يەنى‹CH›)دىن پەرقلەندۈرۈلۈپ كىچىك‹چ›دىگەن تاۋۇشنى بەلگىلەيدىغان سۆز بولۇپ قالغان. ‹‹مەدەنىيەت ئىنقىلابى››مەزگىلىدىكى يېزىق ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىدە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى‹‹كونا يېزىق››دەپ كەمسىتىلىپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ھەمدە خەنزۇچە پىنيىن ھەرپىنى ئاساس قىلغان ئاتالمىش‹‹يېڭى يېزىق››مەجبۇرى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان(11-نۆۋەتلىك3-ئومومىي يىغىنىدىن كېيىن بۇ خاتالىق تۈزىتىلىپ ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ شۇ دەۋردە‹يېڭى يېزىق› ئۆگەنگەن بىر ئەۋلات كىشىلىرىمىز كېيىنچە ساۋاتسىزلاردىن بولۇپ قالغان).بۇ يېڭى يېزىق خەلقارالىق تاۋۇش بەلگىلەيدىغان تىرانسىپىرىتسىيەدىن مۇتلەق پەرقلىنىپ پەقەت خەنزۇچە پىنيىن ھەرپىنىلا ئاساس قىلغاچقا پۈتۈن دۇنيادا‹‹كىيۇ››ياكى‹‹ق››دەپ ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان ‹‹Q››ھەرپى بىزدە ئاڭسىز رەۋىشتە ھازىرقىدەك‹‹چ››بولۇپ قېلىۋەرگەن. J$'T2@H#  & O) l- R; {! R$ j; h) N4 S. E
   خوش،ئەمدى ھازىرقى كومپىيۇتېر ئۇچۇر دەۋرىگە كېلەيلى.دۇنيا بويىچە ئەڭ ئىلغار بىۋاسىتە ئالاقە ئىختىراسى بولغان(ھەم خەتلىك،ھەم تېلىفونلۇق،ھەم دىدارلىق بولغان)‹‹QQ››پۈتۈن دۇنيا تەرىپىدىن بىردەك بۇ كەشپىياتنىڭ ئىگىلىرىگە بولغان ھۆرمەت يۈزىسىدىن ئەسلى ئاھاڭ بويىچە‹‹كىيۇ كىيۇ››دەپ تەلەپپۇز قىلىنماقتا،ھەتتا بارلىق خەلقارالىق ئاتالغۇلارنى ئۆزى ئىجاد قىلغان ئۆلچەملىك خەنزۇ تىل-يېزىقى بىلەن ئىپادە قىلىشقا ئادەتلەنگەن خەنزۇلارمۇ‹‹酷酷››(يەنى‹ئېنگىلىزچە‹كىيۇ كىيۇ›نىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئاھاڭ ئىپادىسى)دەپ ئاتاۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلۈكتە بىز يەنىلا ‹‹يېڭى يېزىق››نىڭ ئادەتلىنىشىدىن قۇتۇلالماي‹‹چ چ››دەپ ئاتاپ يۈرمەكتىمىز.بۇنىڭ بىۋاسىتە ئاقىۋىتى شۇكى،دۇنيا خەلقى بىلەن بولغان ئۇچۇر ئالاقە ئاتالغۇ ئىشلىرىمىزدا ئارىمىزغا‹‹سۈنئىي سېپىل››سوقۇپ،ئۆزىمىزنى خەلقارالىق ئورتاقلىقلاردىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرماقتىمىز،چەتئەللىك دوستلىرىمىز بىزدىن‹‹نىمە ئۈچۈن‹QQ›نى ‹چ چ›دەيسىلەر؟››دەپ سوراپ قالسا چۈشەندۈرۈشكىمۇ قادىر بولالمايۋاتماقتىمىز.... \@I.K+hj$  
0 v2 D9 h$ {; A% ~' v   خۇللەس كالام،تىلىمىزغا ئەھمىيەت بېرەيلى،ھەر سۆزنىڭ كېلىش مەنبەيى،تەلەپپۇز قائىدىسىنى تەتقىق قىلايلى،ئۆگىنەيلى،چۈشىنەيلى.قارىغۇلارچە كونا ئاسارەتكە ئېسىلىۋېلىپ ئىلمىي،توغرا بولغان يېڭىلىقلاردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرمايلى.نادانلىق بىلەن باشقىلارنىڭ خاتا سىزىپ بەرگەن يولىدا قارىغۇلارچە ئەگىشىپ مېڭىۋەرمەيلى.مەسىلەن:بىز خېلى ۋاقىتلارغىچە‹‹تەڭرىتاغ››دەپ ئاتا-بوۋىمىز قويۇپ كەتكەن توغرا نامدىن قېيىپ ئۇشبۇ سۆزنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىگە ئۆلۈكلەرچە ئېسىلىۋېلىپ‹‹تىيانشان››دەپ توۋلاپ يۈردۇق،‹‹قارا قۇرۇم تېغى››نىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولغان‹‹喀喇昆仑››دىگەن نامنى‹‹كوئېنلۇن››دەپ جۆيلۈپ يۈردۇق....شۇنىڭدەك پۈتكۈل دۇنيا‹‹QQ››(يەنى‹كىيۇ كىيۇ)دەپ بىرلىككە كېلىپ بولغان ئېنگىلىزچە ئاتالغۇنى‹‹يېڭى يېزىق›› قائىدىسىگە چۈشۈرىمەن دەپ جاھىللىق قىلىپ‹‹چ چ››دەپ تىلىمىزنى چايناپ يۈرسەك دۇنيا ئەھلى بىزگە قاراپ كۈلمەسمۇ!بولسا بىر-بىرىمىزگە تەۋسىيە قىلىپ تۈزىتىۋالساق دىگەن تەكلىپىم بار.قېنى،تورداشلار نىمە دەيدىكىن؟ m#8KCZS  
* ^+ c6 @) I2 ^   مەنبە:ئېنگىلىز تىلى ھەۋەسكارلىرى سورۇنىدىن.2011-يىلى 23-نويابىر شەھرى ئۈرۈمچى

 

                                                   كىرگۈزگۈچ ئايال بالا پەن ئىللىق

你可以通过手机识别二维码访问本帖
   مەزكۈر ئەسەرنى يۇقىرقى كود ئارقىلىق ئۈندىدارغاقۇشىۋېلىڭ[教程]
!《 जेड》!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش



يانفۇندا كۈرۈڭ

كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكانىرلاپ چۈشۈرۈڭ